ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ! $[g8j`or!
-`d(>ok
قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم ، مۇنبەرداشلىرىم، ھەممىڭلارغا مەن ئەلبارىستىن ئوتلۇق سالاملار بولسۇن. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ھەلەكچىلىكىدە بۇلۇپ كىتىپ مۇنبەرگە تېما يوللاش ، خەۋەرلەرنى ۋاقتىدا يېڭىلاش قاتارلىق ئىشلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ بولالمىدىم. شۇنداقتىمۇ «توپ تەپكۈچى» ئاكىمىز ۋە بەزى كونا -يىڭى ئەزالارنىڭ كۆيۈنىشى ئاستىدا مۇنبىرىمىزنىڭ خەۋەر يىڭىلىنىش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ قالمىدى.ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيىتسام، كۈنلىرىم شۇنچە ئالدىراش ئۆتسىمۇ يەنىلا ھەپتىدە بىر كۈن ۋاقىت چىقىرىپ بولسىمۇ شەنبە-يەكشەنبىلىك يىغىلىش پائالىيىتىگە ئاكتىپ تەشكىللىنىپ ، مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىپ ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى چۈشىنىش ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشۇپ كەلدىم. مانا بۈگۈن مۇنبىرىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 5 يىللىق خاتىرە كۈنىدە قولۇمنى كۇنۇپكا تاختىسىغا ئۇزىتىپ ئولتۇرۇپتىمەن. مەن بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئورتاقلاشماقچى. بەلكىم پىكىرلىرىم ئۇنچە ئۆتكۈر ياكى كىشىنى قايىل قىلارلىق بولماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى مەن ئەدەبىياتچى ياكى بىر يازغۇچى ئەمەس. لېكىن مەن بىر يۈرىكى ئۇيغۇر ئۈچۈن سوقىدىغان بىر ئوت يۈرەك پۇتبول مەستانىسى!!!!!!!!!!! q.69<Rs
4Vrx9 sA1
ھەممىمىزگە ئايان ، پۇتبول مۇنبىرىمىز قۇرۇلۇپ مانا ھەش-پەش دىگۈچە 5 يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. مەنمۇ مۇشۇ 5 يىل ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن. پۇتبول مۇنبىرى بۇ 5 يىل جەريانىدا مەن بىلەن نۇرغۇن ئىسسىق -سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈردى. كۆڭلۈم يېرىم بولسىمۇ مۇنبەرگە كىرىمەن، خوشال بولساممۇ مۇنبەرگە كىرىمەن. ئىشقىلىپ ئۇ مېنىڭ ئايرىلالماس دوستۇم بۇلۇپ قالدىم. دەسلەپكى تىزىملاتقان ۋاقىتلىرىمدا مەن ئىنتايىن كەم سۆز ، كۆپ گەپ قىلمايىتتىم، ئۇچاغلاردا مۇنبىرىمىزدە پۇتبول بىلىمى كامالەتكە يەتكەن پىشقەدەملىرىمىز كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇنازىرىلىرىنى كۆرۈشمۇ مەن ئۈچۈن بىرخىل ھۇزۇر ئىدى. كېيىن مۇنبەرداشلارنىڭ زال ئىچى پۇتبول مۇسابىقىسىگە (ئۇ چاغلاردىمۇ شەنبە-يەكشەنبىلىك توپ ئويناش پائالىيىتى يولغا قۇيۇلغان) شوربۇلاققا باراتتىم، لېكىن ئۇ يەردىمۇ مۇنبەردىكىلەر بىلەن كۆپ پاراڭلىشىپ باقمىغان. بەلكىم نۇرغۇن مۇنبەر كونىلىرىنىڭ ئېسىدىن چىقىپمۇ كەتكەن بۇلىشىممۇ مۇمكىن. مانا بۈگۈنگە كەلگەندە ، ئاز بولسىمۇ مۇنبەر باللىرىنى قايتا تەشكىللەپ يەنە پائالىيەتلەرنى ئەسلىگە ئەكىلىۋالدۇق، بۇنىڭدىن ئۆزۈممۇ ناھايىتى خوشال. چۈنكى كىشىنىڭ ھاياتىدا ، بۇلۇپمۇ ياشلىق دەۋىرىدە ئەسلىگۈدەك ئەسلىمە قالدۇرالىشى ئۇنىڭ غەلبە قىلغان بىر تەرىپى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. مانا بىز قىلالىدۇق، چۈنكى پۇتبول مۇنبىرى بىزنى بىر يەرگە يىغدى. بىزنى جەم قىلدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز يەنە بىزنى جاھاننىڭ بۇلۇڭ-بۇلۇڭلىرىدىن بىر يەرگە يىققان، بىر يەردە جەم قىلىپ خوشال قىلغان پۇتبول مۇنبىرىگە ، مۇنبەر قۇرغۇچىلىرىغا، باشقۇرغۇچى كاندىداتلارغا رەھمەت ئېيىتماي تۇرالايمىزمۇ؟ شۇنداق دىمەكچىمەنكى ــــــــــ سىلەرگە كۆپ رەھمەت! Jej-b
'c|Y*2@
ئەمدى نەق گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك: Z`lCS
o;
M`kR2NCi
دىيارىمىز پۇتبولچىلىقى ،جۈملىدىن ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خېلى راۋاجلىنىش يولىغا قاراپ ماڭماقتا. ئاۋال مىرەخمەتجان، بارى باشچىلىقىدىكى ئوغلانلىرىمىز جۇڭگۇدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمىگە بېرىپ توپ تېپىپ ، ياتلار قەلبىدە «ئۇيغۇر» دىگەن بىر نامنى نامايەن قىلدى. كىيىن ياش-ئۆسمۈرلىرىمىز يۇقىرى سەۋىيەلىك پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە چېمپيون بۇلۇپ جوڭگۇنى ھەتتا دۇنيانى زىل-زىلگە سالدى. يەنە لىي مەكتەپلەر ئارا لوڭقىسىدا يەنە بىزنىڭ شىر يۈرەك ئەزمەتلىرىمىز جاھانغا بىزنى تونۇتتى. شۇنىڭ بىلەن دىيارىمىزدا پۇتبول قىزغىنلىق تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى. ۋىلايەت ۋە ئوبلاسىتلاردا ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلغان پۇتبول چېنىقىش مەركەزلىرى بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبولنى نەقەدەر سۆيىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى. شۇنداق قىلىپ «غەربى دىيار گوروھى» كۈچ چىقىرىپ قوللاپ ، 4 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ،شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى كوماندىسىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم «شىنجاڭ خەيتاڭ پۇتبول كۇلۇبى» نى قۇرۇپ چىقىپ ئا دەرىجگە ئۆرلەش جېڭىنى قايتىدىن باشلىدى. بۇ قېتىم كوماندىنىڭ قۇرۇلىشى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ، جۈملىدىن بىز ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولدى. نۇرغۇن پۇتبولخۇمار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شىنجاڭنىڭ ، ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ جۇڭگۇ رايونىدا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا بولغان تەلپۈنىشى بەس-بەستە ئەكىس ئەتتۈرۈلدى. شۇنىڭغا ماس ھالدا ئەزىمەتلىرىمىز يېڭىلا باشلانغان جۇڭگۇ ب دەرىجە بىرلەشمىسىدە 2 مەيدان مېھمان مەيداندىكى ئۇتۇق بىلەن قەلىبلەرنى تېخىمۇ ھاياجانغا سېلىۋەتتى. گەرچە بىز نەق مەيدانغا بېرىپ مۇسابىقە كۆرەلمىگەن بولساقمۇ ، لېكىن مۇسابىقە باشلىنىپ ئاخىرلىنىش پۈشتىكى چېلىنغۇچە بولغان ئارلىقتا بىزنىڭ يۈرىكىمىز ئۇلار ئۈچۈن ھۇررا توۋلاپ تۇردى. ئەنە ئۇلارنىڭ ئۇتۇقلىرىمۇ بىزدەك ئوت يۈرەك مەستانىلىرىدىن ئايرىلىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. VT&R1)c
