سىز بۇ تېمىنىڭ 2110 - ئوقۇرمىنى
تېما: خەتەرلىك مەرگەن - سانچېز
ئەركىنلىك !
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر تۆھپىكارى

UID: 132
جەۋھەر: 29
يازما: 5336
شۆھرەت: 5660 نۇمۇر
پۇل: 102740 سوم
تۆھپە: 316 نۇمۇر
ياخشى باھا: 125 نۇمۇر
توردا: 618(سائەت)
تىزىملاش: 2007-05-15
ئاخىرقى: 2011-10-18
0  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-26 03:16

خەتەرلىك مەرگەن - سانچېز

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ئاتېللا تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-06-26)
خەتەرلىك مەرگەن - سانچېز w}0PtzOe  
@:8|tJu8b  
gne c#j  
سانچېز دىسەم ئىتالىيە ئۇدىنىس كوماندىسىدىكى سانچېز ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلار ، پۇتبولچىلىق ساھەسىدە مىكسىكىلىق مادىرىد ئاجايىپ خەتەرلىك مەرگىنى سانچېز دەپ بىرىسى ئۆتكەن . يەنى 1980-يىللاردا پۇتبولچىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە دەل مىكسىكىلىق سانچېز مۇھىم رول ئوينىغان . ھەر مەيدان مۇسابىقىدە ئۇرغان توپى ئۈچۈن ئۇ يۇقىرىقىدەك موللاق ئېتىپ ، گىنماستىكا تىرىنىرى ئاچىسىغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ . ئۇ بېرنابۇۋدا ئۆزىنىڭ چىرايلىق توپلىرى بىلەن بېرنابۇۋنىڭ شۇنداقلا پۈتۈن مادىرىدنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان . ئۇ مىكسىكا كوماندىسىنى يىتەكلەپ بىر مەزگىل پۇتبولچىلىق ساھەسىدە دەۋىر سۈرگەن ... شۇڭا بۈگۈن سانچېزنى ئەسلەپ ، بۇ تىمىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن يوللىدىم ....... qz):YHxT]n  
^8*.r+7p  
p  
سانچېزنىڭ ياشلىقتىكى ئالتۇن دەۋىرى 9lwg`UWl,  
Y-9F*8<  
1958-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ، سانچېز ( Hugo Sanchez) مىكسىكىنىڭ مىكسىكا شەھىرىدە تۇغۇلغان . كۆپلىگەن مىكسىكىلىق پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ نەزىرىدە ، سانچېز مىكسىكا تارىخىدىكى ئۇلۇغ پۇتبولچىلارنىڭ بىرى . چۈنكى ، بۇنداق دىيشدىكى سەۋەپ كىچىكىدىلا پۇتبول ئۈچۈن ياشىغان سانچېز مىكسىكا پۇتبولچىلىقىغا زور شەرەپلەرنى ۋە ئۆچمەس ئۇتۇقلارنى ئىلىپ كەلگەن . ئۇنىڭ مىكسىكا پۇتبولچىلىق ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنى ساناپ تۈگەتكسىز بولۇپ قالغان . تالانتىلىق ياش پۇتبولچى سانچېز ھامان ئۆز ئىپادىسىنى باشقىلارغا ئوخشىمغان جەھەتلەردە ئىپادىلەپ ، ئۆزىنىڭ تالانتىلىق بىر پۇتبولچى ئىكەنلىكىنى پۈتۈن پۇتبولچىلىق دۇنياسىغا تۇنۇتقان . 18ياشقا كىرگەن سانچېز مىكسىكا دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 80مەيدان مۇسابىقىدىن ئىشىپ كەتكەن بولۇپ ، بۇ نەتىجە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغاندەك ئىدى . چۈنكى ، 18 ياشقا كىرگەن بىر ياش ئۈچۈن 80 مەيدان دۆلەت مۇسابىقىسى ئاسان ئىشما ؟ مېنىڭچە بۇنى ئادەتتىكى پۇتبولچىلار ھەرگىزمۇ قىلالمايدىغۇ دەيمەن . 1976-يىلى ، ئۇ مىكسىكىنىڭ ئامىرىكا قىتئەسى شىرى كوماندىسى بىلەن توختام تۈزىدۇ . بىر يىلدىن كېيىن ، ئۇ ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ بىرلەشمە مۇسابىقسىنىڭ چېمىپيونلۇقىغا ئىرىشكەن . 2 يىلدىن كېيىن ، ئۆز ئىپادىسىنى دەرىجىدىن تاشقىرى جارى قىلدۇرغان سانچېز 26 توپ بىلەن بىرلەشمىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنىگە ئايلىنىدۇ . "@_f>3z  
