كۆرۈش: 1353|ئىنكاس: 49
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

21-ئەسىردىكى پۇتبول دۇنياسنى چۈشىنىپ بېقىڭ(2002-2012)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كوماندا باشلىقى

تۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15412
تېما سانى : 315
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 30762 ياۋرۇ
تىللاسى : 16 سەر
توردىكى ۋاقتى : 5354 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-3-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-28
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيىرلىك بولسۇن

ئۇزۇن بوپتۇ مۇنبەرگە تېما يېزىپ ھەر قايسى مۇنبەرداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنمىغىلى، تۆۋەندىكى تارىخي تېما ھەر بىر ياش پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئوقۇپ 21- ئەسىرنىڭ بېشىدىكى پۇتبول دۇنياسنى چۈشىنىپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن
2002-يىلدىكى پۇتبول دۇنياسى ۋە يۆتكىلىش ئەسلىمىلىرىگە نەزەر

2002-يىلى پۇتبول دۇنياسىدا كىچىك كوماندىلار ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى، ئىتالىيە بىرلەشمىسدىكى پارما، لازىئو، فىئورېنتىنا قاتارلىق كۇلۇبلار كەينى-كەينىدىن ۋەيران بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىتالىيە بىرلەشمسدىكى «يەتتە ئاچا-سىڭىل»نىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرى ئاخىرلاشتى.
بىر قىسىم داڭلىق چولپانلار يۇۋېنتۇس، قوشماق مىلان قاتارلىق كوماندىلارغا قوشۇلۇپ، شىمالدىكى ئۈچ كۈچلۈكنى شەكىللەندۈردى. زىدانى ۋە رونالدودىن كېيىن يەنە ئىككى «گىگانت چولپان» خانلىق مادرىد تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ، خانلىق مادرىدنىڭ «سامانيولى جەڭ كېمسى»نى شەكللەندۈردى. گېرمانىيە بىرلەشمىسى ۋە ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ تاشقى ھۆكۈمرانلىقى بىراقلا تۆۋەنلىدى.
2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسدا «تاشقى پىلانت ئادىمى» رونالدو سەككىز توپ كىرگۈزۈپ، بىرازىلىيەنى باشلاپ دۆلەت كوماندىسى تارىخىدىكى بەشىنچى قېتىملىق دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، شۇنداقلا شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسنىڭ «ئالتۇن كەش» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى كاھىن ۋە باللاكنىڭ قالتىس ئىپادىسىگە تايىنىپ دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرگەن بولسىمۇ، بىراق چېمپىيونلۇق مەقسىتىگە يېتەلمىدى. كۈچلۈك دەپ قارالغان فىرانسىيە كوماندىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسدە بىر توپمۇ كىرگۈزەلمەي ئېچىنىشلىق شاللىنىپ كېتىشى بىلەن فىرانسىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرى ئاخىرلاشتى.

2002-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمدا زىدانى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە يۇقىرى سەۋىيەدە بىر توپ كىرگۈزۈپ، خانلىق مادرىدنى يەنە بىر قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتۈردى. 6-ئايدىكى دۇنيا لوڭقىسدا زىدانى يارىلىنىش تۈپەيلى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسگە ئاران ئۈلگۈرگەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا فىرانسىيەنى شاللىنىپ كېتىش ھالاكىتىدىن قۇتۇلدۇرالمىدى. 2002-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمدا رونالدو خەلقئارا مىلاننى باشلاپ ئىتالىيە بىرلەشمىنىسڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق كېيىنكى يېرىم يىلدا دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ بۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالدى. 2002-يىلىدىكى خەلقئارا پۇتبول سەھنىسدە رونالدو بىلەن زىدانى مۇھىم شەخس بولۇپ، بۇ ئىككى توپچى 1996-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پۇتبول دۇنياسىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان.

ياۋروپا مۇسابىقىلىردە خانلىق مادرىد كۇلۇب تارىخىدىكى 9-قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئاران 3-ئورۇندا تۇردى. مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن بايرېن مىيۇنخېنىڭ ئۇدا ئۈچ يىللىق چېمپىيون بولۇش ھۆكۈمرانلىق دەۋرى ئاخىرلىشپ، ئارسېنال ۋە دورتموند بۇ ئىككى بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. ئىتالىيە بىرلەشمىسدە خەلقئارا مىلاننىڭ كۈچى ئاجىزلىشپ، يۇۋېنتۇس ئۈچ يىلدىن كېيىنكى تۇنجى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

2002-يىللىق ياۋروپا پۇتبول سەھنىلىرىدە يۆتكىلىش سودىلىرى ئىنتايىن روشەن بولدى، خانلىق مادرىد بىلەن بايرېن مىيۇنخېننىڭ ياۋروپا پۇتبول سەھنىسىدىكى رىقابەت كۈچى تۆۋەنلىدى، ئىتالىيە بىرلەشمسدىكى يۇۋېنتۇس ۋە قوشماق مىلان ياۋروپا پۇتبول دۇنياسدىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندىلارغا ئايلىنىپ، خانلىق مادرىد ۋە بايرېن مىيۇنخېننىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تارتىۋېلىشىقا باشلىدى، مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ كۈچى ئاجىزلىشپ، بارسېلونا داۋالغۇش ھالىتىدە تۇردى.

2002-يىلىدىكى پۇتبول دۇنياسىغا ئەڭ تەسىر قىلغان يۆتكىلىشلەر:

1. «رونالدونىڭ خەلقئارا مىلاندىن خانلىق مادرىدقا يۆتكىلىشى»
رونالدونىڭ خانلىق مادرىدقا قوشۇلۇشى شۇ يىلدىكى ئەڭ يارقىن يۆتكىلىش سودىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. رونالدو، رائۇل، زىدانى ۋە فىگودىن تەشكىللەنگەن «سامانيولى جەڭ كېمىسى» شۇ يىلدىكى كىشىلەرنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان ھۇجۇم گۇرۇپپىسى ئىدى. گەرچە خانلىق مادرىدنىڭ سەپ شەكلى مۇتلەق تەڭپۇڭ ھالەتكە يەتكەن بولسىمۇ، بىراق چولپانلارغا ئورۇن بوشىتىش ئۈچۈن خانلىق مادرىدتىن موناكوغا ئىجارىگە بېرىلگەن ھۇجۇمچى مورېنتىس موناكونى باشلاپ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىدنى شاللىۋەتتى.

2. «سېدروف ۋە نېستانىڭ AC مىلانغا يۆتكىلىشى»
لازىئو كۇلۇبىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىسقا پېتىپ قېلىشى بىلەن كوماندىنىڭ يادرولۇق ماھىرلىرى سېتىپ چىقىرىلدى. نېستا AC مىلانغا قوشۇلدى، گوللاندىيەلىك توپچى سېدروفمۇ شۇ يىلى يازدا AC مىلانغا قوشۇلدى. نېستا ۋە سېدروفنىڭ AC مىلانغا قوشۇلۇشى كوماندىنىڭ سەپ شەكلدىكى ئاجىزلىقىنى تولۇقلىدى. AC مىلان كېيىنكى بەش يىلدا ياۋروپا مۇسابىقىلىرىدە نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولغان كۇلۇبقا ئايلاندى. بەش يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىم ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرىپ، ئىككى قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، بىر قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

3. «فېردىناندنىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسگە قوشۇلۇشى»
نۇرغۇن كۇلۇبلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىسقا ئۇچرىشى بىلەن بىر قىسىم زەردار كۇلۇبلارنىڭ ئادەم سېتىۋېلىشىدا تەلىيى كەلدى. لېدىس بىرلەشمىسىدىكى فېردىناند مانچېستېر بىرلەشمىسگە قوشۇلدى. بۇ شۇ يىلدىكى رونالدونىڭ خانلىق مادرىدقا قوشۇلۇشىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق يۇقىرى سومملىق يۆتكىلىش سودىسى بولۇپ قالدى. بىراق كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ مانچېستېر بىرلەشمسدىكى مۇقىم ئىپادىسى بىلەن شۇ يىلدىكى قىممەت باھالىق يۆتكىلىش سوممىسىغا مۇناسىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

4. «پارمانىڭ گىلاردىنو، ئادرىيانو ۋە مۇتۇ قاتارلىق توپچىلارنى قوشۇۋېلىشى»
پارما كۇلۇبى كوماندىنىڭ كاپىتانى كاناۋرو ۋە كوماندىنىڭ مەرگىنى دىۋايودىن ئايرىلغاندىن كېيىن، گىلاردىنو، ئادرىيانو ۋە مۇتۇدىن ئىبارەت دۇنياۋى دەرىجىلىك ئۈچ مەرگەننى كوماندىغا قوشۇۋالدى. گىلاردىنو، ئادرىيانو ۋە مۇتۇدىن ئىبارەت ھۇجۇم گۇرۇپپىسى 2002/2003-يىللىق ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ھۇجۇم گۇرۇپپىسى بولۇپ قالدى. گىلاردىنو ئۇدا ئىككى يىل ئىتالىيە بىرلەشمسنىڭ «كۈمۈش كەش» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ ئۈچ توپچى شۇ يىللاردا پارما كۇلۇبنىڭ داۋاملىق «جان ساقلاپ» قېلىشىغا تۈرتكە بولغان.
5. «بايرېن مىيۇنخېننىڭ باللاك ۋە زې روبېرتونى قوشۇۋېلىشى»
دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بايرېن مىيۇنخېن «ئۈچ كۈمۈش شاھ» بولغان لېۋېركۇسېننىڭ يادروسى باللاك ۋە زې روبېرتونى كوماندىغا قوشۇۋالدى. ئىككى ئاساسلىق توپچىسدىن ئايرىلغان لېۋېركۇسېن كېيىنكى يىللاردا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى يوقاتتى. باللاك كوماندىغا قوشۇلغاندىن كېيىن بايرېن مىيۇنخېن قايتىدىن بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ياۋروپا سەھنىلىرىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى.

6. «كىرېسپو ۋە كاناۋرونىڭ خەلقئارا مىلانغا قوشۇلۇشى»
كىرېسپو خەلقئارا مىلانغا قوشۇلۇپ رونالدونىڭ ئورنىنى تولۇقلىدى، گەرچە توختىماي يارىلانغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا كوماندىنىڭ ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى تۆت كۈچلۈك باسقۇچىغا كىرىشىگە ياردەم قىلالىدى. ئۇ خەلقئارا مىلاندا ئاران بىر پەسىل توپ تېپىپ كېيىنكى يىلى سېتىۋېتىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتى چېكىنىش باسقۇچىغا يۈزلەندى.
پارما كۇلۇبىنىڭ كاپىتانى كاناۋرو كوماندىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىسقا ئۇچرىشى سەۋەبلىك خەلقئارا مىلانغا قوشۇلدى. ئۇ خەلقئارا مىلاندا ئەڭ قىيىن بولغان ئىككى پەسىلنى ئۆتكۈزدى.

7. «رىۋالدو ۋە رىكۇلمېنىڭ بارسېلونادىن ئايرىلشى، بارسېلونانىڭ مېندېتانى قوشۇۋېلىشى»
دۇنيا لوڭقسىدىن كېيىن 30 ياشلىق رىۋالدو ئەركىن توپچى سالاھىيىتىدە AC مىلانغا قوشۇلدى، AC مىلاندىمۇ ئوخشاشلا 10-نومۇرلۇق توپ كىيمى كىيىپ ئىتالىيە بىرلەشمىسدىكى كۈچلۈك رىقابەتكە قاتناشتى، بىراق ئاخىرىدا رىقابەتتە يېڭىلىپ، 32 يېشىدا ياۋروپا جەڭ مەيدانىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، بارسېلونا ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ يادروسى رىكۇلمېنى كوماندىغا قوشۇۋالدى. بىراق ئۇنىڭ مەيداندىكى سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقى كوماندىنىڭ مۇسابىقىلىشىش ئۇسلۇبىغا ماس كەلمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئىچ مىجەزلىكى ئۇنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىش يولىنى توسۇپ قويدى.
2003-يىلىدىكى پۇتبول دۇنياسى بولسا ياۋروپا پۇتبولىدا كونا-يېڭى كۈچلەرنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش- ئۆتكۈزۈۋېلىشدىكى مۇھىم بىر يىل بولۇپ قالدى. بېكھام خانلىق مادرىدتقا قوشۇلۇپ «سامانيولى جەڭ كېمىسى»نىڭ ھۇجۇمىدىكى تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ھەيۋەتلىك «سامانيولى جەڭ كېمىسى» ھالاكەتكە يۈزلىنىپ، توپخۇمارلارنى ئۈمىدىسزلەندۈردى. رونالدىنھو بارسېلوناغا قوشۇلۇپ سۈرئەت ۋە ھۇجۇم بىرلەشتۈرۈلگەن «ئىككىنچى چۈش كوماندىسى»نىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالدى. «تاشقى پلانت ئادىمى» رونالدو دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن رونالدىنھو دەۋرى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىدى. زىدانىنىڭ بۇ دەۋردىكى ئورنىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بۇ يىللاردىكى تالاش-تارتىشسىز «پادىشاھ» ئىدى. رۇسىيەلىك سودىگەر ئابراموۋىچ چېلسنى سېتىۋېلىپ، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن دەۋرىيلىك پۇتبول ئىستراتېگىيەسىنى بەرپا قىلدى. كاكا بىلەن كىرىستىيانو رونالدو ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىگە كىرىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد پۇتبول ھۆكۈمرانلىرى دەۋرىنى يارىتىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىدى.

2003-يىلىدىكى ياۋروپا پۇتبول دۇنياسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى:

2003-يىللىق يۆتكىلىش بازىرىدىكى يارقىن نۇقتا بېكھام بىلەن رونالدىنھو بولۇپ، بۇ ئىككى چولپان ئايرىم-ئايرىم ھالدا خانلىق مادرىد ۋە بارسېلوناغا قوشۇلۇپ ئىككى كوماندىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. ياۋروپا مۇسابىقىلىردە AC مىلان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە يۇۋېنتۇسنى مەغلۇپ قىلىپ، «مىلان خاندانلىقى»نىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ ئەينى يىللاردىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى «ئىتالىيە دېربىيسى» ئىدى.
يۇۋېنتۇس، خانلىق مادرىد، مانچېستېر بىرلەشمسى ۋە بايرېن مىيۇنخېن قاتارلىق زەردار كۇلۇبلار قايتىدىن بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق سەھنىسىدە بۇ تۆت بىرلەشمىنىڭ ئاتامانلىرىنىڭ ھەممىسى مەغلۇپ بولدى.
2003- يىلدىكى پۇتبول دۇنياسىغا ئەڭ تەسىر قىلغان  پۇتبول يۆتكىلىشلىرى:


1.«رونالدىنھونىڭ بارسېلوناغا قوشۇلۇشى»
رونالدىنھو بارسېلوناغا قوشۇلۇپ «ئىككىنچى چۈش كوماندىسى»نىڭ قۇرۇلۇشىدىكى دەسلەپكى ئاساسنى سالدى، رونالدىنھونىڭ كوماندىغا قوشۇلۇشى بىلەن فىگونىڭ بارسېلونادىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى توپخۇمارلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ھالاكەتكە يۈزلىنىش دەۋرى ئاخىرلىشىشقا باشلىدى. كېيىنكى يىللاردا رونالدىنھو شۇ دەۋرنىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىشى بىلەن زىدانى ۋە رونالدو دەۋرى ئاياغلاشتى.

