سىز بۇ تېمىنىڭ 1958 - ئوقۇرمىنى
تېما: دونانى تەبرىكلەيلى.....
باگگىيو
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 8221
جەۋھەر: 4
يازما: 3018
شۆھرەت: 5497 نۇمۇر
پۇل: 304331 سوم
تۆھپە: 52 نۇمۇر
ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
توردا: 588(سائەت)
تىزىملاش: 2010-10-16
ئاخىرقى: 2011-09-12
0  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-24 22:01

دونانى تەبرىكلەيلى.....

بەلكىم بۇ تىمىنى كۆرۈپ دونانىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئوخشايدۇ دەپ قالغان بولىشىڭلا مۇمكىن. ياق ئۇنداق ئەمەس...دونا بولسا مۇنبىرىمىزدىكى ئەڭ كىچىك شاش ئەزالىرىمىزنىڭ بىرى...لىكىن ئۇ ئەمدى چوڭ بولغاندەك قىلىدۇ. ئۇ ھازىر ناھايتى خۇشال..ئۇلا ئەمەس ئۇنىڭ مىھرىبان ئاتا ئانىسىمۇ ئىنتايىن خۇشال. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ خۇشاللىقىغا مۇنبەردىكى بارلىق مۇنبەرداشلىرى شۇنداقلا دونانىڭ ئاكا ھىساپ دوسلىرىمۇ تەڭ بەھىرلەنسۇن دەپ بۇ تىمىنى يىزىپ قويدۇم.
دونا مۇنبىرىمىز ئۈچۈن ئىزچىل ھەسسە قوشۇپ كىلىۋاتقان مۇنبەر كەيپىياتىنىڭ كۈنسىرى يۇقىرى كۆتۈرلىشى ئۈچۈن ئاكتىپ ئىزدىنىۋاتقان بىزنىڭ ئامراق ئىنىمىز ۋە مۇنبەردىشىمىز. ئەمدى ئۇ يۇرتىدىن ئايرىلىپ ،ئاتا ئانىسىدىن ئايرىلىپ يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ تەييارلىقىنى قىلماقتا. يەنى بۇ قىتىملىق ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدا دونا ناھايتى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئىمتاھاننى تۈگۈتۈپ نەتىجىنىڭ تىزراق چىقىشىنى تەققەزارلىق بىلەن كۈتۈپ كىلىۋاتقان ئىدى. بايا ئۇنىڭ ماڭا چ چ دا دىيىشچە ئۇ شىنجاڭ يىزا ئىگىلىك ئونۋىرسىتىتىغا ئۆتۈپتۇ. ئەلۋەتتە بۇ بىر تەبرىكلەشكە تىگىشلىك ئىش...بىر مۇنبەردىشىمىز ھاياجانلىنىۋاتقان مۇشۇنداق مىنۇتلاردا بىزنىڭمۇ ئۇنى تەبرىكلەش مەسئۇليىتىمىز با دەپ قارايمەن. شۇڭا بارلىق مۇنبەرداشلانىڭ ئۇنى قىزغىن تەبرىكلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ھە راس ئۈرۈمچىدىكى مۇنبەرداشلا دونا بارغان چاغدا ئۇنىڭ بىلەن پات پات كۆرۈشۈپ تۇراسىلە ھە؟.....
موبارەك بولسۇن شا كىچىك...ئەمدى چوڭ بوپسە...ساڭا قاراپ مىنىڭ بۇندىن 8يىل بۇرۇنقى يەنى 2003-يىلدىكى ھاياجانلىق مىنۇتلىرىم يادىمغا كىپ قالدى.ئۇ چاغدا مەنمۇ خۇددى ساڭا ئوخشاش سەپەر تەييارلىقى قىلىۋاتقان ئىدىم...ھەش پەش دىگۈچە 5 يىل ئوقۇپ مانا خىزمەت ئىشلەۋاتقىنىمغىمۇ2يىلدىن ئىشىپتۇ....سەنمۇ تىرىشقىن ئاللاھ خالىسا كىيىنكى كۈنلۈرۈڭ پارلاق بولسۇن..كۆزلىگەن  نىشانلىرىڭغا يىتەلىشىڭگە ئاللاھ نەسىپ قىلسۇن....
مەن پۇتبۇلنى سۆيىمەن!!!
دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى

UID: 3416
جەۋھەر: 0
يازما: 2183
شۆھرەت: 2202 نۇمۇر
پۇل: 369076 سوم
تۆھپە: 50 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 1005(سائەت)
تىزىملاش: 2008-06-17
ئاخىرقى: 2011-09-12
1  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-25 12:14

مۇبارەك بولسۇن سىزنى تەبرىكلەيمەن...