% R|"Afa= o8'Mks سىنا تورى5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرى :
Y=a v8Y|` گېرمانىيە دورىتمونىد كۇلۇبىنىڭ پاراگۋايلىق داڭلىق ھۇجۇمچىسى بارىئوس جوڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى زەردار كۇلۇب گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبىغا رەسمى قېتىلغان ..
Ug7`ez4vw يۆتكىلىش ھەققى 8مىليون 500مىڭ ياۋرو ، 4يىللىق توختام تۈزگەن . بارىئوس سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كىيىن مۇشۇ يازدا يەنى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىنىڭ ئالدى كەينىدە خېڭدا كۇلۇبىغا كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە قارشى ئېلىش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ . بارىئوس 2008-يىلى چىلىدىكى كۇلۇبىدا توپ تەپكەن ۋاقىتلىرىدا بىر پەسىلدىكى 38 مەيدان مۇسابىقىدە 37 توپ ئۇرغان قاتىل ھۇجۇمچى . 1984-يىلى ئارگىنتىنادا تۇغۇلغان ، بۇيىل 27 ياش ، بوي ئىگىزلىكى 1.88 مىتىر ، ئىغىرلىقى 83 كىلوگىرام .
u
m:0y, 2009-يىلى گېرمانىيەنىڭ دورىتمونىد كۇلۇبىغا قوشۇلغان . 2010-2011-يىلدىكى مۇسابىقە پەسلىدە 16 توپ ئۇرۇپ دورتمونىد كۇلۇبىنىڭ مەرگىنى بولغان ھەمدە شۇ يىلى دورتمونىد كۇلۇبىنى گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشتۈرگەن . بارىئوسنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىمۇ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ 2010-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا پاراگۋاي كوماندىسىنى 8 كۈچلۈككە ئەكىرىشكە كۆپ كۈچ چىقارغان . لىكىن بۇ پەسىل يارلىنىش سەۋەبىدىن ئاساسلىق ئورنىنى كۇلۇبتىكى 9-نومۇرلۇق ھۇجۇمچى لەيۋەندورفسىكىغا تارتقۇزۇپ قويغاندىن كىيىن دورتمونىد كۇلۇبىدىكى كۈنلىرى تازا ياخشى بولمىدى .. بارىئوسنىڭ دۆلىتىمىزدىكى ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن
UZje>.~?
f v E+.
{ 2(m85/Hr\;
:8^M5} U{uPt*GUd/ r$GPYyHK مەنبە:
http://sports.sina.com.cn/j/2012-05-02/15116046214.shtml