بىرىنجى ئايلانما مۇسابىقىدە ئىچكىردىكى ئاشۇ ئوت يۈرەك مەستانىلىرىمىز مۇساپىنى يىراق دىمەي، يەنىلا بىز ئۇيغۇر ئۈچۈن دەپ نەق مەيدانغا مەدەت بەرگىلى باردى. گەرچە ئۇلارنىڭ سانى رەقىبلەرنى مەستانىلىرى سانىغا يەتمىسىمۇ ، لېكىن يۈرىكىدىن ئۇرغۇپ چىققان مەدەت سادالىرى يەنىلا رەقىبلەرنى يەر چىشلەتتى. چۈنكى مۇسابىقىگە ھۇررا تولاش ئاسان، لېكىن بىزنىڭكىدەك ۋىجدان بىلەن توۋلايدىغانلار يوق دىيەرلىك. ئىككىنجى ئايلانمىدىمۇ يىراقتىن مۇسابىقە كۆرگىلى كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزغا كۆپ تەشەككۈر، چۈنكى ئۇلار مەۋجۇت بولغاچقىلار بىزنىڭ ئەزىمەتلىرىمىز كىشى يۇرتىدا يالغۇز قالمىدى. يەنە 12- ئەزانىڭ يۈرىكىنىڭ ئۇلار بىلەن بىرگە سوقىدىغانلىقىنى ھېس قىلالىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇتۇق قولغا كەلدى، ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى ياشنىدى. }uE8o"q
بۇ قېىمقى ب دەرىجە بىرلەشمىسى بىزشىنجاڭلقىلارنىڭ ، ئۇيغۇرلاېنىڭ قەدىرلەشكە تېگىشلىك ياخشى پۇرسىتى. چۈنكى «غەربى دىيار گوروھى» كوماندىنى قوللاپ قۇرۇپ چىقىپ ھەتتا قازاقىستاندىن تېرىنىر تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىپ بەردى. دىمەك ئۇنىڭ نەتىجە كۆرگىسى بار. قانداق قىلىمىز؟ رەقىبىمىزنى بىر -بىرلەپ يەر چىشلىتىپ ، كوماندا قۇرغۇچى تەرەپنى رازى قىلىشىمىز، ئۇلارغا ئاراق بولسىمۇ «جۇڭگۇ پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسى ــــ شىنجاڭ» دىگەن فورمىلانى ئىسپاتلاپ بېرىشىمىز كېرەك. قانداق ئىسپاتلايمىز ؟ جاۋاپ: پۇتبول مەيدانىدىكى ئىگىلمەس روھىمىز بىلەن جەڭ قىلىپ ئىسپاتلايمىز. بۇنىڭغا نىمىلەر كىتىدۇ؟ جاۋاپ : ئەڭ مۇھىمى بىز ، بىز دەك يۈرىكى ئۇيغۇر، پۇتبول دەپ سوقىدىغان ئوت يۈرەك مەستانىلەرنىڭ قوللىشى ئەڭ كىرەكلىك. شۇنداق بولغاندا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ hp E?
-\`n{$OR
جاۋاپ: YJ`[$0mam
بىز كۈچىمىزنىڭ ئەڭ زور چېكى يەتكۈچە ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئۇلارنى قوللىشىمىز كېرەك. ئىچكىردىكى مېھمان مەيدانغا ئىچكىردىكى ئاشۇ ئاز قىسىم قېرىنداشلىرىمىز كەتتى. لېكىن ماۋۇ ساھىبخان مەيداننىڭ ئىشى ھەممىدىن مۇھىمۇ شۇ . ساھىبخان دىمەك ئۆز ئۆيىمىز دىمەكتۇر. پۇتبول دىگەن بىر ئىس- تۈتەكسىز ئۇرۇش. شۇڭا بۇنىڭدا بىز ئىس تۈتەك چىقارماي قارشى تەرەپ بىلەن جەڭ قىلىمىز، 11 ئەزىمىتىمىز چىملىقتا جەڭ قىلىدۇ، بىز بولساق كۆرۈش سۇپىسىدا جەڭ قىلىمىز. شۇنداق بولغاندا بىز بىلەن ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ كۈچى بىرلىشىدۇ، دە رەقىبىمىز ئاسانلا يەر چىشلەيدۇ. لېكىن بۇنىدا بىزنىڭ ، يەنى بىز مەستانىلەرنىڭ رولى پۇتبولچىلاردىن بەكرەك چوڭ. چۈنكى بىز مەيدان سىرتىدا تۇرۇپ پىسخكا ئۇرىشى قىلىمىز، قارشى تەرەپنى ، «بۇ يەرگە نىمىشقىمۇ كېلىپ قالغانمىز» دىگۈزىۋېتىمىز. مانا بىز گە كېرىكى مانا شۇ. لېكىن بۇنى قانداق ئىشقا ئاشۇرىمىز ؟ eiF!yk?2
