بۇ يازمىنى ئاخىرىدا A.alim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2017-9-25 23:57
بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەر سائەت 2:45 مىنۇت ئۆتكەندە ، 2017\2018 مۇسابىقە پەسىللىك ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى قىززىق نوقتىلىق بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينىلىدۇ ، H گۇرۇپپىدىكى كۈچلۈك ھىسابلىنىدىغان ئىككى كوماندا يەنى بۇرۇسسىيە دورتمۇند كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا خانلىق مادرىد كوماندىسىنى كۈتىۋالىدۇ ، ..
مۇسابىقە تۈرى : 2017\2018 پەسىللىك ئۇزلۇنلۇق لوڭقىسى H گۇرۇپپا ئىككىنجى ئايلانما مۇسابىقىسى ..
مۇسابىقە مەيدانى : ۋېستفالىن ( دورتمۇند ) ؛
مۇسابىقە ۋاقتى : 9-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەر سائەت 2:45 مىنۇت ئۆتكەندە ؛
ئىككى كوماندىنىڭ ئۇچرۇشۇش تارېخىغا قارايدىغان بولساق ، دورتمۇند كوماندىسى يىقىنقى 5 مەيدان ئۇچرۇشۇشتا 1 مەيدان ئۇتۇپ 2 مەيدان تەڭلىشىپ 2 مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغان ، ئەمما يىقىنقى 4 مەيدان ۋېستفالىندىكى مۇسابىقىدە دورتمۇند كوماندىسى 3 مەيدان غەلبە قىلىپ 1 مەيدان تەڭلىشىشنى قولغا كەلتۈرگەن ، ..
بۇ مەيدان مۇسابىقە شۇ كۈنكى مۇسابىقە ئىچىدىكى ئەڭ قىززىق نوقتىلىق مۇسابىقە ھىسابلىنىدۇ ، گەرچە دورتمۇند كوماندىسى گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە 5 مەيدان ئۇتۇق ۋە بىر مەيدان تەڭلىشىش بىلەن قالتىس ئوت كۈچىنى نامايەن قىلىۋاتىدۇ ، ئەمما تۇنجى ئايلانما ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 1-3 نەتىجىدە توتىنھام رېس كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى ، نۆۋەتتە ئۆز مەيدانىدا ئەمەلى كۈچى كۈچلۈك بولغان سامان يولى جەڭ كېمىسى ئاتالغان خانلىق مادرىد كوماندىسىنى كۈتىۋالماقچى ، ئەگەر دورتمۇند كوماندىسى يەنە ئۇتتۇرۇپ قويسا گۇرۇپپىدىن ئۈزۈپ چىقىشى چوڭ تەھدىتكە ئۇچرايدۇ ، ئالدىنقى مەيدان گېرمانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە دورتمۇند ھوجۇمچىسى ئوبامىياڭ قالپاق ئويۇنىنى تاماملاپ ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى ، شۇنداق دىيەلەيمىزكى ئەتىدىكى مۇسابىقىدە ئوبامىياڭنىڭ ئىپادىسىنى ساقلاپ قىلىشى دورتمۇند كوماندىسىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ بىرىشى مۇمكىن ...
خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ بولسا بۇ پەسىللىك ئىپادىسىنى ياخشى دىگىنى بولمايدۇ ، يىقىنقى 6 مەيدان ئېسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە 3 مەيدان غەلبە قىلىپ 2 مەيدان تەڭلىشىپ 1 مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغان ، بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە ۋاقىتلىق 5-ئورۇندا تۇرماقتا ... 6-ئايلانمىدا 2-1 نەتىجىدە ئالاۋېس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما كوماندىنىڭ كوزۇر ھوجۇمچىسى رونالدۇ تىخى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقىنى يوق ،. چەكلىنىش ۋاقتى توشۇپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن توپ ئۇرۇپ باقمىدى ، نۆۋەتتە كونا رەقىبى دورتمۇند كوماندىسىغا يۈزلەنمەكچى بولغان خانلىق مادرىد كوماندىسى ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىدە ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۆمۈد قىلىدۇ .. تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغىنى ، يىقىنقى 4 مەيدان ۋېستفالىندىكى مۇسابىقىدە خانلىق مادرىد كومانسى 1 مەيدان تەڭلىشىپ 3 مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغان .. خانلىق مادرىد كوماندىسى ئۈچۈن بۇ مەيدان تولۇپ تاشقان خىيىم خەتەرگە تولغان مەيدان ھىسابلىنىدۇ ...
يۇقارقى قېززىق نوقتىلار شۇنى بىلدۈرىدىكى بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ قىززىيدىغىنى ئىنىق ، كىمنىڭ غەلبە قىلىشى مۈجمەل بولغانلىقى ئۈچۈن ،. مۇنبەرداشلارنىڭ مۇسابىقە كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە مۇنبەر ياۋرۇسى ئارقىلىق تاۋكا سورۇنىنى قىززىتىپ بىرىشىنى ئۆمۈد قىلىمىز !
دىققەت : مۇنبەر ياۋرۇسى بىلەنلا چەكلىنىدۇ ! مۇنبەر تېللاسى ئارقىلىق ئايرىۋاشلانغان مۇنبەرياۋرۇسى ئىشلىتىشمۇ بىردەك چەكلىنىدۇ !
|