2. «بېكھامنىڭ خانلىق مادرىدقا قوشۇلۇشى»
بېكھامنىڭ خانلىق مادرىدقا قوشۇلۇشى خانلىق مادرىدنىڭ شۇ يىللىق يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدىكى ئەڭ چوڭ نەتىجىسى بولۇپ قالغان. بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا ئوتتۇرا مەيدان چولپانلىرىنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشى ھۇجۇمدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، خانلىق مادرىدقا قوشۇلغان چولپانلارنىڭ يېشنىڭ چوڭيىپ كېتىشى، بىر قىسىم چولپانلارنىڭ كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى قىيىنلىشپ، سەپ شەكلىدە تەڭپۇڭسزلىق كۆرۈلدى. كوماندىدىكى چولپانلارنىڭ ياش مەسىلىسى خانلىق مادرىدنىڭ ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ، بۇمۇ كوماندىنىڭ بىر مەزگىل زاۋاللىققا يۈزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

3. «ماكېلېلېنىڭ كېتىپ قېلىشى»
ماكېلېلېنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىش تەلىپى خانلىق مادرىد تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كېيىن ئۇ چېلسىغا قوشۇلدى. ماكېلېلېنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى خانلىق مادرىدنىڭ سەپ شەكلىدىكى مۇداپىئەنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ بىر ئەۋلاد ئارقا بەل توپچىسىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى «سامانيولى جەڭ كېمىسى»نىڭ ھالاك بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىل.

4. «مورىنتېسنىڭ كونا ئائىلىسىنى مەغلۇپ قىلىشى»
كوماندىدىكى كۆپلىگەن داڭلىق توپچىلار تۈپەيلى مورىنتېسنىڭ  مەيدانغا چىقىش ۋاقىتى ئازلاپ موناكوغا ئىجارىگە بېرىلدى. ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە  مورىنتېس كونا ئائىلسنى مەغلۇپ قىلىپ خانلىق مادرىد ھۇجۇمنىڭ زاۋاللىققا يۈزلنىشدىكى  تۇنجى قەدەمدىكى پىلتىنى ياقتى.

5. «كاكانىڭ AC مىلانغا قوشۇلۇشى»
ئوتتۇرا شىمالىي ئامېرىكا كارپ دېڭىزى «ئالتۇن لوڭقا» مۇسابىقىسىدە چاقىنىغان چولپان كاكا AC مىلانغا قوشۇلۇپ، كوماندىنىڭ ھۇجۇمدىكى ئاجىزلىقىنى تولۇقلىدى. ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان كاكا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سۈرئىتىگە تايىنىپ كوماندىنىڭ يادروسىغا ئايلاندى، شۇنداقلا كېيىنكى يىللاردا AC مىلاننىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇشىغا ياردەم قىلدى. كاكانىڭ دۇنياۋى دەرىجىدىكى چولپانغا ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرىنى يارىتىشى كىرىستىيانو رونالدوغا قارىغاندا تېز بولدى.

6. «كىرىستىيانو رونالدونىڭ مانچېستېر بىرلەشمسىگە قوشۇلۇشى»
مانچېستېر بىرلەشمسى توپقا بولغان سەزگۈرلۈكى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان كىرىستىيانو رونالدونى كوماندىغا قوشۇۋېلىپ بېكھامنىڭ ئىز باسارى دەپ تەرىپلىدى. كىرىستىيانو رونالدونىڭ كوماندىغا ماسلىشىشى قەدەممۇ-قەدەم بولۇپ ئۇزاق بىر جەرياننى باشتىن كەچۈرگەنلىكتىن، مانچېستېر بىرلەشمىسى ئۇدا ئۈچ يىل بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىدىن مەھرۇم قالدى. كىرسىتيانو رونالدونىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسدىكى پۈتۈن كەسپىي ھاياتىغا قارىساق، مانچېستېر بىرلەشمسىنىڭ بۇ سودىدىن دەرىجىدىن تاشقىرى نەپ ئالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخس. ئۇ كېيىن پۇتبول ساھەسىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد «گىگانت چولپان» بولۇپ يېتىشپ چىقىپ، مېسسى بىلەن بىرلىكتە ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت پۇتبول دۇنياسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

7. «ئادىرىيانو ۋە ۋان دېرمېيدنىڭ خەلقئارا مىلانغا قوشۇلۇشى»
ئادىرىيانو خەلقئارا مىلانغا قايتىپ كېلىپ تۇنجى پەسىلدىلا بىرلەشمىدىكى ئەڭ ياخشى مەرگەنگە ئايلاندى. ئادىرىيانو بولسا دۇنيا پۇتبول تارىخىدىكى ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ سۈرئەت، تېخنىكا ۋە بەدەن ساپا جەھەتتە تەڭ يېتىشكەن توپچى بولۇپ، بىر مەزگىل بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىدا رونالدونىڭ ئاساسلىق ئورنىنى تەۋرىتىپ قويغان. بىراق ئادىرىيانو قانچە تېز چاقنىغان بولسا شۇنچە تېز ئۆچۈپ قالدى. گوللاندىيەلىك يېڭى چولپان ۋان دېرمېيدنىڭ كوماندىغا ماسلىشىشى بىلەن ئادىرىيانونىڭ تەرەققىي قىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى.

8.« چېلسىنىڭ ۋېرون، كىرېسپو، مۇتۇ، جوكولنى سېتىۋېلىشى»
2003-يىلى چېلسىنىڭ يۆتكىلىش بازىرىغا سالغان مەبلىغى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى باشقا 19 كوماندىنىڭ يۆتكىلىش بازىرىغا سالغان ئومۇمىي مەبلىغىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. شۇ يىلدىكى قوشۇۋالغان چولپانلار چېلسىغا ماھىيەتلىك ياردەم قىلالمىدى. ۋېرون، كىرېسپو، مۇتۇنىڭ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىگە ماسلىشىشى تەسلىشىپ، ئىپادىسى چېكىنىشكە قاراپ يۈزلەندى. 2003-يىلى يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدىكى يۆتكىلىش شەكىلۋازلىقى كوماندىغا سىرتقى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشتىن باشقا روشەن ياردىمى بولمىدى.
9. «ماكاينىڭ بايرېن مىيۇنخېنغا قوشۇلۇشى»
ئىسپانىيە بىرلەشمسنىڭ مەرگىنى ماكاينىڭ بايرېن مىيۇنخېنغا يۆتكىلىشى بىلەن لاكرۇنىيە خارابلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. ماكاي بايرېن مىيۇنخېننىڭ تۇنجى قېتىم نۇرغۇن پۇل خەجلەپ باشقا بىرلەشمىلەردىن كىرگۈزگەن توپچسى ھېسابلىنىدۇ. بىراق ياۋروپا مۇسابىقىلىرىدە بايرېن مىيۇنخېننىڭ ئىپادىسى يەنىلا ياخشىلانمىدى.
2004-يىلى ياۋروپا لوڭقىسدا گىرېتسىيە «قارا تۇلپار رىۋايىتى»نى ياراتتى. ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقسدە ئەزەلدىن زەردار كۇلۇب دەپ قارالمىغان پورتو ھەل قىلغۇچقا كىرىپ مورىنھونىڭ يېتەكچىلىكىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مورىنھومۇ داڭلىق مەشقاۋۇللار سېپىگە قوشۇلدى. 2004-يىلى خانلىق مادرىد بىر مەزگىللىك خاراپلىششقا قاراپ يۈزلەنسە، بارسېلونا ئەكىسچە گۈللىنشگە قاراپ يۈزلەندى. ئالدىنقى قىسىملاردا سۆزلىگەندەك، رونالدىنھو دەۋرى رەسمىي باشلاندى. مورىنھو، بېنىتېز قاتارلىق مەشقاۋۇللار ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسگە بېرىپ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ بىرىنچىلىك ئورنىنى تارتىۋالدى. AC مىلان بىلەن يۇۋېنتۇس داۋاملىق سەپ شەكلىنى كۈچەيتتى. چېلسى، بارسېلونا قاتارلىق كوماندىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىدى.

1. 2004-يىلىدىكى ياۋروپا پۇتبول دۇنياسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى:

ياۋروپا لوڭقىسدا گىرېتسىيە «قارا تۇلپار رىۋايىتى»نى يارىتىپ، پورتۇگالىيەنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. رونېي شۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسىدا ئەڭ چاقنىغان ياش توپچى بولۇپ قالدى.
ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە، مورىنھو پورتونى يېتەكلەپ دېسچامپىس يېتەكلىگەن موناكونى مەغلۇپ قىلىپ، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ بىر مەيدان مۇسابىقە بۇ ئىككى مەشقاۋۇلنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. مورىنھو كېيىن چېلسىنى يېتەكلەپ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسدە، خەلقئارا مىلاننى يېتەكلەپ ئىتالىيە بىرلەشمىسدە، خانلىق مادرىدنى يېتەكلەپ ئىسپانىيە بىرلەشمىسدە ئۇتۇق قازاندى. دېسچامپىسنىڭ مەشقاۋۇللۇق ھاياتى ئېگىز-پەس بولدى، ئۇ 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسدا فىرانسىيەنى يېتەكلەپ ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى. 2004-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسدە موناكونى باشلاپ خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن خانلىق مادرىدنىڭ سىرتقى ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتى، خانلىق مادرىد كېيىنكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسدە ئۇدا ئالتە يىل 16 كۈچلۈكتە توختاپ قالدى.
شەخسىي شەرەپ جەھەتتە شېۋچېنكو نېدۋېدىن كېيىن «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئۇدا ئىككى يىل ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى توپچىلارنىڭ مونوپۇل قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ ھەم ئىتالىيە بىرلەشمسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق شان- شەرىپى بولۇپ قالدى. رونالدىنھو بۇ مەزگىلدىكى تالاش-تارتىشسز ھۆكۈمرانغا ئايلىنىپ، زىدانى ۋە رونالدو ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.
بىرلەشمە مۇسابىقە تەرەپتىن، ئىسپانىيە بىرلەشمسىدىكى چولپانلار توپلاشقان خانلىق مادرىد ئالدىنقى يېرىم پەسىلدە 2-ئورۇندىكى كوماندىدىن يەتتە نومۇر ئېشىپ، ئۈچ تۈردىكى چېمپىيونلۇقنىڭ ئاساسىنى ياخشى سالغان بولسىمۇ، بىراق كېيىنكى يېرىم پەسىلدە كوماندىنىڭ ئىپادىسى بىراقلا ناچارلىشىپ، بىرلەشمىدە ئاران تۆتىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى. زىدانى+پاۋېن تاكتىكىسى مەغلۇپ بولدى. بارسېلونا شۇ پەسىللىك قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدىن كېيىن قايتىدىن كۈچلىنىپ، بىرلەشمىدە ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى. ۋالېنسىيا ئىككى كوماندىنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. ۋالېنسيادىن كېيىن خانلىق مادرىد بىلەن بارسېلونانىڭ بىرلەشمە چېمپىيونلۇق مونوپۇللىقىنى ئۈزۈپ قويغان بىردىنبىر كوماندا بولسا، 2014-يىلىدىكى مادرىد ئاتلېتكا بولۇپ قالدى.
ئىتالىيە بىرلەشمسدە، مۇكەممەللىككە يېقىنلاشقان AC مىلان بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. شېۋچېنكو بىرلەشمە مەرگىنى بولدى، كاكا ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان ياش چولپانغا ئايلاندى، توتتې كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، رىم ئىككنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى، يۇۋېنتۇس بىلەن خەلقئارا مىلاننىڭ ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولدى، لىپپىنىڭ يۇۋېنتۇستىكى مەشقاۋۇللۇق ھاياتى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، بىراق ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسغا مەشقاۋۇل بولدى. خەلقئارا مىلان ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى ۋىئېرىنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ناچار بولدى.
ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە ئارسېنال بىر پەسىل ئىچىدە بىر مەيدانمۇ مەغلۇپ بولماي بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى يېرىم پەسىللىك ئىپادىسى قالتىس بولغان بولسىمۇ، بىراق ئاخىرىدا ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى. غايەت زور مەبلەغ سالغان چېلسى ئىككىنچلىكنى قولغا كەلتۈردى، شۇنداقلا ياۋروپادىكى تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى، كېيىنكى يېرىم يىلدا چېلسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى رانېرىنىڭ ئورنىنى مورىنھو ئىگەللىدى.
گېرمانىيە بىرلەشمىسدە بايرېن مىيۇنخېننىڭ ئىپادىسى ناچار بولۇپ، بىرېمېن كوماندىسى بىرازىلىيەلىك ئوتتۇرا ھۇجۇمچى «چاقماق چولپان» ئېلتوننىڭ قالتىس ئىپادىسىگە تايىنىپ بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.
2004-يىلىدىكى پۇتبول دۇنياسىغا ئەڭ تەسىر قىلغان يۆتكىلىشلەر:

2.«ئېتوئو، دېكو، گىئۇلىنىڭ بارسېلوناغا قوشۇلۇشى»
خانلىق مادرىد ۋاز كەچكەن ئېتوئو، ياۋروپا قىتئەسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى دېكو، موناكونىڭ فىرانسىيەلىك چولپىنى گىئۇلى بىرلا ۋاقىتتا بارسېلونا قوشۇلۇپ، رونالدىنھونى يادرو قىلغان بارسېلونا «ئىككىنچى چۈش كوماندىسى»نى بەرپا قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، بارسېلونا خانلىق مادرىدنىڭ ياۋروپادىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تارتىۋالدى.

