تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- we8مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش تەكلىپى --]

پۇتبول كۇلۇبى -> پۇتبول كۇلۇبىغا تەكلىپ -> we8مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش تەكلىپى [مەزكۇر بەتنى پېرىنتېرلاش] كىرىش -> تىزىملىتىش -> ئىنكاس قايتۇرۇش -> تېما يوللاش

zayir0990 2010-08-25 21:34

  ھەممىمىزگە ئايان،مۇنبىرىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان مۇنبىرىمىزدە خېلى كۆپ پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. we8مۇسابىقىسىمۇ مۇشۇ پائالىيەتلەردىكى ئەڭ قىزىغان پائالىيەتلەرنىڭ بىرسى.مەن مۇنبەرگە ئەزە بولۇپ كىرگەندىن بۇيان بىر قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشتىم.گەرچە ئۆزۈم گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىلا شاللىۋىتىپ چىقىرىلغان بولساممۇ،لېكىن مۇسابىقە جەريانىدا ئاز بولمىغان خۇشاللىقلارغا ئېرىشتىم.شۇنداقلا ئۆزەمنىڭ سەۋىيىسىنىڭ خېلى تۆۋەنلىكىنى ھېس قىلىم.مۇسابىقىدە يەنە نۇرغۇنلىغان  we8ماھىرلىرى يېتىشىپ چىقىپ كۆزگە كۆرۈندى.  شۇنىڭ ئۈچۈن مەن مۇنبىرىمىزنىڭ بىزگە يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق ئۆزۈمىزنى كۆرسىتىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .



پۇتبول تەستىقى

سەرسان 2010-08-25 22:03
مەنمۇ تېما يازغان مۇشۇ توغرىلىق ، ما باشلىقلار نېمىشقا ئۇنىمايدىغاندۇ دەيمەن

پۇتبول 2010-08-25 22:05
مەن قوللايمەن.
كونا رەقىبىم «توتتى»بىلەن بىر تۇتۇشۇپ بېقىش ئارزۇيۇم بار ئىدى. گەرچە ئۇنىڭغا رەقىب بولالمىساممۇ ، لېكىن ھازىر 2 يىل بولۇپ قالدى ... مۇشۇ جەرياندا سەۋىيە خېلى ئۆسۈپ قالدى دەيمەن ...  
يەنە كوماندا تاللاشنى بىلمەيدىغان ، لېكىن we8نىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويىدىغان cool  بىلەنمۇ تۇتۇشۇپ باقسام بولاتتى . يەنە soccer ، دىلشات لارمۇ بار ...

سادىر 2010-08-25 22:09
مەنمۇ بىر قىتىم قاتناشقان بىراق گۇرۇپپىدىن چىقالمايلا شاللانغانتىم

بىزنىڭ سەۋېيە خېلى ياخشىلاندى . بولسا ئۆتۆزسەك مەنمۇ قاتنىشاي دىگەن....

zayir0990 2010-08-25 22:15
بولسا ئۆتكۈزسەك ياخشى بولاتتى مېنىڭ سەۋىيەممۇ خېلى ئۆسۈپ قالدى

ripir 2010-08-25 22:52
ئەمسە  نىمىگە قاراپ تۇرمىز   .....................     باشلىمايلىمۇ    .....................

بەختىيار 2010-08-25 23:16
شۇنداق قىلىلى...بىراق 2010نى ئۇلاپ ئوينىغىلى بولغان بولسا ......

باتىستۇتا 2010-08-26 00:01
مەنمۇ ئالدىنقى قىتىم «ھالاكەت گۇرۇپپىسى»غا كىرىپ قىلىپ، ساپ توپ جەھەتتە 3-بولۇپ قالغان~~~
بىزنىڭ گۇرۇپتىكى ئىككىسى4كۈچلۈككە كىرگەن~~~

tanha65 2010-08-26 04:08
باشلىقلار گەپ قىلسا بولاتتى . مەنمۇ مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرىپ تېخى پائالىيەتلرگە قاتنىشىپ باقمىدىم

