تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- چاپاق فىلىمنىڭ ۋاقتى ئۆتتى ! --]

پۇتبول كۇلۇبى -> پۇتبول كۇلۇبىغا تەكلىپ -> چاپاق فىلىمنىڭ ۋاقتى ئۆتتى ! [مەزكۇر بەتنى پېرىنتېرلاش] كىرىش -> تىزىملىتىش -> ئىنكاس قايتۇرۇش -> تېما يوللاش

aliuyghur 2012-05-10 10:07

..
ئەگەر سىزمۇ بىزگە ئوخشاش چاپاق فىلىم كۆرۈپ زېرىككەن بولسىڭىز،ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل فىلىم يوللاش تورى بۇلۇشنى ئارزۇ قىلغان بولسىڭىز تېمامنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىڭ.

باشقۇرغۇچىلانىڭ تېمامنى تەستىقلاپ قۇيۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك دۇنياغا داڭلىق فىلىم ئورتاقلاش تور بېكەتلىرى قۇرۇلغىلى ئۇزۇن بولمىسىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىكى تەرەققىيات ۋە يىڭىلىنىش سۆرىتى كىشىلەرنىڭ كونا ئۇچۇر تەشۋىقات كوزنىكى بولغان تېلۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە يازما مەتبەھەلەرگە زور رىقابەت كۈچى ئىلىپ كەلدى.دۆلىتىمىزدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش توربەتلەردىن تۇدۇۋ ، يۇۋكۇ ، 56 دىگەندەك بىكەتلەرمۇ ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇلۇپ ،جوڭگو خەلقىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ بىيىشىغا شۇنداقلا ئۇچۇر ۋە بىلىم ئىگىلەش يوللىنىڭ كىڭىيىشىگە ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىنى قۇشۇپ كىلىۋاتىدۇ .

بىزدە شۇنداق بىكەتلەرنىڭ قۇرۇلىشى شۇنداق زۆرۈرمۇ؟
بۇنىڭدىن كىيىنكى تور مىدىيا تېخنىكىسىنىڭ يۈزلىنىشىگە ۋە تەرەققىياتىغا قارىساق، ئۆز ئارا ئۇچۇر يەتكۈزۈش، بىلىم ئالماشتۇرۇش، ئۆزىنى نامايەن قىلىش ياكى جەمئەتتە يۈز بىرىۋاتقان مالۇم بىر ياخشى ئىللەتنى رىغبەتلەندۈرۈش ياكى ياكى يامان ئىشلارنى تەنقىدلاش تور فىلىم يوللاش تور بىكەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىغا ئايلىنىۋاتىدۇ، بۇ تۈردىكى ئۈچۈرلار ئۆزىنىڭ ئەمىلىيەتچان،تېز ۋە موللىقى بىلەن زىيارەتچىلكەرنىڭ قارشى ئىلىشىغا ئېرىشىپ، بۇ خىلدىكى تور بىكەتلەرنىڭ ئاددىي بىر تەشۋىقەت ۋاستىسىلا بولماستىن ئزلۈكسىز تولۇقلىنىۋاتقان ئۇچۇر ئامبىرىغا ئايلىنىشقا يۈزلەنمەكتە. يۇقىردىكى يىغىنچاقلانغان ئانالىزغا ئاساسلىنىپ شۇنداق دىيەلەيمىزكى تور تەرەەقىياتى ھەر قانداق ئۆز تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئۇچۇر ئىگىلەشتىكى كەپ بولسا بولمايدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك تاللاش يولى بولۇپ قالغۇسى ئۇيغۇر تىلىنىڭ كومپىيوتېرلاردا ئومۇملىشىشى بىزگە تور تېخنىكىسىدىكى تۇنجى ئىشىكنى ئېچىپ بەرگەن ئىدى. . يات تىلدىكى لۇغەتكە ئۇيغۇر تىلىنى يۈكلەپ قىلىش ھەرگىزمۇ ئۆز ئالدىغا ئايرم قامۇس ياسىغانغا تەڭ بولالمايدۇ.

بىزدە نىمە ئۇچۇن شۇنداق بىكەتلەر قۇرۇلمايدۇ ؟
بۇ تۇردىكى بىكەتلەرگە مەبلەغ سالدىغان شىركەت ياكى شەخىس يوق دىيەرلىك چۈنكى كىتەرلىك رەسمىيەتلەر كۆپ ، بىجىرمەك تەس. بۇنىڭغا ئوخشاش بىكەتنى ماڭدۇرۇشقا كىتىدىغان مەبلەغ كۆپ ، تەلەپ قىلىدىغان تېخنىكا يۇقىرى . ۋەھاكازالار.