بۇ مەزگىللەردە ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى ، مىكسىكا بىرلەشمە مۇسابىقىسى تۈگىگەندىن كېيىن ئۇ ئامىرىكا قىتئەسى شىرى كوماندىسىدىن ئايرىلىپ ، يازلىق ئارام ئىلىش ۋاقىتىنى قولدىن بەرمەي ئامىرىكىغا سەپەر قىلىدۇ . سىز پەرەز قىلىپ بىقىڭ ، ئۇ ئامىرىكىغا بىرىپ زادى نىمە ئىش قىلماقچىدۇ ؟ ئۇ ئامىرىكىغا بىرىپ ئامىرىكا بىرلەشمىسىدە توپ تىپىدۇ . يەنى ئەينى چاغدىكى زەربە بەرگۈچى كوماندىسىغا قىتىلىپ ئامىرىكا بىرلەشمىسىنى ئوينايدۇ . بۇ ئۇنىڭ ئازىراق ۋاقىتىنىمۇ قولدىن بەرمەي ، پۇتبولغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ . ھەم بارلىق پۇتبول مەستانىلەرنىڭ چوڭقۇر ھۆرمەتلىشىگە ئىرىشكەن . sT ONkd  
ئۇ مىكىسىكا بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 5 يىل توپ تەپكەندىن كېيىن ، ئۇ 99 توپىغا تاينىپ مىكسىكا پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۆچمەس قەھرىمانىغا ئايلانغان . ئۇ ئەمدى ئامىرىكا قىتئەسىدە ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ، ئەمدىكى نىشانى شامال ئوغلى - كانىگگىياغا ئوخشاش ياۋروپا پۇتبولچىلىقى بولۇپ قالغان . سانچېز ئۆز دۆلىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن 1981-يىلى ئىتالىيگە بارماستىن ئىسپانىيگە ئۆز پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ ئىككىنجى قەدىمىنى باشلايدۇ . ۋە تۇنجى پەسىلىك مۇسابىقىدە مادىرىد رىقابەت كوماندىسى ئۈچۈن توپ تەپكەن . ئۇ مادىرىد رىقابەت كوماندىسى ئۈچۈن 3 يىل توپ تەپكەن . بولۇپمۇ 1984\85-يىللىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئۇنىڭ ئاجايىپ ماھارىتى ياۋروپادىكى زەربىدار كۇلۇبلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان . ئۇ شۇ يىللىق پەسىلدە مادىرىد رىقابەت كوماندىسىنى يىتەكلەپ ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىغا ئىرىشىدۇ . ۋە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئىككىنجىلىكىنى قولغا كەلتۈرىدۇ . تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغىننى شۇكى ، ئۇ گەرچە مىكىسىكىلىق توپچى بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ چىرايلىق توپلىرى بىلەن شۇ يىللىق پەسلىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنىگە ئايلىنىدۇ . ۋە خەتەرلىك ھۇجۇمچى دىگەن شەرەپلەرگە ئىرىشىدۇ . MH-,+-Eq  
1985-يىلى ، مادىرىدنىڭ پۈتۈن دىققىتى سانچېزدا بولىدۇ . شۇنداق قىلىپ شۇ يىلى ئۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا مادىرىد رىقابەت كۇلۇبىدىن مادىرىد كوماندىسىغا يۆتكىلىدۇ . 80يىللاردىكى مادىرىد كوماندىسى بارسېلونا كوماندىسدىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن بولۇپ ، ياۋروپا پۇتبولچىلىقىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان كوماندىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان . ئۇ مادىرىدتا ئوينىغان شۇ كۈنىدىن باشلاپ 1986يىلىدىن 1990-يىلىغىچە ئۇدا بەش يىل ئىچىدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 5 قىتىملىق چېمىپيونلۇقىغا ئىرىشكەن . 1989-يىلى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىغا ئىرىشكەن . 1986-يىلى بولسا ھازىرقى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى ( بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى ) غا ئىرىشىكەن .
