ساقلانما
تېز كۆرۈش
پۇتبول مەستانىلىرى دۇنياسى
پۇتبول پاراڭلىرى
داڭلىق چولپانلار ۋە كوماندىلار
پۇتبول كۆرۈنۈشلىرى
پۇتبول رەسىملىرى
پۇتبول ئويۇنى
پۇتبول لاتارىيىسى
پۇتبول دۇنياسىغا نەزەر
شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى
دۇنيا لوڭقىسى
ياۋرۇپا لوڭقىسى
ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى
ئېنگلاند بىرلەشمە مۇسابىقىسى
ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى
ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى
گېرمانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى
جۇڭگۇ پۇتبولچىلىقى
باشقا مۇسابىقىلەر
مۇنبەر ئىشخانىسى
ئۆز كوماندىمىز
مۇنبەر مەخسۇس سەھىپىسى
پۇتبول كۇلۇبىغا تەكلىپ
كىرىش
تىزىملىتىش
مېھمان
يوللانما:
بۈگۈن:
تېمىللىرىم
ئىنكاسلىرىم
ساقلانمام
دوستلار ئەھۋالى
كىرگەن IP : 207.241.237.222
باش بەت
مەھەللە
ئىزدەش
مۇلازىمەت
ياردەم
مىدال مەركىزى
بانكا
تور تېلېۋىزىيىسى
wind
خىيالىي پۇتبول بىرلەشمىسى
پۇتبول ئويۇنى
داڭلىق چولپانلار ۋە كوماندىلار
ئېنگلاند بىرلەشمە مۇسابىقىسى
ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى
پۇتبول پاراڭلىرى
پۇتبول كۇلۇبى
»
داڭلىق چولپانلار ۋە كوماندىلار
»
بې بې تو دەپ ئاڭلىغانما ؟
ئالدىنقى تېما
كىيىنكى تېما
يېڭى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 2338 - ئوقۇرمىنى
تېما: بې بې تو دەپ ئاڭلىغانما ؟
كۆچۈرۈش
|
ساقلىۋېلىش
|
بېسىپ چىقىرىش
دوستلىشىش
intezar11
ئەركىنلىك !
دەرىجە: مۇنبەر تۆھپىكارى
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
UID:
132
جەۋھەر:
29
يازما:
5336
شۆھرەت:
5660 نۇمۇر
پۇل:
102740 سوم
تۆھپە:
316 نۇمۇر
ياخشى باھا:
125 نۇمۇر
توردا: 618(سائەت)
تىزىملاش:
2007-05-15
ئاخىرقى:
2011-10-18
0
يوللانغان ۋاقت: 2011-06-26 05:10
ھەممىنى كۆرۈش
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
بې بې تو دەپ ئاڭلىغانما ؟
ئەسكەرتىش:
بۇ يازما ئاتېللا تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-06-26)
بې بې تو دەپ ئاڭلىغانما ؟
=@binTC4
gUL`)t\} *
!o:RIwS3
بې بې تو دىسەم ئۇنىڭ ئەسلىي ئىسمى ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلار ، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بولسا ئىنگلژچە ( Jose Roberto da Gama de Oliveira) ، بۇ مانا ئەينى ۋاقىتتا تەنھا بۆرە رومارىئونىڭ ئەڭ ياخشى ھەمراھى بې بې تو . 1994-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامىرىكا ، بې بې تو دەل شۇ كۈنىدىكى مۇسابىقىدە پۈتۈن پۇتبولچىلىق ساھەسىدە تۇنۇلغان . ئۇنىڭ برازىلىيە كوماندىسىدىكى ئىپادىسى ئادەمنى قايىل قىلىدىغان بولۇپ ، بولۇپمۇ گوللاندىيە بىلەن بولغان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىدە ، ئۇنىڭ رومارىئو ۋە مارجىنئو بىلەن بولغان تەبرىكلەش ھەرىكىتى شۇ يىللىق دۇنيا لوڭىقسىدىكى ئەڭ ئەسلىمە خاراكتېرلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان . ئۇنىڭ بۇ ھەرىكەتنى چىقىرىشى يىڭى تۇغۇلغان ئوغلى ماتىئوس ئۈچۈن !!
~{Tus.jk
88pz<$
y$*Tbzp
بې بې تو ھەققىدە پاراڭ
{^"c>'R
#g{ZfO[ #
4'Vuhqk
بې بې تو ( Jose Roberto da Gama de Oliveira)
H=Yl @
1964-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى سالۋادوردا تۇغۇلغان ، كىچىكىدىن پۇتبولغا ھېرىسمەن بې بې تو 1983-يىلى 19 ياش چېغىدا برازىلىينىڭ ۋىدولىيا كوماندىسىدا ئۆز پۇتبولچىلىق ھاياتىنى باشلىغان . ھەم شۇ يىلى بې بې تو مىكىسكا ياشلار دۇنيا لوڭقىسىگە برازىلىيە كوماندىسىغا چاقىرتىلىپ ، ياشلار دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىلەرگە چۈشكەن . ھەم برازىلىيە كوماندىسىنى ياشلار لوڭقىسىنىڭ چېمىپىيونلۇقىغا ئىرىشتۈرگەن . ياش تۇنۇلغان بې بې تو تىزلا پۇتبولچىلىق ساھاسىدە تۇنۇلغان . گەرچە ئۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئارانلا 10 مىنۇت ئوينىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىپادىسى برازىلىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنغان . ھەم خەلىقئارالىق پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تۈزگەن « 6 چوڭ ياش ئىستىقباللىق پۇتبولچىلار » تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن .
\KLWOj%
ھەم برازىلىيە دۆلەت ئىچىدە ، ئۇ ئالدى بىلەن فىلامىنگى كوماندىسى ئۈچۈن توپ تەپكەن ، ھەم داگاما كوماندىسىدىمۇ توپ تەپكەن . بىراق ، ئۇمۇ باشقىلار پۇتبولچىلارغا ئوخشاش ئاخىرقى نىشانىنى ياۋروپا پۇتبولچىلىق ئىشلىرىغا قاراتقان . يەنى 1992-يىلى ، ئۇ ياۋروپاغا سەپەر قىلغان . ھەم 80-يىللاردىكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ۋە مادىرىدنىڭ ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدىكى ئىپادىسىى ئۇنى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە قاراتقان . ئۇ ئاخىرى ئىسپانىينى تاللاپ ، لاكورنىيە كوماندىسىغا كىرگەن . ئۇ 4 يىللىق ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقسىدە ، 1992\1993-يىللىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئۇ 29 توپ بىلەن ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن . ھەم ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان .
}v0oFY$u`H
<|hvH
G}BO!Z6
ئۇنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە تىزلا كۆنۈپ كىتىشى ئۇنىڭ برازىلىيە دۆلەت كوماندىسىغا كىرىش قەدىمىنى تىزلەتكەن . بىراق ، ئۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىدىن بىرنى قالدۇرغان . ئۇ بولسىمۇ ئەپسۇسلىنىش ! يەنى 1993\1994-يىللىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسىدە ، بې بې تو تۇرۇشلۇق لاكورنىيە كوماندىسى ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقسىدە ۋالېنسىيا كوماندىسى بىلەن تۇتۇشقان . ئەگەر بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ، لاكورنىيە كوماندىسى غەلبە قىلالىسىلا ، ئۇلار ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمىپيونلۇقىغا ئىرىشكەن بولاتتى. بىراق ، مۇسابىقە جەريانىدا لاكورنىيە بىر نۇقتا توپقا ئىرىشكەن .بىراق ، بۇ توپنى بې بې تو ئۇرالماي پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە ۋالېنسىيا كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چېمىپىيونلۇ ق لوڭقىسىنى بارساغا تارتقۇزۇپ قويغان . بۇ بې بې تونىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ ئازاپلىق مۇسابىقىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان .
bzk@6jR1
4 يىللىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسى شۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشقان . 1996-يىلى يازدا ، ئۇ ئۆز دۆلىتىگە قايتىشىنى قارار قىلغان . ۋە شۇ يىلى قايتىپ كەتكەن . 4 يىللىق ياۋروپا پۇتبولچىلىقىدىكى بې بې تو ئەمدى بولسا برازىلىيدە ئۆتكۈزگەن . بىراق ، شۇ يىلى گەرچە فىلامىنگى كوماندىسىغا قىتىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ بىر يىلى مەنسىز ئىچىدە ئۆتكەن . 1997-يىلى ئۇ يەنىلا ياۋروپاغا قايتىپ كەلگەن . ئۇ بىر يىل ئىچىدە ئىسپانىيە سىۋىللىيەكوماندىسىغا كىرگەن . بەش مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ تىزلا سىۋىللىيە كوماندىسىدىن ئايرىلغان . ئۇ يەنە شۇ يىلى سالۋاردو ۋىدولىيا كوماندىسى ئۈچۈن توپ تەپكەن . 8 مەيدان مۇسابىقىدە 8 توپ ئۇرغان . يەنە شۇ يىلى پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى ئۈچىنجى يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولغان . برازىلىينىڭ كرۇرزىيرو كوماندىسىدا توپ تەپكەن . ئۇ كوماندىدا 1 مەيدان مۇسابىقىگىلا چۈشكەن .
'<>pz<c
1998-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە ، ئۇ برازىلىينىڭ بوتافوگو كوماندىسى ئۈچۈن توپ تەپكەن . ئۇ بۇ مەزگىلدە بوتافوگو كوماندىسى ئۈچۈن 74مەيدان مۇسابىقدە 36توپ ئۇرغان .
, YTuZS
ud'r?QDM
E2LpQNvN%g
21-ئەسىر داغدۇغىلىق ھالدا پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنىڭ زور دەرىجىدە تەرەقىقىيات ئۇتۇقلىرى ئارقىلىق مەيدانغا كىلىدۇ . 2000-يىلى ، بې بې تو ياپونىينىڭ لۇداۋلۇجاۋ كوماندىسىدا توپ تەپكەن . يەنى بىر يىل ئىچىدە 8 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 1 لا توپ ئۇرغان . 2001-يىلى ، ئۇ يەنە داگاما كوماندىسىغا قايتىپ پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن . 8مەيدان مۇسابىقىدە 2 توپ ئۇرغان . 2002-يىلىغا كەلگەندە ئۇ يەنە ئاسىياغا قايتىپ ، سەئۇدى ئەرەبىستان بىرلەشمىسىدە توپ تەپكەن . ۋە شۇ يىلى يەنى 2002-يىلى رەسمىي پۇتبولچىلىق ساھەسىدىن چىكىنگەن .
\uQ(-ji
c[3sg
Dx 4?6
دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئالتۇن دەۋىرىنى كۈتۈش !
<^ @1wg
&]ts*qCEL
XB F#ILJ
بې بې تونىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى ئىپادىسىنى ئەڭ ئالتۇن دەۋىرىنى تاپىدىغان بولساق ، 1994-يىللىق ئامىرىكا قىتئەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى دەل بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ . يەنى ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتىتكى برازىلىيە كوماندىسى تەنھا بۆرە رومارىئو بىلەن تەڭ يىتەكلەپ ھۇجۇم سىپىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ، برازىلىيە كوماندىسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ كاپالەت بولۇپ قالغان . 1994-يىللىق ئامىرىكا قىتئەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى بې بې تونىڭ تۇنجى قىتىمىلىق دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى بولۇپ ، ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەيدۇ . تۆلىگەنگە يارىشا ئۇ شۇ يىلى ئوڭۇشلۇق ھالدا دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلغان . گۇرۇپپا مۇسابىقسىىدە ، 2-0 نەتىجە بىلەن سوۋىت ئىتتپاقى كوماندىسىنى يىڭىدۇ . 