بۇ مەزمۇن 30قەۋەتتىكى ozhanدە2012-01-18 16:38يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
}:8}i;#M شېئېر ئېسىلكەن.
20Zxv! ئەمما شېئېردا ئېيتىلغاندەك ھېچكىمگە چوقۇنمايمەن ئاللاھتىن باشقا.ھېچكىمنى ھەم دادام دەپ باقمىدىم ئۆز دادامدىن باشقا.پۇتبۇلغا قىززىققان خاتا ئەمەستۇ؟پۇتبۇلغا قىززىقىش ھەم پۇتبۇلچىغا قىزىقىش لۇتتۇپۇللا مۇتەللىپنى ھۆرمەتلىمەسلىك ئەمەستۇ؟بىزمۇ بىلىمىز تېخى توي قىلمىغان ئاشۇ ئوت يۈرەك ياشنىڭ جادۇ بىلەن توغرىلىپ پۇتنىڭ تىزىغا كەلگۈچە توغرالغاندا جېنى چىققىنىنى،ئەمما تېما ئىگىسى پۇتبۇل بىزنىڭ ئەشۇبىزدىن يىراقلىشىۋاتقان لۇتتۇپۇللا مۇتەللىپتەك ھەقىقى ئەركەكلەردە بولۇشقا تېگىشلىك مەردۇ-مەردانىلىكنى ۋۇجۇدىمىزغا سىڭدۈدۈرەلەيدىغان تەنھەركەت تۈرى بولغىنى ئۈچۈن بۇنىڭغا قىزىقىشنىڭ سەلبى تەرىپىنىلا كۆرىۋالمىغان بولسىڭىز.كاكاغا،رونالدوغا مىسسىغا ئامراق بولۇش،ھەرگىزمۇ ئەكرەم ،بارى ،مىرەخمەتلەرگە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ.سىز بىلمەسلىكىڭز مومكىن مەن ئەسلىدىكى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئا دەرىجىگە ئۆرلىشىدىكى ئەڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بولغان شاڭخەي بىلەن بولغان مۇسابىقىنى نەخ مەيداندا كۆرگەندە 20مىڭدەك ئادەم ئۆرە تۇرۇپ،كۆزلىرى ياش تۇرۇپ كۆرگەن.1:2نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرىۋەتكەندە ئەكرەملەر مەيداندىلا يىغلىغان ،بىز مەستانىلەر ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ تەسەللى بەرگەن ھەم بىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئىپادىسىدىن رازى ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتقان.بىز ھەرگىزمۇ بۇ شېئېردا ئېيتىلغاندە باشقىنى دەپ ئۆزىمىزنى سۆكىدىغانلاردىن ئەمەس.ھېچ بولمىغاندا مەن.خۇددى بۇ ئىش مۇشۇ شېئېرنىڭ يازغۇچىنىڭ ئۆز ئىنىسىنى ياخشى كۆرىشىنىڭ ئاكىسى ياكى ھەدىسىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىمىگەندەك بىر بىرىگە زىت ئىش ئەمەس
<83Ky;ry