سىرداش 2010-08-26 07:07
ئەسلى مۇشۇئاينىڭ 20-كۈنلىرى مۇسابىقىنى باشلاش توغرىسدا پىكىرلەشكەن، لىكىن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بىرقىسىم مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ ھازىر تەتىل مەزگىلى بولغاچقا ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ھازىر مۇسابىقىنى نۇرمال داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتى يىتەرلىك ئەمەسكەن،شۇڭا سىتودىنىتلار  مەكتەپكە قايتىپ نۇرمال ئوقۇشنى باشلاپ بولغاندىن كىيىن باشلاشنى توغرا تاپقان. مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئىشتىياقى كۈچلۈك تورداشلار تەييارلىق قىلغاچ تۇرساڭلار ئاللاھ خالىسا يەنە بىرنەچچە كۈندىن كىيىن مۇسابىقە ئوقتۇرۇشى مۇنبەردە سىلەر بىلەن يۈز كۈرىشىدۇ.  

Яiwαyat 2010-08-26 07:18
             بىر ئوينىماي بولمايدۇ

    قەتئىي قايىل ئەمەس

arda 2010-08-26 11:06
ئەمدى  ئوقۇش  باشلانغاندا  ئۆتكۈزسەڭلا  مەن قاتنىشالمايدەكەنمەندە ،،،،،،،،

ئاتېللا 2010-08-26 13:20
ئۆتكەن قېتىملىقدا 16 كۈچلۈككە كىرىشتە ئاكاش 32  (قىزىل ئالۋاستى) تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتكەن ، بۇ قېتىم چوقۇم ئۇتىمەن  

تۇنجار 2010-08-26 13:30
بولسا بىر ئۆتكۈزىلى

katil731 2010-08-26 13:31
پۇتبول 8نى ئوينىساق دەيمەن، مېنىڭ دەككەمنى بىرەلەيدىغان بىرەسىنى ئۇچراتمىدىم،

ئانچە-مۇنچە ئۇتتۇرۇشلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا

بەخىت 2010-08-26 13:53
تەتىلدىن كىيىن ساۋاقداشلار تېخىمۇ قاتنىشالماسلىقى مۇمكىن ، مۇسابىقىنى دەپ دەرىستىن قاچسا مەيلىما  



ئىشقىلىپ باشلايلى دەپلا باشلاشنى قوللىمايمەن @

پۇتبول دىگەندەك ئاشۇ cool ، soccer,دىلشات «توختاخۇن» يەنە زەپەر ئىشقىلىپ يەن بىر مۇنچە باللا  بار مۇشۇنداق ئىشلاغا ئىپى بارلاردىن  . . . . . ..

ئۆتكۈزىدىغان ئىش بولسا ئاۋال تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ (مۇكەممەل قائىدە ، ئويۇن نەشىرى،  يامىقى ، قاتنىشىدىغان ئەزانىڭ شەرتلىرى، يەنە نۇرغۇن . . . . . ) ئاندىن باشلىساق ، باشقا ئۇيغۇر پۇتبول تورلىرى ئالدىدىمۇ  ئانچە مۇنچە نامى چىققۇدەك داغدۇغىلىق ئۆتكۈزسەك دىمەكچىمەن @

sultan 2010-08-26 14:04
بۇمۇ ياخشى پائالىيەت بوپتۇ...

ئالدىنقى قېتىم  ،، ئىككى ئادەم  PES2010 ئوينىدى. بىرى كۈلۈپ تۇرۇپ يەنە بىرىگە: مەن مۇشۇ بۇلۇڭ توپنى باشلايمەن ، يەنە بىر ماھىر بىلەن داۋگۇڭ كىرگۈزۋىتىمەن دېدى..(مەن بۇگەپلەرنى يىراقتىن ئاڭلاپ قالدىم).. ئۇنىڭ ئاغىنىسى ئۇگەپكە ئىشەنمەي ئەگەر راست شۇنداق كىرگۈزسەڭ 50 كوي بىرىمەن ،كىرگۈزەلمىسەڭ ماڭا 50 كوي بېرىسەن دېمەسما~! ئۇ ئىككىسى شۇنىڭ بىلەن 50 كويدىن ئوينىدى...    قىمارنىڭ نەتىجىسى 10 سېكونتتىلا چىقىپ بولدى ،دېگەندەك باشلىغان بۇلۇڭ توپنى يەنە بىر ماھىر داۋگۇڭ تىقىۋەتتى،..شۇنىڭ بىلەن 50  ۋاي ياق ئالمايمەن ،بولدى ئاداش سەپ قوي دېگەندەك سىلىق گەپلەر بىلەن يەنىلا چۆنتەككە كىردى يەنە بىرسىنىڭ..  قاراپلا قاپتىمەن... قاراپ قاپتىمەن..ھەجەپ ياخشى ھۈنەرلەرنى ئۆگىنىۋاپتۇ دەپ....

