قۇتلۇق باشلانغان بىر يىل چىقىپ كىتىش ئالدىدا دىيارىمىز تەنتەربىيە ساھەسىدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى بىر قۇر ئەسلەپ كۆرگىنىمىزدە، مەيلى ۋاسكىتبول،بوكىس ،پۇتبول ۋە باشقا تۈرلەردە بولسۇن قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىدو.مەيلى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزغا شان شەرەپ ئىلىپ كەلگەن مىداللار بولسۇن، ۋە ياكى ئىلگىرى ئىزچىل دىققەت-ئىتبارىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ كەلگەن،ئەمما بۈگۈنكى كۈندە پۇتبول جەھەتتە مول تالانىتلىقلار مەنبەسىلىكى بىلەن بارا -بارا پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇپۇزلۇق تەنتەربىيە ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىپ، دىيارىمىز تەنتەربيەسىنىڭ كۈچلۈك ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكنى پۈتۈن مەملىكەتكە نامايان قىلىپ كىلىۋاتقان پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ بىر تۈر دىيارىمىزنىڭ پۇتبولدىكى ئەۋزەلىكى ئورنىنى ،ماھىرلىرىمىزنىڭ يەنە كەلگۈسى ئىستىقبالىنىڭمۇ ئىنتايىن پارلاق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. بۇ بىر يىل ئىچىدە ئارقىمۇ-ئارقا جۇڭگۇنىڭ ھەرقايسى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە بولسۇن ياكى دۆلەتلىك ئولىمپىك كۇماندىسى، شۇنداقلا دۆلەتلىك ياشلار كۇماندىسىدا ئۆزلىرىنىڭ يىتىلگەن ماھارەتلىرى،يۇقىرى بولغان تىخنىكا-ساپاسى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇتبول مەستانىللىرىنىڭ قەلبىدە ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى تېپىپ، شۇ ئاساستا تىگىشلىك ئىززەتكە ئىرىشكەن ماھىرلىرىمىز دىيارىمىزنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىدىكى ئاۋانگارىتلارغا ئايلىنىپ، پۇتۇن مەملىكەتتىكى دىيارىمىزنى تولۇق چۈشىنىپ كىتەلمەيدىغان نۇرغۇنلىغان پۇتبول مەستانىلىرىغا پۇتبول ئارقىلىق دىيارىمىزنى تەشۋىق قىلىدى ۋە چۈشەندۈردى. بۇ ماھىرلارنىڭ تۇساتتىنلا مۇسابىقە مەيدانى ۋە تارقىتىش ۋاستىللىرىدا پەيدا بولۇپ،ئىنتايىن تەستە كەلگەن پۈرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق ياراتقان نەتىجىلىرى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دىيارىمىز ھەققىدىكى ئىنىقسىزچۈشەنچىللىرىنى پۇتبول مەستانىللىرنى مەركەز قىلغان ئاساستا تۈزىتىشكە بولغان رولىمۇ ئىنتايىن چوڭ بولدى.مۇشۇ نوقتىدىن ئىلىپ ئىيىتقاندا بۇلارغا نۇقۇل پۇتبول ماھىرلىرى نۇقتىسىدىن تۇرۇپ باھا بىرىش بىر تەرەپلىمە قاراش بولۇپ، ئۇلار پۇتبول مەيدانىدىن ئىبارەت بۇ سەھنە ئارقىلىق دىيارىمىزنىڭ قىممەتلىك تەشۋىقات ئەلچىللىرىگە ئايلانغىنىدەك تۆھبىسىنى ئالاھىدە تەكىتلەش ۋە ئىتراپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئەمدىلا ئىچكىرىنىڭ ، بولۇپمۇ جۇڭگۇ بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ بۇسۇغىسىدىن پۇتىنى ئالغان ماھىرلىرىمىز تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ،ئۆزلىرىگە ناتونۇش بولغان مۇھىت ئىچىدىن ياشاش مۇھىتى يارىتىپلا قالماي يەنە بۇ مۇھىتتا پۇت تىرەپ ئۆزلىرىگە ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقى ئىقتىدارىغا نىسبەتەن گۇمان ۋە باشقا قاراشتىن خالى ئەمەس كىشىلەرنىڭ ھۆرمەت قايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاخىرى ئېتراپ قىلىنىش، تىگىشلىك ھۆرمەتنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەنلا قانائەتلەنمەي يەنە ئۇلار ئارىسىدىكى رايۇنسىز، چىگراسىز پۇتبولغا ھۆرمىتى بار مەستانىلەرنىڭ قەلبىدىكى چولپانغا ئايلىنىپ، دىيارىمىز ۋە ئىچكىرىدىكى ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىكى پۇتبول مەستانىلەرنىڭ مىللەت چىگراسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئورتاق ھالدا ھەممىمىزنىڭ قەلبىمىزنى پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ كۆۋرۇك ئارقىلىق بىر نوقتىدا كىسىشتۇرەلىگەن ھەمدە مۇشۇ نوقتىدا تۇرۇپ،بىر بىرىمىزگە ئىشەنىچ بىلەن كۇلۇمسىرەش ئارقىلىق پۇتبولنىڭ سىھرى كۈچىنى يەنە بىر قىتىم ھىس قىلدۈرالىغان قەھرىمانلارغا ئايلاندى. ھەمدە پۇتبول مەيدانى ئارقىلىق ئۆز-ئارا چۈشىنىش پۈرسىتىنى يارىتىپ بەردى.