3-0 نەتىجە بىلەن كامىرۇن كوماندىسىنى يىڭىدۇ . ۋە 1-1 نەتىجە بىلەن شىۋىتسىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ 7نۇمۇر بىلەن گۇرۇپپىدىن ئوڭۇشلۇق چىققان . 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ، برازىلىيە 8\1 تاللاش مۇسابىقسىدە ، ئامىرىكا كوماندىسى بىلەن تۇتۇشقان . ساھىبخان كوماندا بىلەن تۇتۇشۇش بې بې تو ۋە برازىلىيە كوماندىسى ئۈچۈن بىر بېسىم بولۇپ قالغان . مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى تەرەپ نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى قولدىن بىرىپ قويغان . پەقەت مۇسابىقە 72-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا دەل مۇشۇ بې بې تونىڭ بىر توپىغا تاينىپ برازىلىيە كوماندىسى 1-0 نەتىجە ساھىبخان ئامىرىكا كوماندىسىنى شاللىۋەتكەن . توپ ئۇرغان خۇشاللىقىدا بې بې تو ناھايىتى چىرايلىق ھەرىكەتتىن بىرنى چىقارغان . بىراق ، ئۇ چاغلاردا ھېچكىممۇ بۇنىڭ ھەرىكىتىنى چۈشەنمىگەن . 5 كۈندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن 4\1 تاللاش مۇسابىقسىدە برازىلىيە كوماندىسى گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن تۇتۇشقان . بۇ مەيدان مۇسابىقە برازىلىيە بىلەن گوللاندىينىڭ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر جېڭىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان . كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدىلا 5 توپ كىرگەن . بې بې تو 63-مىنۇتىدا ناھايىتى چىرايلىق توپ ئۇرۇپ ، يەنە شۇ ھەرىكەتنى ئىشلىگەن . ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى تۇغۇلغان ئوغلى ماتىئوس ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى كىشلەر شۇ چاغدا بىلگەن .رومارىئونىڭ بىرلىكتە ئىشلىشىمۇ دەل ئۇنىڭ ئوغلى ئۈچۈن بولغان سوۋغىتى ئىكەن . يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، بې بې تو ۋە رومارىئو باشچىلىقىدىكى برازىلىيە كوماندىسى 1-0 نەتىجە بىلەن شىۋىتسىيە كوماندىسىنى يەڭگەن . ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە ، نۇقتا توپ جېڭىدە 3-2 نەتىجە بىلەن ئىتالىيە كوماندىسىنى يېڭىپ شۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن .
Gi6sl_"q
C6M|A3^T
1986-يىلى ،ئۇنىڭ تۇرمۇش ئىشلىرى باشلانغان . يەنى برازىلىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىدىكى دېننېس بىلەن توي قىلغان .
(Z,v)TOXjV
كۇلۇبتىكى ئومۇمىي نەتىجىسى
5T:e4U&
pBL,kqYNA>
g`d5OHvOo
1982-يىلى ، سالۋاردو ۋىدولىيا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 14مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ ، 0 توپ ئۇرغان .
8uP,#D
1983-يىلىدىدىن -1989-يىلغىچە برازىلىيە فىلامىنگو كوماندىسىدا توپ تىپىدۇ . 1983-يىلى 7مەيدان مۇسابىقىدە 1 توپ ئۇرغان . 1984-يىلى 56مەيدان مۇسابىقىدە 22توپ ئۇرغان . 1985-يىلى 68مەيدان مۇسابىقىدە 35 توپ ئۇرغان . 1986-يىلى ، 71مەيدان مۇسابىقىدە 38 توپ ئۇرغان . 1987-يىلى ، 63مەيدان مۇسابىقىدە 21 توپ ئۇرغان . 1988-يىلى . 72مەيدان مۇسابىقىدە 43توپ ئۇرغان . 1989-يىلى ، 24 مەيدان مۇسابىقىدە 19 توپ ئۇرغان .
&;&i#ZO
1990-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە برازىلىيە داگاما كوماندىسىدا توپ تەپكەن . 1990-يىلى ، 12 مەيدان مۇسابىقىدە 6 توپ ئۇرغان . 1991-يىلى ، 8مەيدان مۇسابىقىدە 3 توپ ئۇرغان . 1992-يىلى ، 25 مەيدان مۇسابىقىدە 18 توپ ئۇرغان .