3. «مورىنھونىڭ چېلسىغا مەشقاۋۇل بولۇشى. دىروگبا، چېخ، كارۋالھو، فېرېرا، روببېنىڭ چېلسىغا قوشۇلۇشى»
مورىنھو چېلسىغا مەشقاۋۇل بولغاندىن كېيىن روببېن قاتارلىق توپچىلارنى كوماندىغا قوشۇۋېلىپ، چېلسىنى ياۋروپا پۇتبول دۇنياسىدىكى زەردار كۇلۇبقا ئايلاندۇردى. 2004-يىلى چېلسنىڭ سەپ شەكلىدە دىروگبا، لامپارد، چېخ، تېررىي، روببېن قاتارلىق داڭلىق توپچىلار بار بولدى، بولۇپمۇ روببېننىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن چېلسىنىڭ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمسىدىكى ئىپادىسى ياخشىلىنشقا قاراپ يۈزلەندى. مورىنھو ئەينى چاغدا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ماڭا ساغلام روببېنى بەرسەڭلا، مەن بارلىق چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرىمەن!»
چېلىسنىڭ باش كۆتۈرۈشى بىلەن تەڭ ئارسېنال ۋە مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتى، 2004/2005-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، چېلسى تاق پەسىلدە 95 جۇغلانما نومۇر بىلەن ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ جۇغلانما نومۇر رېكورتىنى يارىتىپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.

3. «بېنىتىزنىڭ لىۋېرپولغا مەشقاۋۇل بولۇشى. لىۋېرپولنىڭ ئالونسو، لۇئىس گارسىيا قاتارلىق توپچىلارنى قوشۇۋېلىشى»
2004-يىلى يازدا ۋالېنسيانى باشلاپ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن بېنىتىز لىۋېرپولغا مەشقاۋۇل بولدى. بېنىتىز لىۋېرپولغا كەلگەندىن كېيىن گېررادنى يادرو قىلىپ، ئالونسو ۋە لۇئىس گارسىيا قاتارلىق توپچىلارنى كوماندىغا قوشۇۋالدى.

2004/2005-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە، لېۋىرپول AC مىلاندىن مۆجىزىلىك ھالدا تەتۈر ئېشىپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ «ئىستانبۇل مۆجىزىسى»نى ياراتتى. ئالونسو كېيىنكى ۋاقىتلاردا خانلىق مادرىد ۋە بايرېن مىيۇنخېندا توپ تەپتى ۋە دۆلەت كوماندىسىنىڭ يادروسىغا ئايلىنىپ، بارلىق چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. تېخنىكىسى يۇقىرى، لېكىن ئانچە قاۋۇل ھېسابلانمايدىغان بۇ ئىسپانىيەلىك توپچى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىگە كەلگەندىن كېيىن بىراقلا چاقناپ، دۆلەت كوماندىسى ۋە كۇلۇبتا يادروغا ئايلىنىپ، بىر ئەۋلاد «ئوتتۇرا مەيدان پېشۋاسى» دەپ تەرىپلەندى.

4. «رونېي، ھاينىز، ئالان سىمىسنىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلۇشى»
ياۋروپا لوڭقىسىدا چاقىنغان رونېي فېرگۇسون تەرىپىدىن مانچېستېر بىرلەشمسىگە تەكلىپ قىلىندى. مانچېستېر بىرلەشمسى يەنە ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمسىدىكى يېڭى چولپان ئالان سىمىس ۋە ئارگېنتىنالىق بېك ھاينىزنى كوماندىغا قوشۇۋالدى. ئالان سىمىسنىڭ پۇتى سۇنۇپ كېتىشى تۈپەيلى كېيىنكى كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. ھاينىزنىڭ كېيىنكى ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولدى. رونېي مانچېستېر بىرلەشمىسى تارىخىدىكى توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى يېڭىلاپ، مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسغا ئايلاندى.

5. «كاپېللونىڭ يۇۋېنتۇسقا مەشقاۋۇل بولۇشى. ئىبراھىموۋىچ، كاناۋرو، ئېمېرسون قاتارلىق توپچىلارنىڭ يۇۋېنتۇسقا قوشۇلۇشى»
2004-يىلى كاپېللو يۇۋېنتۇسقا مەشقاۋۇل بولدى. كۇلۇب تەرەپ ئىبراھىموۋىچ، كاناۋرو، ئېمېرسون قاتارلىق توپچىلارنى كوماندىغا قوشۇۋېلىپ، سەپ شەكلىدىكى ئاجىز نۇقتىلارنى كۈچلەندۈردى. كوماندا ئۇدا ئىككى پەسىل بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، تارىخقا پۇر كەتكەن «تېلېفون ۋەقەسى» تۈپەيلى دەرىجە چۈشۈرۋېتىلدى.
ئىبراھىموۋىچ كېيىن قوشماق مىلان، بارسېلونا، پارىژ سانت گېرمان، مانچېستېر بىرلەشمسى قاتارلىق كۇلۇبلاردا توپ تېپىپ مۇقىم بولغان ئىپادىسىنى جارى قىلدۇردى. ئېمېرسوننىڭ يۇۋېنتۇستىكى ئىككى پەسىللىك ئىپادىسى ياخشى بولمىدى.

6. «خانلىق مادرىدنىڭ ئوۋېن، سامۇئېل، ۋودگاد قاتارلىق توپچىلارنى قوشۇۋېلىشى»
خانلىق مادرىدنىڭ شۇ يىلدىكى پىلانى بولسا توتتېنى كوماندىغا قوشۇۋېلىش ئىدى. توتتې كوماندىغا قوشۇلۇپ زىداننىڭ ئىز باسارى بولىدۇ دەپ سىرتقى دۇنيانىڭ دىققىنى تارتقان، شۇ پەيتتە ئەپسۇسىنارلىق ھالدا بۇ سودا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى.
بىراق خانلىق مادرىدنىڭ چولپان كىرگۈزۈش يولى بۇنىڭلىق بىلەن ئۈزۈلۈپ قالمىدى. خانلىق مادرىد يۇقىرى يۆتكىلىش سوممىسى سەرپ قىلىپ ئوۋېننى كوماندىغا قوشۇۋالغان بولسىمۇ، بىراق رونالدو، رائۇل قاتارلىق چولپانلار تۈپەيلى مەيدانغا چىقىدىغان پۇرسىتى كۆپ بولماي، ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمىدى. كېيىن ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىگە قايتىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۈزلۈكسىز يارىلىنىش تۈپەيلى ئىپادىسى چېكىنىپ، بالدۇرلا پۇتبول دۇنياسىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.

خانلىق مادرىد سامۇئېل ۋە ۋودگادنى كوماندىغا قوشۇۋېلىپ، نەزەرىيە جەھەتتە ئوتتۇرا بېكنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، بىراق بۇ توپچىلار ئىسپانىيە بىرلەشمسىگە ماسلىشالماي، ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمىدى ۋە سىرتقى دۇنيانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. كېيىن سامۇئېل ئىتالىيە بىرلەشمىسىگە قايتقاندىن كېيىن ئىپادىسى ئەسلىگە كېلىپ، يەنىلا دۇنياۋى دەرىجىلىق بېك سەۋىيەسنى ساقلاپ قالدى، ئۇ 2010-يىلى خەلقئارا مىلان بىلەن بىرلىكتە «ئۈچ شاھ» بولدى. ئېنگلاندلىق بېك ۋودگاد كېيىن ئانچە چوڭ نەتىجە يارىتالمىدى.

7. «لۇسىئونىڭ بايرېن مىيۇنخېنغا قوشۇلۇشى»
لۇسىئو بايرېن مىيۇنخېنغا قوشۇلغاندىن كېيىن كوماندىغا ياردەملىشپ بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، بىراق بايرېن مىيۇنخېن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە يەنىلا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا قايتىپ كېلەلمىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا فېئورى، كىلادې قاتارلىق چولپانلار رانېرى باشچلىقىدىكى ۋالېنسياغا قوشۇلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىتالىيەلىك توپچىلار ئىسپانىيە بىرلەشمىسگە ماسلىشالماي، بۇ سودا مەغلۇپ بولغان سودا بولۇپ قالدى.
2005-يىلىدىكى پۇتبول دۇنياسىدا، بارسېلونا، چېلسى، يۇۋېنتۇس، AC مىلان قاتارلىق تۆت كوماندىنىڭ كۈچىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرمىدى. ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە لىۋېرپول چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.

2005-يىلىدىكى ياۋروپا پۇتبول دۇنياسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى:

شۇ يىللىق قىتئەلەر بىرلەشمە لوڭقىسىدا، بىرازىلىيە بارلىق رەقىبلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. «سامبا قوشۇنى»نىڭ بۇ قالتىس ئىپادىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، ھەمدە 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ قىززىق نۇقتىلىق كوماندا دەپ قارالدى. ئادىرىيانو رونالدونىڭ ئىزباسارى بولىدۇ دېگەن كۈچلۈك سادالار ياڭراشقا باشلىدى.

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، AC مىلان ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئۈچ توپ كىرگۈزگەن شارائىتتا، لىۋېرپول كېيىنكى يېرىم مەيداندا نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈپ، نۇقتا توپ جېڭىدە AC مىلاننى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيون بولدى، گېرراد كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ شەرەپكە ئىگە بولدى. چېلسىدىن AC مىلانغا ئىجارىگە بېرىلگەن ئارگېنتىنالىق ھۇجۇمچى كىرېسپونىڭ ئىپادىسى قالتىس بولغان بولسىمۇ، بىراق AC مىلان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولدى.
بىرلەشمە مۇسابىقە تەرەپتىن، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە بارسېلونا بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، بۇ فىگو بارسېلونادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بارسېلونانىڭ تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە چېمپىيونلۇقى بولۇپ قالدى. خانلىق مادرىد ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە يۇۋېنتۇس تەرىپىدىن شاللىنىپ، ئالتە يىللىق 16 كۈچلۈكتە توختاپ قېلىش تەقدىرى داۋاملاشتى.

ئىتالىيە بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئەڭ چوڭ چېمپىيونلۇق قىززىق نۇقتا يۇۋېنتۇس چېمپىيون بولدى، AC مىلان ئىككىنچلىكنى قولغا كەلتۈردى. ئېنگلاند بىرلەشمىسى تەرەپتىن چېلسى 15 يىلدىن كېيىن، قايتىدىن بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. گېرمانىيە بىرلەشمىسدە بايرېن مىيۇنخېن قايتىدىن بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ياۋروپا سەھنىسىدە ئىپادىسى ياخشى بولمىدى.

2005-يىلىدىكى پۇتبول دۇنياسىغا ئەڭ تەسىر قىلغان يۆتكىلىشلەر:

1. «روبىنھو، راموس، باپتىستانىڭ خانلىق مادرىدقا قوشۇلۇشى»
سېۋىللادىكى قوشماق يۇلتۇز بولغان راموس بىلەن باپتىستا خانلىق مادرىدقا قوشۇلدى. راموس خانلىق مادرىدتا ئۆسۈپ يېتىلىپ دۇنياۋى دەرىجىلىك بېك سەۋىيەسىگە يەتتى، ھازىر ئۇ خانلىق مادرىدنىڭ كاپىتانى. راموس خانلىق مادرىدنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان يۆتكىلىش سودىسىنىڭ بىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
باپتىستانىڭ ئىپادىسى روبىنھوغا ئوخشاش ئادەتتىكىچە بولدى. خانلىق مادرىدنىڭ 2005-يىلىدا سەرپ قىلغان يۆتكىلىش سوممىسى ئۇلارنىڭ بارسېلوناغا تاقابىل تۇرۇشىدا ھېچقانداق ماھىيەتلىك رول ئوينىيالمىدى.

2005-يىللىق يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدا، خانلىق مادرىد شۇ يىللىق يارقىن چولپان بىرازىلىيەلىك روبىنھونى كوماندىغا قوشۇۋالدى. شۇ يىللاردا سىرتقى دۇنيا روبىنھونى پېلىنىڭ ئىز باسارى بولىدۇ دەپ قارىغان ئىدى. روبىنھونىڭ خانلىق مادرىدتىكى ئۈچ يىللىق كەسپىي ھاياتىدا ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولۇپ، «دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان» سەۋىيەسىدىن يىراقلاپ كەتتى. كېيىن روبىنھو مانچېستېر شەھىرىگە قوشۇلدى.

2. «ۋان دېرسار، پارك جىسۇڭ (Park Ji Sung)نىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلۇشى»
ۋان دېرسارنىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلۇشى، شۇمچېل چېكىنگەندىن كېيىنكى قاپقىچى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. كورېيەلىك چولپان پارك جىسۇڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغاندىن كېيىن كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسىغا ئايلاندى. ئۇمۇ مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىدىكى مۇھىم شەخس ھېسابلىنىدۇ.

3. «فىگو، سامۇئېلنىڭ خانلىق مادرىدتىن خەلقئارا مىلانغا قوشۇلۇشى»
فىگو خانلىق مادرىدتىن ئايرىلىپ خەلقئارا مىلانغا قوشۇلغاندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ رېتىمىگە ماسلىشىپ كوماندىنىڭ پاس شاھىغا ئايلاندى ۋە ئۆزىنىڭ كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى يەنە بىر قېتىملىق يۇقىرى سەۋىيەسىنى ياراتتى. سامۇئېل خەلقئارا مىلانغا قوشۇلغاندىن كېيىن، كوماندىنىڭ مۇداپىئە سېپىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان توپچىغا ئايلاندى. ئۇ خەلقئارا مىلانغا كەلگەندىن كېيىنكى ئىپادىسىدە خانلىق مادرىدتىكىدەك چېكىنىش ئالامىتى كۆرۈلمىدى، 2010-يىلى خەلقئارا مىلان بىلەن بىرلىكتە «ئۈچ شاھ» بولدى.

4. «ۋىئېرانىڭ ئارسېنالدىن ئايرىلىشى»
كوماندىنىڭ كونا كاپىتانى ۋىئېرا كوماندىدىن ئايرىلىپ يۇۋېنتۇسقا قوشۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئارسېنال 30 ياشتىن ئاشقان توپچىلار بىلەن يىلدا بىر قېتىم توختام تۈزۈش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. ئارسېنالدىن ئايرىلغان ۋىئېرا كېيىنكى توققۇز يىلدا بىرمۇ چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىدى.