FO^24p بىر پۇتبول ماھىرىنىڭ تەۋەلىكى تەنتەربىيە ساھىسىدىكى باشقا ماھىرلارغا قارىغاندا كۆپ ھاللاردا قوش تەۋەلىككە ئىگە بولغان بولىدو. پۇتبول ماھىرى ئالدى بىلەن ئۆزى تونۇلغان ۋە توپ تىپىۋاتقان رايۇندىكى كۇلۇپقا تەۋە بولغاچ، شۇ كۇلۇپنىڭ توپ مەستانىللىرى ئالدى بىلەن شۇ پۇتبولچىنىڭ ئەڭ يىقىن قوللىغۇچىللىرى بولۇپ قالدو. ئاندىن قالسا مەلۇم پۇتبولچى تۇغۇلغان ياكى پۇتبول تەربىيىسىنى ئالغان يەرگە تەۋە بولىدو. مەلۇم پۇتبولچى تۇغۇلغان يەردىكى پۇتبول مەستانىلىرىمۇ شۇ ماھىرنىڭ باشقا رايۇن ۋە كۇلۇپلاردىكى ئىپادىسىگە يىقىندىن دىققەت قىلىپ، شۇ ماھىرنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئۇ توپ ئويناۋاتقان كۇلۇپنىڭ مەستانىسى ۋە قوللىغۇچىسىغا ئايلىنىدو. شۇنىڭ بىلەن تونۇلغان بىر پۇتبول ماھىرى رايۇن، مىللەت،ئىرىقى، كۆز قارشى،ئۆرپ-ئادىتى ئوخشىمىغان،ئەمما پۇتبولغا بولغان ھۆرمىتى ئوخشاش بىر توپ كىشىلەرنىڭ ھىسياتىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغۇچى،بىر بىرىنى چۈشەنگۇچى كۆۋرۇككە ئايلىنىدو. بۇ ماھىر ئىرىشكەن شەرەپتىن ھەممە تەرەپ ئورتاق ھالدا ئۆزگە تەۋە بولغان خۇشاللىقنى تاپالايدۇ. بۇنداق خۇشاللىق2011-يىلى دىيارىمىزدىكى پۇتبول مەستانىلىرىغىمۇ ئوبدانلا نىسىپ بولدى. دىيارىمىزدىن يىتىشىپ چىققان ماھىرلاردا بۇخىل قوش تەۋەلىك تولىمۇ ئىنىق گەۋدىلەندى. ئىچكىرىدىكى توپ تىپىۋاتقان ھەر-بىر ماھىرنىڭ توپ مەستانىللىرى بىلەن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدىكى كۆرۈشىشلىرى، مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزگەندىن كىيىن توپ مەستانىللىرىنىڭ ئىسىملىرىنى تولۇق تەلەپپۇز قىلالمىسىمۇ پۇتۇن مەيداندا ماھىرلىمىزنى چاقىرغان سادالارنىڭ خۇددى كەلكۇن ئىلىپ كەلگەن سۇرەن شاۋقۇندەك مۇسابىقە مەيدانىنى قاپلىشى، مۇسابىقىدىن كىيىن بەس-بەستە ئىمزا قويغۇزۇشلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرى بىلەن ماھىرلىرىمىز ئوتتۇرسىدىكى رىشتىنى كۈچەيتكەن بولسا،مەيدان سىرتىدا يەنە تىلۋىزۇر، تور ئارقىلىق ماھىرلىرىمىز قاتناشقان مۇسابىقە ۋە پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىپ كىلىۋاتقان دىيارىمىز پۇتبول مەستانىللىرى بارا-بارا ئۆزلىرىگە ناتونۇش بولغان يىڭى بىر بىرلەشمە مۇسابىقىگە ئىشتىياق باغلاشتى. مۇشۇ ئاساستا 2011-يىلى جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ۋە ئا دەرجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقە يىڭىدىن بىر تۈركۈم توپ مەستانىللىرى ۋە تاماشىبىنلار توپىنى كۈتىۋالدى. ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭدىكى توپ مەستانىللىرى ئىدى. ئىلگىرى دىيارىمىز توپ مەستانىللىرى ئارىسىدا جۇڭگۇنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنى تىلۋزوردىن كۆرىدىغانلار بىر قەدەر ئاز بولۇپ، ئەمما 2010-ۋە 2011-يىلى بىر تۈركۈم دىيارىمىز ماھىرلىرىنىڭ ئىچكىرى كۇلۇپلاردا پەيدا بولىشى بىلەن بۇ ماھىرلارغا مەدەت بەرگۈچىلەر بۇ ماھىرلار تۇرۇشلۇق كۇلۇپلارنىڭ مەستانىللىرىغا ۋە جۇڭگۇ پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقلىرىنىڭ قىزغىن تاماشىبىنلىرىغا ئايلاندى.