|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى
ئامېرىكىنىڭ « تەنتەربىيە رەسىم گېزىتى» پۈتۈن دۇنيادىكى بەدەن ساپاسى ئەڭ ياخشى بولغان 50 تەنھەرىكەتچىنى باھالاپ چىققان ، بۇ باھالاشتا خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ چولپىنى كىرىستىيانو رونالدو بىرىنچى ئورۇنغا، ۋاسكېتبول چولپىنى جامېس ئىككىنچى ئورۇنغا ، تېننىس توپ چولپىنى فېدېرېر ئۈچۈنچى ئورۇنغا تىزىلغان .
« تەنتەربىيە رەسىم گېزىتى » ماھىرلارنىڭ سۈرئەت، كۈچ، چىدامچانلىق ، چەبدەسلىك ، ئېلاستىكىلىق ھەمدە ئۆتۈپ كەتكەن 12 ئايدىكى ئىپادىسىگە قارىتا بۇ باھالاشنى ئېلىپ بارغان .
« تەنتەربىيە رەسىم گېزىتى» كىرىستىيانو رونالدونى مۇنداق باھالىغان :« داڭلىق پۇتبول چولپىنى كىرىستىيانو رونالدو مۇكەممەل بولغان بەدەن ساپاسى بىلەن داڭق چىقارغان ، رونالدونىڭ مۇسكۇللىرى بولسا ئۇنىڭ بەدىنىگە قاتتىق تەلەپ قويغانلىقىنىڭ مەسھۇلى، رونالدونىڭ مەشىقى بەدەن ۋە پىسخىكا قاتارلىق كۆپ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .»
« تەنتەربىيە رەسىم گېزىتى» باھالاپ چىققان دۇنيادىكى بەدەن ساپاسى ئەڭ ياخشى 50 تەنھەرىكەتچىنىڭ ئالدىنقى 10:
1. كىرىستىيانو رونالدو
2. جامېس
3. فېدېرېر
4. فلاسېي
5. ھاررېسون
6. ئودېل بېكھام
7. ۋېستبروك
8. ۋان نېكېرك
9. مايك گرادى
10. بارروس |
|