سىز بۇ تېمىنىڭ 2117 - ئوقۇرمىنى
تېما: خەتەرلىك مەرگەن - سانچېز
ئەركىنلىك !
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر تۆھپىكارى

UID: 132
جەۋھەر: 29
يازما: 5336
شۆھرەت: 5660 نۇمۇر
پۇل: 102740 سوم
تۆھپە: 316 نۇمۇر
ياخشى باھا: 125 نۇمۇر
توردا: 618(سائەت)
تىزىملاش: 2007-05-15
ئاخىرقى: 2011-10-18
0  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-26 03:16

خەتەرلىك مەرگەن - سانچېز

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ئاتېللا تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-06-26)
خەتەرلىك مەرگەن - سانچېز (y-x01H  
Vf"O/o}hq,  
M(_^'3u  
سانچېز دىسەم ئىتالىيە ئۇدىنىس كوماندىسىدىكى سانچېز ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلار ، پۇتبولچىلىق ساھەسىدە مىكسىكىلىق مادىرىد ئاجايىپ خەتەرلىك مەرگىنى سانچېز دەپ بىرىسى ئۆتكەن . يەنى 1980-يىللاردا پۇتبولچىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە دەل مىكسىكىلىق سانچېز مۇھىم رول ئوينىغان . ھەر مەيدان مۇسابىقىدە ئۇرغان توپى ئۈچۈن ئۇ يۇقىرىقىدەك موللاق ئېتىپ ، گىنماستىكا تىرىنىرى ئاچىسىغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ . ئۇ بېرنابۇۋدا ئۆزىنىڭ چىرايلىق توپلىرى بىلەن بېرنابۇۋنىڭ شۇنداقلا پۈتۈن مادىرىدنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان . ئۇ مىكسىكا كوماندىسىنى يىتەكلەپ بىر مەزگىل پۇتبولچىلىق ساھەسىدە دەۋىر سۈرگەن ... شۇڭا بۈگۈن سانچېزنى ئەسلەپ ، بۇ تىمىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن يوللىدىم ....... 6V.awg,  
# [gcg]6c  
l9M#]*{  
سانچېزنىڭ ياشلىقتىكى ئالتۇن دەۋىرى 2neF 
1 
1958-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ، سانچېز ( Hugo Sanchez) مىكسىكىنىڭ مىكسىكا شەھىرىدە تۇغۇلغان . كۆپلىگەن مىكسىكىلىق پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ نەزىرىدە ، سانچېز مىكسىكا تارىخىدىكى ئۇلۇغ پۇتبولچىلارنىڭ بىرى . چۈنكى ، بۇنداق دىيشدىكى سەۋەپ كىچىكىدىلا پۇتبول ئۈچۈن ياشىغان سانچېز مىكسىكا پۇتبولچىلىقىغا زور شەرەپلەرنى ۋە ئۆچمەس ئۇتۇقلارنى ئىلىپ كەلگەن . ئۇنىڭ مىكسىكا پۇتبولچىلىق ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنى ساناپ تۈگەتكسىز بولۇپ قالغان . تالانتىلىق ياش پۇتبولچى سانچېز ھامان ئۆز ئىپادىسىنى باشقىلارغا ئوخشىمغان جەھەتلەردە ئىپادىلەپ ، ئۆزىنىڭ تالانتىلىق بىر پۇتبولچى ئىكەنلىكىنى پۈتۈن پۇتبولچىلىق دۇنياسىغا تۇنۇتقان . 18ياشقا كىرگەن سانچېز مىكسىكا دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 80مەيدان مۇسابىقىدىن ئىشىپ كەتكەن بولۇپ ، بۇ نەتىجە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغاندەك ئىدى . چۈنكى ، 18 ياشقا كىرگەن بىر ياش ئۈچۈن 80 مەيدان دۆلەت مۇسابىقىسى ئاسان ئىشما ؟ مېنىڭچە بۇنى ئادەتتىكى پۇتبولچىلار ھەرگىزمۇ قىلالمايدىغۇ دەيمەن . 1976-يىلى ، ئۇ مىكسىكىنىڭ ئامىرىكا قىتئەسى شىرى كوماندىسى بىلەن توختام تۈزىدۇ . بىر يىلدىن كېيىن ، ئۇ ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ بىرلەشمە مۇسابىقسىنىڭ چېمىپيونلۇقىغا ئىرىشكەن . 2 يىلدىن كېيىن ، ئۆز ئىپادىسىنى دەرىجىدىن تاشقىرى جارى قىلدۇرغان سانچېز 26 توپ بىلەن بىرلەشمىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنىگە ئايلىنىدۇ . Qh)|FQ[s$r  
