تىزىملاش بۈگۈن چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت3:00 دە ئاياغلىشىدۇ .. چېلسىي بىلەن ئىنتېر لىقلار جىددىي بولارسىلەر ......
مۇنبىرىمىزدە ئالدىنقى بىر نەچچە قېتىملىق we8 مۇسابىقىسى ئوينالغان .بۇلارنىمۇ پەچەت ئويناپ تۈگەتكەن بولدۇق
.......
لېكىن بۇ مۇسابىقىلەرگە قارايدىغان بولساق مۇسابىقە سۈپىتى ئانچە ياخشى ئەمەس .... ساقلىنىۋاتقان مەسىللەر بەك كۆپ ......[/color] 1. مۇسابىقىگە تىزىملىتىپ قويۇپ يۇقاپ كېتىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ ....
2. مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندا ئەزالىرى كونا نۇسخا بولسا بىرازىلىيە بىلەن خان مادرىت ، ھازىرقى يېڭى نۇسخىلاردا بولسا بارسلونا بىلەن خان مادرىت ئاساسەن مۇشۇ ئىككى كوماندىنىلا ئېلىپ مۇسابىقە ئويناۋاتىدۇ . ئەجاپا we8 ئويۇنىدا پەقەت مۇشۇ بىر قانچىلا كوماندا بارما ........ ئۆزى پالانى كۇلۇپ لۈكچىگى دەپ مېدالنى ئېسىپ قويۇپ ئەمما خائىنلارچە باشقا كۇلۇپلارنىڭ يوشۇرۇن مەستانىسى بولۇۋالىدىغانلار بەك كۆپ ...........
3. مۇسابىقە جەريانىدا خۇمسىلىق قىلىدىغان ، ئۆزى ساھىپخان ۋاقىتتا ھەرخىل تور سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان دېتاللارنى ئېچىپ قويۇپ قارشى تەرەپنىڭ مۇسابىقىنى نورمال تۈگىتىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ خېلى كۆپ كۆرۈلدى ......
4. مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەزالارنىڭ ئىچىدە ئەمەلى تېخنىكا پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ قالدى ......
شۇڭلاشقا يۇقارقى ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ مۇنبىرىمىزدىكى ، بۇندىن بۇرۇن مۇنبرىمىزدىكى پۇتبول ئويۇندا ساختىلىق قىلغان تارىخى بولمىغان ، مەلۇم بىر كۇلۇپنىڭ ئوت مەستانىسى سۈپىتىدە مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتقان ئەزالار ئارىسىدىن ACمىلان مەستانىسىدن 2 نەپەر ، ئىنتېر مىلان مەستانىسىدىن 2نەپەر ، مادرىت مەستانىسىدىن 2 نەپەر ، بارسلونا مەستانىسىدىن 2 نەپەر ، مانچېستېر مەستانىسىدىن 2نەپەر ، چېلسى مەستانىسىدىن 2 نەپەر ئەزانى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە تەكلىپ قىلىمىز . ئەگەر يەنە بۇنىڭدىن باشقا كۇلۇپنى ئوينايمەن دەيدىغان تورداشلار بولسا تاللاپ ئوينىماقچى بولغان كۇلۇپ نامىنى قوشۇپ تىزىملاتساڭلار بولىدۇ .
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى خالايدىغان ئەزالار ، ئىختىيارى ھالدا بۇ ئۆزىڭىزنىڭ قايسى كۇلۇپنى ئوينايدىغانلىقىڭىزنى قوشۇپ تىزىملىتىپ قويۇڭ ...... تىزىملاتقان ئەزالار ئارىسىدىن ئۆزىمىز ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئەزالارنى ئادىل ھالدا باھالاپ چىقىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھوقۇقىنى بېرىمىز ........
مۇسابىقە قائىدىسى : ھەربىر كوماندىغا چوقۇم ئىككىدىن ئادەم تىزىملىتىشى كېرەك . بولسا مۇنبىرىمىزدىكى بىرلەشمە باشلىقى ئەزالىرىڭلار ئارىسىدىن ئەڭ مۇۋاپىق ئەزالارنى ئۆزۈڭلار تاللاپ چىقىڭلار . بۇ شۇ بىرلەشمەڭلارنىڭ شان شاھرىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئىش . ئەمدى دىققەت !!!!!!!!!!!!!
نەتىجە ھېساپلاش ئۇسۇلى :
مەسلەن : ac مىلانغا سەرسان بىلەن سادىر تىزىملاتتى ، ئىنتېر مىلانغا دونا بىلەن مۇزات تىزىملاتتى . acمىلان vs ئىنتېر مىلان دېگەن مۇسابىقىدە ئىككى كوماندىدىكى ئەزالارغا چەك تارتىپ گۇرۇپپىلاپ قويىمىز
سەرسانvs دونا ( ساھىبخان+ مېھمان ) + سادىرvs مۇزات (ساھىبخان +مېھمان ) = ئومۇمىي نەتىجە
مۇكاپات بۇيۇملىرى :
چېمپىيۇن : usb قوش يۆنىلىشلىك ئويۇن رولى + 100مىليۇن مۇنبەر پۇلى + شۇ كۇلۇپنىڭ لۈكچەكلىك مېدالى
ئىككىنچى : 100مىليۇن مۇنبەر پۇلى + چىرايلىق QQ كېيىمى + شۇ كۇلۇپنىڭ لۈكچلىك مېدالى
ئۈچىنجى : ئالاھىدە نۇسخىدىكى QQ يۇمتالى +شۇ كۇلۇپنىڭ لۈكچەكلىك مېدالى
رېپىرلار : رىۋايەتQQ : 249580280 ، :پانتېگىن QQ:451197985، مۇز : QQ: 84495084 ياردەم لازىم بولسا مۇشۇ ئۈچەيلەننىڭ خالىغان بىرسى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ .....
بۇ قېتىملىق مۇسابىقە باشلانغاندىن تارتىپ ئاخىرىغىچە ، مۇكاپات جازا ۋە ھەرقايسى باسقۇچلىرىغىچە مۇشۇ ئۈچەيلەن مەسئۇل بولىمىز .
ھۆرمەت بىلەن :پۇتبول مۇنبىرى MRP گۇرۇپپىسى ( رىۋايەت ، پانتېگىن ، مۇز )
باشقا قائىدىلەر : مۇسابىقىنىڭ ئوينىلىشىغا ئەگىشىپ ئۇقتۇرىلىدۇ.....
تىزىملاتقاندا سىز ئوينىماقچى بولغان كۇلۇپ ئۈسىتىدىكى تىزىملىكتە بولمىسىمۇ سىز ئاستىغا ئۆزىڭىز ئوينىماقچى بولغان كۇلۇپنى يېزىپ تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ ........ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى مۇسابىقىدە چوقۇم ئۆزىڭىز تىزىملاتقان كۇلۇپنى ئوينايسىز ،
مۇنبىرىمىزنىڭ كونا پىشقەدەم ، دائىملىق ئەزالىرى ئالدىن تاللاش ئوبىكتى قىلىنىدۇ
2011-يىلى 9.ئاينىڭ 6.كۈنى |