تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- جەڭ قالقىنى- ئۆتكۈر --]

پۇتبول كۇلۇبى -> شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى -> جەڭ قالقىنى- ئۆتكۈر [مەزكۇر بەتنى پېرىنتېرلاش] كىرىش -> تىزىملىتىش -> ئىنكاس قايتۇرۇش -> تېما يوللاش

arqa 2011-04-26 12:42

6w@l#p  
ئىلى دىيارى يىقىنقى دەۋىر رايۇنىمىز پۇتبولچىلىق ئىشلىرىدا نۇرغۇنلىغان تالانتىلىق ماھىرلار يىتىشىپ چىققان شۇنداقلا دۆلەت كۇماندىسىغا تۇنجى قوبول قىلىنىغان ئەزىمەتلەر ياشىغان دىيار بولوپ،ئازاتلىقتىن كىيىن1951-ۋە 1953-يىلىدىكى مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان شىنجاڭ پۇتبول كۇماندىسىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ھەمىسى دىگۇدەك غۇلجىدىن ئىدى.1960-1970-يىللاردا شىنجاڭ شىتاتلىق پۇتبول كۇماندىسىمۇ نۇرغۇن غۇلجىلىق ماھىرلار توپ تەپكەن.ئاپتۇنۇم رايۇنمىزدا ئىلىپ بىرىلغان تەنھەركەت يىغىنلىرىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىللىرى ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پۇتبولچىلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە كۆپلىگەن چىمپىيۇنلۇقنى ئىلى پۇتبول كۇماندىسى قولغا كەلتۇرگەن.ئىلى دىيارىدىن يىتىشىپ چىققان ئازات قاتارلىق ماھىرلار مەملىكەت ئىچىدىكى كۇماندىلار ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ كۇماندىللىرى بىلەن كۆپ مۇسابىقە ئويناپ،مەيداندىن چىكىنگەندىن كىيىن پۇتبولچىلارنى تەربىيلەپ غۇلجىنىڭ پۇتبولچلىلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا تۆھپە قوشسا، شەۋكەت قاتارلىق كىشىلەر غۇلجىنىڭ كۇماندا قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشوپ كەلدى.ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كىيىنكىلەر بىسىپ پۇتبول مەيدانىدىن بۇ دىيارىدىن يىتىشىپ چىققان ئوغلانلار مۇسابىقە مەيدانىنى چاڭ كەلتۇرۇشكە باشلىدى.دىيارىمىزنىڭ ئۆمىت چولپانلىرىنىڭ بىر ئۆتكۈر دەل مۇشۇ دىياردىن ئۇچۇرما بولغان بۈركۈت بالىسىدور i-/'F  
B6ys 5eQ  
-ئۆتكۈر 1993-يىلى4-ئاينىڭ10-كۈنى غولجا شەھرىدە تۇغۇلغان.دەسلەپكى مەكتەپ ھاياتى شەھەرلىك 9-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۆتكەن.ئۈ ئۆزىدىكى پۇتبولغا بولغان تەبئى سەزگۇسى بىلەن كۆزگە چىلىقىپ تىزلا مەكتەپ كۇماندىسىدا ماھىر پۇتبولچىغا ئايلاندى.2002-يىلى كورىيە-ياپۇنىيەدە ئىلىپ بىرىلغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كىيىن ئىچكىرىدىكى بىر تۇركۇم كۇلۇپلار ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ قەشقەر،ئۈرۈمچى، ئىلى،قاراماي قاتارلىق پۇتبول تەرەققى قىلغان رايۇنلىرىغا تەكشۇرۇشكە كىلىپ بەدەن ساپاسى ياخشى،پۇتبولدا يۇشۇرۇن تالانتى بار ماھىرلارنى بايقاپ ئىلىپ كىتىپ تەربىيلەشنى پىلانلىدى.ھەلدە دەسلەپكى قەدەمدە ئۈرۈمچى بىلەن غۇلجىدىن بالا تاللىدى.جۇڭگۇدىكى داڭلىق كۇلۇپ-شەندوڭ لۇنىڭ كۇلۇبىمۇ بۇ سەپنىڭ ئالدىدا مىڭىپ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پۇتبولچىلار جەمىيىتى بىلەن توختام ئىمزالاپ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىن بالا تاللاشتا ئەۋزەل شارائىتقا ئىرىشتى.شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى- ئاخىر بولوپ يىگىرمىغا يىقىن ئۆسمۇر پۇتبولچى شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىدە تەربىيلەندى.تەربىيلىنىۋاتقان ماھىرلارنىڭ ئىپادىسىنى كۆرۇپ بۇ مەكتەپ يەنە شىنجاڭدىن ماھىر تاللاشنى باشلىدى.2004-يىلى بۇ مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى غۇلجىغا يىتىپ كىلىپ بىر قاتار مۇسابىقىلەرنى كۆرۇپ ئالدىغان ئادەملىرىنى تاللىدى.