VY<$~9a&1
1992-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە ئىسپانىيە لاكورنىيە كوماندىسىدا تو پ تەپكەن . 1992\1993-يىللىق مۇسابىقىدە 37مەيدان مۇسابىقىدە 29 توپ ئۇرغان . 1993\1994-يىلى 34مەيدان مۇسابىقىدە 16 توپ ئۇرغان . 1994\1995-يىلى 26مەيدان مۇسابىقىدە 16 توپ ئۇرغان . 1995\1996-يىلى 34مەيدان مۇسابىقىدە 25 توپ ئۇرغان .
&-:ZM0Fl
1996-يىلى برازىلىينىڭ فىلامىنگو كوماندىسىدە توپ تەپكەن . 36مەيدان مۇسابىقىدە 14 توپ ئۇرغان .
4`I2tr
1996\1997ئىسپانىيە سىۋىللىيا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 5 مەيدانغا چۈشۈپ 0 توپ ئۇرغان .
IX$dDwY|O>
1997-يىلى سالۋاردو ۋىلونىيا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 8 مەيدان مۇسابىقىدە 8 توپ ئۇرغان .
Wl dlN?[j
1997-يىلى برازىلىيە كىروزىئو كوماندسىىغا ۋاكالىتەن 1 مەيدان مۇسابىقىدە 0 توپ ئۇرغان .
yAy~|1}
1998-يىلىدىن 1999-يىلغىچە برازىلىيە بوتافوگو كوماندىسىدا توپ تەپكەن . 1998-يىلى ، 50مەيدان مۇسابىقىدە 26 توپ ئۇرغان . 1999-يىلى 24مەيدان مۇسابىقىدە 1 0توپ ئۇرغان .
s )POtJ<
2000-يىلى ياپونىينىڭ لۇداۋلۇجاۋ كوماندىسدا توپ تەپكەن . 8 مەيدان مۇسابىقىدە 1 توپ ئۇرغان .
$A;jl`ng
2001-يىلى برازىلىيە داگاما كوماندىسىدا توپ تەپكەن . 8مەيدان مۇسابىقىدە 2 توپ ئۇرغان .
'-oS=OrZ
2002-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانى بىرلەشمىسىدە توپ تەپكەن . 3 مەيدان مۇسابىقىدە 1 توپ ئۇرغان .
`O?Kftv*
_PLY
EiQX*v
بې بې تو دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقسى بولسا 1985-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ، پىرۇ بولغان مۇسابىقىسى . ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقسى بولسا 1998-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى فرانسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقسى . ئۇ دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 75 مەيدان مۇسابىقىدە 39 توپ ئۇرغان . دۇنيا لوڭقىسىدىكى 15 مەيدان مۇسابىقىدە 6 توپ ئۇرغان .
فلەش ھۆججىتىنى قويۇش
باھالاش خاتىرىسى:
تۆھپە:+15(dilhux) جاپا تارتىپس ..
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
ئامېرىكا
بىز باش ئەگمەيمىز.....
دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
UID:
783
جەۋھەر:
3
يازما:
7046
شۆھرەت:
7697 نۇمۇر
پۇل:
5785 سوم
تۆھپە:
146 نۇمۇر
ياخشى باھا:
180 نۇمۇر
توردا: 3197(سائەت)
تىزىملاش:
2007-10-18
ئاخىرقى:
2011-10-28
1
يوللانغان ۋاقت: 2011-06-26 12:27
ھەممىنى كۆرۈش
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
بالا تەۋرىتىش تەبرىكلەش ھەركىىتنىڭ ئىجادچىىسى....بى بى تو ئىسمى تاتلىق ھە ....
7r;7'X5
98.يىلى دۇنيا لۇڭقىسىغىمۇ قاتناشقانغۇ دەيمەن ...
سۈيىمەن سىنى ئۇيغۇر....
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
ئالدىنقى تېما
كىيىنكى تېما
پۇتبول كۇلۇبى
»
داڭلىق چولپانلار ۋە كوماندىلار