w67Pw  
Z~ (QV0}  
Cq=c'(cX  
مادىرىدتىكى خەتەرلىك ھۇجۇمچى - سانچېز )Lq FZ~B  
E^G=  
خانلىق مادىرىدقا ئوڭۇشلۇق يۆتكەلگەن سانچېز خەتەرلىك مەرگەنگە ئايلانغان . پۇتبول مەستانلىرى ئۇنىڭ ئۇرغان توپلىرى ۋە مەيداندىكى ئىپادىسىدىن ئىنتايىن رازى بولغان . 5 يىللىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئۇ 4 قىتىم « بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى » ئايلانغان . ۋە ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن . ئۇ خانلىق مادىرىدتىكى مەزگىللىرىدە 283مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ 207 توپ ئۇرغان . بۇنى ئەينى چاغدىكى پۇتبول شاھى بىلىمۇ ئۇرۇپ بولالمىغان بولغىيتى دەيمەن . سانچېزنىڭ ئالدىدا بىلى ھىچقانچە ئىش ئەمەس ئوخشايدۇ . بولۇپمۇ 1989\1990-يىللىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ، ئۇ 38 توپ ئۇرۇپ خەتەرلىك ھۇجۇمچى زارانىڭ تاق پەسىلدە ئۇرغان توپىسى بىلەن تەڭلەشكەن . ئۇ بۇ 38 توپى بىلەن شۇ يىللىق ياۋروپا ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن . x$t=6@<]  
بولۇپمۇ توپ ئۇرغان سانچېز خۇشاللىقىدا ھەر قىتىم موللاق ئىتىپ تەبرىكلەيدۇ . ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى ، بۇنىڭ پەردە ئارقىسىدا بىر تەسرلىك ھېكايە بار . ئۇنىڭ بىر ئاچىسى بار بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاچىسى گىنماستىكا ماھىرى . ئۇ كىچكىدىنلا ئاچىسىدىن موللاق ئىتىشىنى ئۆگەنگەن . ئاچىسى بىر قىتىمىلىق ئولمىپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا بەخىتكە قارشى يارىلىنىپ مەيداندىن چىكىنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، سانچېز ئاچىسىغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ھەر قىتىم توپ ئۇرغاندا موللاق ئىتىپ ئاچىسىغا بولغان مېھر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ . P]G2gDO  
1992-يىلى ، 34ياشلىق سانچېز پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى ئەڭ ئالتۇن دەۋىرىنى كۈتىۋالىدۇ . ئۇ يەنە مىكىسىكىغا قايىتىپ كىلىدۇ ۋە ئامىرىكىلىقلار كوماندىسى ئۈچۈن توپ تىپىدۇ . ئۇ يەنە ئاتلانتا قاتارلىقلار كوماندىلاردىمۇ توپ تىپىدۇ . 1997-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ، ئۇ 39يىشىدا پۇتبولچىلىق سەھىنىسىدىن جۈملىدىن يىشل چىملىقتىن مەڭگۈ ئايرىلىدۇ . مىكسىكا پۇتبولچلىقىمۇ ئۇنىڭغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ . چۈنكى ، مىكىسىكا پۇتبولچىلىقدا سانچېزدەك بىر توپچىنىڭ چىقىشى ھەقىقەتەن تەس بىر ئىش .