ئۆتكۈر دەل مۇشۇ قىتىمقى پۇرسەتتە شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىگە تاللىنىپ كەلدى.شۇ چاغدا بۇ مەكتەپتە غۇلجىلىق پۇتبولچى بالىلار بىر قەدەر كۆپ بولوپ،مەخسۇس غۇلجىدىن شاۋكەت مۇئەللىم شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىگە بىرىپ بۇ بالىلارنىڭ ھالىدىن بىر مەزگىل خەۋەر ئالدى.ئۆتكۈر كىلىپلا مەكتەپنىڭ 13ياشلىقلار كۇماندىسىدا ئۆزىنىڭ ماھارەتىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى.2005-يىلى مەملىكەتلىك 13ياشلىقلار پۇتبول مۇسابىقىسىدا ئۇ مەكتەپ كۇماندىسى قاتارىدا قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى چىمپىيۇنلۇق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.ھەمدە كۇماندىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان غوللوق ئەزاسىغا ئايلاندى. 61wGIN2,  
2006-يىلى 8-ئايدا ۋىيفاڭ لوڭقىسىنى تالىشى خەلقارا ئۆسمۇرلەر تەكلىپ مۇسابىقىسى شەندوڭنىڭ ۋىيفاڭ شەھرىدە ئىلىپ بىرىلدى.بۇ قىتىمقى مۇسابىقىگە جۇڭگۇدىكى داڭلىق كۇلۇپلارنىڭ ئۆسمۇرلەر كۇماندىسى قاتنىشىتىن تاشقىرى يەنە خەلقارادىكى داڭلىق كۇلۇپلارنىڭ ئۆسمۇرلەر كۇماندىللىرىمۇتەكلىپكە بىنائەن كەلگەن ئىدى. بۇ قىتىم ئۆتكۈرشەندوڭ لۇنىڭ 13ياشلىقلار كۇماندىسىنى كاپىتانلىق سالاھىتى بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشتى.8-ئاينىڭ 10-كۇنى سابىق يۇگۇسلاۋىيەبىلگىراد ئۆسمۇرلەر كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدا ئۆتكۇر كۇماندىنىڭ ئارقامۇداپىيەسىنى مۇستەھكەم ساقلاپلا قالماي ھۇجۇم تەشكىلەپ بىر توپ ئۇرۇپ، شەندوڭ لۇنىڭ ئۆسمۈرلەر كۇماندىسىنىڭ غەلبە قىلىشىدىكى چوڭ تۆھپىكارى بولوپ قالدى.8-ئاينىڭ16-كۇنى بۇ قىتىمقى ۋىيفاڭ لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىككى جۇڭگۇ كۇماندىسى ،يەنى-شەندوڭ لۇنىڭ 13ياشلىقلىرى بىلەن بىيجىڭ ئامانلىق پۇتبول كۇلۇبى 13ياشلىرى ئۇتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلدى.بۇ مەيداندىمۇ ئۆتكۈرنىڭ ئۇرغان ھەل قىلغۇچ بىر توپى بىلەن شەندوڭ لۇنىڭ 13ياشلىقلار كۇماندىسى بۇ قىتىمقى 13ياشلىقلارمۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن چىقتى.بۇ قتىمقى خەلقارا تەكلىپ مۇسابىقىسىدىكى ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان پۇتپۇل كۇماندىسى ئۇچۇن نوقتىلىق تەربىيلەش تىزىملىكىگە كىرگۇزۇلدى. +i K.+B  
2007-يىلى نىك لوڭقىسىنى تالىشىش جۇڭگۇ رايۇنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلدى.بۇ مۇسابىقىدە شەندوڭ لۇنىڭ پۇتپۇل مەكتىۋى13ياشلىقلار كۇماندىسىمۇ قاتناشتى.شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋى كۇماندىسى بارلىق رەقىپلىرىنى شاللاپ تاشلاپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە چاڭچۇن كۇماندىسى بىلەن ئۇچراشتى،ناۋادا كىم يىڭىۋالسا جۇڭگۇغا ۋاكالىتەن مانچىستىر شەھرىدە ئىلىپ بىرىلدىغان دۇنيا ئۆسمۈرلەر نىك لوڭقىسىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئىرىشەلەيتتى. چاڭچۇن كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۆتكۈر ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتتا بىر توپ ئوروپ چاڭچۇن كۇماندىسىنى شاللاپ شەندوڭ لۇنىڭ كۇماندىسىنىڭ غەلبىسىگە،شۇنداقلا شەندوڭ لۇنىڭ كۇماندىسىنىڭ مانچىستىرغا بىرىشىغا ئاساس سالدى. 2007-يىلى 8-ئايدا مانچىستىر شەھرىدە كىچىك گۇرۇپپىدا ھىندۇنىزىيە،ياپۇنىيە،ئىتاليە قاتارلىق ئەللەردىن تاللىنىپ كەلگەن كۇماندىلار بىلەن تىركەشتى.ھىندۇنىزىيەنى نۆلگە قارشى بىر بىلەن يەڭدى،ئىككىنجى مەيداندا ئىتالىيەدىن ۋەكىل بولوپ كەلگەن رىم ئۆسمۇرلەر كۇماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى،ئاخىرقى ئايلانمىدا ياپۇنىيەدىن كەلگەن كۇماندىنى يىڭىپ، گۇرۇپپىدىن ئىككىنجى بولوپ چىقىپ شاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى.شاللاش مۇسابىقىسىدىكى رەقىبى مانچىستىر ئۆسمۇرلەر كۇماندىسى ئىدى،بۇ مەيداندا ئىككىگە قارشى بىر بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.بۇ مۇسابىقىدە ئەڭ ئاخىرىدا دۇنيا بويىچە ئۆسمۇر پۇتپۇلچىلارنى تەربىيلەشتە داڭق چىقارغان مەشھۇر بارىسلۇنا كۇلۇبىنىڭ ئۆسمۇرلەر كۇماندىسى چىمپىيۇن چىقتى.شەندوڭ لۇنىڭ ئۆسمۇرلەر كۇماندىسى ئەڭ ئاخىرقى رەت دەرىجە تەرتىپتە 11-،ئاسىيا رايۇنى بويىچە بىرىنجى بولدى،بۇ قىتىمقى خەلقارالىق نىك لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئۆتكۇرنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە بولوپ،كۇماندا ئاران ئىككى توپ كەتكۇزۇپ قويدى.ئۆتكۈرمۇ دۆلەت ئۆسمۇرلەر كۇماندىسى دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى. pG|DT ?  
2009-يىلى10-ئايدا مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبۇل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلاندى.بۇ قىتىمقى مۇسابىقىگە ئۆتكۈر شەندوڭ 16ياشلىقلار كۇماندىسىنىڭ كاپىتانى سۈپىتىدە قاتناشتى.ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە شەندوڭ كۇماندىسى ساھىپخان گۇاڭدوڭ كۇماندىسى بىلەن تۇتۇشتى.ئۆتكۈر بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بىر توپ ئۇرۇپ ئۆزىنىڭ كۇماندا ئىچىدە مۇداپىيە ۋە ھۇجۇمدا ئوخشاشلا قالتىسلاردىن ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.بۇ قىتىمقى مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبۇل 16ياشلىقلار تۇرىدە شەندوڭ كۇماندىسى بارلىق رەقىپلىرىنى يىڭىپ ئەڭ ئاخىرىدا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ۋە ئالتۇن مىدالنى قولغا كەلتۇردى.ئۆتكۈرمۇ بۇ قىتىملىق مۇسابىقىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كىرىپ كەڭ جامائەتچىكلىنىڭ بولوپمۇ دۆلەت ياشلار كۇماندىسىنىڭ تىرنىرى سۇماۋجىننىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.كەڭ ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا ئۆتكۈربۇ قىتىمقى ئىپادىسى ئارقىلىق دۆلەت ياشلار كۇماندىسىغا قۇبۇل قىلىنىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى ئىدى.ئەمدىلا 16ياشقا كىرگەن بىر ماھىر ئۈچۈن پۇتبۇل مەيدانىدىكى ھەقىقى رىقابەت شۇنداقلا بۇ رىقابەتلەر ئىچىدىكى پارلاق ئىستىقبال تىخى ئەمدىلا باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى.بۇ قىتىملىق مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن يىل ئاخىرىدا 2010-يىللىق جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلدىغان يۇھاننىسبۇرگ شەھرىدە جەنۇبى ئافرىقا كەلگۇسى چىمپىيۇنلار لوڭقىسىنى تالىشىش خەلقارا ياشلار تەكلىپ مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلدى.ئۆتكۈر جۇڭگۇغا ۋاكالىتەن قاتناشقان شەندوڭ لۇنىڭ 17ياشلىقلار كۇماندىسى تەركىۋىدە يۇھاننىسبۇرگقا كەلدى.بۇ قتىمقى خەلقاراياشلار تەكلىپ مۇسابىقىسىگە بىرازىليە سان پاۋلۇ كۇلۇبى،فىرانسىيە پارىژ رىيمەن كۇلۇبى قاتارلىق داڭلىق كۇلۇپلارنىڭ ياشلار كۇماندىسى قاتناشقان ئىدى.ئۆتكۈر بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان چەتئەللىك دوسلار بىلەن تونوشتى،شۇنداقلا پىكىرئالماشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ تاشقى دۇنيادىكى پۇتبۇل مۇھىتىغا نىسبەتەن نەزەر دائىرىسىنى كىڭەيىتتى.