ئەمما مەركىزى تىلۋىزىرىيە ئىستانسى ۋە بىر قىسىم سۇنئى ھەمرا قاناللىرى بۇ مۇسابىقىلەرنى ئۇلاپ تارقىتىشنى ئۈستىگە ئالمىغان بولغاچ، تور ئارقىلىق يىگىتلەرنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈش بىردىنبىر تاللاش بولۇپ قالدى. مۇشۇ مۇسابىقىلەرنى توردىن ئۇلاپ تارقىتىدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنىڭ يىگىتلەر مەيدانغا چىققان كۈنىدىكى چىكىلىش سانى شىددەت بىلەن ئىشىپ بىرىپ دىيارىمىزدا دىيارىمىز ماھىرلىرىنى قوغلىشىپ، ئۇلارتوپ تىپىۋاتقان كۇلۇبىنىڭ مۇسابىقىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا جۇڭگۇ پۇتبول بىرلەشمىسىنى كۆرۈشدەك ئاجايىپ يىڭىچە كەيپىيات مەيدانغا كەلدى. مۇنداقچە ئىلىپ ئىيىتقاندا جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى دىيارىمىز يىگىتلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان ياخشى بىر سەھنە ھازىرلاپ بەردى. بۇ پۇتبولچى يىگىتلەر بولسا بىرلەشمە مۇسابىقە ۋە ئۆزلىرى توپ تىپىۋاتقان كۇلۇپلار ئۈچۈن سانى مەلۇم كۈلەمنى ئىگەللىگەن تاماشىبىنلار توپىنى ئەگەشتۇرۇپ كەلدى. ۋە بىرلەشمە مۇسابىقە،كۇلۇپلارنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ دىيارىمىزدىكى تىخىمۇ كىڭىيىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى.
/j
%_t بۇ يىللىق جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە ياكى «ئا» دەرىجىلىك مۇسابىقىدە بولسۇن، مەيلى يىڭى ماھىرلىرىمىز ياكى بۇرۇنلا پۇت تىرەپ بولغان ماھىرلىرىمىز بولسۇن ماھارەت جەھەتتە زور ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي يەنە تولىمۇ تەسىرلىك ھىكايىلەرنى ياراتتى. ياكى شۇ ھىكايىلەردە باش روللارنى ئالدى. بۇ ھىكايىلەر بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا قارچۇغىمىزدا قاتقان سۇرەتلەر كەبى بىر بىرلەپ نامايان بولىدۇ.
k+txb? بىرىنجى سۈرەت.
.b~OMTHuvM 2011-يىللىق جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى يەنى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى خۇنەن كۇماندىسى بىلەن چوڭچىڭ كۇماندىسى مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقە ئاياغلىشىپ مەيداندىن ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ ماھىرلىرى ئايرىلىشقا باشلىدى . نىمىشقىدۇر ئەكرەم يىشىل چىملىق مەيدانغا قاراپ ئۇنسىز تۇرۇپ كەتتى.ئۇ تۇرغان يەر بىلەن مەيدان سىرتىنىڭ ئارلىقى ئىككى قەدەممۇ كەلمەيتتى. سىنئالغۇ ئەكرەمگە توغرىلاندى. ئۇنىڭ مۇڭ باسقان چىرايدا ئاجايىپ بىر خىل ھىسيات ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى. ئۇ چىملىق مەيدانىدىن مەڭگۇلۇك خۇشلىشىش ئالدىدىكى بىر خىل قىيالماسلىق ھىسياتتەك قىلاتتى ،ئون نەچچە يىللىق توپا ۋە چىملىق مەيدانىدا ئۆتكەن تىنىمسىز ھايات،خەلقارا كۇماندىلارنىڭ ئەڭ ئىسىل مەيدانلىرى،ئىچىگە قارىغاندا سىرتى ئاجايىپ رىقابەتكە تولغان ،نەتىجە ئىلىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن مۇسابىقىلەردىكى ئەگىرى-توقاي سەرگۈزەشتە،ئۇرۇمچىدىكى كالا باقىدىغان ئوتلاققا ئوخشايدىغان، قەشقەرنىڭ تاش ۋە توپا ئۇچۇپ تۈرىدىغان مەيدانلىرى،ئىچكىرى كۇلۇپلارنىڭ يىڭىچە مۇھىتلىرى...ھەممىسى مانا مۇشۇ دەقىقە ئىچىدە ئەكرەم بىر نەچچە قەدەم مىڭىپلا مەيدان سىرتىغاچىقىپ كەتسە ئۇنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىنى بىر ئۆمۇرلۇك تارىخقا ئايلاندۇرۇپ قوياتتى.