5. «ئېسسىن، رايت فىلىپىسنىڭ چېلسىغا قوشۇلۇشى»
ئېسسىن مۇشۇ يۆتكىلىش بازىرىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا بولدى، ئېسسىن كېيىنكى يىللاردا قەدەممۇ-قەدەم ئۆسۈپ يېتىلىپ كوماندىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئاساسلىق ئەزاسىغا ئايلاندى، بۇمۇ چېلسىنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

6. «گىلاردىنونىڭ AC مىلانغا قوشۇلۇشى»
ئۇدا ئىككى يىل ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ «كۈمۈش كەش» مەرگىنى بولغان گىلاردىنو AC مىلانغا قوشۇلدى. گىلاردىنو توختاۋسىز يارىلىنىۋاتقان ئىنزاگېنىڭ ئورنىغا مەيدانغا چۈشۈپ، كوماندىنىڭ ھۇجۇمىدىكى ئاجىزلىقىنى تولۇقلىغان بولسىمۇ، بىراق ياۋروپا مۇسابىقىلىرىدە توپ كىرگۈزەلمەي كوماندا تەرىپىدىن سېتىۋېتىلدى. ئۇ 2000-يىلىدىن كېيىنكى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە توتتېدىن قالسىلا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ھۇجۇمچى ھېسابلانسىمۇ، بىراق ئەپسۇسىنارلىق ھالدا دۇنياۋى دەرىجىدىكى مەرگەنلىك سەۋىيەسىگە يېتەلمىدى.

7. «تونىنىڭ فىئورېنتىناغا قوشۇلۇشى»
يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئوتتۇرا ھۇجۇمچى تونى فىئورېنتىناغا قوشۇلغاندىن كېيىن، تۇنجى پەسىلدىلا ئىتالىيە بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا بەش چوڭ بىرلەشمىسىنىڭ «ئالتۇن كەش» مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، دۇنياۋى سەۋىيەلىك ھۇجۇمچىغا ئايلاندى.
2006-يىلى دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىنى زىلزىلىگە سالغان كونا-يېڭى چولپانلارنىڭ دەۋر ئالمىشش چېگرا سىزىقى بولدى، گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسدىن كېيىن زىدانى كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى. زىدانى، رونالدو، فىگو قاتارلىق 1970-يىلدىن كېيىنكى چولپانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى كاكا، كىرىستىيانو رونالدو، مېسسى باشچىلقىدىكى 1980-يىلدىن كېيىنكى چولپانلار ئىگەللىدى.
20170429224305759.jpg
1. 2006-يىلىدىكى ياۋروپا پۇتبول دۇنياسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى:
2006-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسدا ئىتالىيە دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، توتتې، نېستا قاتارلىق چولپانلار دۆلەت كوماندىسدىن چېكىنىپ چىقتى. فىرانسىيە ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى، زىدانى دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدىن كېيىن كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسدىكى كۆپلىگەن ئاساسلىق چولپانلار دۆلەت كوماندىسدىن ئايرىلدى. گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسى پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتتى. 40 يىلدىن كېيىنكى ئەڭ كۈچلۈك ھالەتتىكى ئېنگلاند دۆلەت كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسدىكى سەپىرى سەككىز كۈچلۈكتە توختاپ قالدى. چېمپىيونلۇق قىزىق نۇقتا بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىدى، كارلوس بىلەن كافۇ دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنىپ چىقتى. سەپ شەكلى ئىنتايىن ھەشەمەتلىك بولغان چېخ دۆلەت كوماندىسى كىچىك گۇرۇپپىدىلا شاللىنىپ كەتتى. ساھىبخان گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى 3-لىكنى قولغا كەلتۈردى.
2006-يىلدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسدا رونالدىنھو بارسېلونانى باشلاپ شۇ پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسنىڭ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. رونالدىنھو شۇ دەۋردىكى تالاش-تارتىشسىز ھۆكۈمران بولسىمۇ، بىراق دۇنيا لوڭقىسدا ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمىدى. خانلىق مادرىد 1-6 نەتىجىدە ساراگوسساغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن رەئىس فىلورىنتنو ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن خانلىق مادرىدنىڭ چولپان كىرگۈزۈش دەۋرى ئاخىرلاشتى. ئىتالىيە بىرلەشمىسدە يۇۋېنتۇس، ئىنگلاند ئالىي بىرلەشمىسدە چېلسى، گېرمانىيە بىرلەشمىسدە بايرېن مىيۇنخېن ئۆز بىرلەشمىلىرنىڭ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.
يۇۋېنتۇس «تېلېفون ۋەقەسى»نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، AC مىلان خارابلىششقا قاراپ يۈزلەندى، كېيىنكى يىللاردا خەلقئارا مىلان يالغۇز ئىتالىيە بىرلەشمسنىڭ سىرتقا بولغان ھۆكۈمرانلىقنى تۇتۇپ تۇردى.
ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسدە ئابراموۋىچنىڭ پۇتبول يولى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. كىرىستىيانو رونالدو بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسى قايتىدىن گۈللىنىشكە قاراپ يۈزلەندى. ئىسپانىيە بىرلەشمىسدە بارسېلونا گۈللنىش يولىغا قاراپ ماڭماقتا ئىدى. كاپېللو خانلىق مادرىدتقا مەشقاۋۇل بولغاندىن كېيىن رونالدو قاتارلىق چولپانلارنى قايتىدىن قوزغاتقان بولسىمۇ بىراق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. گېرمانىيە بىرلەشمىسدە باللاك بايرېن مىيۇنخېندىن ئايرىلدى، دېسلېر مۇددەتتىن بۇرۇن كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن كوماندىنىڭ ئوتتۇرا مەيدانى يىمىرىلىپ پەسىل ئاخىردا بىرلەشمىدە ئاران 4-بولۇپ، كېيىنكى پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسگە قاتنىشىش سالاھىتىدىن مەھرۇم قالدى.


2006-يىلىدىكى پۇتبول دۇنياسىغا ئەڭ تەسىر قىلغان يۆتكىلىشلەر:

2. يۇۋېنتۇسنىڭ «تېلېفون ۋەقەسى»گە ئۇچرىشىشى، كاناۋرو، زۇمبروتا، تۇرام، ئېمىرسون، ئىبراھىموۋىچنىڭ يۇۋېنتۇستىن كېتىپ قېلىشى
يۇۋېنتۇس «تېلېفون ۋەقەسى» تۈپەيلى چېمپىيونلۇق سالاھىتى بىكار قىلىنىپ ب دەرىجىگە چۈشۈرۋېتىلدى، كوماندىدىكى ئالتە نەپەر ئاساسلىق ئەزا يۇۋېنتۇستىن ئايرىلدى، بىراق بىر پەسىل ئىچىدە يۇۋېنتۇس قالتىس ئىپادىسىگە تايىنىپ ناھايىتى تېزلا ئا دەرىجىگە قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق «تېلېفون ۋەقەسى»نىڭ سەتچىلكى تۈپەيلى پۈتۈن دۇنيانىڭ يىرگىنىشىگە ئۇچراپ، چولپان قوشۇۋېلىش جەھەتتە جەلپكارلىقنى يوقاتتى. مەبلىغى مول بولسىمۇ 2011-يىلى پىرلو كوماندىغا قوشۇلغاندىن كېيىن ئاندىن چولپان قوشۇۋېلىش جەھەتتىكى پاسسىپ ھالەتتىن قۇتۇلۇشقا باشلىدى. شۇ ۋاقىتتا كوماندىدىن كەتكەن توپچىلار ئىچىدە پەقەت ئىبراھىموۋىچنىڭلا كەسپىي ھاياتى ئۇتۇقلۇق بولدى. ئىبراھىموۋىچ كېيىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمىسنى ئايلىنىپ توپ تېپىپ ھەر بىر بىرلەشمىدە ئۆزىنىڭ ئىزىنى قالدۇردى ۋە دۇنيا پۇتبول تارىخىدىكى مەشھۇر ھۇجۇمچىلار قاتارىغا تىزىلدى.

2. AC مىلاننىڭ خارابلىششقا قاراپ يۈزلىنىشى ۋە شېۋچىنكونىڭ چېلسىغا قوشۇلۇشى
«تېلېفون ۋەقەسى»دىن كېيىن «يادو ئوق بېشى» شېۋچىنكو مىلاندىن چېلىسغا قوشۇلدى، بۇ ئاخىردا چېلىسنىڭ مەغلۇپ بولغان سودىسى بولۇپ قالدى، تېخنىكىسى يۇقىرى بولغان شېۋچىنكو ئىنگلاند بىرلەشمسىگە ماسلىشالماي ئىپادىسدە ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىش كۆرۈلدى. مىلانمۇ شېۋچىنكونى يولغا سەپ قويغاندىن كېيىن ئورنىغا مۇۋاپىق نامزاتنى تاپالمىدى. «تېلېفون ۋەقەسى»دىن كېيىن مىلان خوجايىنى بېرلوسكونى كەڭ كۆلەملىك مەبلەغ سېلىشقا قوشۇلمىدى، ئىقتىدارلىق چولپانلارمۇ ئىتالىيە ببرلەشمىسگە بېرىپ توپ تېپىشكە قىزىمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. AC مىلاننىڭ تايانچ بازىسدىكى ياش چولپانلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى بىلەن AC مىلان خارابلىششقا قاراپ يۈزلەندى.

3. ئىبراھىموۋىچ، مايكون، ۋىئېيرا، گروسسو، كرېسپونىڭ خەلقئارا مىلانغا قوشۇلۇشى
ئىبراھىموۋىچ خەلقئارا مىلاننىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا قايتىپ كېلىشدىكى مۇھىم شەخس ھېسابلىنىدۇ. ئۇ خەلقئارا مىلاندا توپ تەپكەن ئۈچ پەسىلدە ئۇدا ئۈچ قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمسنىڭ مەرگىنى بولدى. ئۇ 2009-يىلى بارسېلوناغا قوشۇلغاندىن كېيىن 2010-يىلى خەلقئارا مىلان «ئۈچ شاھ» بولدى. 2010-يىلى ئىبراھىموۋىچ AC مىلانغا ئىجارىگە بېرىلگەندىن كېيىن بارسېلونا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسنى قولغا كەلتۈردى. ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەر قېتىم ئىبراھىموۋىچنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئىبراھىموۋىچ بىرلەشمە چېمپىيونلۇقنى ۋە مەرگەنلىكنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن خەلقئارا مىلان يەنە بىر قېتىم ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقتى. ئەينى دەۋردىكى مايكون خەلقئارا مىلاندا ئۆسۈپ يېتىلىپ دۇنياۋى سەۋىيەدىكى بېك بولۇپ يېتىشىپ چىقتى.

4. چېلسى سودىسىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى؛ چېلىسنىڭ باللاك، شېۋچېنكو، ئاشلى كولنى قوشۇۋېلىشى
چېلسى خوجاينى ئابراموۋىچ ئادەم سېتۋېلشتا خانلىق مادرىدنى، توپ ئويناشتا بارسېلونانى ئۈلگە قىلىپ باللاك، شېۋچېنكو، ئاشلى كول قاتارلىق چولپانلارنى قوشۇۋالغان بولسىمۇ، بىراق بۇ چولپانلار ئىنگلاند ئالىي بىرلەشمىسگە ماس كەلمەي، كوماندىنىڭ ئىككى يولدىكى ھۇجۇم بىلەن مۇداپىئە پۈتۈنلەي قالايمىقانلىشپ بىر مەزگىل توپخۇمارلارنى ئۈمىدسىزلەندۈردى.

5. مانچېستېر بىرلەشمسى سودىنسىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى؛ ۋىدىچ، ئېۋرا، كاررىكنى قوشۇۋېلىشى. ۋانېستىرلوي، ھاينىز قاتارلىق چولپانلارنى سېتىۋېتىشى
مانچېستېر بىرلەشمسى 2006-يىلىنىڭ بېشىدا ۋىدىچ، ئېۋرادىن ئىبارەت ئىككى بېكنى كوماندىغا قوشۇۋالدى، ۋىدىچ بىلەن فېرناند ئوتتۇرا بېكتە مۇستەھكەم قورغان ھاسىل قىلدى. ۋانېستىرلوي، ھاينىز شۇ يىللىق يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدا خانلىق مادرىدتقا قوشۇلدى، ئۇلار ئىككىسى خانلىق مادرىد بىلەن بىرلىكتە ئىسپانىيە بىرلەشمسنىڭ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، بۇ سودىدا ھەر ئىككى تەرەپ نەپ ئالدى.

6. خانلىق مادرىدنىڭ ۋانېستىرلوي، كوللاپسې، كاسسانو، ھاينىز، كاناۋرو، ئېمېرسون، دىيالا قاتارلىق چولپانلارنى قوشۇۋېلىشى، زىداننىڭ كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرشى
دۇنيا لوڭقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىدانى كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى، شۇنىڭدىن كېيىن خانلىق مادرىد كۆپلىگەن توپچىلارنى ئالماشتۇردى. كاپېللونىڭ يېتەكلىشدە خانلىق مادرىد بارسېلونا «ئىككىنچى چۈش كوماندىسى»نىڭ ھۆكۈمرانلىقنى ئاخىرلاشتۇردى. 2006-يىلى قوشۇلغان توپچىلار ئىچىدە ۋانېستىرلوي ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك سودا بولدى، ئۇ ناھايىتى تېزلا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنى مەرگىنىگە ئايلىنىپ كوماندىنى باشلاپ قايتىدىن بىرلەشمە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.

7. بايرېن مىيۇنخېننىڭ باللاكنى سېتىۋېتىشى، پودولىسكنى قوشۇۋېلىشى
باللاك كوماندىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن بايرېن مىيۇنخېنىڭ ئىپادىسى بىراقلا ناچارلىشپ كەتتى. دۇنيا لوڭقىسدا چاقنىغان چولپان پودولىسكى بايرېن مىيۇنخېنغا قوشۇلدى، بىراق ياخشى بولغان ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرالمدى. 2007-يىلدىن باشلاپ بايرېن مىيۇنخېن ئادەم سېتىۋېلشتا ئىنچىكە ھېسابلاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ پۇلنى خالىغانچە بۇزۇپ چاچماسلىق ئەندىزىسى كوماندىغا سىڭدۈردى.
2007-يىلىدىكى ياۋروپا پۇتبول دۇنياسىدا روشەن ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولدى. ئىتالىيە بىرلەشمىسى «تېلېفون ۋەقەسى»نىڭ سەتچىلىكى تۈپەيلى پەسكويغا چۈشتى، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە بارسېلونا بىلەن خانلىق مادرىدنىڭ مەستانىلىرى ئازلاپ، ئېنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ مەستانىلىرى شىددەت بىلەن ئېشىشقا باشلىدى. ئېنگلاند بىرلەشمىسى تارىختىكى ئەڭ شانلىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئۈچ يىل ئۈچ كوماندا ئۇزغۇنلۇق تۆت كۈچلۈككە كىردى، ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىن ئۇدا بەش يىل ئەڭ ئاز بولغاندا بىر كوماندا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا بۆسۈپ كىردى.