بۇ قىتىملىق خەلقارالىق تەكلىپ مۇسابىقىسىدە ئۆتكۈر ئۇچۇن ئەڭ ئەھمىيەتلىك،شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئەڭ ئاخىرقى چىمپىيۇنلۇقنى تالىشىش مۇسابىقە بولدى،چۇنكى نۇرغۇنلىغان سىستىمىلىق تەربىيە كۆرگەن،نۇرغۇن خەلقارالىق مۇسابىقلەرگە قاتناشقان ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ ياشلار كۇماندىسىنى ئارقىغا تاشلاپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشنىڭ ئۆزى شەندوڭ لۇنىڭ ياشلار كۇماندىسى شۇنداقلا ئۆتكۈر ئۇچۇن ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى.1-ئاينىڭ24-كۇنى شەندوڭ لۇنىڭ كۇماندىسى شىمالى ئىرلاندىيە ياشلار كۇماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ بىرگە قارشى تۇت بىلەن غەلبە قىلدى.26-يانۋار زامبىيە كۇماندىسىنى نۆلگە قارشى بەش بىلەن يىڭىۋالدى.28يانۋار گۇرۇپپىدىكى ئاخىرقى مۇسابىقىدە جەنوبى ئافرىقا يۇھاننىسبورگ كۇماندىسىنى نۆلگە قارشى ئۈچ بىلەن يىڭىپ تۆت كۈچلۇكلەرگە كىردى،يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇنىس ياشلار كۇماندىسىنى بىرگە قارشى ئۈچ بىلەن شاللاپ تاشلىدى. ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە2010-يىلى1-ئاينىڭ31-كۇنى جۇڭگۇ شەندوڭ لۇنىڭ 17ياشلىقلار كۇماندىسى بىلەن فىرانسىيە پارىژ رىيمەن كۇلۇبىنىڭ 17ياشلىقلار كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلدى.ئالدىنقى يىرىم مەيداندا شەندوڭ لۇنىڭ كۇماندىسى بىر توپ كەتكۇزۇپ قويدى.كىينكى يىرىم مەيداندا شەندوڭ كۇماندىسى بىر توپ ئۇرىۋىلىپ نەتىجىنى بىرگە قارشى بىر قىلىپ ئۆزگەرتتى.ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە نوقتا توپ ئارقىلىق بەلگىلىنىدىغان بولوپ قالدى.ئىككى تەرەپنىڭ نوقتا توپى بەشتە بەش بولوپ قالغان شارائىتتا ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ توپنى ئۆتكۈر تىپىپ كىرگۇزىۋەتتى.شۇنىڭ بىلەن شەندوڭ لۇنىڭ 17ياشلىقلار كۇماندىسى بۇ قىتىمقى يۇھاننىسبۇرگ خەلقارا ياشلار تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا ئىرىشتى.بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ توپنى ئۇرغان ئۆتكۇرنىڭ رولى يەنە كۇماندىنىڭ مۇداپىيەسىدىمۇ ئىپادىلەندى.بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە شەندوڭ لۇنىڭ17ياشلىقلار كۇماندىسى پەقەت ئىككىلا توپ كەتكۇزۇپ قويوپ مۇداپىيەسىنىڭ پۇختىلىقى بىلەنمۇ داڭ چىقىرىپ كەتتى،ئەلۋەتتە شەندوڭ لۇنىڭ 17ياشلىقلار كۇماندىسىدا مۇداپىيەنىڭ ئاساسلىق تۈۋرىكى يەنىلا ئۆتكۈر ئىدى.دىمەك ئۆتكۈر بۇ كۇماندىنىڭ قالقىنى بولوپ،كىيىنكى تەرەققىياتى ئۇچۇن تەجىربە توپلاپ قايتتى. EnfSVG8kB8  
`VS/ Xyp  
يۇقارقى رەسىمدە ئۆتكۈر بىرازىليە سان پاۋلۇ كۇلۇبىنىڭ ياشلار كۇماندىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن . o{ U = f6  
B?Pu0 _|s  
ئۆتكۈر يۇھاننىسبۇرىگتا @mw1(J  
2011-يىلى1-ئاينىڭ 3-كۇنى جۇڭگۇ ياشلار كۇماندىسى رۇسيەدە ئىلىپ بىرىلىدىغان بىرقىتىملىق خەلقارالىق مۇسابىقىنىڭ تەكلىبىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.ئۆتكۈرمۇ بۇقىتىمقى دۆلەتلىك ياشلار كۇماندىسىنىڭ بوسوغىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۆپ كەتتى. بۇ قىتىمقى گىراناچىن خەلقارا تەكلىپ مۇسابىقىسىدە تۇنجى مەيداننى بىلرۇسيە ياشلار كۇماندىسى بىلەن ئوينىدى.ئۆتكۈر بۇ مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا بولوپ مەيدانغا چىقتى.ئەمما تۇنجى مەيداندىكى پىسخىك ئامىللارنىڭ تەسىررىدە جۇڭگۇ كۇماندىسى ئىككىگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.1-ئاينىڭ 5-كۇنى ئوكرائىننا ياشلار كۇماندىسى بىلەن تۇتۇشتى.ناۋادا بۇ مەيداندىمۇ يىڭىلىپ قالسا مۇددەتتىن بۇرۇن شاللىنىپ كىتىش ئىھتىمالى بار ئىدى.