n[E#
K`gg' z{>p<)h ئىتالىيە بىرلەشمىسنىڭ بۇ پەسىلدىكى مۇسابىقە ئاخىرلىشىغا ئەگىشىپ چىمپىيۇنلۇق رىقابىتىمۇ ئەڭ كەسكىن باسقۇچقا قەدەم قويدى.يۇۋېنتۇس بىلەن ac مىلان ھازىر بۇ نىشان ئۈچۈن رىقابەتلىشىپلا قالماستىن،ھازىر يەنە بىر پۇتبولچىنى يۆتكەش جېڭىگە ئاتلانغان.«پۇتبول بازىرى»نىڭ ئاشكارلىشىغا قارىغاندا،بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىدىكى گوللاندىيەلىك داڭلىق پۇتبولچى روبىن ھازىر بۇ ئىككى كولۇپنىڭ يۆتكەش نىشانىغا ئايلانغان. pA%Sybw+
روببىنىڭ بايرىن بىلەن بولغان توختامى 2013-يىلى يازدا تۇشىدىغان بۇلۇپ،بايرىن يۇقۇرى قاتلىمى يېقىندا روبىنغا 2015-يىلغىچە بولغان توختام تەيارلىغان.لېكىن بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بۇ سۆھبەت توختاپ قالغان،گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىردە كۆرسىتىلىشچە،بۇنىڭ سەۋەبى ناھايتى ئاددى،يەنى ياۋرۇپا ئۇزغانلىق يېرىم ھەل قىلغۇچ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدا ،يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ ئارام ئېلىش جەريانىدا ئۈزىگە مۇشت ئاتقان رىبىرىغا كۇلۇپنىڭ چىقارغان جازالاش قارارىغا روبىن نارازى بولغان،شۇڭۇلاشقا ئەگەر روبىن بىلەن بايرىن تەرەپنىڭ سۆھبىتى مۇشۇنداقلا ئاخىرلاشسا ،ئۇ چاغدا ac مىلان بىرىنچى بۇلۇپ روبىنغا تۆت يىللىق توختام تۈزەش تەكلىۋىنى سۇنماقچى بولغان.روبىنىنىڭ ھازىر بايرىندىكى يىللىق ئىش ھەققى بەش يېرىم مىليۇن ياۋرو،ئا س مىلان بولسا 6 مىليۇندىن 7 مىليۇنغىچە مۇئاش بەرمەكچى بولغان. qH8d3?1XO
«رەسىملىك گېزىتى»نىڭ خەۋىردە كۆرسىتىلىشچە،ئا س مىلان كوماندىسى ئەگەر بۇ پەسىل بىرلەشمە چىمپىيۇنى بۇلالمىسا ،ئۇ چاغدا كوماندىدا چوڭ ئۆزگەرىتىش ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان.پاتو بىلەن روبىنخۇنىڭ ئايرىلىش ئېھتىمالى يۇقۇرى،شۇڭۇلاشقا ھۇجۇم سېپىدىكى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن چۇقۇم روبىننى يۆتكەپ كىلىشنى مەقسەت قىلغان.ac مىلان كۇلۇبىنىڭ باش رەئىسى جالىيانى روبىننىڭ يۆتكىلىش باھاسىنى 10 مىليۇن ياۋرودىن ئېشىپ كەتمەسلىگىنى ئۈمۈت قىلىدۇ. =_"[ &^
روبىن كەلگەن تەقدىردە ac مىلان كوماندىسنىڭ باش تېرىنىرى ئالېرگىلىنىڭ «4-3-1-2» سەپ شەكلى«4-4-2» ۋە4-2-3-1 قاتارلىق بۇ سەپ شەكىلىنىڭ ھەمىسىگە روبىن تامامەن ماس كىلىدۇ. 6Hh\ys O'WBO" 
[ بۇ يازمىنىتوپ تەپكۈچىدە2012-05-02 11:50قايتا تەھر ]