2007-يىلىدىكى ياۋروپا پۇتبول دۇنياسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى:

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە AC مىلان كاكا ۋە پىرلونىڭ قالتىس ئىپادىسىگە تايىنىپ، يەنە بىر قېتىم ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. ئىنزاگى قاتارلىق پېشقەدەم توپچىلارنىڭ ئىپادىسىمۇ قالتىس بولدى، بۇ AC مىلاننىڭ ياۋروپا سەھنىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق شان-شەرىپى ھېسابلىنىدۇ. AC مىلان 2002-يىلىدىن باشلاپ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، 2007-يىلىغا بارغاندا خارابلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. كاكا ئىتالىيە بىرلەشمىسدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن توپچى بولۇپ قالدى.

ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە مانچېستېر بىرلەشمىسى ئۈچ يىللىق پاسسىپ ھالەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، قايتىدىن بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. لېۋىرپول داۋاملىق سەپ شەكلىنى كۈچەيتىپ مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن رىقابەتكە چۈشتى. چېلسى ئابراموۋىچنىڭ قوللىشى، مورىنھونىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا ياۋروپادىكى كۈچلۈك كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. مانچېستېر بىرلەشمىسى، لېۋىرپول، چېلسى، ئارسېنال قاتارلىق كۇلۇبلار ياۋروپا مۇسابىقلىرىدە قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، «BIG4»دەپ ئاتالدى.
ئىتالىيە بىرلەشمىسى تەرەپتىن خەلقئارا مىلان 97 جۇغلانما نومۇرى بىلەن ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نومۇر رېكورتىنى يارىتىپ چېمپىيون بولدى. بىراق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە مانچىنى يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا مىلان ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى.
يۇۋېنتۇس ئا دەرىجىدىكى بىرلەشمىگە قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ھۆكۈمران ئورنىغا قايتىپ كېلەلمىدى. توتتى ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ «ئالتۇن كەش» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە خانلىق مادرىد، گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە بايرېن مىيۇنخېن بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، بىراق بۇ ئىككى زەردار كۇلۇب ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپالمىدى.
مانچستېر بىرلەشمىسى، خەلقئارا مىلان، چېلسى، بارسېلونا ۋە لىۋېرپول ياۋروپا قىتئەسىدىكى كۈچلۈك كوماندىلاردىن بولۇپ قالدى.

2006-يىلىدىكى پۇتبول دۇنياسىغا ئەڭ تەسىر قىلغان يۆتكىلىشلەر:

1. «خانلىق مادرىدنىڭ پېپې، سىنېيدېر، روببېن، ھىگۇايىن، مارسېلو، گاگو قاتارلىق توپچىلارنى قوشۇۋېلىشى»
2007-يىلى رونالدو، بېكھام، كارلوس قاتارلىق چولپانلار كوماندىدىن ئايرىلىپ، ھەشەمەتلىك «سامانيولى جەڭ كېمىسى»نىڭ تۇنجى دەۋرى ئاخىرلاشتى. يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدا روببېن، سىنېيدېر قاتارلىق گوللاندىيەنىڭ بىر ئەۋلاد چولپانلىرى خانلىق مادرىدقا قوشۇلۇپ، كوماندىغا ياردەملىشىپ 2007/2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، گوللاندىيەلىك بۇ ئىككى توپچى خانلىق مادرىدنىڭ ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقىشىغا ياردەم قىلالمدى، ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا 0-5 نەتىجىدە لىۋېرپولغا ئۇتتۇرغاندىن كېيىن كوماندىدىن تازىلاندى. روبېېن بىلەن سىنېيدېر خانلىق مادرىدتىن ئايرىلغاندىن كېيىن كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى. پېپېنىڭ يۇقىرى يۆتكىلىش سوممىسى بىلەن خانلىق مادرىدتقا قوشۇلۇشى زور تالاش-تارتىش كەلتۈرۈپ چىقاردى، سىرتقى دۇنيا بۇ پورتۇگالىيەلىكنى بۇ قىممەت باھاغا ماس كەلمەيدۇ دەپ قارىدى. بىراق كېيىن خانلىق مادرىد بۇ سودىدىن دەرىجىدىن تاشقىرى نەپ ئالدى، پېپېمۇ خانلىق مادرىدنىڭ مۇداپىئەسىدە كەم بولسا بولمايدىغان ماھىرغا ئايلاندى.
2007-يىلىنىڭ بېشىدا كاپېللو ئۈچ جەنۇبىي ئامېرىكىلىق توپچنى قوشۇۋالدى. ھىگۇايىن، مارسېلو، گاگو قاتارلىق توپچىلار خانلىق مادرىدتا ئۆسۈپ يېتىلىپ كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسىغا ئايلاندى. كۇلۇبنىڭ بۇ قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدىكى توپچى قوشۇۋېلىشى خانلىق مادرىدنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان يۆتكىلىش بازىرى بولۇپ قالدى. ھىگۇايىن ناھايىتى تېزلا دۇنياۋى سەۋىيەلىك مەرگەنگە ئايلاندى. 2009-يىلىدىن كېيىن ھىگۇايىن كىرستىيانو رونالدو، كاكا ۋە بېنزېما قاتارلىق چولپانلارنىڭ تەسىرىدە كوماندىدىكى ئاساسلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشى تەسىلىشىپ، 2013-يىلى ناپولىغا يۆتكەلدى.

2. «لىۋېرپولنىڭ ماسچېرانو ۋە توررېسنى قوشۇۋېلىشى»
لىۋېرپول قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا ماسچېرانونى قوشۇۋېلىپ، دۇنياۋى سەۋىيەدىكى ئارقا بەل قىلىپ تەربىيەلەپ چىقتى. ماسچېرانو لىۋېرپولدا گېرراد ۋە ئالونسو بىلەن بىرلىكتە كۈچلۈك ئوتتۇرا مەيداننى ھاسىل قىلىپ، لىۋېرپولنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ئىككىنچلىكنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم قىلدى.
توررېس يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدا مادرىد ئاتلېتكىدىن لىۋېرپولغا قوشۇلۇپ، دۇنياۋى سەۋىيەدىكى ھۇجۇمچى بولۇپ يېتىشپ چىقتى. شۇ مەزگىلدە توررېس مانچېستېر بىرلەشمسى ئەڭ قورقىدىغان ھۇجۇمچى ئىدى. ماسىچېرانو بىلەن توررېس لىۋېرپولدا دۇنياۋى دەرىجىدىكى چولپانلارغا ئايلىنىپ، دۆلەت كوماندىسىدا شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى. توررېس ئىسپانىيەنى باشلاپ ياۋروپا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە مۇھىم بولغان بىر توپنى كىرگۈزدى، 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى بولدى. ماسچېرانو 2014-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا ئارگېنتنانىڭ دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىشىگە ياردەم قىلدى.

3. «بايرېن مىيۇنخېننىڭ رىبېرى، تونى ۋە كىلوزنى قوشۇۋېلىشى»
بايرېن مىيۇنخېن 2007-يىلى يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدا رىبېرى، تونى ۋە كىلوز قاتارلىق ئۈچ چوڭ چولپاننى كوماندىغا قوشۇۋېلىپ، كېيىنكى پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلدى. رىبېرى 2009-يىلىدىن كېيىنكى بايرېن مىيۇنخېننىڭ باش كۆتۈرۈشىدىكى مۇھىم شەخس ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كېيىن روببېن بىلەن بىرلىكتە ياۋروپادىكى «قوش خەنجەر» دەپ ئاتالدى.
تونى بىلەن كىلوز كوماندىغا ياردەملىشىپ بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق كوماندىدا ئۇزۇن توپ تەپمەيلا سېتىۋېتىلدى. 2007-يىللىق يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدىكى سودا بايرېن مىيۇنخېنغا چوڭ ياردەم قىلالمىدى.

4. «مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ تېۋېز، خارگىرېۋېس، ئاندېرسون ۋە نانىنى كوماندىغا قوشۇۋېلىشى»
تېۋېز بىلەن خارگىرېۋېس مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقىشىدىكى ئەڭ ئاخىرقى «قان تولۇقلىشى» بولۇپ قالدى.
تېۋېز كوماندىدىكى كىرىستىيانو رونالدو، رونېي قاتارلىق ھۇجۇمچىلار بىلەن بىرلىكتە ياۋروپادىكى كۈچلۈك ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈردى. تېۋېز 2009-يىلى فېرگۇسون بىلەن زىدىيەتلىشىپ قېلىپ مانچېستېر شەھىرىگە يۆتكەلدى. خارگىرېۋېس مانچېستېر بىرلەشمىسىدە ئۇزۇن مەزگىل پۇت دەسسەپ تۇرالمىدى، يارىلىنىش تۈپەيلى ئىپادىسى تۆۋەنلەپ، ئەڭ ئاخىرىدا مانچېستېر شەھىرىگە يۆتكەلدى. ياۋروپا «ئالتۇن ئۆسمۈر» شەرىپىگە ئېرىشكەن ئاندېرسون بولسا «ساختا مال» دەپ قارلىپ، كېيىن كوماندىدىن ئايرىلدى. نانى كىرىستىيانو رونالدو بىلەن ماسلىشىپ ئىككى قانات ھۇجۇمنى شەكللەندۈرۈپ، كوماندىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسىغا ئايلاندى.

5. «ھېنرىينىڭ بارسېلوناغا قوشۇلۇشى»
ھېنرىي ئۆزىنىڭ ئۇزغۇنلۇق چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئارسېنالدىن بارسېلوناغا قوشۇلدى. ئۇنىڭ بارسېلونادىكى ئىپادىسىنى ئىنتايىن قالتىس بولدى دېيىشكە بولىدۇ. 2007/2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ھېنرىي بارسېلونانى نۇرغۇن قېتىم مەغلۇبىيەتتىن قۇتقۇزۇپ قالدى. 2008-يىلىدىن كېيىن ئۇ مېسسى، ئېتوئو قاتارلىق چولپانلار بىلەن بىرلىكتە رەقىبلىرىنىڭ ھەممسىنى مەغلۇپ قىلىپ، 2009-يىلى «ئالتە شاھ»لىقنى قولغا كەلتۈردى. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھېنرىي بارسېلونانىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك سودىسى ھېسابلىنىدۇ.
2008-يىلى بارسېلونانىڭ باش كۆتۈرۈشى بىلەن ئىسپانىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرى باشلاندى. مانچېستېر بىرلەشمسى، خەلقئارا مىلان، بارسېلونا، چېلسى ۋە لېۋىرپولنىڭ كۈچىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرمىدى.

2008-يىلىدىكى ياۋروپا پۇتبول دۇنياسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى:

2008-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا ئىسپانىيە چېمپىيون بولۇپ، دۇنيا پۇتبول تارىخىدىكى يېڭى بىر ھۆكۈمران دۆلەت مەيدانغا كەلدى. گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى، لام، شىۋېنستايگېر قاتارلىق چولپانلار ئۆز كەسىپىدە پىشىپ يېتىلىپ، كۇلۇبتا بايرېن مىيۇنخېننىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىدە ھالقىلىق رول ئوينىدى. ئىتالىيەنىڭ ئىقتىسادىي چېكىنگەن بولسىمۇ، بىراق ھەر قېتىم ئىسپانىيەنىڭ ئەڭ بۇدۇشقاق رەقىبى بولۇپ قالدى. زىدانى كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىدا يولباشچى كەم بولۇش تۈپەيلى بۇرۇنقى ئىپادىسىنى تاپالمىدى. ئېنگلاند دۆلەت كوماندىسى ھېلىمۇ كۈچلۈك ھالەتتە بولسىمۇ، بىراق يەنىلا شاللاش باسقۇچىغا يېتىپ بارالمىدى. گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغان بولسىمۇ، بىراق چولپانلارنىڭ ياش بولۇشى تۈپەيلى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە كىرىستىيانو رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسىنى باشلاپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، ئۆزىمۇ كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى تۇنجى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى ياراتتى. خەلقئارا پۇتبول دۇنياسى رەسمىي ھالدا رونالدو vs مېسسى ھۆكۈمرانلىق دەۋرىگە كىردى.
مانچېستېر بىرلەشمىسى، خانلىق مادرىد ۋە خەلقئارا مىلان ئۆزىنىڭ دۆلىتىدىكى بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى ساقلاپ قالدى، بايرېن مىيۇنخېن گۈللىنىش يولىغا مېڭىپ قايتىدىن بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.
ئىتالىيە بىرلەشمىسى تەرەپتىن، خەلقئارا مىلان مانچىنىنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسىدىن رازى بولماي، مورىنھونى باش مەشقاۋۇللۇققا تەكلىپ قىلدى. ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە رىجىكارد باشچىلىقىدىكى بارسېلونا پۈتۈنلەي كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، باش مەشقاۋۇل رىجىكارد ئىشتىن بوشىتىلدى. ئىككىنچى سەپ كوماندىنىڭ مەشقاۋۇلى گۇئاردىئولا بىرىنچى سەپ كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بولدى. AC مىلان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە بۇرۇنلا شاللىنىپ كەتتى، بىرلەشمىدە ئاران 5-بولۇپ، كېيىنكى پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمەي، «مىلان خاندانلىقى» يىمىرلىشكە قاراپ يۈزلەندى.

