دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ كەسكىن جەڭلەر !
+/1P^U / |ij W_r خاراكتېرى _______ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ كەسكىن جەڭلەر (1)
0m|
Gp 7U0):11X# نامى : « شىۋىتسارىيدىكى مۆجىزە ! » _____________ گىرمانىيە 3 : 2 ۋېنگرىيە
mjpH)6aD0 qsLsyi |zG ۋاقتى : 1954-يىللىق شىۋىتسارىيە دۇنيا لوڭقىسى [ 1954-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ]
n_5g:`Y 7/Ew(X8Fs
Z6
(;~"Em a{,EX[~b بۇ بەلكىم دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ كەسكىن ئېلىپ بىرىلغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بولسا كىرەك . 1954-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى شىۋىتسارىيە بېرنىنىڭ ۋانكېدوف تەنتەربىيە مەيدانى ، 60 مىڭ پۇتبول سۆيەر مەستانىلەرنىڭ ھازىرغىچە يادىدا ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا « شىۋىتسارىينىڭ مۆجىزە ! » سى بارلىققا كەلگەن . ئىككى ھەپتە ئىلگىرى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقسىدە ۋېنگرىيە [ * ھۇنگرىيە ] كوماندىسى 8-3 يۇقىرى پەرىق بىلەن گىرمانىيە كوماندىسىنى ئۇتقان . بىراق ئۇ مەيدان مۇسابىقە شۇ يىلدىكى گىرمانىيە باش تىرىنىر ھېربىگ نىڭ ھونگرىيەگە بولغان ھيىلىسى بولۇپ ، شۇ مەيدان مۇسابىقىدە گىرمانىيە كوماندىسى نۇرغۇنلىغان زاپاس ، تەجرىبىسى يوق پۇتبولچىلارنى مەيدانغا چىقارغان . بىراق ، 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ، گىرمانىيە سەپ شەكلىدە 5 ناتونۇش چىراي پەيدا بولغان ، بۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ھونگرىيگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ سۇيقەستى ئىدى . كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىدە قەستەن ئۇتتۇرۇپ ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىدە ئۇتۇش بۇ دەل گىرمان تانكىلىرىنىڭ شۇ يىلدىكى ئەڭ ھېيلە - مىكرى ئىدى .
=AGsW ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باشلاندى ! 60 مىڭ تاماشىبىننىڭ كۆزى شۇ مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىدى . شۇ چاغدىكى مەستانىلەر ھامان ۋېنگرىينىڭ چېمىپيون بولۇشىغا ئىشىنەتتى . چۈنكى ، ۋېنگرىيە سەپ شەكلىدە شۇ يىلى ئەڭ نام قازانغان پۇتبولچى - پۇسكاش بار ئىدى . پۇسكاش يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىدە ئىغىر يارىلانغان بولۇپ ، بىراق گىرمانىيە بىلەن بولغان بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن يەنىلا مەيدانغا چىققان . مۇسابىقە باشلىنىپ پەقەت 6مىنۇت بولغاندا « قەيسەر مايور » پۇسكاش بىر توپ ئۇرۇپ ۋېنگرىينىڭ غەلبە دەرۋازىسىنى ئاچىدۇ . 2 مىنۇتتىن كېيىن ، پۇسكاشنىڭ ياردەمچىسى سېبور بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2-0 ئۈستۈنلىكىدە قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ۋېنگرىيە ئوتتەك ئىشەنچ بىلەن لوڭقا ئېلىش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ .
KaZ$!JfT ئەمدى نېمە ئىش يۈز بىرەر ؟ بۇ نۇرغۇنلىغان مەستانىلەر قەلبىدە تۇغۇلغان سۇئاللارنىڭ بىرى. ئەمدى دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك قايتۇرما جېڭى دەل مۇشۇ مۇسابىقىدىن باشلانغان . مۇسابىقە باشلىنىپ 10-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا گىرمانىيە كوماندىسىدىن مورلوك بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1-2 قىلىدۇ . يەنە 8 مىنۇتتتىن كېيىن گىرمانىيدىن يەنە بىر ھۇجۇم قوزغاپ ، بۇ توپنى رائېن ئۇرۇپ كىرگۈزىدۇ . شۇنىڭ بىلەن گىرمانىيە كوماندىسى ۋېنگرىيە كوماندىسى بىلەن تەڭ ھۇجۇمدا ماڭىدۇ . بېرنى جېڭىدىكى يامغۇر سۈيى مۇسابىقىنى تىخىمۇ كەسكىن قىلىۋىتىدۇ . ۋېنگرىيە كوماندىسى نۇرغۇن قىتىم خەتەرلىك ھۇجۇملارنى قوزغايدۇ ، بىراق بۇنىڭ ھەممىسى گىرمانىيە ۋارتارىسى ئۆزىنىڭ ئېسل ئىپادىسى بىلەن بىر تەرەپ قىلىۋىتىدۇ . مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا 6 مىنۇت قالغاندا ، ۋېنگرىيە كوماندىسىنىڭ بىكى رانتوس بىر توپنى كەتكۈزۈپ قويۇپ ، بۇ توپنى گىرمانىيە ھۇجۇمچىسى رائېن تارتىۋالىدۇ . ۋە ۋارتارىغا ناھايىتى چىرايلىق بىر توپ ئۇرىدۇ . 3-2 ! توغرا ، گىرمانىيە كوماندىسى 2 توپ ئارقىدا قالغان ئەھۋالدا ئارقىمۇ - ئارقىدىن 3 توپ ئۇرۇپ چېمپىيونلۇق يولىغا قاراپ ماڭىدۇ . بىراق ، 2 مىنۇتتىن كېيىن پۇسكاش بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئەنگىلىيلىك باش رىپىر بۇ توپنى ئوفسايىت « ئورۇندىن ھالقىپ ئۆتۈش » دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ۋېنگرىيە پۇتبولچىلىرى خىلى ۋاقىتقىچە رىپىر بىلەن تاكاللىشىدۇ . ئەمما ، باش رىپىر مۇسابىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا پۈشتەك چالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن گىرمانىيە كوماندىسى ئۆزىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۈرىدۇ .
K\`L>B. 1 bYYyXM kz@@/DD/9 7^A;.x خاراكتېرى _______ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ كەسكىن جەڭلەر(2)
%}MZWf{ $o?Wum نامى : « ۋېنبۇلى مەيدانىدىكى 120 مىنۇت ! » ______________ ئېنگىلاد 4 : 2 گىرمانىيە
g4cmYg3 Z"
ۋاقتى : 1966-يىللىق ئېنگىلاد دۇنيا لوڭقىسى [ 1966-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ] RUC
V!L
8`XT`H
F2WUG
T%A45BE
V
1966-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋېنبۇلى پۇتبول مەيدانى ، ساھىبخان ئېنگىلاد دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن ۋاقىت . ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئېنگىلاد كوماندىسىنىڭ كۈچلۈك رەقىبى گىرمانىيە كوماندىسى ئىدى . 21 ياشلىق بېكىنبور باشچىلىقىدىكى گىرمانىيە كوماندىسى ئىككىنجى قىتىم دۇنيا لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاتلانغان يىل ! بېكىنبور ھەل قىلغۇچ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بىك ئورنىنى ئوتتۇرا مەيدانغا ئۆزگەرتكەن بولۇپ ، بۇنىڭ سەۋەبى ئېنگىلاد داڭلىق قاتىل ھۇجۇمچىسى بوبى - چارېلتوننى ياخشى مۇداپىئە قىلىش . بۇ ئىككى قاتىل پۇتبولچىنىڭ كۈچ سىنىشى بولۇپ ، كىم يەڭسە شۇ غالىب ئورۇنغا ئۆتەتتى . مۇسابىقە باشلاندى ! مۇسابىقە باشلىنىپ 12-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا ، ئېنگىلاد كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەسىدىن سەۋەنلىك كۆرۈلۈپ، بۇ توپنى گىرمانىيە كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ھاللېر ئۇرۇپ كىرگۈزىدۇ . 