|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چۈش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2017-9-22 18:59
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
ئەنگلىيە « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا قىزىل ئالۋاستى - مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبى ئالدىنقى يىللىق مالىيە دوكلاتىدىن ئېلان قىلغان . سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە 2016-2017- يىللىق پەسىلدە مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ كىرىمى 581 مىلىيۇن فونىستىرلىڭدىن ئاشقان ، ساپ پايدا بولسا 80 مىلىيۇن فونىستىرلىڭدىن ئاشقان . شۇنداقلا ئالدىنقى پەسىللىك كىرىم رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان . 2016-2017- يىللىق پەسىلدە مورىنھو باشچىلىقىدىكى مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغان بولۇپ 3 تۈردە چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن . خەۋەردە دىيىلىشىچە بۇ پەسىل باشلىنىپمۇ مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ ھەرقايسى تۈردىكى ئىپادىسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ كوماندىنىڭمۇ كىرىمى ئىشىشقا قاراپ ماڭغان . كەلگۈسىدە مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ كىرىمى ھازىرقىدىنمۇ ئىشىشى مۇمكىن ئىكەن . بۇ توغرىسىدا مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋۇدۋارد : بىزنىڭ 2016-2017- يىللىق پەسىل مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاندى ، كوماندا 3 لوڭقىغا ئىرىشىپ ، قايتىدىن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە قايتىپ كەلدى ، بۇنىڭدىن باشقا كوماندىمىزدا ئىلگىرلەشلەر كۆپ بولدى ، مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال . بىزنىڭ ئۇ پەسىلدىكى كىرمىمىز 581 مىليون فوند ستېرلىڭدىن ئاشتى ، بىز بۇ پەسىللىك يازلىق يۆتكۈلۈشتە كوماندىغا يەنە مەبلەغ ئاجىراتتۇق ، بىز يەنە بىر ھاياجانلاندۇردىغان مۇسابىقە پەسىلىنى كۈتىۋىلىش ئالدىدا تۇرماقتا دىدى . ئۇ يەنە : بىزنىڭ بۇ يىللىق يازلىق يۆتكۈلۈشدىكى قىلغان سودىمىز رازى قىلارلىق بولدى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىرقىسىم ئاساسلىق توپچىلار بىلەن توختام ئۇزارتتۇق ، بىز يەنە بەزى توپچىلار بىلەن توختام ئۇزارتىش ئىششىدا كىلشىۋاتىمىز . مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى توپچىللىرى ناھايتى مۇۋاپىق ، ھازىرقى كوماندىنىڭ ئەمىلىي كۈچى ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا خىرىس قىلالايدۇ ، ھازىرقى كۇلۇبىمىزنىڭ ئىپادىسى كۇلۇب مەستانىللىرىنىمۇ خۇشال قىلىۋاتىدۇ دىدى . مانچىستىر بىرلەشمىسى 2015-2016- ۋە 2016-2017- يىللىق پەسىللەردە كۇلۇبنىڭ كىرىمى 570 ۋە 581 مىلىيۇن فونىستىرلىڭ بولغان ئىدى ، كۇلۇب تەرەپ نۆۋەتتە 2017-2018- يىللىق پەسىلدىمۇ كىرىمنى 500 مىلىيۇن فونىستىرلىڭدىن ئاشۇرۇپ ئۇدا 3 پەسىل يۇقىرى كىرىم قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ...
|
|