ئۇنىڭ چىملىق مەيدانىدىكى مۇشۇ بىر نەچچە قەدىمى ئەمەلىيەتتە يىشىل مەيداننى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ يۈرىكىنى بىسىپ داۋاملىشىدىغان قەدەم سانىلاتتى.لىكىن بۇ قەدەمنى باسمايمۇ بولمايتتى.ئاخىرلاشقان بىر يولنىڭ يەنە بىر يولغا تۇتۇشىشى ئىنىق ئەلۋەتتە. ئۇ ئاستا مىڭىپ مۇسابىقە مەيدانىدىن چىقىپ كەتتى.-ئۇ چىقىپ كەتتى .ئەمما نۇرغۇنلىغان پۇتبول مەستانىللىرى مۇسابىقە كۆرۈش سۇپىسىدىن چىقىپ كەتمەي ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ۋاقىراشماقتا ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە خۇشاللىق بىغىشلىغان،ئىسىل توپلارنى كىرگۈزۈپ ھاياجانلىق مىنۇتلارنى بەخش ئەتكەن ،ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدە چولپان، قەھرىمان سانىلىدىغان بىر يىگىت ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى مەدەت،ۋە تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈرشىۋاتاتتى.تىخى مۇشۇ كەمگىچە جۇڭگۇ دۆلەت كۇماندىسىدىكى ساناقلىقلا ماھىر ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھىساپلىنىدىغان مۇسابىقىسىدە مۇشۇنداق ھۆرمەت ۋە ئىززەت بىلەن خۇشلىشىش شەرىپىگە ئېرىشكەن. دۆلەت كۇماندىسىغىمۇ كىرمىگەن،ھەتتا مۇشۇ مەيداندىكى مەدەت بىرىۋاتقان مۈتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلەن بىر مىللەتمۇ بولىمغان ئەكرەم ئۈچۈن بۇخىل ھۆرمەت دۆلەتنىڭ شەرىپى ئۈچۈن توپ تىپىۋاتقان بىر قىسىم دۆلەت كۇماندىسىدىكى پۇتبولچىلارئىرىشىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان ھۆرمەتلىرى ئىدى. شۇ تاپتا مۇشۇ مەيداندا مىللەت چىگرىسى پۈتۈنلەي مەۋھۇم بىر نەرسىگە ئايلانغان. ئەكرەمنىڭ تولۇق ئىسمىنى ئاتالمىسىمۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ ھۆرمەت بىلدۈرۋاتقان خۇنەن پۇتبول مەستانىللىرى تىخى ئۆزلىرى خۇنەنلىك بىرمۇ توپچىغا بەرمىگەن ھۆرمەتنى ئۇنىڭغا چاچقۇ قىلىۋاتاتتى. ئەكرەم يۇگۇرۇش مەيداننى بويلاپ كۆرۈش سۇپىسىغا يىقىنلاشتى ۋە توختىماي تاماشىبىنلارغا قول پۇلاڭلىتىپ ئۇلارغا بولغان رەخمىتىنى ئىپادىلەپ تۈردى.ئاسماندىن ئۇچۇپ چۈشكەندەكلا ئەكرەمنىڭ ئىسم پامىلىسى ئۇيغۇرچە يىزىلغان خۇنەن شىياڭتاۋ كۇلۇبىنىڭ بەلگە شارپىسى ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.ئەكرەم شارپىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ پۇتبول مەستانىللىرىغا قاراپ ھۆرمەت بىلدۈردى.ئۇنىڭ كۆزى نەملەشكەندەك قىلاتتى.ئۇ تالاي مۇسابىقىلەرنى ئوينىغان،تالاي شەرەپلەرگە ئىرىشكەن.لوڭقا،نەتىجە قاتارلىق شەرەپلەر راستىنى ئىيىتقاندا مۇھىم.ئەمما بىر پۇتبولچى يەنە كىلىپ پۇتبول مەيدانىدىن خوشلىشىش ئالدىدىكى بىر پۇتبولچى ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك ھۆرمەت لوڭقىنى كۆتۈرگەندىكى شەرەپتىن ئىشىپ چۈشسە چۈشەتتىكى ھەرگىز كىيىن قالمايتتى. مۇسابىقە كۆرۈش سۇپىسىدىكى ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىۋاتقان سادالاربۇ مەيداننىڭ ئەڭ ئاخىرقى قاينام تاشقىنلىق مەنزىرىسى بولۇپ قالدى.ئەكرەم كەينىگە ياندى.-ياندىيۇ يەنە كەينىگە ئۆرۈلۈپ توپ مەستانىللىرىغا ئىگىلىپ سالام قىلىپ، تازىم بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇلارغا بولغان چىن ھۆرمىتىنى ئىززىتىنى نامايان قىلدى.«لازىم ئەتكەنگە تازىم ئەت.» مۇشۇ تاپ بۇ ئۇيغۇر خەلق ماقالى مۇشۇ مەيداندىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدىغان بىر سۆزدەك قىلاتتى...