ئىلتىماسىڭىزنى قۇبۇل قىلدۇق، ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىنى ، تىلىمىزنى قەدىرلەيلى دىگەن گەپ خاتا ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىكىمىزدىن تارتىپ يېزىپ ، ئوقۇپ، كۆرۈپ چوڭ بولغان يېزىق، ئوخشىمايدىغان يېرى پەقەت كومپىيوتىردا باسىمىز خالاس، تېما ، ئىنكاسلارنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن بىر ئوقۇۋەتسىڭىز ،خاتالىقلىرىنى ( ئىملا خاتالىقىنى ) بىر تۈزىتىۋەتسىڭىز ، ئىشىنىمەن كۆڭلىڭىز چوقۇم ئاغرىمايدۇ ، مۇشۇ تېمىڭىزنى توختاخۇن بىر تەھرىرلەپتۇ ، ئەسلى ئۆزىڭىز تەھرىرلەيدىغان ئىش ئىدى ، يېزىقىمىزغا ئەستائىدىل مۇئامىلە قىلسىڭىزلا ھۆرمىتىڭىز چوقۇم ئاشىدۇ .
