سىز بۇ تېمىنىڭ 3242 - ئوقۇرمىنى
تېما: مۇنبەر ئۈچۈن ...
... Inzaghi ...
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

UID: 91
جەۋھەر: 36
يازما: 1003
شۆھرەت: 2997 نۇمۇر
پۇل: 100632 سوم
تۆھپە: 268 نۇمۇر
ياخشى باھا: 180 نۇمۇر
توردا: 449(سائەت)
تىزىملاش: 2007-05-09
ئاخىرقى: 2011-03-03
0  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-13 01:08

مۇنبەر ئۈچۈن ...

    ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مۇنبەردىكى جامائەت !

مەن بۇ مۇنبەرگە 2007 - يىلى 5 - ئايدا تىزىملاتقان ، شۇ مەزگىللەردە توربەت ئارلاۋىتىپ مۇشۇ مۇنبەرنى ئۇچرۇتۇپ قالدىم ، كىرىپ باقسام نۇرغۇنلىغان پۇتبول سۆيەر دوستلار بەس مۇنازىرە قىلىشىۋىتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن خوشاللىقىمدا مەنمۇ ئەزا بولدۇم ... شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەن بۇ مۇنبەرنىڭ ئەزاسى بولدۇم ... ( شۇ ۋاقلاردا مىنىڭ قىسىمدىكى ۋاقتىم ئىدى ، ئاندا ساندا تورغا چىقالايتىم . ) قېرىشقاندەك مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي پارتىيىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئىلىپ شىزاڭغا مەجبۇرىيەت ئۆتىگىلى ماڭدىم . ئۇ يەردە تورغا چىقىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى .شۇنىڭدىن تارتىپ مەن بۇ مۇنبەردىن ئايرىلدىم . ئۇ يەردە ساق بىر يېرىم يىل تۇردۇم دىمەك تورغا چىقمىدىم !! ئۇ يەردىن ئاران قۇتۇلۇپ قانغۇچە تورغا چىقارمەن دىسەم خىزمەتكە بۆلىنىپ بەك ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىم !!! 2009 - يىلى بىر دوستومنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن شىنجاڭ پۇتبول مۇنبىرىگە ئەزا بۇلۇپ يېقىندىن ياردەمدە بولدۇم ، لىكىن ئۇزاققا بارماي ئۇ يەردىن زېرىكتىم چۈنكى ئۇ يەردە پۇتبول بىلىمى بارلار بەك ئاز ئىدى . شۇ كۈنلەردە پۇتبول مۇنبىرى ئىسىمگە كىلىپ دەرھال قايتىپ كەلدىم ... شۇ ۋاقىتتا مۇنبەردىكى تېمىلارغا ، ئىنكاسلارغا قاراپ ئىنتايىن مەننۇن بولدۇم چۈنكى بۇ تېمىلار ، ئىنكاسلار بەزىبىر كەسىپ ئھەلىرىدىنمۇ مۇكەممەل ئىدى ... بۇ بىر ياخشىلىنىش ئىدى ... قېرىشقاندەك قالايمىقانچىلىق ئىچىدە مۇنبەرمۇ تاقالدى ... مەنمۇ شۇ ئىشلار بىلەن ئىشلەپ ئالدىراش بولدۇم تاكى ئالدىنقى ئايغىچە ، بۇ مۇنبەرنىڭ ئەسلىگە كەلگىنىنى بىلگىلى تېخى بىر ئايمۇ بولمىدى ... شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە قايتىپ كەلدىم ! بۇ قېتىم كىلىپ ئۈمۈدسىزلەندىم  !!!! بۇرۇنقى مۇنبەردىكى بەس مۇنازىرىنى ، نادىر تېمىلارنى ئۇچراتمىدىم !!! قابىليەتلىك مۇنبەر ئەزالىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسىنى كۆرمىدىم !!! ئۇلار زادى نەگە كەتتى ؟ كۈنلەپ كۈنلەپ تېما يازساق چۈشكەن ئىنكاسنىڭ تايىنى يوق ، بۇغۇ مەيلى ، ئالدىراش ئوخشايدۇ دەپتىمەن ، لىكىن قارىسام توردا نۇرغۇن ئادەم بار ، ئەجەبا ئۇلار خەت ئۇرۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمۇ يە ؟ ئىنكاس بار دىسەكمۇ نەدىكى بىر ئىنكاسلار پەقەتلا پۇتبول بىلەن مۇناسىۋەتسىز !! يوق ئىشلارغا تىللىشىپ چىشلىشىۋاتقان ، غاجىلىشىۋاتقان !!!! قىمار خارەكتىرىدىكى تېمىلارغا قارىساق شۇنداق ئادەم جىق ! توۋا !!! ئۇتقان پۇلنى جەمىيەتتە خەجلىگىلى بولىدىغاندەك !!!! ئۇنداق قىلمايلى بالىلار !!! بۇنداق كېتىۋەرسەك مۇنبەردىكىلەرنىڭ سانى تېخىمۇ ئازلايدۇ !!! تېما يوقمىكى دىسەك خېلى ئوبدان تېمىلار بار بولمىسا !!! ھەممەيلەن تىرىشايلى !!! بىر كىشلىك تۆھپىنى قوشايلى  !!!! قارىسام مۇنبەردە بىر گەپنىڭ ئىككىسى بولسا مىدال ، ئۇنۋان دەيدىغان بوپتۇ ، ئۇلار بولسا نىمە بوپتۇ ، بولمىسا نىمە بوپتۇ !!!! ئەجەبا سىز شۇلارنى دەپ ئەزا بولغانما  !!!! ياق ياق بىز پۇتبولنى دەپ ئەزا بولغان !!! قاراپ بېقىڭ بەزەن ئەزالارغا ئۈچ يىل بولدى ئەزا بولغىلى بىر قېتىممۇ مىدال پىدال دېمىدى !!! بېرىش توغرا كەلسىمۇ شۇلارغا بېرىش كېرەك !! شۇنىڭ ئورنىغا ئىنكاس ، تېما توغۇرلۇق ئويلىشىلى !!!! ئىشىنىمەن ھەممەيلەن ئورتاق كۈچ چىقارساق چوقۇم بۇرۇنقى ھالىتىمىزگە قايتىمىز !! يەنە قېتىپ قويىدىغىنىم يوق ئىشلارنى دەپ بىر بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتمايلى !!! ئۇلار بەرىبىر خەق !!! سىزنىڭ ئۇلارنى دەپ قىلىۋاتقىنىڭىزنى بىلمەيدۇ !!! بىلگەن تەقدىردىمۇ نىمە قىلىپ بېرىدۇ ؟ شۇلارنى دەپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرەمدۇق ؟ گەپ قىلىڭ دىسە بىر مىللەت قېرىنداش دەيمىز ئەمەلىيەتتە كۆرسەتسەك بولىدۇ !!! ئۇلارنىڭ مۇسابىقىسىنى ھۇزۇرلىنىپ كۆرسەك بولىدۇ ، ئۇلارغا مەدەت ئاپىرىن ئوقۇساق بولىدۇ لىكىن قارغۇلارچە چوقۇنمايلى !!!! مەنمۇ دۆلەت كوماندىسى بويىچە ئارگېنتىنا مەستانىسى ، كۇلۇبلاردا مىلان مەستانىسى ، ئىنزاجى ، باتىستۇتا غا ئامراق ، شۇلار توغۇرلۇق بىرەرسىڭلار بىلەن گەپ تالىشىپ قالدىممۇ ؟ مەنمۇ ئىنكاس يازالايمەن لىكىن مەستانىلىغىمنى دەپ ئۆز قېرىنداشلىرىمنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگىم كەلمىدى !!!! بۇ يەرگە بىز ئۆگەنگىلى ، بىلمىگەننى بىلگىلى كىردوق ھەرگىزمۇ سوقاشقىلى كىرمىدوق !!!! ھەممىمىز ئورتاقلىشىپ مۇنبەر تەرەقىياتى ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشايلى !!!! جىق گەپ قىلىپ قويدۇم ، گەپنىمۇ ئوڭشاپ قىلالمايمەن ، توغرا چۈشىنىڭلار مەن خەنلەرنىىڭ تىلىدا ئوقۇغان !!! ئاخىرىدا تىنىڭلارغا سالامەت ، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن !!!!

مىللەتنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا ، مىللەتنىڭ ھىچنىمىسى بولمايدۇ!
دوستلۇق بىرىنچى !
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول مەستانىسى
UID: 8300
جەۋھەر: 0
يازما: 104
شۆھرەت: 174 نۇمۇر
پۇل: 200154 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 43(سائەت)
تىزىملاش: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2011-07-31
1  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-13 02:34

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى شەمشاددە2010-11-13 02:06يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
شۆھرەت بىلەن QQ دا تۇنجى پاراڭلاشقىنىمدا شىنجاڭ پۇتبول مۇنبىرىدە باشقۇرغۇچى ئىدى، شۇ چاغدا ئۇ يەردىن بۇ يەرگە كېلىشىنى تەۋسىيە قىلغانتىم. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئىسمى inzaghi ئىدى، بەزى بىر ئەزا بىلەن قاتتىق توۋلىشىپ قالغانلىقىنى دەپ قايتىپ كەلسە بولمايدىغانلىقىنى دىگەندە ئىسمىنى ئېبلىسقا ئۆزگەرتىپ بەرگىنىم ئېسىمدە. مۇنبەرگە قايتىپ كېلىپ تۇنجى تېمىسى «شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش» دىگەن تېما ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن شۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى مۇنبەر كوماندىسىنىڭ مۇسابىقسىىنى بىللە كۆرىدىغان بولۇپ كېلىشىپ مۇسابىقىغا ماڭىدىغان چاغدا ئۇنىڭغا تېلىغون قىلسام ئىدارىسىدا قاتتىق جىددى ئىش چىقىپ قالغانلىقىنى دەپ مۇسابىقىغا بارالمىغان.  
تۈنۈگۈندەكلا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.

ھەقىچان ئەينى ۋاقىتتا «پۇتبول» بىلەن دىيىشىپ قالغان گەپ .
QQدىن ۋاز كېچىپ MSNنى تاللىدىم !
دوستلۇق بىرىنچى !
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول مەستانىسى
UID: 8300
جەۋھەر: 0
يازما: 104
شۆھرەت: 174 نۇمۇر
پۇل: 200154 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 43(سائەت)
تىزىملاش: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2011-07-31
2  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-13 02:42

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 14قەۋەتتىكى شەمشاددە2010-11-13 02:35يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :

چۈشەنمىدىم

«پۇتبول»نىڭ ناھايىتى ئۇرۇشقاقلىقى كۆزدە تۇتۇلدى .
QQدىن ۋاز كېچىپ MSNنى تاللىدىم !