intezar11 2010-08-26 14:49
مەن ھازىرغىچە قاتنىشىپ باقمىدىم ، شۇڭا  بۇ قىتىم ئۆتكۈزۈپ قالسا ، خۇدايىم بۇيرىسا چوقۇم قاتىنىشىمەن !

potbuluqun 2010-08-26 22:35
مەن قۇللايمە

ئوكو 2010-08-26 23:54
  2009   ،2010  بولسا قاتنىشىپ قوياي . بۇنىڭدىن تۆۋەن دەرجلكىنى ئويناشىنى بىلمەيىمەن .

تەنھا 2010-08-27 16:02
بولسا تىزراق باشلايلى...

تەنھا 2010-08-27 16:03
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى پۇتبولدە2010-08-25 22:05يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
مەن قوللايمەن.
كونا رەقىبىم «توتتى»بىلەن بىر تۇتۇشۇپ بېقىش ئارزۇيۇم بار ئىدى. گەرچە ئۇنىڭغا رەقىب بولالمىساممۇ ، لېكىن ھازىر 2 يىل بولۇپ قالدى ... مۇشۇ جەرياندا سەۋىيە خېلى ئۆسۈپ قالدى دەيمەن ...  
يەنە كوماندا تاللاشنى بىلمەيدىغان ، لېكىن we8نىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويىدىغان cool  بىلەنمۇ تۇتۇشۇپ باقسام بولاتتى . يەنە soccer ، دىلشات لارمۇ بار ...

بىزمۇ بىر تۇتشىلى...

mirzat317 2010-08-27 20:34
ئۇيۇشتۇرساك ياخشى بولىتى ......
ئۆزەمنىڭ سەۋىيەمنىڭ قانچىلىكلىكىنى بىر كۆرۈپ باققۇم بارتى ...

تۇنجار 2010-08-27 20:44
قاچان باشلايدىغان بولدۇڭلا شۇنداقىلىپ بەختكا؟!

eziz 2010-08-27 23:54
مەن ما بىر قاتىنىشىپ باقسام بوللاتتى.

soccer 2010-08-28 16:37
خۇدايىم بۇيرۇسا پات ئارىدا تىزىملىتىش تېمىسىنى يوللايمىز.

totti 2010-08-28 21:50
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى پۇتبولدە2010-08-25 22:05يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
مەن قوللايمەن.
كونا رەقىبىم «توتتى»بىلەن بىر تۇتۇشۇپ بېقىش ئارزۇيۇم بار ئىدى. گەرچە ئۇنىڭغا رەقىب بولالمىساممۇ ، لېكىن ھازىر 2 يىل بولۇپ قالدى ... مۇشۇ جەرياندا سەۋىيە خېلى ئۆسۈپ قالدى دەيمەن ...  
يەنە كوماندا تاللاشنى بىلمەيدىغان ، لېكىن we8نىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويىدىغان cool  بىلەنمۇ تۇتۇشۇپ باقسام بولاتتى . يەنە soccer ، دىلشات لارمۇ بار ...

پۇتبولنىڭ ماۋۇ ئىنكاسىنى كۆرۈپ ئىككى يىل ئاۋالقى مۇنبەردىكى ئاكتىپلىقىم كۆز ئالدىمغا كىلۋالدى پۇرسات بولسا چوقۇم ئوينايمىز يىقىندىن بىرى خىزمەت ئالدىغا سىلۋىلىپ بەك ئالدىراش بوپ كەتتىم
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~ھازىر ئوقۇش باشلىنىپ بولدى ئەگەر مۇسابىقىنى باشلىساق مۇنبىرىمىزدىكى ئوقوغۇچى باللار مۇسابىقىگە تىزىملاتمايدۇ دەپ ئىيتالمايمىز ، مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈپ قالساق ئۇلارنىڭ ئۈگۈنىشىگە تەسىر يىتىشىگە پۇتبول مۇنبىرى بەلگىلىك دەرىجىدە سەۋەپچى بوپ قالىدۇ .
شۇنىڭ ئۈچۈن سىرتقا چىقماي ئۆيدە ئولتۇردىغان شۇ زىمىستان قىشتا(تەتىلدە) باشلىساق دىگەن ئۆمۈتتە !!!