ئۇنىڭغا ئەگەشكەن تىل كامىرا تەنتەربىيە سارىيىنىڭ چىقىش ئىشىگدە ئەكرەمنى چۆرىدىۋىلىپ ئۇنىڭ بىلەن رەسىمگە چۈشىۋاتقان ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن پۈتۈنلەي ناتۇنۇش بىر يىزىقتىكى خاتىرە ئىمزاسىنى تالىشىپ قالدۈرۋاتقان كۈرۈنىشىنى ئەكرەمنىڭ خۇنەن توپ مەستانىللىرىغا قالدۈرغان ئاخىرقى يادىكارلىقى سۈپىتىدە تارتىۋاتقاندەك قىلاتتى.خۇنەن كۇماندىسىنىڭ ھەممە ماھىرلىرى مۇسابىقە ئاپتۇبۇسىغا چىقىپ بولغان.پەقەت ئەكرەملا ھۆرمەتنىڭ كەيپى ۋە ئاخىرقى ئايرىلىشنىڭ ئازابى گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ ھىسيات بىلەن پەستە، توپ مەستانىللىرى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ قىمىتىنى توپ مەستانىللىرىنىڭ چىگىراسىز ھۆرمىتى ئارىسىدا ئېلىپ چىقىپ كىتەلمەي قىلىۋاتاتتى. كۈتۈلمىگەندە توپ مەستانىللىرى ئولىشىپ كىلىپ ئەكرەمنى ئارىغا ئىلىپ ئاسمانغا كۈچەپ ئىتىشتى.مەيداندا سۇرەن چۇقان تىخىمۇ ئەۋجىگە چىقىۋاتاتتى. پۈتۈن خۇنەن كۇماندىسىنىڭ يۇقىرى قاتلام مەسئۇللىرى.تىرنىرلار،كۇلۇپنىڭ جۇڭگۇلۇق ۋە چەتئەللىك پۇتبولچىللىرى ماشىنا ئەينىكى ئىچىدىن بۇ ئاجايىپ مەنزىرىگە ئوخشىمىغان مۇرەككەپ ھىسياتلار بىلەن ئۈنسىز قارىشىپ قالدى... ئەكرەم ئاخىرى ماشىنغا چىقتى.ماشىنا قوزغالدى. ئەكرەم دەرىزە پەردىسىنى يىپىۋەتتى ئەمما دەرىزە پەردىسى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭ كۆزىدىن تۆكۇلگەن بىر قانچە تامچە ياشنى يۆشۈرۋىلىشقا پەقەتلا ئۈلگۈرەلمىدى... بىر ئۆمۇر پۇتبول دەپ سوققان بىر يۇرەك ئۈچۈن ھەم ئازاپلىق ھەم خۇشاللىق مىنۇتلىرىنى پۇتبول مەيدانىدىن خوشلىشىپ ئىلىپ چىقىشنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى مۇشۇ تاپ پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىلا بىلەتتى...
'\'7yN' ئۈچىنچى سۈرەت.
VO|u8Z" 6-ئاينىڭ 16-كۇنى دۇنيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تور بىكىتى لۇندۇن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئاجرىتىلغان مۇنبەردە جۇڭگۇ ئولىمپىك كۇماندىسىدىكى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر يىگىتى بارى بىلەن مىرەخمەتجاننى مەخسۇس تۇنۇشتۇغان ماقالىنى بىسىپ بۇ ئىككىسى ھەققىدە خىلى تەپسىلى توختالدى.بۇ بارىنىڭ خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىنىڭسىنىڭ تور بىتىدە ئىككىنچى قىتىم تىلغا ئېلىنىشى ۋە تونوشتۇرۇلىشى ئىدى. مىرەخمەتجاننىڭمۇ ئىككىنچى قىتىم تونۇشتۇرۇلىشى بولۇپ،ئالدىنقى قىتىمدا جوڭگۇ دۆلەت كۇماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۇرىشىگە چاقىرتىلغاندا تۈنجى قىتىم تۇنۇشتۇرۇلغان ئىدى.بۇ ئىككى يىگىتنىڭ ئارقىمۇ ئارقىدىن خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ تۇر بىكتىدە پەيدا بولىشى خەلقارادىكى ياش ماھىرلارنى قىزىش بىلەن داڭ چىقارغان نۇرغۇن كۇلۇپلارنىڭ دىققتىنى تارتىشى تەبىئىيلا بولۇپ،مىرەخمەتجان ئالدىنقى قىتىم تۇنۇشتۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي گۇللاندىيەنىڭ ئاياكىس كۇلۇبى تەرىپىدىن سىناق مەشىقىگە چاقىرتىلغان بولسىمۇ بارالمىغان.بۇ قىتىمقى تۇنۇشتۇرۇش بۇ ئىككى ماھىرغا ياۋرۇپادىكى كۇلۇپلار بىلەن بولغان ئارلىقىنى تىخىمۇ يىقىن قىلىش رولىنى ئوينىدى.
