|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قۇتلۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2017-9-22 23:06
خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۈگۈن ئورگان تورىدا دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچ نامزاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، بۇ تىزىملىككە خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ چولپىنى كىرىستىيانو رونالدو ، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ چولپىنى مېسسى ۋە پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىنىڭ چولپىنى نېيمار كىرگەن .
بۇ مۇكاپات تۈرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەشقاۋۇلى ، كوماندا باشلىقى ، تاللانغان ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە توپخۇمارلارنىڭ بىلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىشى ئارقىلىق تاللاپ چىقىدۇ .
ئۈرۈمچى ۋاقتى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ قالتىس ئۈچ قاپقىچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچ نامزاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، بۇنىڭغا خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى ناۋاس ، يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى بۇففون ۋە بەيرىن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى نويىرلار ئاخىرقى نامزات بولۇپ تاللانغان .
بۇ يىل يازدا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا يىللىق ئەڭ قالتىس قاپقىچى مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىكى ئىپادىسى ئەڭ قالتىس قاپقىچىنى تەقدىرلەيدىكەن . تۇنجى نۆۋەتلىك يىللىق ئەڭ قالتىس قاپقىچىنى باھالاش ۋاقتىنىڭ دائىرىسى بۇلتۇر 11- ئايدىن باشلاپ بۇ يىل 7- ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە بولغان . خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىنىڭ بايانىغا ئاساسەن ، بۇ مۇكاپاتنى باھالاشتا چىمپىيۇنلۇقنى ، دۆلەت تەۋەلىكىنى ئويلاشمايدىكەن ، پەقەتلا قاپقىچىنىڭ بۇ يىل ئىچىدىكى ئىپادىسىگە قاراپ باھالايدىكەن .
بۇففون قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان بولۇپ ، گەرچە مۇسابىقىدە ئىككىنچى بولۇپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن 12 مەيدان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە رەقىبى 8 مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان . بۇففون ھازىرغا كەلگۈچە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 168 قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشقان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت كوماندىسى بىلەن كۇلۇبقا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان مەيدان سانى 1000 قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن .
خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 23- ئۆكتەبىردىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ئەڭ قالتىس قاپقىچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شەخىسنى ئېلان قىلىدۇ .
|
|