سىز بۇ تېمىنىڭ 1044 - ئوقۇرمىنى
تېما: بېنزېما : مېنىڭ دەۋىرىم قايتىپ كەلدى !
ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى !
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر تۆھپىكارى

UID: 132
جەۋھەر: 30
يازما: 5739
شۆھرەت: 6872 نۇمۇر
پۇل: 385 سوم
تۆھپە: 341 نۇمۇر
ياخشى باھا: 125 نۇمۇر
توردا: 686(سائەت)
تىزىملاش: 2007-05-15
ئاخىرقى: 2012-05-22
0  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-01 17:29

بېنزېما : مېنىڭ دەۋىرىم قايتىپ كەلدى !

بېنزېما : مېنىڭ دەۋىرىم قايتىپ كەلدى ! HJ_8 `( '  
Yq>K1E|  
t"nxny9&  
6>gm!6`  
3-0 نەتىجە بىلەن سېۋىللا كوماندىسىنى يەڭگەندىن كېيىن ، مادىردنىڭ بۇ يىللىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمىپيونلۇقى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقۇملىشىپ بولدى . بۇ مەيدان مۇسابىقىدە پورتۇگالىيە داڭلىق ھۇجۇمچى كىرىستىيانو . رونالدو بىلەن بېنزېما توپ ئۇردى . ھىگۇئايىننىڭ مۇرىنىئو تەرىپىدىن بارا - بارا زاپاس ئەزا قاتارىغا ئەكىرگەندىن كېيىن ، بېنزېما بىلەن رونالدو مادىردنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىلىرىغا ئايلاندى . ئۇلار 35 ئايلانما ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە مادىردنىڭ بۇ ئىككى قاتىل ھۇجۇمچىسى ئۇرغان توپ سانى 63 توپقا يەتتى . بۇ سان بارېسلونادىن باشقا ئىسپانىيە بىرلەشىمسىدىكى 18 كوماندىنىڭ ئومۇمىي ئۇرغان توپ سانىدىن ئىشىپ كەتتى ! 5VSc5*[  
35 ئايلانما ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ، رونالدو 43 توپ ، بېنزېما 20 توپ ئۇردى . بارېسلونا كوماندىسىلا 104 توپى بىلەن بۇ ئىككى قاتىل ھۇجۇمچىدىن ئىشىپ چۈشتى . بىراق ، باشقا 18 كوماندىنىڭ ئومۇمىي ئۇرغان توپ سانى يەنىلا بۇ ئىككى قاتىل ھۇجۇمچىنىڭ ئۇرغان توپ سانىغا يەتمەيدۇ . 3-لىكنى قولدىن بەرمەي كىلىۋاتقان ۋالېنسيا كوماندىسى 54 توپ بىلەن بۇ ئىككى ھۇجۇمچى ئۇرغان توپتىن يەنە 9 توپ كەم . بۇ يىللىق نەتىجىسى ئەڭ ناچار دەپ قارالغان سانتاندېر رىقابەت كوماندىسىنىڭ ئۇرغان توپ سانى 24 توپ . بۇ بېنزېمانىڭ ئۇرغان توپ سانىدىن 4 توپ ئارتۇق دېگەن گەپ . W1JvLU5L*r  
توپ ئۇرۇشتىن سىرت ، ئۇلارنىڭ باشقا مۇسابىقىلەردە مادىرد ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى چوڭ . رونالدو بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 11 ياردەمچى پاس ، ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە بولسا 3 ياردەمچى پاس بەردى . بېنزېما بولسا بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 6 ياردەمچى پاس ، ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە 5 ياردەمچى پاس بەردى . بېنزېما بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىدە ئومۇمىي 3 ياردەمچى پاس بەردى . ئۇ «ئاس گېزىتى » نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا : « ئەلۋەتتە، مېنىڭ دەۋىرىم قايتىپ كەلدى ! مەن ھازىر توپ ئۇرىمەن ، توختىماي ياردەمچى پاس بېرىمەن . مەن ھازىر مادىردتا بەكلا خوشال ئۆتۈۋاتىمەن ! »
قەدىناسىم-پۇتبول
مەن توردا يوق !
دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى
UID: 7546
جەۋھەر: 0
يازما: 789
شۆھرەت: 981 نۇمۇر
پۇل: 2 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردا: 292(سائەت)
تىزىملاش: 2009-03-02
ئاخىرقى: 2012-05-23
1  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-01 18:13

ئېنگىلات بىرلەشمىسىگە بەكىرەك  ماس كىلىدۇ دەپ قارايمەن  بۇنى  ،  ئۆزۋاقتىدا مانچىستىر بىرلەشمىسىگە بارغان بولسا  بۇنىڭدىنمۇ  بەك چاقنىغان  بۇلاتتى ... [ 
بۇلاپتۇ ،،،،،  تېخىمۇ تىرىشىپ  كىلەر  پەسىل  مادىرىتنى  ئوزغۇنلۇققا  ئېرىشتۈرسۇن...
http://slide.sports.sina.com.cn/g/slide_2_730_27994.html#p=18