سىز بۇ تېمىنىڭ 2572 - ئوقۇرمىنى
تېما: « ئەزىمەتلەر پۇتبول مەستانىللىرى كۇلۇبى » رەسمى قۇرۇلدى .
كوماندا باشلىقى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

UID: 7190
جەۋھەر: 4
يازما: 2161
شۆھرەت: 5176 نۇمۇر
پۇل: 498619 سوم
تۆھپە: 70 نۇمۇر
ياخشى باھا: 41 نۇمۇر
توردا: 1082(سائەت)
تىزىملاش: 2008-12-22
ئاخىرقى: 2012-05-23
0  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-27 12:03

« ئەزىمەتلەر پۇتبول مەستانىللىرى كۇلۇبى » رەسمى قۇرۇلدى .

بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3 يىل بۇرۇن ئۈرۈمچى دىيارىمىزدا مۇنبەر كوماندىسى نامىدا كوماندا قۇرۇلۇپ بىر نەچچە قىتىملىق مەشىق مۇسابىقىلىلرىنى ئوينىدى ، ئۇنىڭدىن كىيىن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن كوماندا تارقىلىپ كەتكەن. يىقىندا يەنە كوماندىنى قايتا تەشكىللەپ قۇرۇش توغرىسىدا گەپلەر چىقىۋاتاتتى ، ئۇمۇ بەزەن بىر سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن روياپقا چىقمىدى .
بۇ يىل قىشتا قەشقەردە زال ئىچى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈش سەۋەبلىك مۇنبەر كوماندىسى نامىدا كوماندا تەشكىللىنىپ بۇ مۇسابىقىغە قاتناشتۇرۇلدى ھەمدە، قىسقىغىنە 3 كۈن ئىچىدە قۇرۇلغان كوماندا 3 مەيدان مۇسابىقىدە 1مەيدان ئۇتۇش بىر مەيدان تەڭلىشىش، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجىگە ئىرىشتى .
ئىشقىلىپ مەيلى قانداقلا نەتىجە بولۇشىدىن قەتئى نەزەر كوماندىمىز يوقلۇقتىن قايتىدىن بارلىققا كەلدى . ئەمدى بۇ كوماندىنى قانداق تەرەققى قىلدۇرۇش ، ۋە ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇرۇش ، يالغۇز بىر-ئىككى ئادەمنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەنلا ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەس ، بۇنداق بولغاندا بۇ كوماندىمۇ ئۇزۇنغا بارماي تارقىلىپ كىتىدۇ . بۇنداق بولۇشىنى مەنمۇ ، سىزمۇ ، شۇنداقلا مۇنبەردىكى بارلىق دوسلار خالىمايمىز ئەلۋەتتە . بەلكى كوماندىنىڭ تىخىدىنمۇ تەرەققى قىلىپ شىنجاڭدىكى نامى بار بىر كوماندا بولۇپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز .
شۇڭا كوماندىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق دوسلارنىڭ بىرياقىدىن قول ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ، مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ « شىنجاڭدا تەسىر دائىرىسى بىر قەدەر چوڭ بولغان پۇتبول مەستانىللىرى كۇلۇبى » قۇرۇشتەك يۈكسەك غايىمىز ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز !!!





ئەزمەتلەر پۇتبۇل مەستانلىرى كۇلۇبىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى



« ئەزىمەتلەر پۇتبۇل كۇلۇبى » :- شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھارماي-تالماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ، كەلگۈسى ئۈچۈن كۆرەشش قىلىۋاتقان ۋە قىلىدىغان ئەزىمەتلەر يىغىلغان ، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى دۇنيا پۇتبولچىلىق ساھەسىگە باشلاپ ئىلىپ كىرىش ۋە تونۇتۇش يولىدا ئالدىنقى سەپتە تۇلپار چاپتۇرىۋاتقان ئەزمەتلىرىمىز ئۈچۈن ھۇررا توۋلايدىغان ئەزىمەتلەر يىغىلغان بىر پۇتبول مەستانىللىرى كۇلۇبى .
« ئەزىمەتلەر پۇتبۇل كۇلۇبى » :- تارمىقىدىكى پۇتبول كوماندىمىز جۇڭگۇ پۇتبولچىلىق ساھەسىدە جۈملىدىن شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىمىزدا يۇلتۇز بولۇپ چاقنىغان ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ئىزىنى باسىدىغان ئىزباسار ئەزىمەتلەر كوماندىسى .
« ئەزىمەتلەر پۇتبۇل كۇلۇبى » :- تارمىقىدىكى كىچىك ئەزىمەتلەر پۇتبۇل تەربىيلەش بازىسى كەلگۈسى جۇڭگۇ پۇتبولچىلىق ساھەسىگە، كەلگۈسى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا يىڭى بىر تارىخ يازىدىغان ، ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەرنى يارىتىدىغان ئەزىمەتلەر تەربىيلىنىپ چىقىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ بولغان بىر پۇتبول تەربىيلەش بازىسى .
« ئەزىمەتلەر پۇتبۇل كۇلۇبى » :- شىنجاڭدىكى بارلىق پۇتبول سۆيەر ئوت يۈرەك مەستانىلەرنىڭ ھەقىقى يۈرەك ساداسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ، ئوت يۈرەك پۇتبول خۇمار ياش ئەزمەتلەرنىڭ ئۆز تالانتىنى جارىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ، پۇتبولچى بولۇش ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ، ھولقاندەك قايناپ تۇرغان پۇتبول ئىشتىياقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يىغىلغان ئەزىمەتلەر ئۈچۈن راسلانغان ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك سورۇن .


« ئەزىمەتلەر پۇتبۇل مەستانلىرى كۇلۇبى » 2012 -يىلى 1-ئاينىڭ 1 –كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان بولۇپ ، قەشقەردىكى بىر قىسىم پۇتبۇل سۆيەر پۇتبۇل مەستانلىرىنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە كۆپ قىسىم قوللىغۇچىلارنىڭ بىرلىككە كىلىشى ئارقىلىق ، شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقى ۋە ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، شىنجاڭدىكى پۇتبۇل مەستانلىرىنى بىر كۇلۇبغا يىغىپ ، مۇنتىزىم ، تەشكىلچان پۇتبۇل مەستانلىرى تەشكىلاتى قۇرۇشنى مەخسەد قىلغان .
« ئەزىمەتلەر پۇتبۇل مەستانلىرى كۇلۇبى» دەسلىۋىدە 30  دەك  پۇتبۇلغا قىزىقىدىغان يىقىن دوسىت بۇرادەر ۋە خىزمەتچىلەرنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان كۇلۇب بولۇپ ھازىر داۋاملىق ئەزا كىڭەيتىش باسقۇچىدا
لىكىن كۇلۇبىمىز مۇناسىۋەتلىك تور بىكىتى 2007- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ھازىر چەتئەل ، ئىچكىرىدە ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يېزا قىشلاقلاردا بولۇپ جەمىئىي10 مىڭغا يىقىن ( كۇلۇب پەخرى ئەزا ) ئەزالىرىمىز بار ، بۇلارنىڭ ئىچىدە سودىگەر، ئوقۇتقۇچى ، دوختۇر ، ساقچى ، ئۇقۇغۇچى ، تىجارەتچى ، دىھقان ۋە باشقا ھەرقايسى ساھەلەردە ئىشچى خىزمەتچىلەر بار . بۇلار مەيلى قايسى خىزمەتتە قايسى جايدا بولسۇن يۇرتىمىزنىڭ ، مىللىتىمىزنىڭ پۇتبۇلچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۋاتقانلار ، بۇلارنىڭ مەقسىتىمۇ يۇرتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى ئۈچۈن بولۇپمۇ يۇرتىمىز ۋە مىللىتمىز پۇتبۇلچىلىقىغا تىگىشلىك كۈچىنى چىقىرىشتۇر .
« ئەزىمەتلەر پۇتبۇل مەستانلىرى كۇلۇبى » يوقتىن بارلىققا كەلدى، كىچىكتىن زورىيىشقا قاراپ مىڭىش ئالدىدا . كۇلۇبنىڭ تەسىر دائىرىسى ،پۇتبۇل ساھەسىدىكى ئورننى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىش ، ھازىر شىنجاڭدىكى پۇتبۇلچىلار ۋە پۇتبۇل مەستانلىرى ئارىسىدا ئۆزگە چۇشلۇق نام ئابرويى بار بىر كۇلۇب قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئەزمەتلەر كۇلۇبىنىڭ ئەڭ ئالى نىشانى .

