مىدال مەركىزى بانكا تور تېلېۋىزىيىسى
ئەسكەرتىش: بۇ يازما Яiwαyat تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلدى(2012-05-01)
;I}kQ!q مەستانىلەر كىيىمى: /iJ4{p z2QP)150 بۇ مەسىلە خېلى بولدى مۇنبىرىمىزدە ئوتتۇرىغا قويۇلغىلى، ھەتتا ئەنقەر ، ئەسلىمە قاتارلىق مۇنبەر تۆھپىكارلىرىمىز مەخسۇس كىيىم توغرىسىدا تېما يازدى. مەستانىلەر كىيىمىگە چۈشكەن ئىنكاسلارمۇ ھەرخىل بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلەر بىز سېرىق رەڭلىك كىيىمنى ، يەنى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ساھىبخان كىيىمىنىڭ رەڭگىنى ئاساس قىلىشىمىز كېرەك دىيىشتى. يەنە بەزىلەر يەنىلا كۆك رەڭ بولىۋەرسە دىگەنلەرنى بىلدۈردى، بەزىلەر كىيىمگە باسىدىغا شوئار توغرىسىدا پىكىر قاتناشتۇردى، ئاساسلىقى كىيىمگە «ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى» نىڭ گېربى چۈشۈرلۈش بىلەن بىرگە، يەنە نىمىلەرنى بېسىش توغرىسىدا مۇنازىرە كۆپرەك بولدى. بەزىلەر كىيىمنىڭ ئالدىغا «ھۇررا شىنجاڭ » دەپ باسايلى دىيىشتى، بەزىلەر «ھۇررا شىنجاڭ» دەپ باسساق بىزنىڭ كىيىم «ھۇررا» نىڭ كىيىمىگە ئوخشاپ قالىدۇ دىيىشتى، بەزىلەر يەنە «شىنجاڭ» دەپلا بېسىش توغىرىسىدا پىكىر بېرىشتى. لېكىن بۇ خىل لايىھە بىزنىڭ بەزى مۇنبەر باشلىقلىرىمىزگە تازا ياقمىدى. چۈنكى بىز مۇنبەرنىڭ خاسلىقىنى يوقاتماسلىقىىز كېرەك. بىزنىڭ چوقۇم ئۆزىمىگە خاس تەرىپىمىز بۇلۇشى كېرەك. مەن مۇشۇ يەردە شۇنى ئويلاپ قالدىم. ئەجىبا بىز چوقۇم مۇنبەر خاسلىقىنى دەپ كىيىمنىڭ رەڭگى بىلەن خەتلىرىنى شۇنداق قىلىشىمىز كېرەكمۇ ؟ [ji#U s:h |,!IZ- th مېنىڭچە كىيىمگە بولغان رەڭ تەلىپى ئۇنچە سەزگۈر بولمىسا دەپ ئويلايمەن، چۈنكى «ھۇررا» نىڭ ئىشلەتكەن رەڭگى ھەقىقەتەن بىز ئۇيغۇرلارغا تارىختىن بۇيان سىموۋۇل بۇلۇپ كەلگەن رەڭ، يەنە كىلىپ «ھۇررا مەستانىلەر كۇلۇبى» شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيە كوماندىسى بار ۋاقىتتىن تارتىپ مۇنتىزىم بولغان مەستانىلەر قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ بولغان. لېكىن بىز بۇ يەردە كىچىككىنە ئاشۇ رەڭ مەسىلىسىنى دەپ بىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشىمىزنى توسۇپ قويساق بۇ تازا ئەقەللىي ئىش بولماي قالىدۇ . چۈنكى ھۇررا كۇلۇبىدىكىلەرمۇ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر پۇتبولى ئۈچۈن ھۇررا توۋلاشنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان . شۇڭا رەڭ توغىرسىدىكى بۇ مەسىلىدە مەن مۇنبەر كۇلۇبىمىزنىڭ شۇلار بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، چۈنكى مەيدانغا بېرىپ مۇسابىقە كۆرىدىغانلار بىز ، بىز ئۇيغۇرلار ، ھەم شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرى، شۇنداق