2008-يىلىدىكى پۇتبول دۇنياسىغا ئەڭ تەسىر قىلغان يۆتكىلىشلەر:
1.«گۇئاردىئولانىڭ بارسېلوناغا مەشقاۋۇل بولۇشى. بارسېلونانىڭ رونالدىنھو، دېكونى سېتىۋېتىشى، ئالۋېس، كايىدا قاتارلىق توپچىلارنى قوشۇۋېلىشى، پېكنى قايتۇرۇپ كېلىشى»
ئۇدا ئىككى پەسىل بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشەلمىگەن بارسېلونا كۇلۇبى ئىسلاھات ئېلىپ باردى. گۇئاردىئولا باش مەشقاۋۇل بولۇپ بارسېلونانىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. رونالدىنھو 28 يېشىدا بارسېلونادىن ئايرىلدى. مېسسىنىڭ كىرىستىيانو رونالدو بىلەن ئون يىلغا سوزۇلغان رىقابىتى رەسمىي باشلاندى. رونالدىنھو، دېكو، ئادىرىيانو قاتارلىق چولپانلارنىڭ پۇتبول دۇنياسىدىكى ھۆكۈمرانلىق دەۋرىمۇ ئاخىرلاشتى.
بارسېلونا ئالۋېسنى كوماندىغا قوشۇۋالدى، مانچېستېر بىرلەشمىسىگە ئىجارىگە بەرگەن پېكنى قايتۇرۇپ كەلدى. شاۋى، ئىنېستا قاتارلىق چولپانلار كەسپىي ھاياتىدا پىشىپ يېتىلدى، بۇسكېس بارسېلونانىڭ سەپ شەكلىدە كەم بولسا بولمايدىغان توپچىسغا ئايلاندى. شۇ مەزگىلدە گەرچە بارسېلونانىڭ ئەمەلىي كۈچى «ئىككىنچى چۈش كوماندىسى»غا يەتمىسمۇ، بىراق گۇئاردىئولانىڭ ھالقىلىق توپچىلارنى سېتىۋېتىش-سېتىۋېلىش نەتىجىسىدە، ئۇلار ئىككى يىل مابەينىدە ياۋروپادىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندىغا ئايلاندى. بۇ چاغدا بايرېن مىيۇنخېن بىلەن خانلىق مادرىد ناھايىتى تەستە ھەم ئاستا كۈچلىنىۋاتاتتى.

2. «كۇئارېسما، كىچىك مانچىنى، مۇنتارى قاتارلىق توپچىلارنىڭ خەلقئارا مىلانغا قوشۇلۇشى»
مورىنھو خەلقئارا مىلاننىڭ ئىككى يولدىكى ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەدىكى تاكتىكا مەسلىسىنى ھەل قىلدى. يۇقىرى يۆتكىلىش سوممسى بىلەن كۇئارېسمانى كوماندىغا قوشۇۋالدى، كىچىك مانچىنى مورىنھونىڭ تاكتىكسغا ماس كەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق كۇئارېسمانىڭ تەرەققىي قىلىشى ئىنتايىن ياخشى بولدى، كۇئارېسما 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا ئۆزىنى قايتا ئىسپاتلىدى. مۇنتارى كوماندىغا ياخشى ماسلىشىپ، كوماندىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسلىق ئەزاسىغا ئايلاندى.

3. «خۇنتېلار، ۋان دېرۋارتنىڭ خانلىق مادرىدقا قوشۇلۇشى»
گوللاندىيەلىكلەر خانلىق مادرىدنىڭ ئەسلىگە قايتىشىغا ياردەم قىلالمىدى، بارسېلونا ئىسلاھاتتىن كېيىن قايتا ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقتى. ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە چوڭ نومۇر پەرقىدە لىۋېرپولغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، خانلىق مادرىدنىڭ ئەمەلىي كۈچىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلمىدى.

4. «AC مىلاننىڭ رونالدىنھو ۋە پاتونى كوماندىغا قوشۇۋېلىشى»
AC مىلان 2007-يىلى خانلىق مادرىدتىن ئايرىلغان رونالدودىن كېيىن، 2008-يىلى بارسېلونا ۋاز كەچكەن رونالدىنھونى كوماندىغا قوشۇۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن AC مىلان يېشى چوڭيىپ قالغان چولپانلارنىڭ قايتىپ بارىدىغان ماكانىغا ئايلاندى. «تېلېفون ۋەقەسى»دىن كېيىن بېرلوسكونى كوماندىغا قايتىدىن مەبلەغ سېلىشنى خالىمىغاچقا، ئۇلار ياش ھەم باھاسى يۇقىرى توپچىلارنى كىرگۈزۈشكە ئامالسىز قالدى.
2008-يىلى پاتو AC مىلاندا ناھايىتى تېز چاقناپ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتنى تارتقان بولسىمۇ، بىراق ئۈزلۈكسىز يارىلىنىش تۈپەيلى ناھايىتى تېزلا ئىپادىسى چېكىنىپ كەتتى.

5. «روبىنھونىڭ مانچېستېر شەھىرىگە قوشۇلۇشى»
2008-يىلى يازدا مانچېستېر شەھىرىنى ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت سودىگەرلىرى سېتىۋالدى. مانچېستېر شەھىرىمۇ ئابراموۋىچنىڭ تۇتقان يولىدا مېڭىپ ناھايىتى تېزلا باش كۆتۈرۈپ چىقتى. مەنسۇر باي مانچېستېر شەھىرىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن روبىنھونى قوشۇۋېلىپ، مانچېستېر شەھىرىدە دۇنياۋى سەۋىيەلىك چولپان بولماسلىققا خاتىمە بەردى.

2009-يىلى يازلىق يۆتكىلىش بازىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مانچېستېر بىرلەشمسى، بارسېلونا، خەلقئارا مىلان، چېلسى، لېۋىرپول قاتارلىق بەش كوماندا داۋاملىق ياۋروپادىكى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ ۋەكىلى بولدى.
خانلىق مادرىد بىلەن بايرېن مىيۇنخېن گۈللىنىش يولىغا قاراپ ماڭدى.  كاكا بىلەن ئىبراھىموۋىچ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىن ئايرىلدى. بايرېن مىيۇنخېن بىلەن خانلىق مادرىدنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، لىۋېرپول ۋە مانچېستېر بىرلەشمسى خارابلىششقا قاراپ يۈزلەندى.

2009-يىلىدىكى ياۋروپا پۇتبول دۇنياسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى:

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان بارسېلونا تارىخىي نەتىجە يارىتىپ «ئالتە شاھ» بولدى. بارسېلونانىڭ تۈرتكىسدە «سامانيولى جەڭ كېمىسى» قايتىدىن قوزغىتىلدى. ئىتالىيە بىرلەشمىسدە خەلقئارا مىلان بىرلەشمە چېمپىيونى بولدى. مالدىنى، نېدىۋېد، فىگو قاتارلىق ئۈچ چوڭ چولپان 2009-يىلى كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى. يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدا ئىتالىيە بىرلەشمىسدىكى ئىككى ياش چولپان كاكا بىلەن ئىبراھىموۋىچ ئىسپانىيە بىرلەشمىسگە كەلدى.
ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە مانچېستېر بىرلەشمىسى ئۇدا ئۈچ پەسىل بىرلەشمە چېمپىيونى بولدى، لىۋېرپول قايتىدىن بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا خىرىس ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بىر نەچچە پۇرسەتنى ئىسراپ قىلىۋېتىپ چېمپىيونلۇقتىن مەھرۇم قالدى. چېلسى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچىدا رېپىرنىڭ تالاش-تارتىش پەيدا قىلىشى بىلەن شاللىنىپ كەتتى. گېرمانىيە بىرلەشمىسدىن ۋولفسبۇرگ بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

2009-يىلىدىكى پۇتبول دۇنياسىغا ئەڭ تەسىر قىلغان يۆتكىلىشلەر:
1. «خانلىق مادرىدنىڭ كىرىستىيانو رونالدو، كاكا، بېنزېما، ئالونسونى قوشۇۋېلىشى»
2009-يىلى فىلورېنتىنو قايتىدىن رەئىس بولغاندىن كېيىن چولپان كىرگۈزۈش ئەندىزىسى قايتىدىن يۈرگۈزۈلۈپ، كىرىستىيانو رونالدو، كاكا، بېنزېما، ئالونسونى قوشۇۋالدى، بۇ تۆت چولپان ئىچىدە پەقەت كاكانىڭ يۆتكىلىش سودىسى مەغلۇپ بولغان سودا بولۇپ قالدى. باشقا چولپانلارنىڭ ھەممىسى خانلىق مادرىدتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. كاكا خانلىق مادرىدقا قوشۇلغاندىن كېيىن ئۈزلۈكسىز يارىلىنشتىن قۇتۇلالماي ئىپادىسى تىك سىزىق بويىچە تۆۋەنلەپ كەتتى.

كېيىنكى يىللاردا كىرسىتىيانو رونالدو، بېنزېما، ھىگۇايىن، ئالونسو، مارسېلو، پېپې، راموس، كاسىللاس قاتارلىق چولپانلار مورىنھونىڭ يېتەكلىشىدە خانلىق مادرىدنى قايتىدىن ياۋروپادىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا قايتۇرۇپ كەلدى.

2. «روببېننىڭ بايرېن مىيۇنخېنغا قوشۇلۇشى»
2009-يىلى يازدا بايرېن مىيۇنخېن روببېنى قوشۇۋېلىپ رىبېرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كوماندىنىڭ قايتىدىن گۈللىنىش ئاساسىنى سالدى. شۇ مۇسابىقە پەسلىدە بايرېن مىيۇنخېن بىراقلا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە بۆسۈپ كىردى. شۇنىڭدىن كېيىن بايرېن مىيۇنخېن ياۋروپادىكى ئۈچ زەردار كۇلۇب قاتارىدىن چۈشۈپ قالمىدى. روببېن بايرېن مىيۇنخېننىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىدە ھالقىلىق رول ئوينىغان توپچى ھېسابلىنىدۇ.

«2010-يىلدىكى ياۋروپا پۇتبول دۇنياسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى»

2010-يىلى ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى تارىخىدىكى تۇنجى دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۇتبول دۇنياسىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇردى، ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىدا نۇرغۇنلىغان ياش ۋە ئىقتىدارلىق توپچىلار مەيدانغا كەلدى، بۇ ياش توپچىلار خانلىق مادرىد ۋە بايرېن مىيۇنخېندەك زەردار كوماندىلارغا قوشۇلۇپ، گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.

ياۋروپا مۇسابىقىلىرىدە خەلقئارا مىلان «ئۈچ شاھ»لىقنى قولغا كەلتۈردى. ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە 7- ئورۇندىكى يۇۋېنتۇستىن تەشكىللەنگەن ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ ئېچىنىشلىق ھالدا گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىلا مەغلۇپ بولدى.
ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە بارسېلونا 99 جۇغلانما نومۇر بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، خانلىق مادرىد 96 جۇغلانما نومۇر بىلەن تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇر بىلەن ئىككىنچى بولۇش رېكورتى ياراتتى. گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە رىبېرى باشچىلىقىدىكى بايرېن مىيۇنخېن قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى.
ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە چېلسى كىرىستىيانو رونالدو كەتكەن مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇدا ئۈچ يىل بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى مونوپۇل قىلىشىنى ئاخىرلاشتۇردى. مانچېستېر بىرلەشمسى گەرچە بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى تارتقۇزۇپ قويغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا چېمپىيونلۇققا ئېرىشكۈدەك ئەمەلىي كۈچىنى يوقاتمىغان ئىدى. ئالونسو لىۋېرپولدىن كەتكەندىن كېيىن، توررېس يارىلىنىپ قېلىشى تۈپەيلى لىۋېرپول ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە ئالدىنقى تۆتنىڭ ئىچىدىن چۈشۈپ قېلىپ، يەنە بىر قېتىم زاۋاللىققا يۈزلەندى.

2010-يىلىدىكى پۇتبول دۇنياسىغا ئەڭ تەسىر قىلغان يۆتكىلىشلەر:
1. «خانلىق مادرىدنىڭ دىمارىيا، ئۆزىل، قېدىرانى كوماندىغا قوشۇۋېلىشى»
2010-يىلى خانلىق مادرىد قوشۇۋالغان توپچىلارنىڭ ھەممىسى سەپ شەكلىدە ئاساسلىق ئورۇننى ئىگەللىدى. دىمارىيا، ئۆزىل ۋە قېدىرا ھەممىسىنىڭ سودىسى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودا بولۇپ قالدى، ئۇلار كوماندىغا ياردەملىشپ ئاخىرىدا بارسېلونانىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تارتىۋالدى. دىمارىيا 2014-يىلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچىدىكى كوماندىنىڭ قايتىدىن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشىگە زور ياردەم قىلدى، دىمارىيا شۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىپادىسى ئەڭ قالتس توپچى بولۇپ قالغان، كېيىن مائاش مەسىلىسى تۈپەيلى كوماندىدىن ئايرىلدى. قېدىرا بىلەن ئۆزىل ئىزچىل كوماندىدا ئاساسلىق ئەزا سالاھىيىتىدە توپ تەپتى، گەرچە ئۇلارنىڭ خانلىق مادرىدتا توپ تەپكەن ۋاقتى ئۇزۇن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۈچ توپچى خانلىق مادرىدنىڭ رىقابەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى.

2. «بارسېلونانىڭ ۋىللا ۋە ماسچېرانونى قوشۇۋېلىشى»
بارسېلونا ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەرگىنى ۋىللا ۋە ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى ماسچېرانونى كوماندىغا قوشۇۋالدى. 2010/2011-مۇسابىقە پەسلىدىكى بارسېلونانىڭ سەپ شەكلىنى مۇكەممەللىككە يېقىنلاشقان دېيىشكە بولىدۇ.

3. «مانچېستېر شەھىرىنىڭ داۋىد سىلۋا، بالوتېللى، يايا تورې، كىچىك بوئاتېڭنى قوشۇۋېلىشى»

2010-يىلى يازدا مانچېستېر شەھىرى سىلۋا قاتارلىق بىر تۈركۈم چولپانلارنى كوماندىغا قوشۇۋېلىپ، كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچنى تېخىمۇ ئاشۇردى. سىلۋا مانچېستېر شەھىرىگە كەلگەندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا كوماندىنىڭ يادروسىغا ئايلاندى.