شۇڭلاشقا جۇڭگۇ ياشلار كۇماندىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن تىركىشىپ ئاخىرى نۆلگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدىكى تۇنجى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۇردى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۆتكۈر مۇداپىيە جەھەتتىكى تۇۋرۇكلۇك ئورنى شۇنداقلا ھۇجۇم تەشكىللەش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى بىلەن كۇماندىنىڭ غەلبە قىلىشىغا ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى قوشتى. 2011-يىلى1-ئاينىڭ7-كۇنى گىراناچىن لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە جۇڭگۇ ياشلار كۇماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى رەقىبى ئەزەربەيجان بىلەن تۇتۇشتى.ئالدىنقى يىرىم مەيدان 45-مىنۇتقا بارغاندا ئۆتكۇر بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى نۆلگە قارشى بىر قىلىپ ئۆزگەرتتى. كىيىنكى يىرىم مەيداندا جۇڭگۇ كۇماندىسى يەنە ئىككى توپ ئۇرۇپ ،غەلبىنى قولغا كەلتۇرۇپ گۇرۇپپىدىن بىرىنجى بولوپ چىقتى،شۇنداقلا مۇسابىقە قائىدىسى بويىچە ھەل قىلغۇچ چىمپىيۇنلۇقنى تالىشىش سالاھىتىگە ئىرىشتى.1-ئاينىڭ 9-كۇنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە جۇڭگۇ ياشلار كۇماندىسى بىلەن فىللاندىيە ياشلار كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلدى،بۇكۇندىكى مۇسابىقىدىمۇ ئۆتكۇر ئاساسلىق ئەزا بولوپ مەيدانغا چىقتى،ئالدىنقى يىرىم مەيداندا جۇڭگۇ كۇماندىسى كۇچلۇك ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىرىشەلمىدى .كىيىنكى يىرىم مەيدان ئاخىرلىشىشقا ئون نەچچە مىنۇت قالغاندا فىللاندىيە كۇماندىسى جۇ ڭگۇ ياشلار كۇماندىسىنىڭ ئۆتكۇزگەن خاتالىقىدىن پايدىلىنىپ ئارقىمۇ ئارقا ئىككى توپ ئوروپ بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ،شۇنداقلا بۇ قىتىمقى تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۇردى.جۇڭگۇ ياشلار كۇماندىسى بولسا ئىككىنجىلىككە ئىرىشىپ قالدى.بۇ قىتىمقى خەلقارا ياشلار تەكلىپ مۇسابىقىسىدەئۆتكۇرنىڭ ئىپادىسى ئىزچىل ئالاھىدە بولوپ،مەملىكەت ئىچىدىكى ئاخبارات ۋاستىللىرى يۇقىرى باھالارنى بەردى،قارىغاندا 2011-يىلى ئۆتكۇر ئۈچۈن قۇتلۇق بىر يىل بولوپ قالىدىغاندەك تۇراتتى.چۇنكى بۇ قىتىمقى تەشكىللەنگەن كۇماندا ئەزالىرى ئىچىدە توققۇز نەپەر شەندوڭ لونىڭ پۇتپۇل مەكتىۋىنىڭ ئەزالىرى بار بولوپ،بۇ مۇسابىقىدە ئىپادىسى ياخشى بولغانلىرى ئىنىقلا شەندوڭ لۇنىڭ كۇلۇبىنىڭ بىرىنجى سەپ كۇماندىسغا تاللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشەلەيتتى.ياكى بولىمىسا بۇلارنىڭ ئىپادىسنى كۆرگەن باشقا كۇلۇپلار يۇتكەپ ئىلىپ كىتىشى ياكى ئىجارە شەكلى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە قوشوۋىلىشى مۇمكىن ئىدى.ئۆتكۇر قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئىزچىل شەندوڭ لۇنىڭ پۇتپۇل مەكتىۋىدە مەشىق قىلىپ پۇرسەت كۇتۇشكە باشلىدى.دىگەندەك ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆتكۇرمۇ مىرەخمەتجاننىڭ ئىزىنى بىسىپ دۆلەت كۇماندىسىنىڭ بوسوغىسىدىن ئاتلاش پۇرسىتىگە ئىرىشتى. `A?/Ww>;  
2011-يىلى 3-ئاينىڭ16-كۇنى يىڭى بىر نۇۋەتلىك دۆلەتلىك پۇتپۇل كۇماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۇرۇشىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارنىڭ تىزىملىكى ئىلان قىلىندى.دۆلەتلىك ياشلار كۇماندىسىنىڭ ئەزاسى ئۆتكۇر بى قىتىملىق يىغىپ مەشىقلەندۇرۇشكە قاتنىشىدىغان ماھىرلار تىزىملىكىگە كىرگۇزۇلۇپ مەشىققە قاتناشتى.