بۇ مەزمۇن 11قەۋەتتىكى zakiraدە2011-09-06 21:37يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تېما يوللىغان ئەزالارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ يوللانغان تېمىنى ئەستايدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىقىپ ئاندىن ئىنكاس يازسا بەك ياخشى بولاتتى ، بەزى ئەزالار تېمىنى ئوقۇمايلا ‹ ياخشى بولپتۇ ، تېخىمۇ تىرىشىڭ !› دېگەندەك ئىنكاسلارنى ھەمدە بىرمۇنچە سۆرەت ئىپادىلىرىنى يوللاپلا تۈگىتىدىكەن . مېنىڭچە بۇ ياخشى ئۇسول ئەمەس ! بىر ئادەمنىڭ ساپاسىنىڭ قانچىلىك ، سەۋىيىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى شۇ تېمىلارغا بەرگەن باھالىرى ئارقىلىقمۇ بىلگىلى بولىدۇ . بەزى ئەزالار بىر ئىككى ئېغىز تاققا -تۇققۇ سۆزلىرى بىلەن تېمىسىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن . بۇ بەكلا ئاخلاقسىزلىقمۇ قانداق !؟ شۇڭا بىر كىم بىزنى زورلاپ يۈرمىگەندىكىن ئۆزىمىزگە بېسىم قىلىۋالماي ياخشى ئىنكاسلارنى يېزىشقا تىرىشايلى .