4. «AC مىلاننىڭ ئىبراھىموۋىچ، روبىنھو، چوڭ بوئاتىڭنى قوشۇۋېلىشى»
مېسسنىڭ چاقنىشى بىلەن ئىبراھىموۋىچنىڭ بارسېلونادىكى مەيدانغا چۈشۈش پۇرسىتى ئازلىدى، شۇ سەۋەبتىن بارسېلونا ئىبراھىموۋىچنى AC مىلانغا ئىجارىگە بەردى. روبىنھو AC مىلاندا ئۆچۈپ قالاي دەپ قالغان بىرازىلىيەلىك توپچىلارنىڭ رىۋايىتىنى داۋاملاشتۇردى. ئىبراھىموۋىچنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن AC مىلان بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.
ئۇنىڭدىن باشقا، چېلسى داۋىد لۇئىز، رامىرېس قاتارلىق چولپانلارنى قوشۇۋالدى. بايرېن مىيۇنخېن گۇستاۋونى قوشۇۋالدى. يۇۋېنتۇس بونۇچنى قوشۇۋالدى.
2011-يىلدىكى ياۋروپا پۇتبول دۇنياسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى:

2011-يىلىدا ياۋروپا پۇتبول دۇنياسى خانلىق مادرىد، بارسېلونا، بايرېن مىيۇنخېن قاتارلىق ئۈچ كۇلۇبنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرىگە قەدەم قويدى. مانچېستېر شەھىرى كۈچلىنىشكە باشلىدى، پارىژ سانت گېرمان ئەرەب سودىگەرلىرى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن ياۋروپادىكى باي كۇلۇبقا ئايلاندى. 2011-يىلىدا پىرلو يۇۋېنتۇسقا قوشۇلۇپ، يۇۋېنتۇسنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىگە ئاساس سالدى.

2011-يىلى بارسېلونا «بەش شاھ» بولۇپ، ئۇدا ئۈچ يىل ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. كېيىنكى پەسىلدە خانلىق مادرىد شاھلىق لوڭقىسىدا بارسېلونانى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى كۇلۇبنىڭ بىرسى كۈچلۈك، بىرسى ئاجىز بولۇپ قېلىش ۋەزىيىتى ئۆزگەردى. گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە كىلوپ باشلىقچىدىكى دورتموند چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، بايرېن مىيۇنخېن يەنە بىر قېتىم چېمپىيونلۇقنى تارتقۇزۇپ قويغان بولسىمۇ، بىراق ياۋروپادا يەنىلا كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچىنى نامايەن قىلدى. ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە مانچېستېر بىرلەشمىسى قايتىدىن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە بۆسۈپ كىرگەن بولسىمۇ، مەغلۇپ بولدى. چېلسىنىڭ بىرلەشمىدە ئىپادىسى ياخشى بولمىغان بولسىمۇ، بىراق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە يەنىلا كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچى بار ئىدى. ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە AC مىلان خەلقئارا مىلاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇردى، پىرلونىڭ يۇۋېنتۇسقا قوشۇلۇشى بىلەن يۇۋېنتۇسمۇ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ ئۈچ زەردار كۇلۇب ياۋروپا مۇسابىقىلىرگە يۈرۈپ كەتتى.
2011-يىلىدىكى پۇتبول دۇنياسىغا ئەڭ تەسىر قىلغان يۆتكىلىشلەر:

1. «يۇۋېنتۇسنىڭ پىرلونى ھەقسىز قوشۇۋېلىشى»
يۇۋېنتۇس «تېلېفون ۋەقەسى»دىن كېيىن ئۆزىنىڭ جەلپ قىلارلىق كۈچىنى يوقاتقان ئىدى. پىرلو يۇۋېنتۇسقا قوشۇلۇپ ئۇلارنىڭ بىر مەزگىللىك پاسسىپ ھالەتتىن قۇتۇلۇپ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىگە ياردەم قىلدى. يۇۋېنتۇس كوماندىسى ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ قايتىدىن كۈچلەندى، پىرلو بولسا كوماندىدىكى ھالقىلىق شەخس بولۇپ قالدى.

2. «نويېر، بوئاتېڭلارنىڭ بايرېن مىيۇنخېنغا قوشۇلۇشى»
نويېر، بوئاتېڭنىڭ بايرېن مىيۇنخېنغا قوشۇلۇشى بايرېننىڭ رامكىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدى، پەقەت ئۇلار بىر نەپەر يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەرگەنگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى. لام، شىۋېنىستايگېر قاتارلىقلار كۈنسايېن پىشىپ يېتىلدى. مۇللېر، ئالابا، تونىي كىروس قاتارلىق ياش توپچىلارنىڭ تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلىشى بايرېن مىيۇنخېننىڭ ياۋروپا چېمپىيونى بولۇش سالاھىيىتىنى ھازىرلىدى.

3. «زېكو، ئاگۈيرو، ناسرىلارنىڭ مانچېستېر شەھىرىگە قوشۇلۇشى»
مانچېستېر شەھىرى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى سەپ شەكلى ئەڭ ھەشەمەتلىك كوماندىغا ئايلىنىپ، ياۋروپاغا نەزەر تاشلىدى، ھەمدە خانلىق مادرىد، بارسېلونا قاتارلىق كوماندىلاردىنمۇ قېلىشمىدى. مانچېستېر شەھىرى يېڭى پەسىللىك مۇسابىقىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتلىرىدە ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ، سەل قارىغىلى بولمايدىغان كۈچكە ئايلىنىپ قالدى.

4. «بارسېلونانىڭ فابرېگاس، سانچېزلارنى قوشۇۋېلىشى»
فابرېگاسنىڭ بارسېلونا كوماندىسىغا يۆتكىلىشى بۇ يازدا كىشىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئىش بولۇپ قالدى. شاۋىنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، لاماسىيادىن چىققان فابرېگاس شاۋىنىڭ ئىزباسارى بولالايدۇ دەپ كوماندىغا قوشۇلدى. بىراق فابرېگاس بارسېلوناغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى ئىپادىسىگە سېلىشتۇرغاندا فابرېگاس تەس كۈنگە قالدى. سانچېزمۇ بارسېلوناغا قوشۇلغان قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرالمىدى، بارسېلونا كوماندىسى 2011-يىللىق توپچى يۆتكەشتە مەغلۇپ بولدى.

5. «لىۋېرپولنىڭ كارول، سۇئارېزلارنى قوشۇۋېلىشى»
2011-يىلىنىڭ بېشىدا كوماندىنىڭ ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى توررېس كوماندىدىن ئايرىلىپ، لىۋېرپول كوماندىسى كارول بىلەن سۇئارېزنى قوشۇۋالدى. نۇرغۇن پۇلغا كىرگۈزۈلگەن كارول 35 مىليون فوندستېرلىڭنىڭ بېشىغا سۇ قۇيدى. سۇئارېز بولسا دۇنياۋى چولپانغا ئايلىنىپ، كوماندىغا ياردەملىشىپ بىرلەشمىنىڭ ئىككىنچىلىكىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا مېسسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈردى.

6. «چېلسىنىڭ توررېس، ماتا، لۇكاكۇلارنى قوشۇۋېلىشى»
مورىنھو دەۋرىدىكى چېلسىنىڭ سەپ شەكلى دىروگبا، لامپارد، تېررىي ۋە چېخ قاتارلىق پېشقەدەم توپچىلار بىلەن كوماندا قېرىلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئىدى. شۇڭا ئۇلار توررېس، ماتا قاتارلىق چولپانلارنى كىرگۈزۈپ يېڭىلاش ئېلىپ باردى. ماتا كوماندىنىڭ يېڭى يادروسى قىلىندى، مورىنھو چېلسىغا قايتقاندىن كېيىن ماتا ئەتىۋارلىنىشقا ئېرىشەلمەي ئاخىرىدا كوماندىدىن ئايرىلدى. كوماندىنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا قاراپ ماڭغان يۈزلىنىشىنى ئوڭشايدىغان ئادەم قالمىدى. 2011-يىلى چېلسىنى يۆتكىلىشتە پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى دېسەك بولىدۇ، بىراق شۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەلىيى بار بولۇپ، ئىككىنچى يىلى كوماندا بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.

7. «مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ جونېس، ئاشلېي يوڭ، دېھىيالارنى قوشۇۋېلىشى»
مانچېستېر بىرلەشمسىى يېتەرلىك مەبلەغ بولمىغانلىقتىن داڭلىق توپچى كىرگۈزەلمىدى، بىراق ياش تالانتلىق توپچىلارنى قېزىپ چىقتى، دېھىيا شۇنىڭ ئىچىدە دۇنياۋى سەۋىيەلىك قاپقىچىغا ئايلاندى.

8. «مادرىد ئاتلېتكىنىڭ ئاگۈيرونى سېتىپ، فالكاۋنى قوشۇۋېلىشى»
ئاگۈيرو مادرىد ئاتلېتكىدىكى ۋاقتىدا 234 مەيدان مۇسابىقىگە قاتىنىشپ، 102 توپ كىرگۈزۈپ، 37 ياردەمچى پاس چىقارغان. 2009/2010-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقسى ۋە ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىغا ئېرىشكەن. 2011-يىلى 7-ئايدا ئۇ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىغا قوشۇلدى. مادرىد ئاتلېتكا بۇ ھۇجۇمچىنىڭ ئورنىغا دەرھاللا پورتو كوماندىسىدىن كولۇمبىيەلىك فالكاۋنى سېتىۋالدى. فالكاۋ مادرىد ئاتلېتكا كوماندىسىدا تېخىمۇ چاقناپ، كوماندىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسىغا ئايلاندى.

9. «پاستورىنىڭ پارىژ سانت گېرمانغا قوشۇلۇشى، ھەمدە پارىژ سانت گېرماننىڭ باش كۆتۈرۈشى»
2011-يىلى پاستورى ئىتالىيە پالېرمو كوماندىسىدىن 42 مىليون ياۋرولۇق يۇقىرى يۆتكىلىش باھاسى بىلەن فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىغا يۆتكەلدى. پارىژ سانت گېرمان كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ كوماندا كۈچىنى زورايتىپ، 2012-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان تۆت يىلدا ئۇدا تۆت پەسىللىك فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.
(ئىزاھات) «تېلېفون ۋەقەسى» ھەققىدە: 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى ئىتالىيەدە رېپىرنى سېتىۋېلىش ۋە مۇسابىقىگە پۇشتەك چالىدىغان رېپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ساختىلىق ئىشلىتىش سەتچىلىكى ئاشكارىلاندى. شۇنىڭ بىلەن قىلمىشى بىرقەدەر ئېغىر بولغان كۇلۇبلاردىن يۇۋېنتۇس ئەڭ چوڭ جازاغا ئۇچراپ، بىۋاستە ھالدا ئىتالىيە ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە چۈشۈرۋېتىلدى، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك پەسىلدىكى بىرلەشمە چېمپىيونلۇقى تارتىۋېلىندى. كۇلۇبنىڭ تەنتەربىيە باش نازارەتچىسى موگگىمۇ بىر ئۆمۈر پۇتبول بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن چەكلەندى. باشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم كۇلۇبلارنىڭ يېڭى پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقە جۇغلانما نومۇرىدىن نومۇر تارتىلدى. شۇنىڭ تەسىرىدە يۇۋېنتۇس خېلى بىر مەزگىلگىچە ئۆز ئەسلىگە كېلەلمىدى. خەلقئارا مىلان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يۇقىرى سەۋىيەلىك توپچىلارنى قوشۇۋېلىپ، كېيىنكى نەچچە يىللاردا ئىتالىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىنى مونوپۇل قىلدى.
2012-يىلى ئىسپانىيە ياۋروپا لوڭقسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ، ئۇدا ئۈچ نۆۋەت چېمپىيون بولدى(ئىككى قېتىملىق ياۋروپا لوڭقىسى، بىر قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى). ئىسپانىيەدە خانلىق مادرىد بىلەن بارسېلونا ئوتتۇرىسىدا ۋەزىيەت ئۆزگىرىش كەلدى. گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە بولسا بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى ئۈچ تۈردە ئىككىنچى بولۇپ قالدى. ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە چېلسى كوماندىسى ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. يازلىق سودىلىشىش كۆزنىكىدە خانلىق مادرىد ۋە بايرېن مىيۇنخېن قاتارلىق كوماندىلار داۋاملىق توپچى قوشۇۋالدى. AC مىلان كوماندىسى ئىككى ئاساسلىق ئەزاسى ئىبراھىموۋىچ بىلەن تىياگو سىلۋانى سېتىپ چىقاردى. پارىژ سانت گېرمان ياۋروپادىكى كۈچلۈك كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى.
2012-يىلىدىكى ياۋروپا پۇتبول دۇنياسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى:

2012-يىلى ئىسپانىيە كوماندىسى پۇيول ۋە ۋىللادىن ئىبارەت ئىككى ئاساسلىق ئەزاسى يوق ھالەتتە ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. ئىسپانىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە ۋە پورتۇگالىيە كوماندىلىرى تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىپ، ئومۇمەن ئالغاندا خانلىق مادرىد، بارسېلونا، بايرېن مىيۇنخېن، دورتموند، يۇۋېنتۇس، AC مىلان قاتارلىقلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش قۇرۇلمىسىنى كۆرسىتىپ قويدى. گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ ئىزىنى باسىدىغان ئادەم قالمىدى، ئېنگلاند بولسا ئاران دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، فىرانسىيە كوماندىسىغا چولپانلار يىغىلغان بولسىمۇ، بىراق نەتىجىسى ياخشى بولمىدى.

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىلىرىدە ئېنگلاند كوماندىلىرىنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولمايۋاتقاندا، چېلسى كوماندىسى بارسېلونا ۋە بايرېن مىيۇنخېننى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. بىراق شۇ پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن چېلسى كوماندىسى قايتا قۇرۇش مەزگىلىگە كىردى.
«ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى»
مانچېستېر بىرلەشمىسى 8-2 چوڭ نومۇر پەرقىدە ئارسېنالنى قىرغىن قىلدى. بىر ئايدىن كېيىن ساھىبخان مەيداندا 1-6 نەتىجىدە مانچېستېر شەھىرىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى، شۇ پەسىللىك مۇسابىقىلەردە ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە چېمپىيونلۇق كۈرىشى ئەۋجىگە چىقىپ، «قوشماق مانچېستېر» ساپ توپ پەرقى ئارقىلىق چېمپىيونلۇقنى بەلگىلىدى. مانچېستېر بىرلەشمىسى 1-0 نەتىجىدە ساندېرلاند كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، بۇ ئەھۋالدا پەقەت مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى تەڭلەشسە ياكى ئۇتتۇرسىلا مانچېستېر بىرلەشمىسى چېمپىيون بولاتتى.

مانچېستېر شەھىرى ئايال پادىشاھ چارلىغۇچىلىرى كوماندىسىغا ئاۋۋال بىر توپ ئۇرۇپ، كېيىن كەينى-كەينىدىن ئىككى توپ كەتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مانچېستېر بىرلەشمىسىنى چېمپىيون بولىدۇ دەپ قاراۋاتقان ئىدى. بىراق 91 مىنۇت ۋە 93 مىنۇت بولغاندا مانچېستېر شەھىرى كەينى-كەينىدىن ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، 3-2 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى، جۇغلانما نومۇردا ئىككى كوماندا تەڭلەشكەن بولسىمۇ، بىراق مانچېستېر شەھىرى ساپ توپ پەرقى ئۈستۈنلۈكى بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.