بولغانكەن. نەق مەيدانغا بارغان ھەربىر ئەزالارنىڭ كىيىم رەڭگىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن. مەن بۇنداق دىسەم بەزى ئەزالىرىمىزنىڭ خاتا چۈشىنىۋالماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن بۇ يەردە دەۋاتقىنىم پەقەت رەڭ مەسىلىسى ، ھەرگىزمۇ مۇنبەر مەسىلىسى ئەمەس. بىز پەقەت كىيىم رەڭگىنى بىرلىككە كەلتۈرەيلى دىيىشىۋاتىمىز، چۈنكى بىز نەق مەيدانغا بارغاندا ھۇررا نىڭ بىر خىل كىيىم، بىز بىر خىل كىيىم ، يەنە باشقا ئەزا بولمىغان قېرىنداشلار بىر خىل رەڭلىك كىيىم كىيىپ كەلسەك قانداقمۇ ساھىبخانلىق رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرالايمىز؟ پۇتبول مەستانىلىرى ئۈچۈن كىيىم رەڭگىنىڭ بىرلىككە كېلىشى بۇ ئەڭ ئاددى ساۋات، ھەممىمىز مۇسابىقە كۆرۈپ چوڭ بولغان كىشىلەر، ھەرقانداق بىر مەستانىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز كوماندىسىنىڭ كىيىمىنى كىيىدۇ. لېكىن بىز كىيەيلى دىسەك شىنجاڭ كوماندىسى ھازىرچە تېخى بالا كوماندا ، كوماندا كىيىمىمۇ رەسمى ھالدا بازارغا چىقمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ كىيىمى چوقۇم سېرىق رەڭدە تۇرىۋېرىشى ناتايىن. لېكىن ھۇررا مەستانىلەر كۇلۇبى تاللىغان بۇ خىل رەڭنىڭ ئەھمىيىتىنى ئويلىشىپ بولسىمۇ بىز رەڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئويلىشىپ باقساق بولىدۇ. كىيىم دىگەننى ھەرقانداق يەردىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ. شۇنداق بولغاندىكىن ، بىز نىمىشقا مۇشۇ بىزنىڭ ئەنئەنىۋىي رەڭگىدىن ۋاز كىچىمىز؟ بەلكىم ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب ھۇررا نىڭ كىيىم رەڭگىگە ئوخشاپ قېلىشى بۇلىشى مۇمكىن. لېكىن شۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ؟ بىز كىيىمنىڭ رەڭگىنى كۆك قىلغان بىلەن بىز ھۇررا مۇنبىرىنىڭ . پۇتبول مەستانىلىرى كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى بۇلۇپ قالمايمىز. بىز يەنىلا مۇشۇ مۇنبەرنىڭ ، پۇتبول مۇنبىرىنىڭ ئەزاسى خالاس. كىيىمنىڭ رەڭگىنى كۆك قىلىپ بېكىتىپ كىيىمنىڭ ئېلان ئورنىغا مۇنبەرنىڭ ئىسمىنى خالىغانچە باسساق بولىدۇ. چوڭ -چوڭ قىلىپ لوزۇنكىلارنى ياسىتىپ مەيدانلاردىن ئوت چىقىرىۋەتسەك بولىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ خاسلىقىمىزنى يوقاتقانلىقىمىز ئەمەس. ئەكسىچە «ئۇيۇشقاق، ئىتتىپاق» مىللەت ئىكەنلىگىمىزنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان بىر سورۇن. Ire\i7MF: بىز بىر ئىشنى قىلىشتىن ئاۋال يىراقنى ئويلىشىمىز كېرەك. ھەرگىزمۇ كۆز ئالدىمىزدىكىنى دەپ كېيىنكى تەرەققىياتلاردىن قورۇق قالساق بولمايدۇ. مۇنبىرىمىزنىڭ تەسىر دائىرسى ھەرگىزمۇ ھۇررا مۇنبىرىدىن قېلىشمايدۇ. لېكىن سىرىتتىكى ، جەمىيەتتىكى تەسىر دائىرسى جەھەتتىن بىز ھەرگىزمۇ ئۇلارغا يىتەلمەيمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىر مىللەت ، بىز ئۇيغۇر دىگەندەك شوئارلارنى مۇشۇنداق يەرگە ئىشلەتمەي نەگە ئىشلىتىمىز ؟ مېنىڭچە كىيىم رەڭگى جەھەتتىن بىرلىككە كېلىش بىر ياخشى باشلىنىش. لېكىن ھەرگىزمۇ مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. چۈنكى «پۇتبول مۇنبىرى» شىنجاڭدا پەقەت بىرلا. L&%s[ بىراق مەيدانغا بېرىپ مۇسابىقە كۆرگەندە بىز ئىككى قۇتۇپلىشىپ كەتسەك ھەرگىزمۇ باشقىلارغا بولغان تەسىرىمىز ياخشى بولمايدۇ. بىز ئاۋال شۇ جايدا ئىسپاتلايلى. قىسقىسىنى ئېيىتقاندا ھۇررا مۇنبىرىدىكىلەر پۇتبول مۇنبىرىگە ھەۋەس قىلىدۇ. ھەم ھۆرمەتلەيدۇ. بىز ئۇلارنىڭ بەزىبىر ئىشلىرىنى دەپ قەتئىي پېتىشماي يۈرسەك ھېچكىمگە بىر تىيىنلىق پايدىسى يوق.شۇڭا كەڭ قورساق بولىشىمىز كېرەك، بىر تىيىنلىق پايدىنى دەپ بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىشنىڭ قىلچىلىك ئەھمىيىتى يوق. شۇڭا بارلىق پۇتبول مۇنبىرى ئەزالىرىنىڭ ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇ مېنىڭ شەخسى پىلانىم ئەمەس، يەنىلا مۇنبەرنىڭ تەرەقىقىياتى ئۈچۈن ئويلاشقىنىم ئۈچۈن. چۈنكى ھەممىمىزنىڭ قەلبىدىكى شوئار بىرلا ، بۇنىڭغا بەلكىم ھېچقايسىڭلار رەددىيە بىرەلمەيسىلەرغۇ دەيمەن. zBk'{[y9L !`M|C?b شۇڭا تەۋىسىيە قىلىدىغىنىم چوقۇم كىيىم رەڭگىنى بىرلىككە كەلتۈرەيلى، نىجات باشلىق بارلىق مۇنبەر ئاقساقاللىرىنىڭ قاتتىق ئويلىشىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. ( 8c9 /7h o\3L}Y تېمىنى سەل ئالدىراپ يېزىپ قالدىم ،ئەسلىدە بۇ تېمىى تۆنۈگۈندىن باشلاپ يېزىشنى ئويلاشقان. لېكىن بەزى سەۋەبلەردىن يازمىغانتىم . ئەمدى ئۇنتۇپ كەتكەن نۇرغۇن پىكىرلىرىمنى مۇشۇنچىلىكلا يىغىنچاقلىيالىدىم ، بەلكىم مەزمۇننى تولۇق ئىپادىلىيەلمىگەن بۇلۇشۇم مۇمكىن ، لېكىن مۇنبەرداشلارنىڭ چوقۇم چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. UmclTGn P:aJ# ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ بىر ئۇيغۇر بىز ئۈچۈن توپ ئوينىسا بىز شۇ ئۇيغۇرنىڭ توپ مەستانىسى!!!!!!!!!! Dqe^E%mc *UmI]E{g3( 371 TvZ4 {'2@(^3
ئىشلىتىش بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى kaxkalikدە2012-05-01 15:04يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : 16@);Ot ئۇنداق_بۇنداق دېگىچە ھۇررا كۇلۇپ بىلەن بىرلەشسىلا بۇلدىغۇ FBsn;,3 ئۈزىمىز نىڭ كىيىمى ... ئۇلارنىڭ كىيمى...دېگىچە cD{8|B* 12-چېسلا بىزغۇ پۇتۈن شىنچاڭ پۇتپۇل مەستانلىرىغا ۋاكالتەن ھۇررا تۇلايمىز.... C=VIT*= ھۇررا شىنچاڭدىكى ئەڭ چۇڭ پۇتپۇل مەستانلار كۇلۇب .... {TL +7kiX/