w(#:PsMo< 6 -ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭگۇ ئولىمپىك كۇماندىسى ئوماننىڭ مەركىزى ماسخاتتا ئومان ئولىمپىك كۇماندىسى بىلەن لوندۇن ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاسىيا رايۇنى پۇتبول ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىنى ئوينىدى.ئالدىنقى قىتىم جۇڭگۇ كۇماىدىسى ئۆز مەيدانىدا يىڭىلىپ قالغان بولغاچ بۇ قىتىم چوقۇم يېڭىشى،يەڭگەندىمۇ ئىككىدە نۆلدىن يۇقىرى نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىشى زۈرۈر ئىدى.بارى بۇ قىتىم ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى.ئالدىنقى يىرىم مەيداندا ئىككى تەرەپ مۇداپىيەدە تۇرۇۋىلىپ كۈچلۈك ھۇجۇملارنى كۆپ قىلمىدى. جۇملىدىن بارىنىڭ ئالدىنقى يىرىم مەيداندىكى ئىپادىسى ياخشى بولمىدى.كىيىنكى يىرىم مەيدان باشلىنىش بىلەنلا جۇڭگۇ ئولىمپىك كۇماندىسىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا بارى بولۇپ قالدى.ئۇنىڭ توختىماي ئوڭ تەرەپدىن بۈسۈپ ئۆتۈشلىرى قارشى تەرەپنىڭ بىكلىرىنى ھالسىرىتىپ، مەخسۈس ئىككىدىن كۆپ قارشى تەرەپ ماھىرى بارىنى كۈنتۈرۈل قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا سايىدەك ئەگىشىۋالدى. ئەمما بارى ئۆزىنىڭ سۈرئىتى ۋە تىخنىكىسى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىيەسىدىن توختاۋىسىز بۈسۈپ ئۆتۈپ ئولارنىڭ ھالىنى قويمىدى.مۇسابىقە باشلىنىپ 58-مىنۇتتا بارى بىر ئۇزۇن پاسنى ئىلىپ،قارشى تەرەپنىڭ ئىككى بىكىنىڭ قىسماق شەكلىدىكى مۇداپىيەسىدىن بۈسۈپ ئۆتۇپ چەكلەنگەن رايۇنغا قاراپ ئۇچۇپ كىرىپ كىلىپ،ۋارىتارغا قارىتىپ توپنى تەپكەن بولسىمۇ تاللىغان بۇلىڭى كىچىك بولغاچ توپ يانغا چىقىپ كىتىپ،ئومان كۇماندىسى گۆر ئاغزىدىن قۇتۇلۇپ قالدى. بۇتوپ چوقوم كىرىشكە تىگىشلىك توپ بولۇپ،بارىنىڭ تىخنىكىدا ياخشى بولسىمۇ يەنىلا تەجىربىدە كەمچىللىكى بارلىقىنى چاندۇرۇپ قويدى.ئەمما بۇ بارىنىڭ قەيسەرلىكىنى تەۋرىتەلمىدى.ئۇ بۇ كىرمىگەن توپنىڭ ئورنىنى تولوقلاش ئۈچۈن تىخىمۇ ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ پۇرسەت يارىتىشقا تىرىشتى.مۇسابىقە 69-مىنۇتقا بارغاندا بارى يەنىلا ئوڭ تەرەپدىن توپنى ئىلىپ قارشى تەرەپنىڭ ئۈچ نەپەر ماھىرىدىن ئۆتۇپ توپنى ئىگىز پاس بىلەن ۋارىتار ئالدىغا تاشلىدى.ئومان كۇماندىسىنىڭ چەكلەنگەن رايۇنىغا قىستىپ كىرگەن جۇڭگۇ ئولىمپىك كۇماندىسىنىڭ ئەزاسى ۋۇ ياڭ توپنى توختاتمايلا تىپىپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى ئالدىغا سۈرۈپ، جۇڭگۇ ئۇلىمپىك كۇماندىسىغا يىڭى ئۆمىت ئىلىپ كەلدى.