d*(1t\  
W#$rC 
V_:/#G]jeG  
بىراق ، ئۇ پۇتبولچىلىق ۋە مىكسىكا پۇتبولچىلىقغا داۋاملىق تۆھپە قۇشۇپ تۇرىدۇ . مىكسىكا بىرلەشمىسدىكى ئامىرىكا قىتئەسى شىرى كوماندىسىغا باش تىرىنىر بولۇپ ئىشلەيدۇ . ئۇ بۇ مەزگىلىدە ئامىرىكا قىتئەسى شىرى كوماندىسىنى يىتەكلەپ ئاجايىپ شان - شەرەپلەرنى ئىرىشتۈرىدۇ . ۋە بىرلەشمە چېمىپيونلۇقىنىمۇ قولغا كەلتۈرىدۇ . 2005-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ، ئۇ يەنە بىر قىتىم پۇتبولچىلىق دۇنياسىدىن ئايرىلىدۇ . يەنى باش تىرىنىرلىقتىن ئىستىپا بىرىدۇ . 6K6ihR!d  
.nnAI@7E  
سانچېز ۋە دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى 8V@3T/}  
Lgy}Gm8u5  
o Vs&r?\Z  
4r %NtXAa  
گەرچە كۇلۇبتىكى پۇتبولچىلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ . ئۇ مىكسكا كوماندىسى ئۈچۈن جەمئىي 29 توپ ئۇرۇپ ، مىكسىكا پۇتبولچىلىقىدىكى بىر نامايەندە خاراكتېرلىك پۇتبولچىغا ئايلىنىدۇ. سانچېز پۇتبولچىلىق ھاياتىدا 3 قىتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدۇ . 1978-يىلى ئارگىنتىنا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى ئۇنىڭ تۇنجى قىتىمىلىق دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى بولۇپ قالىدۇ . بىراق ، پۇتبولنى بىرلا ئادەم تەپمەيدۇ . ئۇنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغان بىلەن ، باشقىلار ئۇنداق بولمىسا ھامان ئوڭۇشسىزلىق ئۇچرايدىغان گەپ . گۇرۇپپا مۇسابىقسىدە ئۇ ياۋروپادىن گىرمانىيە ،پولشا كوماندىسى بىلەن ، ئافرىقا قىتئەسىدىن تۇنىس كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ . تۇنجى مەيدان ئۇچرىشىشىدا ، ئاجىز دەپ قارىلىپ كىلىۋاتقان تۇنىس كوماندىسىغا 1-3 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرىۋىتىدۇ . بۇ سانچېز ئۈچۈن ئىنتايىن ئازاپلىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى بولۇپ قالىدۇ . گىرمانىيە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تىخىمۇ ئىچىنىشلىق بولۇپ قالىدۇ . يەنى 0-6 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرىۋىتىدۇ . پولشا كوماندىسىغا بولسا 1-3 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرىۋىتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن تۇنجى قىتىمىلق دۇنيا لوڭقىسى مانا مۇشۇنداق ئاياقلىشىدۇ . > 
1986-يىللىق ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدە مىكىسىكا كوماندىسى ئۇ باش تىرىنىر مىلىتىنوۋىچ بىلەن بىرلىكتە 8 قاتارىغا كىرىدۇ . بۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدىمۇ سانچېز باش تۆھپىكارغا ئايلىنىدۇ. ئۇ كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ، ئاسىيادىن ئىراق كوماندىسى بىلەن ، ئامىرىكا قىتئەسىدىن پاراگۋاي كوماندىسى بىلەن ۋە ياۋروپا قىتئەسىدىن بىلگىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىشىدۇ . تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ، مىكسىكا كوماندىسى 2-1 نەتىجە بىلەن بىلگىيە كوماندىسىنى يىڭىدۇ . مۇسابىقە باشلىنىپ 39-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا ، دەل سانچېز ناھايىتى چىرايلىق توپتىن بىرنى ئۇرۇپ ، مىكىسىكا كوماندىسىغا 3 نۇمۇرنى تۇلۇق ئىلىپ بىرىدۇ . 1-1 پاراگۋاي ، 1-0ئىراق كوماندىسىنى يىڭىپ گۇرۇپپىدىن يىڭەلمەستەك شانلىق نەتىجە بىلەن چىقىدۇ . 16 كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە بولسا 2-0نەتىجە بىلەن بۇلغارىيە كوماندىسىنى يىڭىدۇ . ۋە 8 كۈچلۈك قاتارىغا كىرىپ كوماندىنىڭ يىڭى رىكوتىنى يارىتىدۇ . بىراق ، كۈچلۈك رەقىب گىرمانىيە كوماندىسى بىلەن شۇنچە تىركەشكەن بولسىمۇ ، ئەمما 90 مىنۇت ۋە قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىت ئىچىدە توپ ئۇرالماي نۇقتا توپ جېڭىگە قەدەم قويىدۇ . 1-4 نەتىجە بىلەن گىرمانلىقلارغا ئۇتتۇرۇپ تاشلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن خەتەرلىك مەرگەن ھازىرقى داڭلىق ئارگىنتىنا چولپىنى مېسسىيغا ئوخشاش دۇنيا لوڭقىسىدە پەقەت ۋە پەقەت بىرلا توپ ئۇرۇشتەك نەتىجىنى ساقلاپ كىلىدۇ . كۇلۇبتا ياخشى ئوينىغان پۇتبولچى بەزىدە دۆلەت كوماندىسىدا ئوينىيالمايدىغانلىقى ئېنىق . MQ01!Y[q_7  
1994-يىللىق ئامىرىكا دۇنيا لوڭقىسىدە ، ئۇ 36 يىشىدا مىكسىكا كوماندىسىنى يىتەكلەپ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشتۇرىدۇ . بىراق ، 2-1 نەتىجە ئىرلاندىينى يەڭگەن بولسىمۇ ، ئەمما 0-1 نەتىجە بىلەن نورۋىگىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ تاشلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن مىكسىكا كوماندىسى گۇرۇپپىدىن چىقالماي ئۆز دۆلىتىگە قايتىدۇ . ئامالسىزلىقتا قالغان سانچېزمۇ شۇنىڭ بىلەن دۆلەت كوماندىسىدىكى پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاياقلاشتۇرىدۇ .
2004-يىلى 3-ئايدا ، خەلىقئارالىق پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئىلان قىلغان دۇنيا پۇتبولچىلىقىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن 125 چولپاننىڭ ئىچىدە مىكىسىكا پۇتبولچىلىقىدىن پەقەت بىرلا ئادەم چىقىدۇ . ئۇ بولسىمۇ خەتەرلىك مەرگەن -سانچېز !! Z^b1i`v  
)%0#XC^/X5  
crUXpD  
k;]&`c^5  
U_+> 4zdm  
Gk 
n@xU5Q  
n-uoY<;hp  
9R!.U\sq  
باھالاش خاتىرىسى:
  • ياخشى باھا:+25(ئاتېللا) ئالغا مادرىد
  • مەڭگۈ ياش!!!
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: پۇتبول مەستانىسى
    UID: 3402
    جەۋھەر: 3
    يازما: 295
    شۆھرەت: 795 نۇمۇر
    پۇل: 309612 سوم
    تۆھپە: 70 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 104 نۇمۇر
    توردا: 419(سائەت)
    تىزىملاش: 2008-06-16
    ئاخىرقى: 2011-10-27
    1  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-26 19:04

    بۇ ھازىر تېرېنېرلىق قىلىۋاتىدىغۇ دەيمەن ،بىر مۇسابىقە جەريانىدا چۈشەندۈرگۈچى بۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ ھازىر يېڭى تۇتقان كوماندىسىدا باشقا جىق نەرسە بىلەن كارى بولماي نەچچە ھۇجۇمچىنى چاقىرىۋېلىپ توختىماي داۋگۇڭ ئېتىشنى مەشق قىلدۇرىدۇ دەپ بىر پۇتبولچىنىڭ نارازىلىقىنى دىگەندەك قىلغان...
    دۇنيادا پەقەت بىرلا «قىزىل ئالۋاستى » بار!!!