پۇتبول 2010-08-28 23:00
ياق ياق توتتى ...
بىر مەيدان مۇسابىقە ئويناش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كىتەتتى ؟ يەنە كېلىپ ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ دەرىسىگە قانچىلىك تەسىر يىتەتتى ؟
مەنمۇ تەتىلدە بىكار بولغاندىن كېيىن شۇ ۋاقىتتا ئۆتكۈزسە بولاتتى دەپ ئويلىغان ، لېكىن «ئىشنى قارشسىدىن ئسپاتلاش»ئۇسۇلىنى قوللانساق ، يەنىلا تەتىل يىغىلغاندا ئۆتكۈزسەك مۇۋاپىق ئىكەن .
ئىسىڭىزدە بولىشى مۇمكىن ، ئۆتكەن قېتىم ئۆتكۈزگەندە ئىسىمدە قېلىشىچە ئىككى قېتىم ئۆتكۈزگەن ، بىرى تەتىلدە يەنە بىر ئوقىۋاتقاندا ئىسىڭىزدە باردۇ ... ؟! قايسى ۋاقىتتا تىزىملاتقانلار جىق چىكەتكەن ؟
يېڭى ئوقۇش باشلانغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى بەكمۇ ئېغىر بولۇپ كەتمەيدۇ . مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆتكۈزىۋالساق ئەڭ مۇۋاپىق ، سىز دېگەندەك قىشتا ئۆتكۈزسەكمۇ بولىدۇ . لېكىن ھازىر بالىلار ناھايىتى ئالدىراۋاتىدۇ . شۇڭا قىشتا 2-قېتىملىقىنى ئۆتكۈزسەكمىكى ...  

罗纳尔迪尼奥 2010-09-14 09:54
ئالدىنقى قەۋەتتىكى بىر ئاداش ۋې 8 نىڭ ئوخشاش نەشرى دەپتۇ، ھەممىزدە ئوخشاش نەشىرى چىقىش ناتايىن شۇڭا مۇنبەر باشلىقلىرى بىر ئەڭ ياخشى ياماقنى مۇنبەرگە يوللاشنى ئورۇنلاشتۇرۇڭلار مۇشۇنداق قىلساق ھەممىزگە ئادىل بولدۇ .

akilyar 2010-11-12 16:48
مېنىڭ توردا پۇتبول ئوينىغۇم بار.بۇرۇن كومپىيوتېردا ئويناپ كەلگەن ئىدىم.
توردا قانداق ئوينايدۇ.يول كۆرسەتسەڭلار.

akilyar 2010-11-12 16:53
مېنىڭمۇ ئويناپ باققۇم بار.
تورداشلار بىرەرسىڭلار يول كۆرسىتىڭلار.

سان-سىرو 2010-11-12 16:54
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 30قەۋەتتىكى akilyarدە2010-11-12 16:53يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
مېنىڭمۇ ئويناپ باققۇم بار.
تورداشلار بىرەرسىڭلار يول كۆرسىتىڭلار.



ئاللىمۇ قاچان باشلىنىپ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىمۇ تۈگەپ بولدى بۇرادەر..سىز كىيىن قاپسىز...

akilyar 2010-11-14 15:48
ئەمدى قاچان كىرىپ ئوينىيالايمەن؟ھازىر بولسىمۇ قېتىۋالمامسىلەر؟

casillas10 2010-12-25 17:34
سىلەر ھەممىڭلار we8دەيسىلەر،بۇ نېمە گەپ بىر چۈشەنچە بەرسەڭلار؟
    


تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- we8مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش تەكلىپى --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.114564 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us