بارىنىڭ بۇ قىتىمقى چىقارغان توپى ئۇنىڭ دۆلەت كۇماندىسىدىكى تۇنجى ياردەمچى توپى بولۇپ قالدى. مەيداندا تەشەببۇسكارلىق جۇڭگۇ كۇماندىسى تەرەپكە ئۆتتى. كۈتمىگەندە جۇڭگۇ كۇماندىسىنىڭ بىر نەپەر ئەزاسى قائىدىگە خىلاپ ھەركەت ئىشلەپ مەيداندىن قىزىل تاختا بىلەن چىقىپ كەتتى. جۇڭگۇ كۇماندىسى ئون بىر ئادەمگە قارشى ئون ئادەم بىلەن تىركىشىكە مەجبۇر بولۇپ،قولغا كىلەيلا دەپ قالغان ئامەت خىرىسقا دۈچ كەلدى.مۇسابىقە قۇشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتقا كىرگەندە بارى يەنە توپنى ئىلىپ قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىيەسىدىن ئۆتۈپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. قارشى تەرەپ بۇ مەيداندا بارىنىڭ ھەيۋىسىدىن چۈچىگەن بولغاچ، ئۇنىڭ چەكلەنگەن رايۇنغا كىرىشىدىن ياكى توپنى تاشلىشىدىن ئەنسىرەپ تاكتىكىلىق خاتالىق ئىشلەپ، بارىنىڭ كەينىدىن پۇت سىلىپ ئۇنى يىقىتىۋىتىپ بىر قىتىملىق ھۇجۇمنى يوق قىلدى.ئەمما جۇڭگۇ كۇماندىسى بارى قولغا كەلتۇرگەن ئىختىيارى توپ تاشلاش پۇرسىتىگە ئىرىشتى. توپ تاشلىنىپ جۇڭگۇ كۇمانىسىدىنىڭ ئەزالىرى توپنى كىرگۈزىۋەتتى. جۇڭگۇ ئولىمپىك كۇماندىسى ئەزالىرى تەنتەنە قىلىۋاتقاندا يان رىپىر بۇ توپنى ھالقىغان توپ دەپ ھۆكۈم قىلىپ ،بىر ياخشى كىرگەن توپنى يوق قىلىۋەتتى. بارىنىڭ تىرىشچانلىقى يەنە بىر قىتىم بىكار بولۇپ كەتتى. ئاقىۋەت ئىككى تەرەپ ئومۇمى نەتىجىدە بىر دە بىر بولۇپ،يەنە ئوتتۇز مىنۇت قۇشۇمچە مۇسابىقە ئارقىلىق كىمنىڭ يىڭىلىشى بەلگىلىنىش باسقۇچىغا كىلىپ قالدى.بۇ چاغدا جۇڭگۇ كۇماندىسىنىڭ بەدەن قۈۋۋىتى خۇرىغان بولۇپ،يىڭىپ چىقىشى ئۈچۈن زور غەيرەت كىرەك ئىدى. قۇشۇمچە مۇسابىقە باشلىنىش بىلەنلا بارى يەنىلا مەيداندا توختىماي يۈگىرەپ پۈرسەت يارىتىشقا تىرىشتى.ئادەم جەھەتتە كۆپ بولغان ئومان كۇماندىسى بارىنى كۈنتۈرۈل قىلىش ئۈچۈن يەنە ئادەم كۇپەيتىپ بارىنىڭ ھەركەت دائىرىسىنى كىچىكلىتىشكە ئۇرۇندى.دىگەندەكلا سۇرئەت ۋە ئادەم جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكى بىلەن ئارقىمۇ ئارقا ئىككى توپ ئۇرۇپ جۇڭگۇ كۇماندىسىنى يىڭىۋىلىپ كىيىنكى باسقۇچلۇق مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىرىشتى.جۇڭگۇ ئولىمپىك كۇماندىسى بولسا شاللىنىپ كەتتى.ئەمما جۇڭگۇدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرى تور بەتلىرىدە ئوخشاشلا بىر ئىسىم –بارى توختىماي تىلغا ئېلىنىپ ،ئۇنىڭ جۇڭگۇ كۇماندىسىنىڭ ئابرۇيى ئۈچۈن تىرىشىشدەك بەل قويۇۋەتمەس روھىنى ماختاشتى.