ئاۋۇ نېيىزىر دىگەن توپچىنىڭ قارىشى مىنىڭكى بىلەن ئوخشاشكەن.
=s!0EwDH3 چېلسىي بارسىلونا بىلەن ھۇجۇمغا قارشى مۇداپىيە ئويناپ رەقىبىنى يەڭدى، مىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «پۈتكۈل خەلق» چېلسىينىڭ غەلبىسىدىن خوش بولدۇق ھەم تەبرىكلىدۇق، بارسىلونانىڭ توپ كونتىرول قىلىشى %85 ئەتراپىدا، ئەمما يەڭگۈچى 10 نەچچە پىرسەنت توپ كونتىرول قىلغان چېلسىي، چېلسىينىڭ مۇھىم مۇداپىيەچىسى بولغان تېررىي ئالدىنقى مەيداندىلا قىزىل كارتا بىلەن چۈشۈرۋىتىلگەن،شۇنداقلا بىر توپچىسى يارىلانغانلىقى ئۈچۈن مۇتلەق مۇداپىيە تاكتىكىسىنى قوللاندى، 2009-يىلى چېلسى ئېغىر دەرىجىدە ناھەقچىلىككە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن نىيىترال مەستانىلەرمۇ چېلسىينىڭ مەيلى قانداق ئۇسۇل قوللانسۇن بارسىلونانى يەڭسىلا بولدى دەپ قارىغاچقا ئېنگىلاند كۇلوپلىرىغا يات بولغان پاسسىپ ھۇجۇم تاكتىكىسىنى ئەيىپلىمىدى، مۇنبەردىكىلەرمۇ ھەم شۇنداق. ئىسىمدە قېلىشچە 2010-يىلى مورىنخو يىتەكچىلىكىدىكى ئىنتېر چېلسىيغا ئوخشاش تاكتىكا بىلەن دەل مۇشۇ بارسىلونانى شاللىغاندا خېلى كۆپ قىسىم تورداشلىرىمىز ئىنتېرنى نىمىلەرنى دىمىگەن؟ ئەمما چېلسىينى ئۇنداق دىمىدۇق، سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتكىنىمدەك.
1N(#4mE= نىمىلا بولمىسۇن چېلسىي بار ئاماللارنى ئىشلىتىپ رەقىبىنى يەڭدى، ھەم 2009-يىلىدىكى ئۆچىنى ئالدى. ئەمدىكى گەپ بايرىن بىلەن ئارىياندىكى ھەل قىلغۇچ. ئەگەر چېلسىي ئېنگىلاند كۇلوپلىرىغا ئوخشاش ئويناپ بايرىننى يەڭسە چىن كۆڭلۈمىدن تەبرىكلەيمەن ھەم قايىل بۇلىمەن، ئەمما چېلسىي يەنىلا نوكامپوغا ئاپارغان BRT نى ئارىيانغا يەنە ئاپارسا بايرىن يەڭسۇن ياكى يېڭىلسۇن چېلسىيغا دەيدىغان گېپىم بار
