2S{P(B 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ،باش قىشنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى ئازراق سوغۇق بولۇپ قالغان ئىدى .بۈگۈن شىنجاڭ پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ھەمدە پۇتبول سۆيەر شىنجاڭ خەلقى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك بىر كۈن بولۇپ ،يېقىندىن بۇيانقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە ،ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى داڭلىق كۇلۇبلاردا توپ ئويناۋاتقان ھەمدە دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدە ئۆزىنىڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن شىنجاڭ خەلقىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتا ئالاھىدە تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان ئەكرەم ،بارى ،يەھيا ،ئاراپات ،ۋەلى ،دىلمۇرات ،ئېرشات ،ئىلھام قاتارلىق پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىز دىيارىمىز شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ بارلىق قېرىنداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى .ھازىر جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاياغلاشقان بولغاچقا ،ھەرقايسى كۇلۇبلار كوماندا ئەزالىرىنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەن ئىدى.مۇشۇنداق ئالتۇن پۇرسەتتە، دىيارىمىز پۇتبول ئىشلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ ، پۇتبول سۆيەر خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان جامائەت ئەربابى يۈسۈپ ئىمىن ئاكىنىڭ باش بولۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۇ ئەزىمەتلىرىمىزگە تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى نازىنا رېستورانىدا ئېلىپ بېرىلدى.
^>?=L\[ ئەزىمەتلەر يېتىپ كەلگۈچە پۈتكۈل رېستوران ئىچى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان بولۇپ ،شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ،ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ،شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى,نۇر تور بېكىتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بالدۇرلا مەرىكە زالىغا كېلىپ ،پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە ئىدى .ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولسا پۈتكۈل شىنجاڭ خەلقى پەخىرلىنىشكە ھەقلىق بولغان بارلىق كىشىلەر نەق مەيدانغا كېلىپ ،بۇ مەرىكىگە قاتنىشالمىغان بولسىمۇ ئاخبارات ئۇزۇنلىرى ئارقىلىق ئۇلارنى بۇ خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن قىلىش ئىدى .
L%T(H<