2012- يىللىق ئالدىنقى پەسىللىك خوتەن بىرلەشمە لوڭقىسى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى قائىدىسى
.
1.ھەرقايسى كوماندا ئەزالىرى ئاڭلىق بۇلۇپ رىپپىرنىڭ ھۆكىمىگە بويسۇنۇپ مۇسابىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۇزىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك. ئەگەر رىپپىرنىڭ ھۆكىمىگە بويسۇنماي رىپپىر ۋە كاماندىلار بىلەن سوقۇشۇپ جىدەل چىقارسا مۇسابىقە ئويناش سالاھىتى ئىلىپ تاشلىنىدۇ، ھەمدە جىدەل چىقارغان ئەزانىڭ ۋاقىتلىق مۇسابىقە ئويناش سالاھىيتى ئىلىپ تاشلىنىدۇ.
2.ھەربىر يىرىم مەيدان مۇسابىقە 25 مىنۇت بۇلۇپ قىسقا توختاش توپ چىقىپ كىتىش قاتارلىق ئىشلار مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئىچىدە .(ئالاھىدە ئەھۋال ياكى ئىغىر يارلىنىشلابولسا ۋاقىت توختىلىدۇ)
3.مۇسابىقە نەتىجىسى يەڭگەن كاماندىغا : 3 نومۇر ، تەڭلىشىپ قالغان كاماندىغا : 1 دىن نومۇر ، ئۇتتۇرغان كاماندىغا : 0 نومۇر بېرىلىدۇ . يەنى ھەرقانداق كاماندا ھەرقانداق سەۋەپ بىلەن مۇسابىقىگە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كېلىپ بولالمىسا مۇسابىقىدىن ۋاز كەچكەن بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ، نەتىجە 0 : 6 قىلىنىپ ،قارشى تەرەپ كاماندىسىغا : 3نومۇر ، كەلمىگەن كاماندا ۋاز كەچكەن ھېساپلىنىپ بۇ كاماندىغا : 0 نومۇر بېرىلىدۇ . بىرلەشمە تۈگىگەندىن كىيىن نۇمۇرسى تەڭلىشىپ قالغان كۇماندىلانىڭ ساپ توپ سانىغا قاراپ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ.
. 4. مۇسابىقىگە ھەرقانداق كاماندا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن كىيىن 10 مىنۇت ئىچىدە كەلمىسە شۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ .
5. ھەرقانداق كاماندا مۇسابىقىگە ئەڭ ئاز بولغاندا ئۈچ ئادەم بىلەن مۇسابىقىنى باشلىسا بولىدۇ .
6. ئوتتۇرا مەيداندىن باشلانغان توپ بىلەن بۇلۇڭ توپنى بىۋاستە ۋارتارغا ئۇرسا بولىدۇ . يان توپ ، ۋاستىلىق تېپىلىدىغان توپ ، قاتارلىق توپنى ئىككى پاس ئارقىلىق باشلىنىدۇ . ۋارتار باشلايدىغان توپ ، يان توپ ، بۇلۇڭ توپ ، بىۋاستە تېپىلىدىغان توپ ، ۋاستىلىق تېپىلىدىغان توپ ، قاتارلىق باشلىنىدىغان توپنى 5 سىكۇنت ئىچىدە باشلاپ بولۇشى كېرەك ، ئەگەر باشلاپ بولالمىسا قارشى تەرەپكە ئېلىپ بېرىلىدۇ . ۋارتار باشلايدىغان توپنى 5 سىكونت ئىچىدە باشلاپ بولالمىسا ، ۋارتا رايۇن سىزىقىنىڭ بۇلۇڭ توپ تېپىش رايۇنىدىن قارشى تەرەپ بىۋاستە توپ باشلايدۇ .
7. مۇسابىقە جەريانىدا قىزىل كارتا يىگەن تەنھەرىكەتچى مەيداندىن چىقىپ كېتىپ ، بىر مىنۇتتىن كېيىن باشقا بىر تەنھەرىكەتچى ئورنىغا ئالمىشىپ چۈشسە بولىدۇ ، قىزىل كارتا يىگەن تەنھەرىكەتچى شۇ مەيدان مۇسابىقىنى ئويناش سالاھىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ، ئىككى سىرىق كارتا بىر قىزىل كارتىغا تەڭ بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
8.ئادەم ئالماشتۇرغاندا مەيداندىن چىكىنىدىغان ئەزا مەيداندىن چىقىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئالماشقان ئەزا مەيدانغا كىرىش كىرەك . ئەگەر ئۇنداق بولماي بۇرۇن كىرۋالسا بۇرۇن كىرۋالغان تەنەركەتچى بىۋاستە سىرىق كارتا بىرلىدۇ .
9. يان توپ ، بۇلۇڭ توپ ، بىۋاستە تېپىلىدىغان توپ ، ۋاستىلىق تېپىلىدىغان توپ ، قاتارلىق توپلارنى باشلاش ۋاقتىدا قارشى تەرەپ ئەزاسى توپ باشلايدىغان يەردىن 5 مىتىر ئارلىق قويۇپ مۇداپىيە قىلىدۇ . نوقتاتوپنى تىپىش ئالدىدا بارلىق تەنھەركەتچىلەر نوقتاتوپ تىپىش رايۇن سىزىقىنىڭ ئۇستىدە تۇرۇدۇ، توپ تېپىلگەندىن كىيىن ئاندىن ھۇجۇم مۇداپىيەگە قاتناشسا بۇلىدۇ ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا رىپپىر شۇ تەنھەركەتچىگە بىرقىتىم ئىغزاكى ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەندىن كىيىن يەنە تۇزەتمىسە شۇتەنھەركەتچىگە بىۋاستە سىرىق كارتا بىرلىدۇ.
10. يان توپ ، بۇلۇڭ توپ ، بىۋاستە تېپىلىدىغان توپ ، ۋاستىلىق تېپىلىدىغان توپ ، قاتارلىق توپلارنى توپ مۇقۇم تۇرغاندىن كىيىن باشلاش كىرەك .
11. مۇسابىقە جەريانىدا يېتىپ(سەنچۇر) توپ توسۇشقا بولمايدۇ. يېتىپ توپ توسۇپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلسا بىۋاستە قىزىل كارتا بىلەن جازالىنىدۇ. قوغدىنىش تاختىسى ،مىخلىق ئاياغ بىلەن مەيدانغا كىرىپ مۇسابىقە ئويناش چەكلىنىدۇ.
12. ياندىن باشلايدىغان توپنى ياردەمچى قەدەم ئالماي، يان سىزىق سىرتىدا قويۇپ باشلىشى كېرەك. ۋارتاغا قايتۇرغان توپنى تۇتۇشقا بولىدۇ ،ۋارتا باشلايدىغان بارلىق توپلارنى قولىدا باشلىسا بولىدۇ. مۇسابىقىدە ئوبسايىت توپ يوق .
13. مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە باشلانغانغا قەدەر كوماندىلار ئەزا ئالماشتۇسا ياكى سىرتتىن ئەزا قۇبۇل قىلىپ كوماندىسىنى قايتا تەشكىللىسە بۇلىدۇ،ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدىن كىيىن ئالدىنق يېرىم ئايلانما تۇگۈگىچە ئەزا ئالماشتۈۇپ ياكى كوماندىنى قايتا تەشكىللەشكە بولمايدۇ، يېرىم ئايلانما باشلىنىپ ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدىن بۇرۇن كوماندىلار ئەزا ئالماشتۇرۇپ كۇماندىنى قايتا تەشكىللىسە بۇلىدۇ ،ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدىن كىيىن بىرلەشمە تۇگۈگىچە ئەزا ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ . چ چ نۇمۇرى 1473020747 چ چ توپ نۇمۇرى 182697375
2011 - يىلى 11 -ئاينىڭ 7- كۇنى
بۇ خوتەننىڭ شۇنداقلا توپچىلانىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن تۇزۇلگەن قائىدە ئارتۇقچە مۇنازىر قىلىشمىغايسىلەر !
پىكىر تەكلىپ بولسا بەسەڭلا بولىدۇ .[ بۇ يازمىنىئۇدۇندە2011-11-25 00:44قايتا تەھرىرلىدى ]