r=n{3o+ 7zw0g~+ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!! bp9RF
d{
,K,st+s|
مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بۇ ئىللىق ماكانىمىز 5 ياشقا كىرىپ قاپتۇ ، 2007 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ تا بۈگۈن 2012 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى دەل 5 يىللىق قۇتلۇق كۈننى كۈتىۋېلىپ ئولتۇرۇپتىمىز ، يىللار نېمىدىكەن تېز ئۆتكەن ! نۇرغۇن ئىسسىق - سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ 5 - يىلىغا قەدەم قويۇپ تۇرۇپتۇق ، اللە خالىسا 10 يىل 15 يىل ھەتتا 50 يىلغا قەدەم قويغايمىز ! ;"Gy5
Bz } nP9
مۇشۇ 5 يىل جەريانىدا مۇنبەر ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان جاپاكەش باشقۇرغۇچىلار شۇنداقلا ئىناق ئەزالىرىمىزغا چىن كۆڭلىمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ، سىلەرسىز بۇ 5 يىل مەۋجۇد بولماس ئىدى ! بۇ يەردە شۇ جاپاكەشلەرنىڭ شۇنداقلا ئاشۇ ئىزچىل مۇنبەردىن ئايرىلماي كىلىۋاتقان ئەزالىرىمىزنىڭ ئىسمىنى بىردىن - بىردىن ئاتاپ يۈرمىسەممۇ ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىگە بەش قولدەك ئايان ! يەنە بىر قېتىم سىلەرگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ! TbD
Nksm&{=6S
بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بارلىق دوستلارنىڭ بىرلىكتە ئىناق - ئىجىل ئۆتۈپ ، مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ! چۈنكى بۇ ھەممەيلەننىڭ ئىللىق ماكانى ! _"
9 q(1 o+.L@3RT4
]YI
9 Z4/D38_ مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە مۇنبەر قۇرۇلغاندىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە مۇنبەرنى ئىزچىل قوللاپ كىلىۋاتقان ئەزالارغا ئاددىغىنە بولسىمۇ مۇكاپاتلاش مۇراسىمى قىلىپ بەرمەكچى ، تەپسىلاتى ئايرىم تېما قىلىپ يوللىنىدۇ .