«ئىتالىيە بىرلەشمىسى»:
يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىر مەيدانمۇ مەغلۇپ بولماي چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، شاھلىق ئورنىغا قايتىپ كەلدى. AC مىلان كوماندىسى پەسىل ئاخىردا ئىنزاگى، نېستا، سېدروف قاتارلىق پېشقەدەم توپچىلار بىلەن توختام ئۇزارتمىدى. 2003-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە ياۋروپانى سۈر توقاي قىلغان تۆھپىكارلار كوماندىدىن ئايرىلىپ، بىر دەۋرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. يازدا ئىبراھىموۋىچ بىلەن تىياگو سىلۋامۇ كوماندىدىن ئايرىلىپ كىشىلەرنى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈردى.

«گېرمانىيە بىرلەشمىسى»:
سېرىق ھەرە قوشۇنى مەشقاۋۇل كىلوپنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىرلەشمە چېمپىيونلۇقى ۋە گېرمانىيە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. بايرېن مىيۇنخېن بولسا ئۈچ لوڭقىدىن قۇرۇق قالدى. كوماندا چېمپىيونلۇق تالىشىدىغان ئەمەلىي كۈچ ھازىرلىغان بولسىمۇ، لېكىن پىسخىكا ساپاسى بەك ناچار بولدى.

ئىسپانىيە بىرلەشمىسى:
خانلىق مادرىد بارسېلونانىڭ ئۇدا ئۈچ نۆۋەت چېمپىيون بولۇش قەدىمىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 100 نومۇر بىلەن بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. پەسىل ئاخىرىدا ھىگۇايىن كوماندىدىن ئايرىلدى، بارسېلونا داۋالغۇش مەزگىلىگە كىردى.
2012-يىلىدىكى پۇتبول دۇنياسىغا ئەڭ تەسىر قىلغان يۆتكىلىشلەر:

1. «بايرېن مىيۇنخېننىڭ مارتىنېز، مانزۇكىچلارنى قوشۇۋېلىشى»
ئەمەلىي كۈچى زور بولغان بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى ئۇدا ئىككى يىل چېمپىيونلۇقنى تارتقۇزۇپ قويدى، لېكىن سەپ قۇرۇلمىسى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى، بۇ يازدا سەپ شەكلىگە يۇقىرى ئۈنۈمدارلىق ھۇجۇمچى مانزۇكىچ ۋە تولۇق ئىقتىدارلىق مۇداپىئەچى مارتىنېز قوشۇلۇپ، داۋاملىق چېمپىيونلۇققا يۈرۈش قىلدى.

2. «پارىژ سانت گېرماننىڭ ئىبراھىموۋىچ، تىياگو سىلۋا، كىچىك لۇكاس، لاۋېززى، ۋېراتتى قاتارلىقلارنى قوشۇۋېلىشى»
پارىژ سانت گېرمان ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى داڭلىق توپچىلارنى سۈپۈرۈپ كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پارىژ سانت گېرمان ياۋروپادىكى سەل قارىغىلى بولمايدىغان كۈچكە ئايلاندى.

3. «خانلىق مادرىدنىڭ مودرىچنى قوشۇۋېلىشى»
مودرىچ خانلىق مادرىدقا قوشۇلغان تۇنجى پەسىلدە ئىپادىسى ئانچە قالتىس بولمىدى، ھازىر بولسا ئۇ خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادروسىغا ئايلاندى. ئۇ كوماندىغا قوشۇلغاندىن كېيىن ئىككى قېتىملىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. خانلىق مادرىد بىلەن بايرېن مىيۇنخېننىڭ ھالىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئىككىلىسى كۆپ قېتىم قاراپ تۇرۇپ چېمپىيونلۇقنى تارتقۇزۇپ قويۇپ، ئاخىرىدا مۈشكۈلاتلار ئىچىدە چېمپىيونلۇققا قايتا ئېرىشكەن.

4. «مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ۋان پېرسى بىلەن كاگاۋانى قوشۇۋېلىشى»

ۋان پېرسى بولسا فېرگۇسون مەشقاۋۇللۇق كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قىلغان يۇقىرى سوممىلىق سودىسى، ئۇ كوماندىغا ياردەملىشىپ بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەڭ قالتىس مەرگەن بولغان. بىراق پەسىل ئاخىرىدا فېرگۇسون مەشقاۋۇللۇقتىن چېكىنگەندىن كېيىن مانچېستېر بىرلەشمىسى پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، ۋان پېرسىنىڭمۇ ئىپادىسى ئانچە قالتىس بولمىدى. كاگاۋا كوماندىغا سىڭىشىپ كىرىپ بولالمىدى، ھەمدە دورتموند كوماندىسىغا قايتىپ بۇرۇنقى ھالىتىنى قايتىدىن تاپتى.

5. «چېلسىنىڭ خازارد ۋە ئوسكارلارنى قوشۇۋېلىشى»
چېلسى كوماندىسى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن دىروگبا كوماندىدىن ئايرىلىپ، شانلىق دەۋرىدىن خوشلاشتى. ئۇلار جىددىي تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ، خازارد ۋە ئوسكار قاتارلىقلارنى قوشۇۋېلىپ، كوماندىنى قايتىدىن قۇرۇش يولىنى ئاچتى. ئۇلارمۇ كېيىن چېلسىنىڭ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا قايتىدىن ئېرىشىشىدىكى مۇھىم شەخسلەر بولۇپ قالدى. خازارد بولسا مېسسى ۋە كىرىستىيانو رونالدودىن كېيىنكى دۇنيادىكى ئۈچىنچى قالتىس توپچى دەپ قارالدى. كونتې مەشقاۋۇللۇق ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، چېلسى بۇ پەسىللىك بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. خازاردنىڭ كوماندىدىكى ئورنى ئۆزگەرمىدى، ئوسكار بولسا جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى شاڭخەي شاڭگاڭ كۇلۇبىغا قوشۇلدى.
‹‹ئىزاھات››: مەزكۇر تېمنى بۇ يىل يازدا نۇر تورىغا بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدە جەمئىي 11 قىسمغا بۆلۈپ يوللىغان ئىدىم، بۈگۈن بىر ئاز ۋاقىتمنى سەرپ قىلىپ، قايتىدىن رەتلەپ ۋە تەھرىرلەپ بىرلا تېمىغا يىغىنچاقلاپ مۇنبەرگە يوللىدىم، ھەر قايسىڭلاردا ئازراق بىلىم ۋە چۈشەنچنى ھاسىل قىلالىسا مەنمۇ تارتقان جاپايىمغا رازى بولغان بولاتتىم. 2013-يىلدىن ھازىرغىچە بولغان پۇتبول دۇنياسى ھەممىزگە تونۇشلۇق بولغانلقى ئۈچۈن، 2013-يىلدىن ھازىرغىچە بولغان قىسمى يوللانمىدى. تېمنىڭ مەزمۇنى بىر ئاز كۆپ بولغانلقى ،يانفۇندا ئېچىلغاندا نورمال ئېچىلىشغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كېيىنكى بىرنەچچە قىسىملىرىغا رەسىم قىستۇرىلمىدى.
پۇتبول مۇنبىرى :ئۇچتىكىن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 19مۇنبەر پۇلى +8750 تۆھپە +9 شۆھرەت +9 تەجرىبە +14 تىللا +13 يىغىش سەۋەبى
تەمكىن + 50 قالتىس!
دەۋران75 + 50 ئىسل
ئارزۇ + 50 + 1 + 1 + 1 قالتىس!
مىلان007 + 50 不错,支持下ئىسسىل، قۇلۇڭغا.
A.alim + 50 + 2 + 2 + 2 ئېسىل ....
vvvvv + 50 + 5 قالتىس!
ئاتلان7 + 50 قالتىس!
FaRuH777 + 50 قالتىس!
soccer + 1000 + 2 قالتىس!
دىكتور + 50 قالتىس!
kolombiya + 50 قالتىس!
بارچۇق + 1000 + 3 + 3 + 3 + 3 قالتىس!
مەپتۇن + 50 قالتىس!
turgunjan + 50 قالتىس!
KAROL: + 50 + 3 مادرىد مىدالى ئىسىڭ
بېرنابۇ + 5000 + 3 قالتىس!
isimsiz + 50 + 3 + 3 + 3 + 2 قوللاش!
258369 + 50 不错,支持下
ئەلبارىس + 1000 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

    توغىرلاپ قويۇلغان سائەتلەر ئەمەس گۈزەل ئارزۇلار بىزنى ئويغاتسۇن ! ـــــ ئۇچتىكىن

ھەۋەسكار پۇتبولچى

لىۋېرپول

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16809
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1110 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 241 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-4-11
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-28
دېۋان
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
ئەتە ئالدىرماي ئۇقاي
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

ئالاھىدە تۆھپەمۇنبەر قوللىغۇچىسىدەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 1233
تېما سانى : 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31871 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3818 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-12-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-28
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەشھەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-9-25 11:55  

فىگونىڭ  بارسېلونادىن   مادرىدقا قۇشلىشى  ، 2004  ياۋروپا لوڭقىسىدىكى  ئەسەبى مەستانىنىڭ فىگوغا بايراق ئېتىشى ۋە  شۇمتەك  رونالدونىڭ  كۆزيېشى قىلىشى ،   ياۋروپا لوڭقىسىدا چىمپىۇونلۇققا ئىرىشكەن گىرىتسىيەنىڭ  دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالماسلىقى  ،  بارسېلونانىڭ  يەنە بىرقېتىم  ياۋروپانى بوي سۇندۇرشى ،  پېپ نىڭ  رونالدىنھودىن ۋاز كىچىپ  شۇمتەك  مىسسىغا   بارسېلونا  توپ ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى   تاپشۇرشى ،   ئىسپانىيە خاندانلىقى  ۋە بارسېلونا شاھلىقىنىڭ  دەۋېر سۈرشى ،  بىريىلدا  ئالتا لوڭقىنى ئېلىپ تارخ بىتىگە   ئىز قالدۇرلىشى  ،  4 يىلدا ئۈچ قېتىم چوڭ لوڭقا ئالغان  ئىسپانىيە  خاندانلىقى  ،  ئىستانبولدىكى  مۆجىزە  ، قېرى سىرنىڭ    قولىنىڭ  تىترەپ  كىتىش مەنزىرسى   ، يازسام   كۆپ ئىكەن بۈگۈن مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي  ھىڭھىڭھقڭ
ئەمىلىيەت داۋاملىق كۆرگىنىڭدەك بولىۋەرمەيدۇ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

AC مىلان

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 8259
تېما سانى : 6
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1147 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2513 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2010-10-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-28
يەر
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئۇنىمۇ دەيمىز بۇنىمۇ دەيمىز  .  مەن مۇشۇ كۆرگەن مۇسابىقىلەر ئىچىدە  چىلسىنىڭ چىمپيون بولىشى ،  مانچىستىر شەھرىنىڭ  ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردا توپ ئۇرۇپ چىمپيون بولىشى ، ئاندىن ئالەم كوماندىسى ئاتالغان بارسا بىلەن يانماي ئوينىغان  شۇ مەيدان  مىلەننىڭ مۇسابىقىسى  ئەڭ ھاياجانلاندۇرغان ئىدى  مىنى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كەسپىي پۇتبولچى

تەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە ئىلگىرلەش

مانچېستېر بىرلەشمىسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13555
تېما سانى : 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11895 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 633 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-1-3
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-28
5#
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
تېما ھەقىقەتەن بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ، ئالدىرىماي ئوقۇسام بولغۇدەك ،  خېلى ۋاقىت بولۇپتىكەن مۇنبەرگە نادىر تېما يوللانمىغىلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆمۈرلۈك شەرەپ

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 8240
تېما سانى : 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1522 ياۋرۇ
تىللاسى : 291 سەر
توردىكى ۋاقتى : 5177 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2010-10-19
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-28
6#
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
ۋاي كۈزۈم يېرىم سائەتتە يېرىم بوپتۇ داۋامىنى ئەتە ئۇقۇي
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تاماشىبىن

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18185
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1380 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 141 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-5-30
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-28
7#
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
مۇنبەرگە كىرىپ ماندا ئۇزۇن تىمىنى كۆرمەپتىكەنمە ، قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
باشقا گەپ يوق قىزقىمەندە
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

مادرىد لۈكچىكى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16969
تېما سانى : 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16921 ياۋرۇ
تىللاسى : 33 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1048 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-5-16
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-28
8#
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئۇف  يىرمنى ئاران ئوقدۇم كوزۇم ئاغرىپ ئۇيقۇ كىلىپ داۋامنى ئەتە ئوقۇي ، ئوقۇپ بولغۇچە كوز ئاغرىسا يىزىپ بولغۇچە نىمە كۇن كورگەندۇ ،ئۇچتىكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16374
تېما سانى : 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1004 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 237 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-12-10
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-28
9#
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئاران ئوقوپ بولدۇم ،،،،،ھازىرقى چولپانلارنىڭ قايسى كۇلۇبلاردا توپ تىپىۋاتقىنىنى بىلەتتىم  ، لىكىن كۆپىنچە توپچىلارنىڭ ئىلگىرى قايسى كۇلۇبلاردا توپ تىپىدىغىنىنى بىلمەيتىم  ئېشقىلىپ جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم ،،،،،  ئەمما لىكىن  يوۋىنتۇسنىڭ تىلىفون ۋەقەسى  سەتچىكىكى  دىگەن يىرىنى تازا چۈشىنەلمەي قالدىم  بىلىدىغانلا بولسا ئىنىقىراق چۈشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلا !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

يازما يوللاش ئۇستىسىتۆھپىكار ئەزامادرىد لۈكچىكى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17518
تېما سانى : 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17021 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1368 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-10-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-28
10#
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
ناھايىتى  ئىسل تىما بۇلۇپتۇ…
خېتىڭ سەت بولسىمۇ،ھەقىقەتنى ياز
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تاماشىبىن

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18366
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 415 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 114 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-8-28
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-28
11#
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
نادىر تىما ،ئۇف ئاران ئوقۇپ تۈگەتتىم ،قايتا ئۇقىمىسام
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

بايرىن مىيونخىن

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17301
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12595 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 976 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-8-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-28
12#
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
نادىر تىما بىر بىلەت كەتتى ، قولڭزغا دەرت كەلمىسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2017-9-28 18:49

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش