بۇ قىتىم غۇلجا چولپان كۇماندىسى ھەقىقەتەن چولپانلار توپلاشقان كۇماندا بولدى.تۇنجى كۈنىدىكى مۇسابىقىدە خانتەڭرى كۇماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كىيىن دەرھال ئىككىنچى پىلان بويىچە ئىش كۆردى.يەنى غولجا كۇماندىسى ئەزالارنى مەلۇم قىلغاندا ئۇرۇمچىدىكى بىر قىسىم پۇتبولچىلارنىمۇ قوشوپ تىزىمغا ئالدۇرۇغان.بۇلار شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتىن مەردان(قەشقەردىن)،ئىمىنجان(ئاتۇشتىن)،مۇھەممەت يۇسۇپ(قەشقەردىن)،دىلمۇرات(ئالتايدىن)،شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىن نىزامىدىن(ئاتۇشتىن)،سوڭچىڭلىڭ پوتبول مەكتىۋىدىن شەۋكەت(ئاتۇشتىن)قاتارلىق ماھىرلار.ئىككىنچى كۇنى قاراماي بىلەن بولغان مۇسابىقە ئەڭ قىزىغان،ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقە بولدى.كىيىنكى يىرىم مەيداندا22-نۇمۇر،يەنى گۇاڭجۇ خىڭدا كۇماندىسىغا بارماقچى بولغان سوڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىدىكى شەۋكەت شۇنداق چىرايلىق بىر توپنى ئۇرىۋەتتى.كەينىدىنلا 13-نۇمۇر نۇرۇم بىر ئىختىيارى توپنى يۇقىرى سەۋىيەدە كىرگۇزۇپ بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىگە ئاساس سالدى. شەۋكەتنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشقىنىنى ئاڭلاپ قالغان سوڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋى رەھبەرلىرى ئۇنىڭغا قاتتىق كايىپ،مۇسابىقە ئوينىماسلىقنى تەلەپ قىلدى،چۇنكى سوڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋى قازاقىستانغا چىقىپ مۇسابىقە ئوينايدىغان بولغاچ غوللوق ماھىرىنىڭ يارىلىنىپ قىلىشىنىدىن ئەنسىرىدى.ئەتىسى رادىيۇ تىلۋىزىرىيە كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدەشاۋكەتنىڭ ئورنىغا دىلمۇرات ئۇينىدى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غۇلجا چولپان كۇماندىسىدىكى غولجىلىق ماھىرلارنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى.نەتىجىدە نۆلگە قارشى بىر بىلەن بۇ قىتىمقى مۇسابىقىنى تاماملاپ چىمپىيۇنلۇقنى قولغا ئالدى.بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە ھەممە كۇماندا قاتتىق ئادەم توپلىغان بولوپ،يارقىن نوقتا يەنىلا شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتى كۇماندا ئەزالىرى بولدى.چولپان كۇماندىسىكى بەش ماھىردىن باشقا قاراماي كۇماندىسىدا يولۋاس بىلەن ئىلھام.خانتەڭرى كۇماندىسىدا پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ ئەزالىرى،ئەلى،پەرھات،ئابدۇرازاق،ئىربول قاتارلىقلار بار ئىدى.ئۇرۇمچىدە كىچىكلەرنىڭ مۇسابىقىسىنى تولا كۆرۈپ كۇنۇ پ قاپتىكەنمىز.بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەدىكى چوڭلار مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئوقوۋاتقان چىغىمدا جىق كۆرىدىغان نەنمىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدىكى قايناق مۇسابىقە ئەھۋالى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى.بۇ مۇسابىقىنى تەشكىللىگەن،شۇنداقلا كۇماندا تەشكىللەپ كەلگەن ئاكىلارنىڭ سودىسىغا بەركەت بەرسۇن.