ئەمدى بىز مۇشۇ يەردە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ "بىز بارلىق سەۋەبلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ ، شۇنداق بىر بىكەتنى ياساپ چىقتۇق"- دەپ خەۋەر قىلماقچى .

توربەتنى ياساشتىن مەقسەت ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇش.
تور زىيارەتچىلەرنىڭ مەنىۋىي ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يىڭى يول ئىچىش، ئۆز ئارا ئۇچۇر ۋە بىلىم ئالماشتۇرۇش سەھنىسى ھازىرلاش.
بىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىمىز ناخشا – مۇزىكىلارنى يوللاش ئەمەس.
تورداشلارغا ئۆزىنى دۇنياغا نامايەن قىلىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىش.
دەرىسلىك فىلىملەرنى يوللاپ ، دوستلارغا بىلىم ئىگەللەيدىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىش.
داڭلىق كىشلىلەرنىڭ ئادەمنى قايىل قىلدىغان نۇتۇقلىرىنى يوللاپ ، ئۇيغۇرچە ئۇچۇق دەرىسلىك تۈزۈشكە يول ئېچىش.

بەتنىڭ ئالاھىدىلىكىگە كەلسەك:
بەتنىڭ كۆرۈنىشى كۆركەم ، ئاددىي ، ئىخچام ، سۈرئىتى تىز.
فىلىم يوللاش ، قۇيۇش قۇلايلىق ، تىز.
يوللانغان فىلىملەرنى باشقا مۇنبەر بىلوگ تور بىكەتلەرگە يوللاش قۇلايلىق.
ھەرقايسى فىلىمنىڭ ئاستىدا فىلەش كودى بار. فىلەش قوللايدىغان ھەرقانداق يەرگە يوللىغىلى بولىدۇ.
يوللانغان فىلىملەرنى سۈزۈكلىكى يۇقىرى ، بارلىق فىلىملەرنى mp4 شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ ، ئۆزىمىزنىڭ بوشلۇقىدا ئۆزىمىزنىڭ قويغۇچىسىدا قويىدۇ.
يانفۇن نۇسخىسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلاردا نۇرمال قۇيۇلىدۇ.
بىكەت بىخەتەرلىكى يۇقىرى ، يوللانغان فىلىملەر تەستىقلانغاندىن كىيىن باش-بەتتە كۆرۈنىدۇ. ئېلخەت ئادرىسى جەزىملەش تۈزۈمى بار. تىزىملاتقاندا ھەقىقىي ئېلخەت ئادرىسىنى تولدۇرۇڭ .
تېخنىكا جەھەتتە بىز ئىشلەتكەن تېخنىكىلار باشقىلارنىڭكىدىن ھەرگىز قېلىشمايدۇ .


ھۆرمەت بىلەن : Ugonline info tech گۇرۇپىسى
ئالىي ئۇيغۇر تورى
تورئادرىسىمىز : http://www.ali.ug
شىنلاڭ دەلىللەنگەن بىلوگ : http://www.weibo.com/ugonline



مەستانە 2012-05-10 13:00
  ياخشى خەۋەركەن،بۇ بىر بوشلۇقنى توشقۇزۇپتۇ!   

بىرازىلىيە 2012-05-10 13:00
ئېچىشلىش سۈرئىتى سەل ئاستىراقمۇ قانداق؟‹

salkin2011 2012-05-10 13:11
ئىنتايىن ياخشى ئىش بوپتۇ!!!
مەن سىزنىڭ مىكروبىلوگىڭىزنى ئاللا بۇرۇن كىرگۈزۋىلىغلىق، بولسا مۇنبەرگە تەشۋىقات ئېلانلا ئۈچۈن كىرمەي ياخشى تېمىلىرىڭىز بىلەن كىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!!!     

