يۇقارقى 20 ئەزادىن سەرسان، تارىم ،دونا يەنە سېغىنىش قاتارلىقلارنىڭ تولۇق ئوينىشىدىن گۇمانلىنىمەن. بولۇپمۇ دونا ، ئاخىرىدا قالسا قاچارمىكىن يەنە
باشتىن ئاياق تولۇق ئويناشقا كاپالەتلىك قىلىڭلار باللا .
مەن بىر نەچچە قائىدىنى دەپ باقاي ،باللا خالىسا قۇبۇل قىلارسىلە:
1، سۇئال چوقۇم پەيشەنبە كەچتىن بۇرۇن چىقىرىلىپ بولۇشى كېرەك. (ھەپتىدە 2 ئايلانما ئوينايدىغان ۋاقىت بۇنىڭ سىرتىدا،بۇنداق ئالاھىدە ئەھۋالدا چوقۇم ئالدىنقى ئايلانمىنىڭ سۇئال تېمىسىدا ئەسكەرتىش بېرىلىپ سۇئال ئالدىن چىقىرىلسۇن. بۇنى يەنىلا دونا ئۆزى قىلسۇنمىكىن، بۇنداق بولغاندا ،باللارنىڭ جاۋاب يازالماي قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.)
2،سۇئال تېمىسىدا رەقىبلەر تەھرىرلەنمىسۇن.
3،سۇئال چىقارغاندا بىر مەيدان مۇسابىقىدىن ئىككى سۇئال چىقىرىلىپ قالمىسۇن، ھەم 7 سۇئالنىڭ پەرەز قىلىش ئۇسۇلى ئوخشاشمىسۇن،يەنى ئىنتېر ---مىلان 1، مىلاندىن كىم توپ ئۇرىدۇ ؟ 2،ئىنتېردىن كىم توپ ئۇرىدۇ ؟ دېگەندەك ئوخشاش سۇئاللار چىقىرىلمىسۇن. بۇنداق قىلغاندا ئويۇننىڭ رەڭدارلىقىنى ۋە پەرەز قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
سۇئالنى ۋەزىپە قىلىش يەنىلا تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس(مەنچە)، ئالدىنقى پەسىل سىناپ باققان بىز، ئاخىرىدا يەنە تارىماخۇن يالغۇز چىقىرىپ ئۆتۈپ كەتكەن، ئاخىرىدىغۇ بىزمۇ ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن باتىستۇتا ،رىۋايەت ،بەخت يەنە مەن قاتارلىق باللار چىقىرىپ خۇلاسىلەپ ،ئاخىرىنى چىقاردۇق، مېنىڭچە يەنىلا كىمنىڭ ۋاقتى چىقسا سۇئال چىقىرىپ قويىلى ، چىقىرىشنى خالىغانلار چىقارسا ،مۇۋاپىق بولمىغىنىنى باشلىقلار تەھرىرلەپ قويسا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا يېڭىلىرى سۇئال چىقىرىشنى بىلمەي، قالغانلار كارىمىز بولماي ، ۋاقىت ئۆتۈك كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ھە راسىت ،مەن نەتىنجە جەدىۋىلىنى ئىشلەپ بەرسەممۇ بولىدۇ ۋاقىت چىقىرىپ ،ئۈلگىسىمۇ بار.ياكى لازىملارغا ئەۋەتىپ بەرسەممۇ بولىدۇ.
ئويۇنىمىز قىزىغاي!!!