PIuk]&L^
جاۋاپ: $e|G#mMd-
بىز ھەممىمىز بىرلا كوماندىغا ، يەنى «شىنجاڭ كوماندىسى» غا مەدەت بەرگىلى بارىمىز . شۇڭلاشقا قانداق قىلىمىز ؟ ئاۋال يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كەلگەن پۇتبول مەستانىسى بۇلىشىمىز ھەممىدىن زۆرۆر . بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىزنىڭ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن سوقىدىغان يۈرىكى بۇلىشى كىرەك. مەن بىلىمەن ھەممىمىزنىڭ شۇنداق بىر يۈرىكى بار، ئۇيغۇ دىسە يەڭنى تۈرۈپ چىقىدىغان. بۇ يەردە نەق بىزنىڭ بۇ قېتىم يەنى 5-ئاينىڭ 12- كۈنى شىنجاڭنىڭ ساھىبخان مەيدانىدا ئوينىلىدىغان مۇسابىقە مۇھىم. 5-ئايدا بىلىشىمچە بىزنىڭ 3 مەيدان ساھىبخان مۇسابىقىمىز بارغۇ دەيمەن. بىز چوقۇم بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ باشقا يەرلىك توپچىلارغا بىزنىڭ ھەيۋىمىزنى كۆرسىتىپ قويىشىمىز كېرەك. لېكىن بىزدە ھازىر بىر مەسىلە مەۋجۇت، شۇنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. gq6C6
)
-9G*3
مەستانىلەر كىيىمى: "9-duDg
B(mxW8y
بۇ مەسىلە خېلى بولدى مۇنبىرىمىزدە ئوتتۇرىغا قويۇلغىلى، ھەتتا ئەنقەر ، ئەسلىمە قاتارلىق مۇنبەر تۆھپىكارلىرىمىز مەخسۇس كىيىم توغرىسىدا تېما يازدى. مەستانىلەر كىيىمىگە چۈشكەن ئىنكاسلارمۇ ھەرخىل بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلەر بىز سېرىق رەڭلىك كىيىمنى ، يەنى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ساھىبخان كىيىمىنىڭ رەڭگىنى ئاساس قىلىشىمىز كېرەك دىيىشتى. يەنە بەزىلەر يەنىلا كۆك رەڭ بولىۋەرسە دىگەنلەرنى بىلدۈردى، بەزىلەر كىيىمگە باسىدىغا شوئار توغرىسىدا پىكىر قاتناشتۇردى، ئاساسلىقى كىيىمگە «ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى» نىڭ گېربى چۈشۈرلۈش بىلەن بىرگە، يەنە نىمىلەرنى بېسىش توغرىسىدا مۇنازىرە كۆپرەك بولدى. بەزىلەر كىيىمنىڭ ئالدىغا «ھۇررا شىنجاڭ » دەپ باسايلى دىيىشتى، بەزىلەر «ھۇررا شىنجاڭ» دەپ باسساق بىزنىڭ كىيىم «ھۇررا» نىڭ كىيىمىگە ئوخشاپ قالىدۇ دىيىشتى، بەزىلەر يەنە «شىنجاڭ» دەپلا بېسىش توغىرىسىدا پىكىر بېرىشتى. لېكىن بۇ خىل لايىھە بىزنىڭ بەزى مۇنبەر باشلىقلىرىمىزگە تازا ياقمىدى. چۈنكى بىز مۇنبەرنىڭ خاسلىقىنى يوقاتماسلىقىىز كېرەك. بىزنىڭ چوقۇم ئۆزىمىگە خاس تەرىپىمىز بۇلۇشى كېرەك. مەن مۇشۇ يەردە شۇنى ئويلاپ قالدىم. ئەجىبا بىز چوقۇم مۇنبەر خاسلىقىنى دەپ كىيىمنىڭ رەڭگى بىلەن خەتلىرىنى شۇنداق قىلىشىمىز كېرەكمۇ ؟ 'A
,&9E{%1
<