بۇ مەزگىللەردە ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى ، مىكسىكا بىرلەشمە مۇسابىقىسى تۈگىگەندىن كېيىن ئۇ ئامىرىكا قىتئەسى شىرى كوماندىسىدىن ئايرىلىپ ، يازلىق ئارام ئىلىش ۋاقىتىنى قولدىن بەرمەي ئامىرىكىغا سەپەر قىلىدۇ . سىز پەرەز قىلىپ بىقىڭ ، ئۇ ئامىرىكىغا بىرىپ زادى نىمە ئىش قىلماقچىدۇ ؟ ئۇ ئامىرىكىغا بىرىپ ئامىرىكا بىرلەشمىسىدە توپ تىپىدۇ . يەنى ئەينى چاغدىكى زەربە بەرگۈچى كوماندىسىغا قىتىلىپ ئامىرىكا بىرلەشمىسىنى ئوينايدۇ . بۇ ئۇنىڭ ئازىراق ۋاقىتىنىمۇ قولدىن بەرمەي ، پۇتبولغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ . ھەم بارلىق پۇتبول مەستانىلەرنىڭ چوڭقۇر ھۆرمەتلىشىگە ئىرىشكەن . XV74F l  
ئۇ مىكىسىكا بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 5 يىل توپ تەپكەندىن كېيىن ، ئۇ 99 توپىغا تاينىپ مىكسىكا پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۆچمەس قەھرىمانىغا ئايلانغان . ئۇ ئەمدى ئامىرىكا قىتئەسىدە ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ، ئەمدىكى نىشانى شامال ئوغلى - كانىگگىياغا ئوخشاش ياۋروپا پۇتبولچىلىقى بولۇپ قالغان . سانچېز ئۆز دۆلىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن 1981-يىلى ئىتالىيگە بارماستىن ئىسپانىيگە ئۆز پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ ئىككىنجى قەدىمىنى باشلايدۇ . ۋە تۇنجى پەسىلىك مۇسابىقىدە مادىرىد رىقابەت كوماندىسى ئۈچۈن توپ تەپكەن . ئۇ مادىرىد رىقابەت كوماندىسى ئۈچۈن 3 يىل توپ تەپكەن . بولۇپمۇ 1984\85-يىللىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئۇنىڭ ئاجايىپ ماھارىتى ياۋروپادىكى زەربىدار كۇلۇبلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان . ئۇ شۇ يىللىق پەسىلدە مادىرىد رىقابەت كوماندىسىنى يىتەكلەپ ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىغا ئىرىشىدۇ . ۋە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئىككىنجىلىكىنى قولغا كەلتۈرىدۇ . تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغىننى شۇكى ، ئۇ گەرچە مىكىسىكىلىق توپچى بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ چىرايلىق توپلىرى بىلەن شۇ يىللىق پەسلىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنىگە ئايلىنىدۇ . ۋە خەتەرلىك ھۇجۇمچى دىگەن شەرەپلەرگە ئىرىشىدۇ . n;-x!Gs  
1985-يىلى ، مادىرىدنىڭ پۈتۈن دىققىتى سانچېزدا بولىدۇ . شۇنداق قىلىپ شۇ يىلى ئۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا مادىرىد رىقابەت كۇلۇبىدىن مادىرىد كوماندىسىغا يۆتكىلىدۇ . 80يىللاردىكى مادىرىد كوماندىسى بارسېلونا كوماندىسدىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن بولۇپ ، ياۋروپا پۇتبولچىلىقىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان كوماندىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان . ئۇ مادىرىدتا ئوينىغان شۇ كۈنىدىن باشلاپ 1986يىلىدىن 1990-يىلىغىچە ئۇدا بەش يىل ئىچىدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 5 قىتىملىق چېمىپيونلۇقىغا ئىرىشكەن . 1989-يىلى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىغا ئىرىشكەن . 1986-يىلى بولسا ھازىرقى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى ( بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى ) غا ئىرىشىكەن .
