شىنجاڭ پۇتبولنىڭ ھازىرىقى ھەركىتى بارغانسىرى چاقىنىماقىتا! RozsRt;i
ئالدى بىلەن شىنجاڭ سوڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى ھەققىدە aesFv)5DK
شىنجاڭ سوڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى (/BkwbJyE
قۇرۇلغىنىغا 10 يىل بولغان ، 80 نەپەر پۇتبول كىچىك ئەزىمەتلىرىنى تەربىيلەپ ، مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىغا كىرگەن . تەكلىپ بىلەنلا قۇرۇلغان مەكتەپ [O'p&
j@
2002-يىلى شىنجاڭ سوڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى بىر مۇراجەت بىلەنلا قۇرۇلغان . جوڭگو پۇتبول كوماندىسىنىڭ 2002-يىلى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى دۆلىتىمىز كىشىلىرىنى بەك ئۈمۈتسىزلەندۈرۈشى پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان جوڭگو سوڭ چىڭلىڭ فۇندى جەمىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ چىلىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرۇپ قويدى . ئۇ : شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بەدەن ساپاسى ئالاھىدلىكى ، يىمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسى جەھەتتىنمۇ پۇتبول سەۋىيىسى بىرقەدەر يۇقۇرى بولغان شىمالىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىگە يىقىنلىشىپ كېتىدۇ ، شۇنداقلا چەبدەس چاققان خاراكتىرگە ، ئۇرغۇپ تۇرغان قىزغىنلىققا ئىگە ، قەھرىمانلىققا چوقۇنىدۇ ، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ پۇتبول ساھەسىدە ئۇزۇن يىللىق تارىخى بار ، شىنجاڭدىن مۇنەۋۋەر پۇتبولچىلارنى تەربىيلەپ چىققىلى بولارمۇ بولماسمۇ ؟ دەپ ئويلىدى . كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ، بۇ پۇتبول مەكتىپى قۇردى . سوڭ چىڭلىڭ فۇندى جەمىيىتى 5 مىليون يۈەن تەييارلاپ ، ھەر يىلى مەكتەپكە 500 مىڭ يۈەندىن ، بەش يىللىق ياردەم قىلىشنى قارار قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا بىر سوڭ چىڭلىڭ نامىدىكى پۇتبول مەكتىپى----يەنبيەن سوڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى قۇرۇشقا ياردەم بەردى . >TJ$Z3
شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئۆسمۈر بالىلار تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىپ ، دۆلەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ياراملىق پۇتبولچىلىرىنى تەربىيلەپ چىقشنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتكەن ئاپتۇنۇم رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارسىنىڭ خىزمەتچىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ، قوشۇمچە مەكتەپ مۇدىرى ئىلھام چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ : نۆۋەتتە شىنجاڭ پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەبلەغ بولمىغاچقا ، تېخىمۇ كۆپ تالانتلىق ئىزباسارلارنى تەربىيلەشكە بېشى قېتىپ تۇرغان ئىدى ، سوڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇشى دەل ۋاقتىدا بولدى ، بۇ شىنجاڭدىكى پۇتبولچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتە ئىنتايىن چوڭ قوللاش ھېساپلىنىدۇ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە تەنتەربىيە ئىدارىسى بۇ ئىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى ، مەخسۇس پۇتبول خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى . باشقا ئىدارە ئورۇنلارمۇ ئاكتىپلىق بىلەن قوللىدى ، شەھەرلىك سودا تەمىنات مەكتىپى پۇتبول مەكتىپىنى مەكتەپ ئورنى ۋە تەنتەربىيە مەيدانى بىلەن 10 يىللىق ھەقسىز تەمىنلىدى ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىر تەنتەربىيە بۇيۇملىرى كارخانىسى ھەر يىلى 150 مىڭ يۈەنلىك تەنتەربىيە سايمانلىرى بىلەن تەمىنلىدى ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى مەدىنىيەت ئۈگۈنۈش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىدى........ يەنە ، 10 يىل ئىچىدە 150 تۈمەن مەبلەغ سېلىندى ، ھازىر پۇتبول مەكتىپى خىزمەت بىناسى ، تەنھەركەتچىلەر ياتىقى ، ئاشخانە ، مونچا ، كۆرگەزمىخانە ، كۆرۈش سۇپىسى قۇرۇلىشىنى باشلىدى . ئىككىنچى مەزگىللىك پىلان لاھىيلىرىمۇ ئوتتۇرغا قويۇلدى ، يەنە 500 تۈمەن مەبلەغ سېلىپ ، بەدەن قىزىتىش مەشقى سارىيى ۋە سۈنئى چىملىق ياساش پىلانلاندى . 10 يىلدىن بۇيان ، سوڭ چىڭلىڭ فۇندى جەمىيىتى پۇتبول مەكتىپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى ، ھەر يىلى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەھۋالى ۋە مەشق قىلىش ئەھۋاللىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئىگىلەپ ، مەكتەپنىڭ خىراجەت قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى . خۇ چىلى پۇتبول مەكتىپىدىكى بالىلارنىڭ تاماق راسخودىنىڭ بەك تۆۋەنلىكى ئاڭلاپ ، يەنە 300تۈمەن يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى ھەم ئۆزى ئالاھىدە مەكتەپكە يەتكۈزۈپ بەردى . 5sUnEHN
بۇ مەكتەپنىڭ سانسىز ئارزۇلارغا تۈرتكە بولۇشى vYkoh/(/u
شىنجاڭلىق بالىلار پۇتبول ئويناشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئاڭلايتتىم ، شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن بۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم ، بىر پارچە بوش يەردە بىر كونا ئەسكى توپنى تېپىپ ئويناش ھەممەيلەننىڭ خوشاللىقى . 10 يىل ئىلگىرى پۇتبول مەكتىپى ئۈرۈمچى ، قەشقەر ، ئىلى،تۇرپان قاتارلىق 4 ئورۇندا ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىپ ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئوقۇغۇچى تاللاش ئېلىپ بېرىپ ، ئاپتونوم رايوندىكى پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان بالىلارنى زىلزىلىگە سېلىۋەتتى ، ئەينى ۋاقىتتا 5000 دىن ئارتۇق بالا تىزىمغا ئالدۇرغان ئىدى . نەچچە قېتىملىق تاللاش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا 65 بالا تاللاندى . شۇ چاغدا 14 ياشلىق ئۇيغۇر بالىسى بارى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى . باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىزچىل ھالدا مەكتەپنىڭ پۇتبول ئەترىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى بولغان بارى تېلۋىزوردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۈرۈمچىگە كېلىپ ، تاللاشقا قاتناشتى ھەم ئەڭ ئاخىرقى مۇنەۋۋەر پۇتبولچىلارغا خاس تەبئى تالانتى بىلەن پۇتبول مەكتىپىنىڭ بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىسىغا ئايلاندى . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، بارى چوڭ بولۇپ مۇنەۋۋەر بىر پۇتبولچى بولۇپ قالدى ، ئۆتكەن يىلقى مەملىكەتلىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىغا كىرەلىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى . بارى : پۇتبول مەكتىپىكە كېلىشتىن ئىلگىرى ، ئائىلىمىز بەك نامرات بولغاچقا تېپىدىغان پۇتبولىمنىڭ يوقلىقى مىنى بەك ئازاپلايتتى ، بىر پۇتبولنى تېپىپ يىرتىلىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا-قايتا ياماپ تېپەتتىم ، ھازىر بەك ياخشى بولدى ، بۇ ئىشلاردىن ئەنسىرىمىسەممۇ بولىدىغان بولدى ...دىدى . بارىدىن مەشق جاپالىقمۇ ئەمەسمۇ؟ دەپ سورىغاندا ، بارى:--- جاپالىق ئەمەس ، چۈنكى مەن دائىم پۇتبول تېپەلەيدىغان بولدۇم- دىدى . `pr,lL
بارىغا ئوخشاش بۇنداق بالىلار ناھايىتى كۆپ ، ھەممىسى بىر مۇنەۋۋەر پۇتبولچى بولۇشنى ئازۇ قىلىدۇ .18 لىق يەھيامۇ مەكتەپنىڭ بىرىنچى تۈركۈمدە تاللانغان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىلگىرى ئائىلە شارائىتى ياخشى بولمىغاچقا ھەر يىللىق ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمەيتتى . بىراق پۇتبول تەبئى تالانتى بار يەھيا ئىنتايىن كۆپ جاپالار بىلەن ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ B دەرىجىلەكلەر كوماندىسىغا كىرگەن ھەم ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا بېيجىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە خېنەن قۇرۇلۇش قاتارلىق كوماندىلارنىڭ كۆزى چۈشكەن بولسىمۇ ، بىراق يەھيا شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋەكىل بولۇپ مەملىكەتلىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى ۋە B دەرىجىلەكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدا پۇتبول ئويناش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كەچتى . ZhU2z*qN#
"شىنجاڭ مىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈردى ، شىنجاڭ ماڭا مۇھتاج" . يەھيا ئۆزنىڭ بىر شىنجاڭلىق ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمىدى ، بۇ يىللىق قىش پەسىللىك مەشقتە ئۇ دۆلەت ياشلار كوماندىسى ئەزلىرىنىڭ نامزاتلىقىغا تاللاندى . "ئۆزەمنىڭ ئىمكانقەدەر تاللىنىپ قېلىشىنى ، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىغا قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن " . دۆلەت ئۈچۈن پۇتبول ئويناپ ،دۆلەتكە شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى (لىكىن ئۇنىڭ بۇ ئارزويى ئەمەلگە ئاشماي قالدى). Rz