سىز بۇ تېمىنىڭ 1967 - ئوقۇرمىنى
تېما: دونانى تەبرىكلەيلى.....
باگگىيو
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 8221
جەۋھەر: 4
يازما: 3037
شۆھرەت: 5525 نۇمۇر
پۇل: 304359 سوم
تۆھپە: 52 نۇمۇر
ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
توردا: 591(سائەت)
تىزىملاش: 2010-10-16
ئاخىرقى: 2011-09-13
0  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-24 22:01

دونانى تەبرىكلەيلى.....

بەلكىم بۇ تىمىنى كۆرۈپ دونانىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئوخشايدۇ دەپ قالغان بولىشىڭلا مۇمكىن. ياق ئۇنداق ئەمەس...دونا بولسا مۇنبىرىمىزدىكى ئەڭ كىچىك شاش ئەزالىرىمىزنىڭ بىرى...لىكىن ئۇ ئەمدى چوڭ بولغاندەك قىلىدۇ. ئۇ ھازىر ناھايتى خۇشال..ئۇلا ئەمەس ئۇنىڭ مىھرىبان ئاتا ئانىسىمۇ ئىنتايىن خۇشال. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ خۇشاللىقىغا مۇنبەردىكى بارلىق مۇنبەرداشلىرى شۇنداقلا دونانىڭ ئاكا ھىساپ دوسلىرىمۇ تەڭ بەھىرلەنسۇن دەپ بۇ تىمىنى يىزىپ قويدۇم.
دونا مۇنبىرىمىز ئۈچۈن ئىزچىل ھەسسە قوشۇپ كىلىۋاتقان مۇنبەر كەيپىياتىنىڭ كۈنسىرى يۇقىرى كۆتۈرلىشى ئۈچۈن ئاكتىپ ئىزدىنىۋاتقان بىزنىڭ ئامراق ئىنىمىز ۋە مۇنبەردىشىمىز. ئەمدى ئۇ يۇرتىدىن ئايرىلىپ ،ئاتا ئانىسىدىن ئايرىلىپ يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ تەييارلىقىنى قىلماقتا. يەنى بۇ قىتىملىق ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدا دونا ناھايتى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئىمتاھاننى تۈگۈتۈپ نەتىجىنىڭ تىزراق چىقىشىنى تەققەزارلىق بىلەن كۈتۈپ كىلىۋاتقان ئىدى. بايا ئۇنىڭ ماڭا چ چ دا دىيىشچە ئۇ شىنجاڭ يىزا ئىگىلىك ئونۋىرسىتىتىغا ئۆتۈپتۇ. ئەلۋەتتە بۇ بىر تەبرىكلەشكە تىگىشلىك ئىش...بىر مۇنبەردىشىمىز ھاياجانلىنىۋاتقان مۇشۇنداق مىنۇتلاردا بىزنىڭمۇ ئۇنى تەبرىكلەش مەسئۇليىتىمىز با دەپ قارايمەن. شۇڭا بارلىق مۇنبەرداشلانىڭ ئۇنى قىزغىن تەبرىكلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ھە راس ئۈرۈمچىدىكى مۇنبەرداشلا دونا بارغان چاغدا ئۇنىڭ بىلەن پات پات كۆرۈشۈپ تۇراسىلە ھە؟.....
موبارەك بولسۇن شا كىچىك...ئەمدى چوڭ بوپسە...ساڭا قاراپ مىنىڭ بۇندىن 8يىل بۇرۇنقى يەنى 2003-يىلدىكى ھاياجانلىق مىنۇتلىرىم يادىمغا كىپ قالدى.ئۇ چاغدا مەنمۇ خۇددى ساڭا ئوخشاش سەپەر تەييارلىقى قىلىۋاتقان ئىدىم...ھەش پەش دىگۈچە 5 يىل ئوقۇپ مانا خىزمەت ئىشلەۋاتقىنىمغىمۇ2يىلدىن ئىشىپتۇ....سەنمۇ تىرىشقىن ئاللاھ خالىسا كىيىنكى كۈنلۈرۈڭ پارلاق بولسۇن..كۆزلىگەن  نىشانلىرىڭغا يىتەلىشىڭگە ئاللاھ نەسىپ قىلسۇن....
19چىمپيون
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر تۆھپىكارى

UID: 385
جەۋھەر: 4
يازما: 3027
شۆھرەت: 2527 نۇمۇر
پۇل: 100326 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
ياخشى باھا: 21 نۇمۇر
توردا: 593(سائەت)
تىزىملاش: 2007-07-10
ئاخىرقى: 2011-09-13
1  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-25 11:19

  ۋا موبارەك بولسۇن ساقام. ئەمدى ئۈرۈمچى دىگەن چوڭ شەھەر قارا. تورغانىغا ئاز چىقىپ ئوقۇشنى ياخشى ئوقۇ. ئەڭ دىققەت قىلدىغىنىڭ قىزلارغا بەك قاراپ كەتمىسەڭلا چوڭ ئىش يوق. دىققەت قىل ھە شۇمتەك.
پۇتپۇل ھەۋەس ئەمەس ئىشىق.