"i!2=A8k  
]7#^])>  
LU-#=1Q  
مادىرىدتىكى خەتەرلىك ھۇجۇمچى - سانچېز jw`&Np2Q  
' 
خانلىق مادىرىدقا ئوڭۇشلۇق يۆتكەلگەن سانچېز خەتەرلىك مەرگەنگە ئايلانغان . پۇتبول مەستانلىرى ئۇنىڭ ئۇرغان توپلىرى ۋە مەيداندىكى ئىپادىسىدىن ئىنتايىن رازى بولغان . 5 يىللىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئۇ 4 قىتىم « بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى » ئايلانغان . ۋە ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن . ئۇ خانلىق مادىرىدتىكى مەزگىللىرىدە 283مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ 207 توپ ئۇرغان . بۇنى ئەينى چاغدىكى پۇتبول شاھى بىلىمۇ ئۇرۇپ بولالمىغان بولغىيتى دەيمەن . سانچېزنىڭ ئالدىدا بىلى ھىچقانچە ئىش ئەمەس ئوخشايدۇ . بولۇپمۇ 1989\1990-يىللىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ، ئۇ 38 توپ ئۇرۇپ خەتەرلىك ھۇجۇمچى زارانىڭ تاق پەسىلدە ئۇرغان توپىسى بىلەن تەڭلەشكەن . ئۇ بۇ 38 توپى بىلەن شۇ يىللىق ياۋروپا ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن . +t7c &td\  
بولۇپمۇ توپ ئۇرغان سانچېز خۇشاللىقىدا ھەر قىتىم موللاق ئىتىپ تەبرىكلەيدۇ . ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى ، بۇنىڭ پەردە ئارقىسىدا بىر تەسرلىك ھېكايە بار . ئۇنىڭ بىر ئاچىسى بار بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاچىسى گىنماستىكا ماھىرى . ئۇ كىچكىدىنلا ئاچىسىدىن موللاق ئىتىشىنى ئۆگەنگەن . ئاچىسى بىر قىتىمىلىق ئولمىپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا بەخىتكە قارشى يارىلىنىپ مەيداندىن چىكىنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، سانچېز ئاچىسىغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ھەر قىتىم توپ ئۇرغاندا موللاق ئىتىپ ئاچىسىغا بولغان مېھر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ . `@u +u0  
1992-يىلى ، 34ياشلىق سانچېز پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى ئەڭ ئالتۇن دەۋىرىنى كۈتىۋالىدۇ . ئۇ يەنە مىكىسىكىغا قايىتىپ كىلىدۇ ۋە ئامىرىكىلىقلار كوماندىسى ئۈچۈن توپ تىپىدۇ . ئۇ يەنە ئاتلانتا قاتارلىقلار كوماندىلاردىمۇ توپ تىپىدۇ . 1997-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ، ئۇ 39يىشىدا پۇتبولچىلىق سەھىنىسىدىن جۈملىدىن يىشل چىملىقتىن مەڭگۈ ئايرىلىدۇ . مىكسىكا پۇتبولچلىقىمۇ ئۇنىڭغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ . چۈنكى ، مىكىسىكا پۇتبولچىلىقدا سانچېزدەك بىر توپچىنىڭ چىقىشى ھەقىقەتەن تەس بىر ئىش .
