بۇ يازمىنى ئاخىرىدا A.alim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2017-9-26 01:36
ئورگان تورى : ۋىللارېئال كۇلۇبى ئېسكىرىبانى مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى ..
ئېسكرىبا ئېسپانىيە بىرلەشمىسى مەستانىلىرى ئۈچۈن ناتۇنۇش بولمىسا كىرەك ، ئۇ ئالدىنقى يىلى مارسېلىنۇنىڭ قولىدىن سېرىق رەڭلىك سۇ ئاستى كېمىسى ئاتالغان ۋىللرېئال كوماندىسىنى ئۆتكىزىۋالغان ئىدى ، ئالدىنقى پەسىلدە بولسا ئۇ كوماندىنى يىتەكلەپ ئېسپانىيە بىرلەشمىسىدە 5 - ئورۇننى قولغا كەلتۈرگەن ، يېڭى پەسىللىك مۇسابىقىدە ۋىللارېئال كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى دىگەندەك ياخشى بولمىدى ، ئۆتۈپ كەتكەن 6 ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقىسدە 2 مەيدان ئۇتۇپ ، 1 مەيدان تەڭلىشىپ 3 مەيدان ئۇتتۇردى ، يەنە كىلىپ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى مۇسابىقىدە 0-4 نەتىجىدە ئىچىنىشلىق ھالدا گېتافى كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى ...
شۇنىڭدىن كىيىن ۋىللارېئال كوماندىسى بۈگۈن ئورگان تورىدا ئېسكرىبانى ۋەزىپىسىدىن بوشاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ئامەت تىلەش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ كوماندىغا قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئىتتى .. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېسكرىبا بۇ پەسىللىك ئېسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئىشتىن بوشىتىلغان ئىككىنجى مەشقاۋۇلغا ئايلاندى ..
ئورگان تورى : ۋىللارېئال كۇلۇبى خاۋې كاللىھانى كوماندىنىڭ يېڭى مەشقاۋۇللىقىغا تەيىنلىدى ..
ئېسكرىبا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، ۋىللارېئال كۇلۇنى ئورگان تورىدا خاۋې كاللىھانى يېڭى مەشقاۋۇللۇققا تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى ، كاللىھا بۇنىڭدىن بۇرۇن ۋىللارېئال ب كوماندىسىنى يىتەكلەپ تۆۋەن دەرىجىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتقان ئىدى ،. ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كىيىن ، ئارقىدىنلا ئۇ كوماندا مەشىق مەيدانىغا كىلىپ كىچىكتۈرۈلگەن كۈندىلىك مەشىقنى داۋاملاشتۇرۇپ ، توپچىلار بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تونۇشۇپ چىقىشنى ئۆمۈد قىلغان ، ۋىللارېئال كۇلۇبى ب كوماندىنىڭ يېڭى مەشقاۋۇلىنىمۇ ئەڭ تېز ۋاقىت ئىچىدە ئېلان قىلىدىكەن ...
![]()
|