«ئەزىمەتلەر پۇتبۇل مەستانلىرى كۇلۇبى » نىڭ شۇئارى –شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن پۇتبول تىپىۋاتقان ئەزىمەتلەر ھۇررا !
دىمەكچى ، « ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى » شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن ، ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ، جان پىدا قىلىپ پۇتبۇل ئوينىغان ھەرقانداق پۇتبۇلچى ئەزىمەتنى قوللايدۇ ، ئەتىۋارلايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھۇررا توۋلايدۇ .

«ئەزىمەتلەر پۇتبۇل مەستانلىرى كۇلۇبى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك تور بىتى بار بولۇپ ، تور ئادرىسى : www.putbol.cn « ئەزىمەتلەرپۇتبول مەستانىللىرى كۇلۇبى » تور بىكىتى :- خەۋەر سىستىمىسى ، ئۇچۇر سىستىمىسى ۋە مۇنبەر سىستىمىسى ئارقىلىق شىنجاڭ ، ئىچكىرى ۋە چەتئەللەردىكى كەڭ پۇتبۇل مەستانلىرىغا توغرا ، تۇلۇق بولغان پۇتبۇل خەۋەرلىرى ۋە ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈپ ، يۇرتىمىز پۇتبۇلچىلىقىنى دۇنياغا تۇنۇتۇش بىلەن بىرگە ، دۇنيا پۇتبۇلچىلىقىنىمۇ يۇرتىمىزدىكى كەڭ پۇتبۇل مەستانلىرىغا تۇنۇتۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ.

«ئەزىمەتلەر پۇتبۇل مەستانلىرى كۇلۇبى » مىز قارمىقىدە يەنە قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىدە «ئەزىمەتلەر پۇتبۇل كوماندسى »مۇ بار بولۇپ ، ھازىرچە قەشقەردىكى كوماندىمىزدا 30 غا يېقىن پۇتبۇلچى بار بولۇپ ، ئەزالىرى ئاساسلىقى ئۇقۇغۇچى . خوتەندىكى تارماق كوماندىمىزدا 20 گە يىقىن ئەزا بار بولۇپ بۇلارنىڭ كۆپ قىسمىمۇ ئوقوغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن . بۇ كوماندىللىرىمىزنى ياخشى تەرەققى قىلدۇرۇپ بۇنىڭدىن كىيىن ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە ئۆتكۈزىلىدىغان ھەرقانداق مۇسابىقە بولسا قاتناشتۇرۇش پىلانىمىز بار .

كۇلۇب ئەزالىرى ۋە كوماندا ئەزالىرىنىڭ تەپسىلى ئەھۋالى رەسمى ئارخبلاشتۇرۇلغان ، يەنى كۇلۇب ئەزالىرى ۋە كوماندا ئەزالىرىغا كىنىشكە بىجىرىپ بۇ ئەزالارغا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقى بىر مۇنتىزىم تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرشقا تىرىشتۇق .
بۇنداق بولغاندا ئەزالار « بىز ئەمدى مۇشۇ ماكاننىڭ رەسمىي ئەزاسى بولدۇق » دىگەن تۇيغۇدا باشقا كوماندىلارغا ۋە باشقا كۇلۇبلار ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ . بۇ كۇلۇب ئەزالىرىنىڭ ۋە كوماندىمىزنىڭ تارقىلىپ ، چىچىلىپ كەتمەسلىكى ، ئۈزىلىپ يوقاپ كەتمەسلىكىگە ئىنتايىن ئاكتىپ رول ئوينايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا بەزى مەشىق مەيدانىرىغا ۋە بەزى كۇلۇب پائالىيەت سورۇنلىرىغا مۇشۇ كىنىشكە ئارقىلىق كىرىش يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا كۇلۇبىمىزنىڭ ھەقىقى بىر مۇنتىزىم تەشكىلاتچانلىق ئورنى مۇستەھكەملىنىدۇ .