p%1xj2 ?nN  
C:tSCNH[  
f^[{k {t  
بىراق ، ئۇ پۇتبولچىلىق ۋە مىكسىكا پۇتبولچىلىقغا داۋاملىق تۆھپە قۇشۇپ تۇرىدۇ . مىكسىكا بىرلەشمىسدىكى ئامىرىكا قىتئەسى شىرى كوماندىسىغا باش تىرىنىر بولۇپ ئىشلەيدۇ . ئۇ بۇ مەزگىلىدە ئامىرىكا قىتئەسى شىرى كوماندىسىنى يىتەكلەپ ئاجايىپ شان - شەرەپلەرنى ئىرىشتۈرىدۇ . ۋە بىرلەشمە چېمىپيونلۇقىنىمۇ قولغا كەلتۈرىدۇ . 2005-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ، ئۇ يەنە بىر قىتىم پۇتبولچىلىق دۇنياسىدىن ئايرىلىدۇ . يەنى باش تىرىنىرلىقتىن ئىستىپا بىرىدۇ . hr~qt~Oi  
2;Y@3d:z  
سانچېز ۋە دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى (!XYH@Mz 
1OiZNuI:E  
~n8*@9[  
q/rHHuY}  
گەرچە كۇلۇبتىكى پۇتبولچىلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ . ئۇ مىكسكا كوماندىسى ئۈچۈن جەمئىي 29 توپ ئۇرۇپ ، مىكسىكا پۇتبولچىلىقىدىكى بىر نامايەندە خاراكتېرلىك پۇتبولچىغا ئايلىنىدۇ. سانچېز پۇتبولچىلىق ھاياتىدا 3 قىتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدۇ . 1978-يىلى ئارگىنتىنا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى ئۇنىڭ تۇنجى قىتىمىلىق دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى بولۇپ قالىدۇ . بىراق ، پۇتبولنى بىرلا ئادەم تەپمەيدۇ . ئۇنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغان بىلەن ، باشقىلار ئۇنداق بولمىسا ھامان ئوڭۇشسىزلىق ئۇچرايدىغان گەپ . گۇرۇپپا مۇسابىقسىدە ئۇ ياۋروپادىن گىرمانىيە ،پولشا كوماندىسى بىلەن ، ئافرىقا قىتئەسىدىن تۇنىس كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ . تۇنجى مەيدان ئۇچرىشىشىدا ، ئاجىز دەپ قارىلىپ كىلىۋاتقان تۇنىس كوماندىسىغا 1-3 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرىۋىتىدۇ . بۇ سانچېز ئۈچۈن ئىنتايىن ئازاپلىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى بولۇپ قالىدۇ . گىرمانىيە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تىخىمۇ ئىچىنىشلىق بولۇپ قالىدۇ . يەنى 0-6 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرىۋىتىدۇ . پولشا كوماندىسىغا بولسا 1-3 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرىۋىتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن تۇنجى قىتىمىلق دۇنيا لوڭقىسى مانا مۇشۇنداق ئاياقلىشىدۇ . HdY3DdC%q  
1986-يىللىق ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدە مىكىسىكا كوماندىسى ئۇ باش تىرىنىر مىلىتىنوۋىچ بىلەن بىرلىكتە 8 قاتارىغا كىرىدۇ . بۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدىمۇ سانچېز باش تۆھپىكارغا ئايلىنىدۇ. ئۇ كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ، ئاسىيادىن ئىراق كوماندىسى بىلەن ، ئامىرىكا قىتئەسىدىن پاراگۋاي كوماندىسى بىلەن ۋە ياۋروپا قىتئەسىدىن بىلگىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىشىدۇ . تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ، مىكسىكا كوماندىسى 2-1 نەتىجە بىلەن بىلگىيە كوماندىسىنى يىڭىدۇ . مۇسابىقە باشلىنىپ 39-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا ، دەل سانچېز ناھايىتى چىرايلىق توپتىن بىرنى ئۇرۇپ ، مىكىسىكا كوماندىسىغا 3 نۇمۇرنى تۇلۇق ئىلىپ بىرىدۇ . 1-1 پاراگۋاي ، 1-0ئىراق كوماندىسىنى يىڭىپ گۇرۇپپىدىن يىڭەلمەستەك شانلىق نەتىجە بىلەن چىقىدۇ . 16 كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە بولسا 2-0نەتىجە بىلەن بۇلغارىيە كوماندىسىنى يىڭىدۇ . ۋە 8 كۈچلۈك قاتارىغا كىرىپ كوماندىنىڭ يىڭى رىكوتىنى يارىتىدۇ . بىراق ، كۈچلۈك رەقىب گىرمانىيە كوماندىسى بىلەن شۇنچە تىركەشكەن بولسىمۇ ، ئەمما 90 مىنۇت ۋە قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىت ئىچىدە توپ ئۇرالماي نۇقتا توپ جېڭىگە قەدەم قويىدۇ . 1-4 نەتىجە بىلەن گىرمانلىقلارغا ئۇتتۇرۇپ تاشلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن خەتەرلىك مەرگەن ھازىرقى داڭلىق ئارگىنتىنا چولپىنى مېسسىيغا ئوخشاش دۇنيا لوڭقىسىدە پەقەت ۋە پەقەت بىرلا توپ ئۇرۇشتەك نەتىجىنى ساقلاپ كىلىدۇ . كۇلۇبتا ياخشى ئوينىغان پۇتبولچى بەزىدە دۆلەت كوماندىسىدا ئوينىيالمايدىغانلىقى ئېنىق . =E"kv!e   
1994-يىللىق ئامىرىكا دۇنيا لوڭقىسىدە ، ئۇ 36 يىشىدا مىكسىكا كوماندىسىنى يىتەكلەپ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشتۇرىدۇ . بىراق ، 2-1 نەتىجە ئىرلاندىينى يەڭگەن بولسىمۇ ، ئەمما 0-1 نەتىجە بىلەن نورۋىگىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ تاشلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن مىكسىكا كوماندىسى گۇرۇپپىدىن چىقالماي ئۆز دۆلىتىگە قايتىدۇ . ئامالسىزلىقتا قالغان سانچېزمۇ شۇنىڭ بىلەن دۆلەت كوماندىسىدىكى پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاياقلاشتۇرىدۇ .
2004-يىلى 3-ئايدا ، خەلىقئارالىق پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئىلان قىلغان دۇنيا پۇتبولچىلىقىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن 125 چولپاننىڭ ئىچىدە مىكىسىكا پۇتبولچىلىقىدىن پەقەت بىرلا ئادەم چىقىدۇ . ئۇ بولسىمۇ خەتەرلىك مەرگەن -سانچېز !! iS:PRa1  
vs'L1$L'c  
Vav+$l|j@  
Oc"'ay(g  
cvs" WX3  
aoakTi!}  
9 .&Or4>  
ik1L  
X>@.-{6T  
باھالاش خاتىرىسى:
  • ياخشى باھا:+25(ئاتېللا) ئالغا مادرىد
  • چىملىق مەيداندىكى ماشىنا ئادەم
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

    UID: 8240
    جەۋھەر: 0
    يازما: 1741
    شۆھرەت: 2130 نۇمۇر
    پۇل: 602065 سوم
    تۆھپە: 11 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردا: 634(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-10-19
    ئاخىرقى: 2011-10-28
    1  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-26 20:04

    appWq}db  
    5-باشقارمىدىكى دولغا ئوخشايدىكەن ھە