1-0 ! گىرمانىيە كوماندىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدۇ . 18-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا ، ئېنگىلاد كوماندىسىدىن ھېسرت بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرىدۇ . 1-1! ئىككىلى تەرەپ بىردىن مۇشلىشىپ بولغاندىن كېيىن ، مۇسابىقە يەنىلا بىر خىل جىمىجىتلىق ئىچىدە ئېلىپ بىرىلىدۇ . بوبى . چارېلتون گەرچە بىر قانچە ھۇجۇملارنى قوزغاپ گىرمانىيە كوماندىسى بىسىم ئەكەلگەن بولسىمۇ ، ئەمما يەنىلا ئوڭۇشلۇق بولماي قالىدۇ . ئېنگىلاد ۋارتارى بانكېسمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك توپتىن بىر قانچىنى توسىۋالىدۇ . پەقەت مۇسابىقە 78-مىنۇتىغا كەلگەندە مەيداننىڭ جىمجىتىلىقى ئاخىرى بۇزۇلىدۇ . ئېنگىلاد كوماندىسى بىر بۇلۇڭ توپقا ئىرىشىدۇ . ئالدىنقى مەيداندا بىر توپ ئۇرغان ئېنگىلاد توپچىسى ھېرسىت خەتەرلىك توپتىن بىرنى تەپكەن بولسىمۇ ، ئەمما بۇنى توپنى توسىۋالىدۇ . بىراق ، چاققان كەلگەن پېتىس پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي يىقىن ئارىلىقتىن بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى ئۆزگەرتىدۇ . پۈتۈن مەيداندىكى ئېنگىلاد پۇتبول مەستانىلىرى خوشاللىقىدىن قىقاس - چوقانلارنى سۈرىدۇ . مۇسابىقە ئاخىرلىشاي دەپ قالغاندا ئېنگىلاد ۋېنبۇلىدىكى پۇتبول مەستانىلىرى ئۆز كوماندىسىغا مەدەت بىرىش ئۈچۈن ناخشا توۋلايدۇ . بىراق مۇسابىقە 89-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا ، ھىرىپ ھالىدىن كەتكەن گىرمان تانكىلىرى بىر ئىختىيارىي توپقا ئىرىشدۇ . ۋېبو ۋارتار ئالدىدا بۇ توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرىدۇ . 2-2 ! /.l8Jb4
دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى تۇنجى قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىلىپ بىرىلغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە دەل مۇشۇنىڭدىن باشلىنىدۇ . پەقەت مۇسابىقە 101-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا ، ئېنگىلاد كوماندىسى ھۇجۇم قوزغاپ ھېرسىت يىراقتىن بىر توپ ئۇرىدۇ . بۇ توپ ۋارتار سىزىقىدىن ئۆتۈپ ۋارتار تۈۋرۈكىگە تىگىپ قاڭقىپ سىرتقا قاراپ كېتىدۇ . مەيدان ئىچىدىكى 22 پۇتبول ئەزاسى باش رىپىرغا قاراپ يۈگۈرەيدۇ . توپ راستىنلا كىرگەنمىدۇ ؟ توپ ۋارتار سىزىقىدىن ئۆتكەنمىدۇ ؟ بىراق ئاخىرىدا باش رىپىر بۇ توپنىڭ ئىناۋەتلىكىنى ئىلان قىلىدۇ . ئەمما گىرمانىيە كوماندىسى بۇ توپقا قايىل بولماي تالاش -تارتىش ئېلىپ بىرىدۇ . توغرا ، ئاشۇ كىرگەن توپ ھازىرغىچە پۇتبول دۇنياسىدا بىر سىر بولۇپ قالدى . 3-2 ! مۇسابىقىدە گىرمانىيە كوماندىسى ئارقىدا قالغان سەۋەبلىك نۇمۇر ئېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ ، ئەمما يەنىلا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ . مۇسابىقە ئاخىرلىشاي دەپ قالغاندا يەنى 120-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا ، ئېنگىلاد كوماندىسى ئۈچۈن مۇشۇ مەيداندا 2 توپ ئۇرغان ھېرسىت يەنە بىر توپ ئۇرۇپ نۇمۇر پەرىقىنى چوڭايتىدۇ . 4-2 ! باش رىپىر پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئېنگىلاد كوماندىسى ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدە رېمىت لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۈرىدۇ . ئېنگىلاد كوماندىسى ئۈچۈن بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قالپاق كەيگەن ھېرسىتمۇ قەھرىمانغا ئايلىنىدۇ . h~)oiT2v
)_N|r$i\
I:l<t*
PI_MSiYQ