|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قۇتلۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2017-9-23 22:23
ئۈرۈمچى ۋاقتى بۈگۈن كەچتە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 6- ئايلانما مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ ، ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد كوماندىسى مېھمان مەيداندا ئالاۋېس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ .
مۇسابىقە تۈرى : ئىسپانىيە بىرلەشمىسى
كوماندا : ئالاۋېس - خانلىق مادرىد
ئورنى : مىندىسۇلو توپ مەيدانى
كۆرسىتىلىدىغان ئورنى : pptv
ۋاقتى : ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:15
بىرىنچى كۈرۈش نوقتىسى : خانلىق مادرىد قايتىدىن جانلىنىپ ئەسلىگە كىلەلەمدۇ ؟ رونالدو توپ كىرگۈزەلەمدۇ يوق ؟
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە باشلىنىپ ھازىرغىچە ئاللىقاچان بەش ئايلانما مۇسابىقە ئۆتكۈزىلىپ بولدى ، خانلىق مادرىد كوماندىسى بۇ جەريانىدا 2 قېتىم غەلبە قىلىپ 2 قېتىم تەڭلىشىپ 1 قېتىم ئۇتتۇرۇپ قويۇشتەك نەتىجە بىلەن بىرلەشمىدە ئاران 8 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى ، بۇ نەتىجە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن خانلىق مادرىد كوماندىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن ناچار بولغان نەتىجە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۈگۈن مىھمان مەيداندا بىرلەشمە نۇمۇر رەت تەرتىپىدە ئارقىدىن سانىغاندا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئالاۋېس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدىغان بولۇپ ، خانلىق مادرىد كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە چوقۇم پۈتۈن كۈچىنى نامايان قىلىپ بىر مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ كوماندىنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتىشى كېرەك . ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە رونالدونىڭ چەكلىنىش جازاسىنىڭ مۇددىتى توشۇپ مۇسابىقە قاتناشقان بولسىمۇ ، لېكىن توپ كىرگۈزەلمىدى ، ئەمدى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كىرىستىيانو رونالدو قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ توپ كىرگۈزەلەمدۇ يوق ؟ !
ئىككىنچى كۆرۈش نوقتىسى : يارىدارلار كۆپىيىپ خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ئارقا مۇداپىئە لىنىيەسى قاتتىق سىناققا دۇچ كەلدى
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيان ، خانلىق مادرىد كوماندىسى تۈرلۈك ئادەم ئىشلىتىش سىنىقىغا دۇچ كەلدى ، تۆت كاپىتاننىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشالماسلىقى زىدانىنىڭ ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇشىغا زور دەرىجىدە قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن . بېنزىما ، مارسېلو يارىلىنىش سەۋەبىدىن قاتنىشالمايدۇ ، شۇڭلاشقا زىدانى ئامالسىز ھالدا بىرنەچچە يىڭى توپچىلارنى تىزىملىككە كىرگۈزۈشكە توغرا كەلدى . ئەمما ياخشى يىرى شۇكى كىرىستىيانو رونالدونىڭ چەكلىنىش جازاسىنىڭ مۇددىتى توشۇپ مۇسابىقىگە قاتنىشالايدۇ ، بىلنىڭ ئەسلى ھالىتىگە قايتىشى ياخشى بولغان بولۇپ ، خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم لىنىيىسى ئانچە بەك چوڭ تەسىرگە ئۇچرىمىغان . بۇنىڭغا ناۋاسنىڭ قايتىپ كەلگىنى قوشۇلسا ، بۇلار خانلىق مادرىد كوماندىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ياخشى ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ئەلۋەتتە !
ئۈچىنچى كۆرۈش نوقتىسى : ئالاۋېس ئۇدا بەش مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى !
ئالاۋېس كوماندىسى يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيانقى بەش مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولۇپ ، بىرمۇ نۇمۇرغا ئېرىشىپ باقمىغان . لېكىن بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئىپادىسىنى ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدىغان خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ ، بۇلار بەلكىم بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ كوماندىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن ! ئىككى تەرەپنىڭ ئوت كۈچى زادى قانداق بولىدۇ ؟قىنى بىز بۇ مەيدان مۇسابىقىگە دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ باقايلى !
خانلىق مادرىد كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، رونالدۇ تىزىملىككە كىرگەن ، مارسېلو ، بېنزىما ۋە كىروس قاتارلىق توپچىلار يارىلىنىش سەۋەبىدىن تىزىملىكتىن چۈشۈپ قالغان .
قاپقىچى: ناۋاس، كاسىللا، لۇكا
مۇداپىئە: كارۋاخال، راموس، ۋارانى، ناچو، تىخىرو، ئاچراف
ئوتتۇرا مەيدان: مودرىچ، كاسېمىرو، لورېنتې، ئاسېنسىئو، ئىسكو، سېباللوس
ھۇجۇمچى:رونالدۇ ، بېل، لۇكاس ۋاسكېز، مايورال |
|