|
بىۋاسىتە تارقىتىش 9- ئاينىڭ 25- كۈنىدىكى خەۋىرى ، سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 12:45 تە ، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە ، ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد كوماندىسى مېھمان مەيداندا دورتمۇند كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ .
سانلىق مەلۇماتلاردا ئاشكارىلىنىشىچە ، خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ گېرمانىيەدە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىلەردىكى نەتىجىسىدە بىرئاز ياخشىلىنىشلار بارلىققا كەلگەن ، مەسىلەن ئىلگىرى 6:1 نەتىجە شالك كوماندىسىنى ۋە 4:0 نەتىجىدە بەيرىن مىيۇنخېن كوماندىسىنى قىرغىن قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ دورتمۇند كوماندىسىنىڭ مەيدانىدىكى نەتىجىسى دىگەندەك ياخشى بولمىغان بولۇپ ، يىقىنقى 6 قېتىملىق مىھمان مەيداندا خانلىق مادرىد كوماندىسى بىر قېتىممۇ دورتمۇند كوماندىسىنى يېڭەلمەي 3 قېتىم تەڭلىشىپ 3 قېتىم ئۇتتۇرۇپ قويغان . 5 توپ كىرگۈزۈپ 11 توپ كەتكۈزۈپ قويغان . ئەمما گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى ئۇچرىشىشنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ۋاقىتتا ، خانلىق مادرىد كوماندىسى شاللاش مۇسابىقىسىدە دورتمۇند كوماندىسىنى شاللىغان پەسلىدە ئاخىرىدا خانلىق مادرىد كوماندىسى چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن .
خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ يىقىنقى 6 قېتىملىق مىھمان مەيداندىكى نەتىجىسى :
97~98 مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مىھمان مەيداندا 0:0 تەڭلىشىپ قالغان .
02~03 مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 1:1 تەڭلىشىپ قالغان .
12~13 مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 2:1 نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان .
12~13 مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 4:1 نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان .
13~14 مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 2:0 نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان .
16~17 مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 2:2 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالغان .
|
|