ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ﺋﻮﮔﺪﺍﻱ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ(1318-1238)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ﺋﻮﮔﺪﺍﻱ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ

(1318-1238)

       ﺋﻮﮔﺪﺍﻱ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ- چىڭگىزخان ئوغۇللىرىغا سۇيۇرغال بەرگەندە 3 - ئوغلى ئوگدايغا بەرگەن زىمىن بولۇپ، ئالتاي تېغىنىڭ غەربىي ۋە ئېمىل (ھازىرقى دۆربىلجىن) ، يەتتە سۇ ۋە بالقاش كۆلى ئەتراپىدىكى جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كېيىن ئوگداي موڭغۇللارنىڭ خانلىق تەختىگە چىقىپ ئۇلۇغ خان بولدى ئەمما يەنىلا ئۆزىنىڭ سۇيۇرغال يېرىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى داۋام قىلدۇردى.

       ئوگداي ئۆلگەندىن كېيىن يۇقۇرى قاتلام ئاقسۆڭەكلەر ھوقۇق تالىشىپ ، ئوگداينىڭ ئوغلى كۈيۈك بىر مەھەل ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن ، خانلىق تەخت چىڭگىزخاننىڭ 4 - ئوغلى بولغان تۇلى خاننىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ قولىغا مەركەزلەشتى. تۇلىنىڭ چوڭ ئوغلى مۆڭكە تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئوگداينىڭ سۇيۇرغال زېمىنى بىرقانچە ئۇششاق سۇيۇرغاللىقلارغا پارچىلىنىپ كەتتى. توپىلاڭغا ئىشتىراك قىلمىغان ئوگداي جەمەتىدىكى خانزادىلەر بۇ زېمىننى بۆلۈشۈۋالدى . شۇلاردىن ئوگداينىڭ 5 - ئوغلى قاش خاننىڭ ئوغلى قايدۇ ھازىرقى بۆرتالا ئەتراپىدىكى چوڭ بىر پارچە زىمىنغا ئىگە بولدى.

      1264  - 1294 - يىللىرىنىڭ بېشىدا قايدۇ ئوردا يارلىقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئوگىداي جەمەتىدىكى خانزادىلەرنىڭ سۇيۇرغاللىرىنى تەدرىجىي ئۆزىگە قوشۇۋالدى . يەنە چاغاتاي خانلىغىدىن خوجەند دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى جايلارنى تارتىۋېلىپ ، غەربىي يۇرت بويىچە ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە بىر زور كۈچ بولۇپ قالدى .1301 - يىلى قايدۇ يۈەن سۇلالىسى قوشۇنى بىلەن بولغان جەڭدە ئۆلگەندىن كېيىن ، ھەرقايسى خانزادىلەرنىڭ تەخت تالىشىش جېڭى ئۇزاققىچە بېسىلمىدى .

      دۇۋا قايدۇنىڭ ئوغلى جەبەنى خان قىلىپ تىكلەپ ئوگىداي خانلىقىنى چاغاتاي خانلىقىغا قارام قىلىپ قويدى . 7 - يىلى دۇۋا ۋە جەبە يۈەن سۇلالىسى ئوردىسى دۇۋانىڭ قايدۇ كونتروللىقىدىكى زېمىن ۋە قوشۇنىنى تارتىۋېلىشقا مەدەت بېرىپ ، ئوگىداي خانلىقىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇردى . يۈەن سۇلالىسى قوشۇنى ئالتۇنتاغدىن ھالقىپ جەبەگە ھۇجۇم قوزغىغاندا ، جەبە دۇۋانىڭ يېنىغا قېچىپ باردى. جەبە چاغاتاي خانلىقىدىكى ئىچكى جەڭگى - جىدەلگە قاتنىشىپ مەغلۇب بولغاندىن كېيىن ، قۇبلايخاننىڭ يۈەن سۇلالىسىگە ئەل بولدى. يۈەن سۇلالىسى ئۇنىڭغا رۇنىڭ بېگى مەرتىۋېسىنى ھەدىيە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئوگىداي خانلىقى زاۋال تاپتى. ئۇنىڭ زېمىنىنىڭ بىر قىسمى يۈەن سۇلالىسىگە تەۋە بولدى . كۆپ قىسمى چاغاتاي خانلىقى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىندى . لېكىن ئوگىداي جەمەتىدىكى ھەرقايسى خانزادە ، بەگلەر چاغاتاي خانلىقىدا يەنىلا تەسىر كۈچكە ئىگە ئىدى .
       ئوگىداينى چەتئەل تارىخشۇناسلىرى مۇنداق بايان قىلغان . ئوگداي چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە ئەڭ ئەقىللىقى ئىدى . گەرچە ئۇنىڭدا چىڭگىزخاندەك تالانت ، ھوقۇق ئىگىلەش ئارزۇسى ، ھەركەتچانلىق يوق بولسىمۇ لېكىن دادىسىنىڭ ۋىجدانىغا ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىدىكى قەتئىيلىككە ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ ناھىيىتى بىغەم ، ھاراق - شاراپقا ئامراق، ئۈمىدۋار، كۆكسى-قارنى كەڭ، ئىنتايىن رەھىمدىل ئادەم ئىدى . ئوگداي ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغلاردا ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ، موڭغۇللار ئوگداي ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىل ئىچىدە ، شىمالىي جوڭگونى، ئىراننى ۋە روسىيەنىڭ جەنۇبىنى بويسۇندۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان. ئوگداي ھاراق - شاراپ ، ئەيش - ئىشرەتكە ئامراق بولغانلىقتىن، ھۆرۈمرانلىق قىلغان چاغلىرىدا موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ سىياسىي ئىشلىرى «ياساق» تىكى نىزاملارغا ئاساسەن باشقۇرۇلغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 429 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01