بۇ قىتىم يىغىپ مەشىقلەندۇرۇشكە قاتناشقان ماھىرلار ئارىسىدىن ئىپادىسى ياخشىلار ئوتتۇرا ئامرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەردىن ھۇندۇراس ، كۇستارىكا قاتارلىق ئەللەر بىلەن بولغان دوسلۇق مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان تىزىملىككە كىرەلەيىتتى،ئۆتكۇر ئۇچۇن مەيلى ئۇتتۇرا ئامرىكىغا بىرىپ مۇسابىقە ئوينىسۇن ياكى ئوينىمىسۇن بەرىبىر بولوپ،ئۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت كۇماندىسىنىڭ بوسوغىسىدىن تۇنجى قىتىملىق ئاتلاش شەرىپىگە ئىرىشىشىنىڭ ئۆزىلا چوڭ رىغبەتلەندۇرۇش شۇنداقلا چەكسىز ئىلھام ئىدى.بۇ قىتىمقى يىغىپ مەشىقلەندۇرۇش ھەققىدە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىللىرىدا نۇرغۇن خەۋەرلەر بىرىلدى.چۇنكى بىر يىل ئىچىدە لۇنىڭ پۇتپۇل مەكتىۋىدىن شۇنداقلا شىنجاڭدىن ئىككى ماھىرنىڭ ئارقا ئارقىدىن دۆلەت كۇماندىسىغا چاقىرتىلىشى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان كاتتا خوش خەۋەر ئىدى.بۇ قىتىمقى يىغىپ مەشىقلەندۇرۇش داۋامىدا ئۆتكۈرنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە بولدى،ئەمما ھەقىقى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارنىڭ تىزىملىكى ئىلان قىلىنغاندا يىشى چوڭ،چوڭ مۇسابىقە تەجىربىسى مول،بۇرۇنقى دۆلەت كۇماندىسىنىڭ ئەزالىرى ئالدىن ئويلىشىپ قۇبۇل قىلىنغاچ تىخى ياش ،چوڭ مۇسابىقە تەجىربىسى كەمچىل ئۆتكۈر تاللىنالماي قالدى.ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت كۇماندىسنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۇرۇشكە قۇبۇل قىلىنىشىنىڭ ئۆزى تولىمۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك بىسىلغان بىر قەدەم،شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەمەلى ئىقتىدارىنىڭ ئىتراپ قىلىنىشى ئىدى.ئۆتكۈرنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە بولسىمۇ شەندوڭ لۇنىڭ كۇلۇبى تىخىمۇ چىنىقتۇرۇش مەقسىدىدە ئۇنى يەنىلا لۇنىڭ ياشلار كۇماندىدا قالدۇرۇپ قويدى،چۇنكى شەندوڭ لۇنىڭ كۇلۇبى كۇماندىسدا ئوتتۇرا بىك ۋە يان بىكلەر ئاساسەن يىڭى كەلگەن چەتئەللىك ماھىرلار ئاساسلىق ئوروندا بولغاچ،ئۆتكۈر ۋاقتىنچە كۇلۇپ كۇماندىسىغا كىرەلمەي قالدى.2011-يىلى 4-ئايدا جۇڭگۇ شەھەرلەر ئارا تەنھەركەت يىغىغىنىڭ پۇتپۇل ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى باشلان بۇقىتىم ئۆتكۇرشەندوڭ چىڭداۋ شەھرىگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشتى.بۇ شەندوڭ لۇنىڭ پۇتپۇل مەكتىۋىدىن ئابىلجاندىن كىيىنكى چىڭداۋ كۇماندىغا ۋاكالتەن شەھەرلەر تەنھەركەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان يەنە بىر شىنجاڭلىق ماھىر بولوپ قالدى.4-ئاينىڭ6-كۇنى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە نەنجىڭ شەھرى كۇماندىسىنى نۆلگە قارشى بىر بىلەن،8-كۇنى گۇاڭدوڭ شەھەر كۇماندىسىنى نۆلگە قارشى ئالتە بىلەن،ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىنى نۆلگە قارشى ئۈچ بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىرىشتى.بۇ مۇسابىقىلەردە ئۆتكۈر پۇلاتتەك مۇستەھكەم ئىپادىسى بىلەن چىڭداۋ كۇماندىسىنىڭ مۇداپىيەسىنى ساقلاپ تۇردى،شۇنداقلا چىڭداۋ كۇماندىسىنىڭ بىر توپمۇ كەتكۇزمەي غەلبە قىلىشىغا ئاساس سالدى.بۇ مۇسابىقىدە ئۇنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە بولغاچ4-ئاينىڭ17-كۇنى دۆلەت ياشلار كۇماندىسىنىڭ تىرنىرى سۇ ماۋجىن ئۇنى يەنە ياشلار كۇماندىسىنىڭ چىڭخۇاڭداۋ شەھرىدىكى مەشىقى بازىسىغا يىغىپ مەشىقلەندۇرۇشىگە چاقىردى،ھازىر ئۆتكۇر چىڭخۇاڭداۋ شەھرىدە دۆلەت ياشلار كۇماندىسى بىلەن مەشىق قىلىۋاتىدو.بۇ ماھىرىمىزنىڭ كەلگۇسىدىكى چولپان بولوپ چاقنايدىغان كۇنلىرى تىخى ئالدىمىزدا .مەنبە http://arqa.putbol.cn  /pV^w  
دىيارىمىز ماھىرلىرىنىڭ خەۋرىنى بىلەي دىسىڭىز http://arqa.putbol.cnغا مەرھەممەت.ئەسكەرتىش مەزكۇر يازمىنى  رۇخسەتسىزھىچقانداق بىكەتكە كۆچۇرۇشكە بولمايدو.