مۇنبەر ئارخىب بىتى جىددى ئىشلىنىۋاتىدۇ ،كۇلۇب ئەزالىرى ۋە كوماندا ئەزالىرىنىڭ تەپسىلى خەۋەرلىرى مۇشۇ بىر-ئىككى ھەپتە ئىچىدە تورداشلارغا خەۋەرلەندۈرىلىدۇ .

«ئەزىمەتلەر پۇتبۇل مەستانلىرى كۇلۇبى»:- شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقىنى قانداق قىلغاندا تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ ؟ قانداق قىلغاندە مۇكەممەل بىر كەسپى پۇتبۇل كۇلۇبى قۇرغىلى بولىدۇ ؟ قانداق قىلغاندا شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقىنى تۈپ يىلتىزىدىن سەۋىيىلىك ، سىستىمىلىك قىلغىلى بولىدۇ ...قاتارلىق شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا كۈنسىرى ئىزدىنىپ ، سىرتقى ئامىللاردىن تۇلۇق پايدىلىنىپ ، يۇقىرى سەۋىيىلىك پۇتبۇل دۆلەتلىرى ۋە رايۇنلىرىنىڭ پۇتبۇل نەزىرىيە ۋە ئەمىلىي بىلىملىرىنى ئۈگىنىپ ۋە كەڭ پۇتبۇلچىلار ، پۇتبۇل مەستانلىرىغا كەڭ تارقىتىپ ، شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىق مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز ، ھەمدە كەڭ خەلق ئاممىسىغا پۇتبۇل ئارقىلىق تەن ساغلاملاشتۇرۇشتىن باشقا يەنە بىيىشقا ، تەرەققىي قىلىشغا يۈزلەنگىلى بولىدىغانلىقىنى ، شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقىنى ، ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقىنى دۇنيا تۇنۇتقىلى بولىدىغانلىقىنى تۇنۇتۇشقا ۋە بىلدۈرىشكە تىرىشىمىز .
ئاخىرقى نىشانىمىز شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇنتىزىم ، ئەڭ مۇكەممەل ۋە تەسىر دائىرىسى ئەڭ چوڭ بولغان پۇتبۇل مەستانلىرى كۇلۇبى ۋە سىستىمىلىق ، كەسپى بولغان پۇتبۇل كوماندىسى قۇرۇپ ، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى جۇڭگوغا ، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ۋە تونۇش ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز !



بۇيىل 7-8 ئايلار ئەتىراپىدا قەشقەردە تەسىر دائىرسى بىر قەدەر چوڭ بولغان يەنە بىر قىتىملىق « پۇتبول مۇسابىقىسى » ئۆتكۈزۈلمەكچى ،شۇڭا يازدىكى قەشقەردە ئۆتكۈزىلىدىغان مۇسابىقىگە « كۇلۇب كوماندىسى » نامىدا يەنە مۇسابىقىگە قاتناشتۇرماقچى . قەشقەردىكى كوماندا ئەزالىرى ھازىردىن باشلاپ كۈندە مۇشۇ مۇسابىقە ئۈچۈن تەييارلىق مەشىق قىلىۋاتىدۇ . بۇ باللارغا ئىزچىل مەشىق قىلىدىغان مەيدان شارائىت ھەم تىرنىر بار ، پەقەت مۇسابىقىلا بولسا بولىدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خوتەندە ئۆتكۈزىلىۋاتقان « خوتەن بىرلەشمىسى » نىڭ 3- قىتىملىق مۇسابىقە پەسلىگە خوتەندە قۇرۇلغان تارماق كوماندىمىزمۇ قاتنىشىدۇ . بۇ باللارنىڭ ياخشىللىرى يازدا ئۆتكۈزىلىدىغان قەشقەردىكى مۇسابىقىغە تەكلىب بىلەن قاتنىشىشى مۇمكىن .
ئەمدى مەن ئويلايمەن كوماندىمىزنىڭ نامىنى تارىتىش ئۈچۈن يالغۇز بۇ كوماندىغىلا قاراپ قالماي ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەيلى كىچىك بولسۇن ، مەيلى چوڭ بولسۇن « كۇلۇب تارماق كوماندىسى » نامىدا تارماق كوماندا تەشكىللىسەك دەيمەن .
مەيلى چوڭ مۇسابىقىلەر بولسۇن بولمىسۇن ، « پۇتبول كۇلۇبى كوماندىسى » دىگەن نام بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىر كوماندا بولسا ، مەيلى كىچىك بولسۇن ، مەيلى چوڭ بولسۇن ، پات-پات مەھەللىۋى خاراكتىردىكى مەشىق مۇسابىقىلەر بۇ كوماندا نامىدا ئوينىلىپ تۇرسا ، مەشىق مۇسابىقە خەۋەرلىرىمۇ مۇنبەرگە يوللىنىپ تۇرسا ، كوماندىمىزنىڭ نامىنىڭ تەشۋىق قىلىنىشى تىخىدىنمۇ كەڭ دائىرلىك بولىدۇ . كەڭ خەلق ئاممىسى كوماندىمىزنى تونىسا قوللايدىغانلارنىڭمۇ دىققەت ئىتىبارىنى ئىتتىگرەك تارتقىلى بولىدۇ . بۇ ئىش ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىيات ئىشلىرىمىز ئۈچۈن زور پايدىسى بار ، ( بەلكىم ۋالايەت دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشپ ياخشى نەتىجىلەر بىلەن كوماندىمىز نامىنى چىقارساق مەبلەغ سالغۇچى كارخانىلارنى جەلىپ قىلىشىمىز مۇمكىن .)
بولسا ھەممە ۋىلايەتلەردە بىردىن ئادەم باش بولۇپ مۇشۇ ئىشنى باشلىۋالساق ، مانا خوتەن بىرلەشمىسىگىمۇ خوتەن تارماق كوماندىمىزنى قاتناشتۇرىۋىلىش ئالدىدا ، باشقا شەھەرلەردىمۇ مۇشۇنداق بىرلەشمىلەر باشلىنىپ قالسا كوماندا قاتناشتۇرساق ، كوماندىمىزنىڭ نامىنى تىخىدىنمۇ كەڭ دائىرلىك تارقاتقىلى بولىدۇ .
ھازىرچە بەك چوڭ ئۇلۇغۋار ئىشلانى ئويلاشماي تۇرساقمۇ، مىنىڭ ئويلايدىغىنىم ئەڭ مۇھىمى « كۇلۇب تارماق كوماندىسى» نامىدا ئىلى ، ئۈرۈمچى ، ئاقسۇ ، قەشقەر ،خوتەن رايونلىرىدا كوماندا نامىمىزنى روياپقا چىقىرىۋالساق ، پەقەت شۇ كوماندىللىرىمىز كوماندا نامىدا ھەپتىدە بىرەر قىتىممۇ بولسا يىغىلىپ ( ھىچ بولمىغاندا شەنبە ، يەكشەنبە كۈنى ) كىچىك دائىردىكى مەشىق مۇسابىقىللىرىنى ئويناپ تۇرسا دىگەن ئۈمۈدتىمەن .
شەنبە ، يەكشەنبە دەم ئىلىش كۈنلىرى ھەقىچان بىكارچىلىقتا ئۇ-بۇ ئىشلار بىلەن ئۆتسىمۇ ئۆتىدۇ، شۇ ۋاقىتلاردا بىرەر ۋاخ يىغىلىپ توپ ئويناپ بەدەن چىنىقتۇرۇش ياخشى بولغان ئارام ئىلىش ئۇسۇلى .
ئۈرۈمچىدە ئالى مەكتەپلەردە ئوقىۋاتقان ئوقوغۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس ، پەقەت مۇشۇ باللاغا يىتەكچىلىك قىلىپ ، مايەرگە كىلىڭلار ، يىغىلىپ توپ ئوينايلى دەپ تەشكىللەيدىغان ئادەم بولسىلا باللار چوقۇم يىغىلىدۇ ، ھەپتىدە مۇشۇنداق ئىككى كۈن توپ ئويناشنى ئىزچىللاشتۇرساق ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى تەتىل مەزگىلىدە كۈندە يىغىلىپ توپ ئويناپ تۇرۇشنى ئىزچىللاشتۇرساق كوماندىمىزنىڭ تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ .
كوماندا قۇرۇلغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا مەلۇم بىر ئادەم باش بولۇپ يىتەكچىلىك قىلمىسا بولمايدۇ ، ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ئىگىسى چىقمىسا ئۇ ئىش يۈرۈشمەي شۇجايىدىلا قالىدۇ .
ئىگە بولىدىغان ئادەم چىقمىسا باللار چىچىلىپ كىتىدۇ ، ھەر ھەپتىسى كەلگەن باللارنى ، مايەگە يىغىلىڭلار ، مانداق ئوينايمىز دەپ تەشكىللەپ تۇرىدىغان تەشكىللىگۈچى ئەڭ مۇھىم ، مۇنبىرىمىزدىن بۇرۇن « شامشاد » « بۇغرا » ،،،،،ياخشى تەشكىللىگۈچى باللار چىققان ، ئىشىنىمەن بۇنىڭدىن كىيىنمۇ يەنە مۇشۇنداق قابىل تەشكىللىگۈچىلەر چوقۇم چىقىدۇ .
يىلدا ئىككى تەتىلدە مۇمكىن بولسا كۇلۇب ئەزالىرىنىڭ يىغىلىش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرساق ، يىغىلىشتا ھەرخىل ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرساق دەيدىغان ئۈمۈدتىمەن .
مىنڭچە بۇ ئىشلارنى قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ .




بۇ قۇت بەلگللىرىنى ھازىرچە ماۋۇ تىمىغا قويۇپ باقتۇق ، قۇت بەلگىسى ياساۋاتقانلار ياساۋىرىڭلار، ئاخرقى تاللاشنى مۇنبەردە ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق بىكىتىپ چىقىمىز .
[ بۇ يازمىنىankar528دە2012-05-03 22:49قايتا تەھرىرل ]
شۇ كۈنلەرنى تېخى ئۇنۇتمىدۇق...
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

UID: 9027
جەۋھەر: 4
يازما: 943
شۆھرەت: 1877 نۇمۇر
پۇل: 5731 سوم
تۆھپە: 151 نۇمۇر
ياخشى باھا: 41 نۇمۇر
توردا: 397(سائەت)
تىزىملاش: 2011-05-10
ئاخىرقى: 2012-05-23
1  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-27 12:18

مۇبارەك بولسۇن ئالقىشلار ياڭرىتىلسۇن...........
شۇ كۈنلەرنى تېخى ئۇنۇتمىدۇق...
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

UID: 9027
جەۋھەر: 4
يازما: 943
شۆھرەت: 1877 نۇمۇر
پۇل: 5731 سوم
تۆھپە: 151 نۇمۇر
ياخشى باھا: 41 نۇمۇر
توردا: 397(سائەت)
تىزىملاش: 2011-05-10
ئاخىرقى: 2012-05-23
2  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-27 13:45

ئۈرۈمچىدىكىلەرمۇ بەك بوشاڭلىق قىلىۋاتىمىز، ئىلگىرى شور بۇلاققا بېرىپ ئانچە-مۇنچە ئويناپ قويىدىغان، ھازىرچۇ؟  كىچىك بولسىمۇ بەك قىززىيتى، مەكتەپلەرگە يىغىلىپ ئوينايلىدىسەك، مۇشۇ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پۇتبول مەيدانىغا كىرگۈزمەي     ئەتىۋارلاپ كىتىشى. قوتور مەيدانىنى ... شۇنداق ھەيرانمەن، نەچچە مىليون خەجلەپ مەيدان سالىدىكەن، باللىنى كىرگۈزمەي ، توۋا دىمىسە بىكا!!!!         ئۈرۈمچىدە مۇشۇ ئىشنى تەشكىللەيدىغانلار بولسا ، ھەر ھەپتىدە بىرە كۈن بولسىمۇ توپ تەپسەك بولاتتى