|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بارچۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2017-9-23 11:15
ئالاۋېس 2:1 خانلىق مادرىد
ئۈرۈمچى ۋاقتى بۈگۈن كەچ سائەت 8:15 ئۆتكەندە ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 6- ئايلانما مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ، ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد كوماندىسى مېھمان مەيداندا ئالاۋېس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى . ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئاسېنسىئو پاس بېرىپ سېباللوس خانلىق مادرىد كوماندىسى ھاياتىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 1:0 قىلدى . كېيىن ئالاۋېس كوماندىسىنىڭ ماھىرى مانۇ بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى . كېيىن يەنە سېباللوس يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 2:1 قىلدى . كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ توپ كىرگۈزەلمەي خانلىق مادرىد كوماندىسى 1:2 نەتىجىدە غەلبىنى قولغا كەلتۈردى !
مۇسابىقىنىڭ 10- مىنۇتىدا ، خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئاسېنسىئو پاس بېرىپ سېباللوس بىر توپ كىرگۈزدى
مۇسابىقىنىڭ 40- مىنۇتىدا ئالاۋېس كوماندىسىنىڭ ماھىرى مانۇ بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى .
مۇسابىقىنىڭ 43- مىنۇتىدا خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ماھىرى سېباللوس ئىككىنچى توپىنى كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 2:1 قىلدى .
مۇسابىقىنىڭ 46- مىنۇتىدا رونالدو قاپقىچىغا قارىتىپ توپ تەپكەن بولسىمۇ ، لېكىن توپ ۋارتارنىڭ لىمىغا تەگدى .
مۇسابىقىنىڭ 53- مىنۇتىدا ئىسكو ئۆزى يالغۇز قاپقىچىغا قارىتىپ توپنى تەپتى ، لېكىن قاپقىچى بۇ توپنى توسۇپ چىقىرۋەتتى .
مۇسابىقىنىڭ 63-مىنۇتىدا رونالدۇنىڭ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدىن تەپكەن توپىسى يەنە بىر قېتىم ۋارتارنىڭ لىمىغا تەگدى .
مۇسابىقىنىڭ 65-مىنۇتىدا راموسنىڭ كاللا توپى ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىلدى ..
مادرىد ئاتلېتكا 0:2 سېۋىللا
يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە ، مادرىد ئاتلېتكا كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا سېۋىللا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى . بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاتلېتكا كوماندىسى كالاسكو بىلەن گىرىزماننىڭ توپ كىرگۈزىشى بىلەن 0:2 نەتىجىدە رەقىبىنى مەغلۇب قىلىپ بىرلەشمىدە ئىككىنجى ئورۇنغا تېزىلدى . |
|