|
ئەسسالام ئەلەيكۇم
يۇۋىنتۇس كوماندىسىنىڭ ئىسمىغا دائىم ياندىشىپلا كىلىدىغان <<تاغىل ئاتلار>> ۋە <<تۇل خوتۇنلار>> دىگەن لەقەملىرىنى كۆپ ئاڭلايمىز. تاغىل ئات لەقىمىغۇ كىيىمنىڭ رەڭگى سەۋەبلىك بۇلىشى مۇمكىن. ئەمما تۇل خوتۇنلار دىگەن لەقىمى نەدىن كەلگەن؟ يۇۋىنتۇس دىگەن ئىسىم بىلەن نىمە باغلىنىشى بار؟
بەزىلەر يۇۋىنتۇس كوماندىسى ئىتالىيەدىكى ئەڭ قەدىمى كوماندا بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان دەپ قارىشىدۇ. لىكىن بۇ ھەقتە باشقىچە بىر ھىكايە بار.
يۇۋىنتۇس كۇلۇبى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن تورىن شەھرىنىڭ شەرق تەرىپىدە بىر تۇل خوتۇن بار ئىدى. ئېلىينىيا ئىسىملىك بۇ ئايالنىڭ ئۈيىنىڭ يان تەرىپىدە بىر پارچە بىكار يەر بۇلۇپ ياش بالىلار بۇ يەرنى مەيدان قىلىشىپ توپ ئوينىشاتتى. كىچىك بالىلارنى ۋە پۇتبولنى ياخشى كۆرىدىغان بۇ ئايال توپ ئوينىغان ياش بالىلارغا ھەقسىز يىمەك-ئىچمەك تەييار قىلىپ بېرەتتى.
يۇۋىنتۇس كوماندىسى قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا <<تۇل خوتۇن>> نىڭ ئۈيىنىڭ يېنىدا توپ تىپىدىغان 13 بالىدىن 8 بالا يۇۋىنتۇس كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولدى. قاتتىق خوشال بولغان ئېلينىيا بۇ بالىلارنىڭ مۇسابىقە ۋە مەشىقلىرىنى قويماي كۆرىدىغان، بالىلارغا بۇرۇنقىدەك يىمەك-ئىچمەكلەرنى ھەقسىز تەمىنلەيدىغان بولدى.
كوماندىغا كىرگەن 8 بالا قالتىس بالىلار ئىدى. ھەر قېتىم توپ كىرگۈزۈپ بۇلۇپ <<لافىيكىيا سىنيورا>> (ھۆرمەتلىك خېنىم) ياكى (تۇل خېنىم) دەپ تەبرىكلىشەتتى. تۇرىن شەھرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ بالىلارنىڭ ماھارىتىدىن ھوزورلىناتتى.
1908-يىلى يۇۋىنتۇس كۇلۇبى رەسمى قۇرۇلدى. يوقۇرقى 8 بالىلار تارقاپ ئالبېرتو ۋىلاسكى ئىسىملىك بالىلا يۇۋىنتۇس كوماندىسىنىڭ رەسمى توپچىسى بۇلۇپ قوشۇلدى. كۇلۇب قۇرۇلغان كۈنى تۇرىن كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى ۋە كۇلۇبنىڭ ئاساسچىلىرى بولغان بالىلارغا ياردەم قىلغان ئايالغا ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىگە <<تۇل خوتۇن>> دىگەن لەقەمنى يۇۋىنتۇس دىگەن ئىسىم بىلەن بىرگە ئىشلىتىشكە باشلىدى.
3 يىلدىن كىيىن ئېلىينىيانىڭ ئوغلى ئامرىكىلىق بىر قىز بىلەن توي قىلىپ ھەممىسى ئامرىكىغا كەتتى. لىكىن بۇ قىسسە تۇرىن، مىلان، رىملاردىكى زەنجىرسىمان ئاشخانىغا ئۇيۇلدى. ئۇ ئاشخانىنىڭ ئىسمى <<لافىيكىيا سىنيورا>> بۇلۇپ خۇجايىنى دەل ئېلىينىيا ئىدى.
بۇ قىسسە <<يۇۋىنتۇس>> دىگەن كىتابتا ۋە كوماندىنىڭ بىرىنجى نۇمۇرلۇق چولپىنى دېل پىيرونىڭ <<پۇتبول ئۇ بىر ئۇيۇنلا ئەمەس>> دىگەن كىتابىدا بار ئىدى.
گەرچە بۇ ھىكايە بەك ئىشەنچىلىك بولمىسىمۇ نىمە ئۈچۈن «تۇل خوتۇن » دىگەنگە ئازراق جاۋاب بۇلالايدۇ.
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|