J22r v( y\[r(4h h%1Y6$ 5-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە، ئېنگىلاند پۇتبولچىلار ئۇيۇشمۇسى تور بېكىتى،بۇ پەسىل غەربى بىروموۋىچ كوماندىسىنى يىتەكلىگەن روي خۇچىسىنىڭ ئېنگىلاند دۆلەت كوماندىسنىڭ باش تېرىنىرى بولغانلىغىنى ئېلان قىلدى.بۇ يىل 64 ياشقا كىرگەن بۇ پىشقەدەم تېرىنىر پۇتبولچىلار ئۇيۇشمۇسى بىلەن تۆت يىللىق توختام ئىمزالىغان.يىللىق مۇئاشى ئۈچ مىليۇن فوند سىتىرلىڭ بولغان.شۇنداق بولغاندا خۇچىسىن بۇ يىل يازىدىكى ياۋرۇپا پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە 2014-يىلدىكى بىرازىلىيە دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا ئېنگىلاند دۆلەت كوماندىنى يىتەكلەيدۇ. y1C/v:;
بۇ يىل 2-ئايدا كاپىرو خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن ئېنگىلاند دۆلەت كوماندىسنى 21 ياشلىقلار كوماندىسنىڭ تېرىنىرى پىرىس ۋاقىتلىق يىتەكلىگەن.لېكىن مۇسابىقە تەجىربىسى ئاز بولغان پېرىس ئېنگىلاند پۇتبولچىلار ئۇيۇشمۇسىنىڭ ئاساسلىق تېرىنىر نامزاتى ئەمەس، يېقىنقى ئۈچ ئايدىن بۇيان ئېنگىلاند پۇتبولچىلار ئۇيۇشمۇسى توتىنھام كوماندىسنىڭ تېرىنىرى رېدىنكاپنىڭ دۆلەت كوماندىسنى قۇلىغا ئېلىشنى ئۈمۈت قىلغان،لېكىن بۇ تېرىنىر ئۈزىنىڭ ھەر قانداق دۆلەت كوماندىسنى يىتەكلىمەيدىغانلىغىنى ئېيتىپ رەت قىلىۋەتكەن.ئاخىىردا غەربى بىروموۋىچ كوماندىسنىڭ بۇ تېرىنىرنى بېكىتكەن. ^
d\SPZ
بۇ تېرىنىرنىڭ چوڭ مۇسابىقە تەجىربىسى مول بۇلۇپ،ئىلگىرى ئىنتېر مىلان ،بىلەكبۇرۇن،ئۇدىنىس،فۇلھام ۋە لېۋېرپول قاتارلىق كوماندىلارغا تېرىنىر بولغان. ھازىرقى بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشتىن بۇرۇن غەربى بىروموۋىچ كوماندىسنى يىتەكلەپ ياخشى نەتىجگە ئېرىشكەن.بۇ تېرىنىرنىڭ كىچىك ،ئوتتۇرھال دەرىجىدىكى كوماندىلارنى يىتەكلىگەندىكى نەتىجىسى كۈرىنەرلىك. 2010-يىلى فۇلھام كوماندىسنى باشلاپ ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا باشلاپ كىرگەن.بىراق ئىنتېر مىلان ۋە لېۋرپول كوماندىسغا تېرىنىر بولغاندا نەتىجىسى ئادەتتىكىدەك بولغان، ھەمدە بىر پەسىلدىلا تەخىتتىن چۈشكەن. z="L4 5"=:#zN 
[ بۇ يازمىنىتوپ تەپكۈچىدە2012-05-02 10:28قايتا تەھر ]