شۇ كۇنى نەق مەيداندىن تارقىتىش بىرىۋاتقان مەركىزى تىلۋىزىرىيە ئىستانسىسى بەشىنچى قانىلىدا بۇ قىتىمقى مۇسابىقنىڭ كۆرۇلۇش نىسبىتى تولىمۇ يۇقىرى بولۇپ، نەق مەيداندا چۈشەندۈرۈش ئىلىپ بىرىۋاتقان ئىككى رىياسەتچىنىڭ بارىغا بەرگەن باھاسىغا تىلۋىزۇر ئالدىدىكى پۈتۈن كىشىلەر ئورتاق گۇۋاھ بولۇشتى. ئەمەلىيەتتە چۈشەندۈرگۈچىلەرنىڭ بەرگەن باھاسى كۆپ سانلىق كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھىسياتى بىلەن ئورتاق بولۇپ،3-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاسىيا كۇلۇپلار چىمپىيۇنلىقىنى تالىشىش گورۇپپا مۇسابىقىسىدە جوڭگۇ خاڭجۇ يىشىل شەھەر كۇماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ،بىر ياردەمچى پاس،بىر ھەل قىلغۇچ توپ ئۇرۇپ ياپۇنىيە ناگويا كۇماندىسىنى يىڭىشكە مۇتلەق كۈچ چىقىرىپ،بىر توپ بىلەن پۇتۇن مەملىكەت ۋە دۇنياغا تونۇلغان بارى ئەمدىلىكتە ئومان بىلەن بولغان مۇسابىىقىدە يەنە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن جوڭگۇ ئولىمپىك كۇماندىسىنىڭ باشلامچىسىغا ئايلاندى.بۇ كۈندىكى يىڭىلىش بەكلا ئازاپلىك بولغان بولسىمۇ بارى يەنىلا توپ مەستانىللىرىنىڭ قەلبىدە يەڭگۇچى قاتارىدا ھۆرمەت ۋە ئىززەتتىن بەھرىمەن بولدى.ئۇ بىر كۈن بولسىمۇ پۈتۈن جوڭگۇ پۇتبول مەستانىللىرىنىڭ قەلبىدە ئەڭ يۈكسەك ئورۇندا تۇرۇپ ئۇلۇغلاندى. بارىنىڭ بۇ كۈندىكى ئىپادىسى تەبىيلا پۈتۈن كىشىلەرنىڭ دىققىتنى يەنە بىر قىتىم ئۇنىڭ كىملىكى ۋە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ماكانى ھەققىدە يەنە بىر قىتىم ئەستايىدىل پىكىر بايان قىلىشقا تۈرتكىلىك رولىنى ئوينىدى. ھەرقايسى تور بىكەتلىرى بولۇپمۇ خەنزۇچە كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ كۆپ بولىدىغان سىنا،سوخۇ، تىڭشۈن تور بىكەتلىرى مەستانىلەرىنىڭ بارى ھەققىدىكى قاراشلىرى بىلەن ئاۋاتلىشىپ كەتتى.
f~iML5lG گۇاڭدوڭ توپ مەستانىللىرى: بارى ساڭا رەخمەت ئىيتىمىز.!رەخمەت! ئۇ ھەقىقەتەن كۈچ بەردى!
.S(^roM;+ گۇاڭشى توپ مەستانىللىرى: بارى رەخمەت! سىز مۇتلەق ھالدا پۈتۈن مەيداندىكى ئەڭ نوچىسى!
D:6N9POB لىياۋنىڭ توپ مەستانىللىرى:بارىينىڭ بىزگە ئۆمىت ئاتا قىلغانلىقىغا رەخمەت ئىيتىمىز.ھۇررا!
.W-=x,`hY4 ....
BiE$mM ....
-BjEL; ....
rNxG0^k( بارى ھەققىدىكى تورلاردىكى ساناقسىز بايانلار ئارىسىدىكى تۈرلۈك باھالار ئاساسەن ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت، چوڭ كۆرۈش، ئىشىنىش، مەدەت بىرىشلار بىلەن تولغان بولۇپ،ئۇلار بارىنى پەقەت تىلۋىزىرىيەدىكى مۇسابىقە ئارقىلىقلا بىلىدو. يۇقارقىدەك ھۆرمەت بايانلىرى گەرچە مەلۇم بىر كىشىنىڭ شەخسى بايانلىرى بولۇپ، شۇ باياننى ئىيىتقۇچى كىشى ئۆزى تۇرۇشلۇق رايۇنغا ۋەكىللىك قىلىش سالاھىتى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا قارىشى بايانلارنى باشقىلار تىلغا ئالمىغاچ،ئۇلارنىڭ بارى ھەققىدىكى بايانلىرىنى يەنىلا مەلۇم مەنىدىن شۇ رايۇندىكى مۇتلەق ساندىكى كىشىلەرنىڭ بولۇپمۇ توپ مەستانىللىرىنىڭ ئومۇمى قارىشى دەپ چۈشىنىشكە بولاتتى.
"d:.*2Z2 (داۋامى بار)
[ بۇ يازمىنىarqaدە2012-02-27 20:26قايتا تەھرىرلىدى ]