دەرۋىش 2011-04-26 12:48
بىزنىڭ ئۈمۈدىمىز!!!!! i]YH"t8GY  
FzW7MW>\x  
G4]T  
sF f@>  
رەسىملەرنى قايتا تەھرىرلەپ قويسىڭز!!!

تانكىچاق 2011-04-26 12:49
رەسىملەر  چىقماپتۇ  ... eUQrn>`  
ئۇنىڭ  بارى  ، مىرەخمەتلەردىنمۇ   ئېشىپ  چۈشىشنى  ئۈمۈد  قىلىمەن  !!!

مەھمۇدىيە 2011-04-26 13:09
ئېسېل تىمىدىن يەنە بىرنى يېزېپسىز

قىلىچ 2011-04-26 13:11
راس ...  ئۆتكۈرنىڭ ئىشلىرىغا ئامەت تىلەيمەن

uyguriya 2011-04-26 13:13
ئاۋال جاپا چىكىپ مۇشۇ تىمىنى يۇللىغىنىڭىزغا رەخمەت ئىتىمەن!! D"rbQXR7$  
قۇلىغىزغا دەت بەمىسۇن 3V<@ Vkf5  
ئۇتكۇرنىڭ داڭلىق چۇلپان بۇلالىشىغا ئىشىنىمەن!! /M_$4O;*@  
داۋاملىق ئالغا

خان تۈرۈك 2011-04-26 13:35
ئۆتكۈرنىڭ يەنىمۇ چاقنىشىنى ئۆمىد قىلىمەن....

intezar11 2011-04-26 13:48
ئىسىمدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ ؟ يارايسەن ....

eliborisi 2011-04-26 13:58
ئۆتكۈر ئۇكامنىڭ غەلبە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .. ئەجرىڭىزگە رەخمەت ئارچا ...........      

جاسوس 2011-04-26 14:06
ئۆتكۆر چوقوم ئاخىرىغا چىقالايدۇ . ئاللاھ خالىسا .... غەيرەت قىل ساقام . داۋاملىق تىرشقىن . پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالقىشى ۋە دۇئاسى سىلەر ئۈچۈن ئەزىمەتلەر .....   Zh"m;l/]  
x:|Y)Dn\  
ئارچا ئەپەندىمگە رەھمەت . مەنمۇ ئۈزۈمدە بار 2-3پارچە رەسىمىنى يوللاپ قوياي kT% wt1T4  
qJhsMo2IH  
BVQy@:K/  
;_o]$hV|  
Cp8=8N(Xb  

hazrat0998 2011-04-26 15:00
بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى : پۇتبول كۇلۇبى , ئەسلى يازما ئادرىسى : read.php?tid=18216

polkovnik 2011-04-26 15:06
تېما ئىگىسىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت! s|[>@~gXk  
بىزنى بىز تېخى بىلىشكە ئۈلگۈرمىگەن نۇرغۇن ئىشلاردىن خەۋاردار قىلغىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت! |V9[a a*c  
ئۆتكۈ توغرىلىققۇ ئاڭلىغان لېكىن ئۇنىڭ بۇنچىلا كۆپ شەرەپ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. قارىغاندا جۇڭگو پۇتبول ساھەسىدە قالتىس بىر چولپان يېتىشىپ چىقىۋېتىپتۇ. كۆز تەگمىسۇن، ئاللا يامان كۆزلەردىن ساقلىغاي. hHs/Qtq  
ئۇنىڭ كېيىنكى پۇتبولچىلىق ھاياتىغا ئامەت ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن، ئۇنىڭ بالدۇرراق كەسپى كوماندىلاردا ئوينىشىنى (يەنى جۇڭچاۋ بىرلەشمىسىنى) ئۈمىدى قىلىمەن....

arqa 2011-04-26 15:08
مەنبە http://arqa.putbol.cn RNg?o [S  
دىيارىمىز ماھىرلىرىنىڭ خەۋرىنى بىلەي دىسىڭىز http://arqa.putbol.cnغا مەرھەممەت.ئەسكەرتىش؛ مەزكۇر يازمىنى  رۇخسەتسىزھىچقانداق بىكەتكە كۆچۇرۇشكە بولمايدو.

arqa 2011-04-26 15:14
x4_IUIgh  

buyuk 2011-04-26 15:22
لەقەم يارشىپتۇ جىما ~! (جەڭ قالقىنى)

ibrayimoviq 2011-04-26 18:51
بۇ تىما ئارقىلىق ئىنىمىز بىلەن تەپسىلى تۇنۇشىۋالدۇقتە ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بەك كۆپكەن جۇما

barquk520 2011-04-26 19:43
شانلىق نەتىجىلە سېنى ساقلاۋاتىدۇ غەيرەت قىل ئۆتكۈر

بەخىت 2011-04-26 19:51
مۇنبىرىمىزدىكى س رونالدونىڭ رەسىمىنى باش سۈرەتكە چىقىرىۋالىدىغان ئۆتكۈر شۇغۇ دەيمەن

vella 2011-04-26 20:21
ياخشى نەتىجىلەرنى قازىنىشىغا ئۇتۇق تىلەيىمىز ، ئالغا ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ..............

barquk520 2011-04-26 20:24
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 17قەۋەتتىكى بەخىتدە2011-04-26 19:51يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : 3XlQ4  
مۇنبىرىمىزدىكى س رونالدونىڭ رەسىمىنى باش سۈرەتكە چىقىرىۋالىدىغان ئۆتكۈر شۇغۇ دەيمەن F%-@_IsG#  
U\lbh;9G  
ئۇنداق ئەمەسكەن ساختا ئۆتكۈركەن ئۇ   /read.php?tid-17994-fpage-3.html   e#Ao] gc  
چوكىناتنىڭ ئىنكاسىنى كۈرۈڭ

pakzat 2011-04-26 21:02
  پاھ .. بۇ ئۇكىمىز ساپلا ھەل قىلغۇچ توپلارنى ئۇردىكەن جۇمۇ. ئاللاھ يامان كۆزلەردىن ساقلىسۇن..... كاتتا چولپان بوپ چاقنىشىنى ئۈمىد قىلمەن.

