سىز بۇ تېمىنىڭ 2046 - ئوقۇرمىنى
تېما: ئەزىمەتلەر پۇتبول مەستانىللىرى كۇلۇبىغا ئەزا بولۇڭ !
كوماندا باشلىقى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

UID: 7190
جەۋھەر: 5
يازما: 2165
شۆھرەت: 5230 نۇمۇر
پۇل: 498643 سوم
تۆھپە: 70 نۇمۇر
ياخشى باھا: 41 نۇمۇر
توردا: 1087(سائەت)
تىزىملاش: 2008-12-22
ئاخىرقى: 2012-05-25
0  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-07 02:06

ئەزىمەتلەر پۇتبول مەستانىللىرى كۇلۇبىغا ئەزا بولۇڭ !

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ankar528 تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلدى(2012-04-10)
ياخشىمۇ سىلەر ، ئۇيغۇر پۇتبۇل مەستانلىرى!


« ئەزىمەتلەر پۇتبۇل مەستانىللىرى كۇلۇبى » :-  شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن  ھارماي-تالماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ، كەلگۈسى ئۈچۈن كۆرەشش قىلىۋاتقان ۋە قىلىدىغان ئەزىمەتلەر يىغىلغان ،  شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى  دۇنيا پۇتبولچىلىق ساھەسىگە باشلاپ ئىلىپ كىرىش ۋە تونۇتۇش يولىدا ئالدىنقى سەپتە تۇلپار چاپتۇرىۋاتقان ئەزمەتلىرىمىز ئۈچۈن ھۇررا توۋلايدىغان ئەزىمەتلەر يىغىلغان بىر پۇتبول مەستانىللىرى كۇلۇبى .


ئەزمەتلەر  پۇتبۇل مەستانلىرى كۇلۇبىمىز شىنجاڭدىكى كەڭ پۇتبۇل مەستانلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ ، چىچىلاڭغۇ ھالەتنى يوقىتىپ پۇتبۇل مەستانلىرى قۇشۇنىمىزنى تېخىمۇ مۇنتىزىم قىلىش ئۈچۈن ، كەڭ پۇتبۇل مەستانلىرىدىن ئەزىمەتلەر  كۇلۇبىمىزغا رەسمىي ئەزا قۇبۇل قىلماقچى ، شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقى ۋە ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقىنى قوللىغۇچىلارنىڭ كۇلۇبىمىزغا ئەزا بولۇپ ، بىر يەڭدىن قول بىر ياقىدىن باش  چىقىرىپ ، يۇرتىمىز ۋە مىللىتىمىز پۇتبۇلچىلىقىنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشىغا ۋە گۈللىنىشىگە بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز !


ئەزىمەتلەر پۇتبۇل مەستانلىرى كۇلۇبىغا ئەزا بولۇش شەرتلىرى :
1. ئەزىمەتلەر كۇلۇبىغا ئەزا بولۇش شەرتى :
كۇلۇبىمىز غا ئەزابولغۇچىلار  دۆلىتىمىزنىڭ تۈرلۈك قانۇن-نىزاملىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان بولۇش كىرەك.
جۇڭگۇ پۇتبولچىلىقى ، شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقى ۋە ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقنى قوللايدىغان ۋە سۆيىدىغان  بولۇش كېرەك .
2. كۇلۇب ئەزاسىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى :
كۇلۇبىمىزنىڭ بارلىق قانۇنلۇق ئورۇنلاشتۇرىشىغا قۇشۇلىدىغان ۋە بويسۇنىدىغان بولۇش كېرەك .
ئەزىمەتلەر كۇلۇبىنىڭ ياخشى تەرىپىنى تەشۋىق قىلىشى ، ئەزىمەتلەر كۇلۇبىنىڭ يامان گېپىنى  ياكى ئەزىمەتلەر كۇلۇبىغا ماس كەلمىگەن قىلمىشلارنى قىلماسلىقى لازىم ، ھەر ۋاقىت ئەزىمەتلەر كۇلۇبىنىڭ  ئەزالىرى بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇش كېرەك .
ئەزىمەتلەر كۇلۇبىنىڭ ھەرقانداق پائالىيىتىگە قاتناشقاندا بىر تۇتاش كۇلۇب كىنىشكىسى تاقىشى ۋە كۇلۇب مەستانىلەر كىيمىنى كىيىش لازىم .
3. ئەزانىڭ ھۇقۇقلىرى :
ئەزىمەتلەر كۇلۇبىنىڭ ھەرقانداق پائالىيىتىنىڭ پىلانى ، مەزمۇنى ۋە نەتىجىسىنى بىلىش ھۇقۇقى بار .
ئەزىمەتلەر كۇلۇبىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان مۇسابىقە كۆرۈش پائالىيىتى ، كۇلۇب ئەزالىرىنىڭ  پۇتبۇل ئويناش پائالىيىتى ، باشقا ھەرخىل ئەزىمەتلەر كۇلۇبى قاتناشقان پائالىيەتلەرگە قاتنىشى  ھۇقۇقى بار .
ئەزىمەتلەر پۇتبۇل مەستانلىرى كۇلۇبىنىڭ ئەزالىق كىنىشكىسغا ئېرىشىدۇ . ( بۇ كىنىشكە ئارقىلىق بەزى پائالىيەت سورۇنلىرىغا بىلەت ئالماي كىرەلەيسىز ).
ئەزىمەتلەر كۇلۇبىغا ئەزا بولۇپ ئەگەر پۇتبۇل تىخنىكىسى ياخشى بولسا ئەزىمەتلەر پۇتبول كوماندىسىغا كىرىش ئىمتىيازى ئىرىشەلەيدۇ .

4. ئەزىمەتلەر كۇلۇبىغا ئەزا بولۇش ئۇسۇلى ۋە تەرتىۋى

ئەزىمەتلەر  كۇلۇب مۇنبىرىگە  سۆز قالدۇرۇش ئارقىلىق تىزىملىتىش ياكى QQ ياكى ئىلخەت ئادرىسىقا خەت ئىۋەتىش ئارقىلىق تىزىملىتىش .
QQ: 64565657  
EMAIL  : 64565657@qq.com
  
بىرپارچە بىر سۇڭلۇڭ رەسىم تاپشۇرۇش

ئەزىمەتلەر كۇلۇبى ئەزالار جەدۋىلىنى تۇلدۇرۇش  
جەدۋەلنى چۈشۈرۈش ئادرىسى :
http://www.putbol.cn/club/news/2012-04-04/3991.html


كۇلۇب ئەزالىرى چچ توپى : 172236602


كۇلۇب تونۇشتۇرىلىشى : http://www.putbol.cn/club/news/2012-04-04/3987.html
كۇلۇب ئەزالار ئارخىب بىتى : http://www.putbol.cn/club
[ بۇ يازمىنىankar528دە2012-04-08 16:21قايتا تەھرىرل ]
رىۋايەتلىك شەخىس ئاگۇيرۇ
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 9338
جەۋھەر: 0
يازما: 2111
شۆھرەت: 2260 نۇمۇر
پۇل: 222380 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 244(سائەت)
تىزىملاش: 2011-08-04
ئاخىرقى: 2012-05-23
1  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-07 02:14

بۇ  كۇلۇپ  قەيەدە  قۇرىلدۇ  مەن  ئەزا بۇلاي  ئەمسە
[img]] http://tieba.baidu.com/bakan/view?kw=%C2%FC%B3%C7&kid=38008