پارتىزان 2012-05-10 13:11
خېلى بولىدىكەن !  لىكىن فىلەش ئادرىسىنى تاپىدىغان يەرنى سەل دىققەت قىلمىسا بىلگىلى بولمايدىكەن

jabran 2012-05-10 13:23
مۇبارەك بولسۇن ..تېخمۇ ياىشى تەرەقياتلار بولغايى ئئئ
بۇنىڭدا ھەم بەھېر قىلغىلى بولامدۇ ..ئەزەلىق كېرەكمۇ ؟؟

tarkoqa 2012-05-10 13:51
  مەنمۇ مۇشۇ نى قاچان قۇرۇلدىكىن دەپ تۇرغان

mamatjan77 2012-05-10 14:16
ياخشى خەۋەركەن

مەنزىل 2012-05-10 15:15
فىلىم دىگەننى يوللاپ قويدىكەنمىزدە ئەمدى

arean418 2012-05-10 17:21
  چاپاقئەمەسبولغان بىلەن قىتىۋىلپ ئىچىمنى سىقىۋەتتى ~~~ بۇندا كىكەچ بولغىندىن چاپاق بولغىنى ياخشىراق ھى ھى ھى

humarim~putbol 2012-05-10 17:51
بەكلا ئاسىتىغۇ ئىچېلىش سۇرىتى ؟

米兰枪手 2012-05-10 21:59
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى بىرازىلىيەدە2012-05-10 13:00يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ئېچىشلىش سۈرئىتى سەل ئاستىراقمۇ قانداق؟‹

شۇنداقراق ئىكەن.
سۇرەت بەك ئاستىدەك تۇرىدۇ.........؟؟

米兰枪手 2012-05-10 22:01
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى mamatjan77دە2012-05-10 14:16يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ياخشى خەۋەركەن

نەچچە كۈندىن بىرى باشقىلار نىمانداق دەيدىغاندۇ دىسەن راس خەقنىڭ ئىنكاسىنىلا كۆچۈرۈپ يازىدىغان بىلەت ساتقۇچىكەن ماۋۇ............
ئاۋۇ كاكانىڭ مىلەندىكى رەسىمىنى ئۆچۈرۈپ مادىرىتتىكى رەسىمىنى چىقىرىۋالغان بولساڭ... باشقىلار بىر كۆرۈپلا مىلەن مەستانىسى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالىدىكەن....
ئەمدى سىنىڭ قاراڭغا كەتمەيلى ماۋۇ مۇنبەردە

realmadridclub 2012-05-11 22:51
مۇلازىمنى ياخشىراققا يۆتكىسە بۇلغۇدەك

lahm16 2012-05-11 23:12
ۋاھ... بەك ياخشى بولاپتۇ  مەنمۇ سىزدەك مۇستەقىل فىلىم يوللاش تورى بولسىكەن دەپ ئارزۇ قىلاتتىم . مانا ئاخىرى بىزنىڭ فىلىم يوللاش تورىمىز بارلىققا كەپتۇ. مۇبارەك بولسۇن.        

poyol 2012-05-12 00:55
يېڭې  قۇرۇلدې  بار بارا  تەرەققېي  قېلسا  سۇرېتې  چوقوم  تېز  بولدۇ

aliuyghur 2012-05-12 08:46
بىكەتنىڭ ئېچىلىشى ھەقىقەتەن سەل ئاستا ئىكەن . لىكىن ئىچكىرىدە سۈرئىتى خېلى ياخشى بولغاچ ، بىز شىنجاڭدىمۇ مۇشۇنداق تېز بۇلىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپتۇق .

بىكەت داۋاملىق تازلىنىۋاتىدۇ . بىزگە كېرەك بولمايدىغان قىسىملىرى چىقىرىلىپ بىكەتنى يىنك ، سۈرئىتىنى تىز قىلىۋاتىمىز .

قوش لىنىيىەلىك سىم باغلانغان بۇلۇپ ، بىز يەنە مەبلەغ سېلىپ دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقاريسى ئۆلكىللىرىدە تارقىتىش نوختىسى سېتۋېلىشنى قارار قىلدۇق .

دۇشەنبە كۈنى رەسمىي ئىشلەشكە باشلايدۇ .

تورداشلارنىڭ بەرگەن تەكلىپ - پىكىرلىرىگە  ئاساسەن ، بېكەت سۈرئىتى تىزلەشتۇرۇلىدۇ .

ئالىي ئۇيغۇر تورىغا يوللانغان بارلىق فىلىملەرگە تامغا بېسىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى . تامغا بار فىلىملەر بىر تۇتاش تەستىقلانمايدۇ.


تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- چاپاق فىلىمنىڭ ۋاقتى ئۆتتى ! --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.030340 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us