مىدال مەركىزى بانكا تور تېلېۋىزىيىسى
ئەسكەرتىش: بۇ يازما dilhux تەرىپىدىن پۇتبول پاراڭلىرى بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2012-04-13)
eHl)/=' p6c&vEsNj رونالدو 1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسدە 21ياشقا كىرگەن بولۇپ بىرازىلىيە پۇتبول كوماندىسىدەك كۈچلۈك كوماندىدا باشلامچىلىق رول ئويناپ تۆت توپ ئۇرۇپ ئۆزىنى يەنە بىرقېتىم نامايەن قىلغان بولسىمۇ ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىدىكى كەيپىياتى تۇراقلىق بولماسلىقى ، زىدانىدەك كۈچلۈك رەقىبىنىڭ ئارقا ئارقا توپ ئۇرۇپ پەرىقنى چوڭايتىشى رونالدونىىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى كۆتۈرۈش چۈشىنى بەربات قىلىۋىتىپتۇ . رونالدو 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا چۇقۇم خەلقىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىپتۇ . دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى بولۇش كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئارزۇسى بولغاچقا دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى . دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى يىتىپ كىلىش مەزگىلىدە يىڭىلا ئېغىر يارلىنىشتىن قۇتۇلغان رونالدو قايتىدىن كارامىتىنى ئىشكا سېلىپ غۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا سەككىز توپ ئۇرۇپ دۇنيا لوڭقىسىنى ئوڭۇشلۇق قولغا كەلتۈرۈپ بىرازىلىيە خەلقىنى ئالەمچە خۇشاللىقتىن بەھرىمان قىلىدۇ . رونالدو 34ياش ۋاقتىغىچە پۇتبول ساھەسىدە يۇلتۇز بولۇپ چاقناپ مەڭگۈلۈك تاشقى پىلانت ئادىمى دىگەن نامىنى قالدۇرىدۇ