bangbax 2011-04-26 21:19
بىزگە لازىملىقى مانا مۇشۇنداق ئۆرتكۈرگە ئوخشاش مۇنتىزىم مەشىق كۆرگەنلەر .  

bawdun 2011-04-26 21:33
بەك تەپسىلى يېزىپسىز ،، رەھمەت سىزگە ، P?V+ 
ئۆتكۈر ئسىمى جىسمىگە لايىق ئۆتكۈر بولىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن .. ئۇنىڭ بۇنىڭىدىن كېيىنكى كەسپى پۇتپۇل ھاياتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن...

ئامېرىكا 2011-04-26 21:50
ئۈتكۈر  ئۇكام قىشتا غۇلجىغا  كەلگەندە تەييار كۈرۈشۈش پۇرسىتىنى قۇلدىن بىرىپ قۇيغىنىمغا  بەك ئۈكۈنىمەن

جاسوس 2011-04-26 22:08
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 23قەۋەتتىكى ئامېرىكادە2011-04-26 21:50يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : 0 J"g "=  
ئۈتكۈر  ئۇكام قىشتا غۇلجىغا  كەلگەندە تەييار كۈرۈشۈش پۇرسىتىنى قۇلدىن بىرىپ قۇيغىنىمغا  بەك ئۈكۈنىمەن &&$*MHJ  
^vh!1"T  
8)iI=,T*  
تېلفۇنىڭنى گۇەنجى قىلىۋىلىپ ، چوكىنات تېلفۇن قىلىپ ساراڭ بولوپ قالاي دىدى شۇكۈنى

arqa 2011-04-26 22:29
ئۆتكۈرنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىش ئىزلىرىHttp://arqa.putbol.cnۋە پۇتبول مۇنبىرىدە داۋاملىق يوللىنىدو.دىيارىمىزدىكى پۇتبولچىلىققا تۆھپە قوشقان كىشىلەر ،جۇملىدىن قىرىنداش مىللەتتىكى ماھىرلارمۇ يوللىنىدو.راست ، لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋى ۋەسابىق لاتارىيە كۇماندىسدا توپ تەپكەن غۇلجىلىق پەرھاتنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرىنى بىلىدىغانلار ھايت دىۋىتىڭلار.

sarka 2011-04-26 22:55
ئەتكەن چاي ئىچىپ چوڭ بولغاندە...

مۇزات 2011-04-27 00:25
لەقىمى يارىشىپتۇ راس،تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

ronaldo10 2011-04-27 11:17
ئۆكۈرنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىغا ئامەت تىلەيمەن  

بەخىت 2011-04-27 14:01
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى barquk520دە2011-04-26 20:24يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : Hnvs{KC`  
4kNSF  
ئۇنداق ئەمەسكەن ساختا ئۆتكۈركەن ئۇ   /read.php?tid-17994-fpage-3.html   CfOhk  
چوكىناتنىڭ ئىنكاسىنى كۈرۈڭ L_zB/(h  
n5#9o},oK  
lz#@_F|.*  
dlV HyCW  
ھە مۇنداقكەندە ئەسلى ، ئۇ تېمىنى ۋاقتىدا كۆرماي قاپتىكەنمەن

چوكىنات 2011-04-27 17:14
ھازىرچە ئىچكىردە توپ تېپىۋاتقان ئوغلانلىرىمىزنىڭ ئىچىدە ئۆتكۈرنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ئەك كۆپ.......... ئاللاھ خالىسا يەنە بىر يىل ئۆتۈپ رەسمى كۇلۇب ئەزاسى بولغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ شان شەرەپلەرنى قۇچىشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن.

باندىت 2011-04-28 00:10
مۇبارەك بولسۇن  ئوتكۇر ساڭا

koza 2011-07-27 13:46
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى تانكىچاقدە2011-04-26 12:49يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : N07FU\<9  
رەسىملەر  چىقماپتۇ  ... +JBYGYN&K  
ئۇنىڭ  بارى  ، مىرەخمەتلەردىنمۇ   ئېشىپ  چۈشىشنى  ئۈمۈد  قىلىمەن  !!! l:"zYcp%  
7|7sA'1 cM  
mawo gap bolmidi, hamisinig tag orunda bolixni umut kiliman dag

koza 2011-07-27 13:51
مەن كورگەن تىمىلار ئىچىدىكى ئەڭ ئىسىل تىما مۇشۇ بولسا كىرەك! kF"G {5  
تەبھەركەتچىلىرىمىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.....

ankar528 2011-08-19 19:54
بىزنىڭ يىتىشىپ چىقىۋاتقان ئۆتكۈرگە ئوخشاش باللاردىن يەنە قانچىلىك بار؟


تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- جەڭ قالقىنى- ئۆتكۈر --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.093366 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us