ئويلاپ بىقىشقا بولىدۇكى ، بارسېلونا راستىنلا مېسىيلام توپ ئۇرىدىكەن . ئوينىغان ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە مېسسىي ئاساسلىق رول سۈپتىدە بارسېلونانىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى بولۇپ قالىدىكەن . مېسسىينىڭ توپ ئويناش ۋە تىخنىكا جەھەتلەردە مەن ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن قايىل ، كىچىك پېئىل پۇتبولچىلارنىڭ بىرى بۇ ، ئۇدا 3 يىل نۇرغۇنلىغان شان - شەرەپلەرگە ئېرىشتى ، بىراق ئۇنىڭدا نە مەغرۇرلۇق نە ئۆزىنى چوڭ بىلىش ئىشلىرى يوق ، پەقەت ئۇنىڭدا ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيتى دەپ قاراپ ، مۇسابىقىلەردە شۇنداق ياخشى نەتىجىلەرنى قازىنىپ كېتىۋاتىدۇ ... ئەگەر ئېرىشكەن بارلىق نەتىجىلەرگە مەغرۇرلىنىپ كەتكەن بولسا ، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرى ھەقىقەتەن تەسكە توختايتتى ... ئەتىكى مۇسابىقە بارلىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمىپيونىنى بەلگىلەيدۇ !