بۇ يازمىنى ئاخىرىدا A.alim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2017-9-21 23:34
مادرىد ئاتلىتكا ئورگان تورى چېلسى كۇلۇبى بىلەن دېيگۇ كوستانىڭ يۆتكىلىش ئىشىدا بىردەكلىككە كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى ، كوستا كەلگۈسى نەچچە كۈن ئىچىدە سالامەتلىك تەكشۈرتىدىكەن ، ۋە يۆتكىلىشنى تاماملايدىكەن ،. ئەمما ئۇ كىلەر يىلى 1-ئايدا ئاندىن مادرىد ئاتلىتكا ئۈچۈن مەيدانغا چىقالايدىغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كوماندا بىلەن مەشىقلەردە بىللە بولىدىكەن ، ‹‹ ئاس گېزىتى ›› نىڭ بىلدۈرىشىچە لەيلىمە ماددىلىرىنى قوشقاندا كوستانىڭ يۆتكىلىش سوممىسى 60 مىليۇن ياۋرۇغا يىتىدىكەن ، بۇنىڭدىن باشقا ‹‹ ماركا گېزىتى ›› ئۇنىڭ يۆتكىلىش سوممىسىنى 55 + 10 مىليۇن بولدى دەپ خەۋەر بەرگەن ...
بېرازىلىيەلىك بۇ توپچى 2007-يىلى مادرىد ئاتلىتكىغا قوشۇلغان ، شۇ مەزگىلدە مادرىد ئاتلىتكىدا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىگەشكە ، ئۇدا ئىككى پەسىل سېرتقا ئىجارىگە بىرىلگەن ، 2009-يىلى رەسمى ھالدا مادرىد ئاتلىتكىدىن ۋاللادۇلىد كوماندىسىغا يۆتكەلگەن ، 2010\2011 مۇسابىقە پەسلى مادرىد ئاتلىتكا تەرىپىدىن قايتۇرۇپ كىلىنگەن ، شۇ پەسىلنىڭ كىيىنكى يىرىمىدا گېرانادا كوماندىسىغا ئىجارە بىرىلگەن ، 2012\2013 پەسلى رەسمى ھالدا مادرىد ئاتلىتكىدا ئورنىنى تىكلىگەن بولۇپ ھەرقايسى مۇسابىقىلەردە 20 توپ كىرگۈزۈپ ئاق قىزىل قوشۇننىڭ شاھلىق لوڭقىسىغا ئىرىشىشىگە كۈچ قوشقان ،
2013\2014 مۇسابىقە پەسلىدە كوستا ئۆزىنىڭ مادرىد ئاتلىتكا كوماندىسىدىكى يۇقىرى پەللىسىنى كۈتىۋالغان ، ھەرقايسى مۇسابىقىلەردە 52 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 36 توپ كىرگۈزگەن ، بۇنىڭ ئىچىدە بىرلەشمىدە 35 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 27 توپ ئۇرغان ، كوماندا بىلەن بىرلىكتە ئېسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىغا ۋە ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ كۆمۈش مىدالىغا ئىرىشكەن . شۇ يىلى ئۇ رەسمى ھالدا دۇنيا دەرىجىلىك ھوجۇمچىلار قاتارىغا ئۆتكەن ..
2014\2015 مۇسابىقە پەسلىدە ، كوستا 32 مىليۇن فۇنىستىرلىڭلىق باھا بىلەن چېلسى كوماندىسىغا يۆتكەلگەن ، ۋە شۇ پەسىلدە كوماندا بىلەن بىرلىكتە ئېنگىلاد ئالى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىغا ئىرىشكەن ، 2016\2017 مۇسابىقە پەسلى چېلسى يەنە بىرقىتىم چېمپىيۇنلۇققا ئاتلاندى ، كوستا 35 قىتىم تولۇق ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىپ 20 توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ ، ئەمما ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى چېلسى كوستادىن ۋاز كەشتى ، مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تېرنىر كونتى بىۋاستە كوستاغا ئۇچۇر يوللاپ ، كوستانىڭ ئۆزىنىڭ پىلانىدا يوقلىقىنى بىلدۈردى ..
كوستا شۇ مۇناسىۋەت بىلەن چېلسىدىن يىراقلىشىپ لوندۇنغا قايتىشتىن ۋاز كەشتى ، يېڭى پەسىللىك مەشىقلەردىنمۇ تولۇق قول ئۈزدى .. ئۇ ئىزچىل كونا ئائىلىسى بولغان مادرىد ئاتلىتكىنىڭ ئۆزىنى قايتۇرۇپ ئەكىتىشىنى ئۆمۈد قىلدى .. ئارمانغا يارىشا ئۇزۇنغا سوزۇلغان يۆتكىلىش سۆھبىتىدىن كىيىن كوستا ئاخىرى ئېسپانىيەگە قايتىدىغان بولدى ،..... ئەمما مادرىد ئاتلىتكىنىڭ چەكلىنىشى ۋە يازلىق بازارنىڭ تاقىلىشى سەۋەبلىك بېز كوستانىڭ ئاق قىزىل ساۋۇتنى كىيىپ توپ ئوينىغىنىنى كىلەر يىلى بىرىنجى ئايدا كۆرەلىشىمىز مۇمكىن . .. ئۇزۇن مۇددەت مەشىق تاشلىغان ، مۇسابىقىگە قاتناشمىغان كوستانىڭ مادرىد ئاتلىتكىدىكى ئىپادىسى قانداق بولىدۇ بۇ ھەممىمزنى قىززىقتۇرىدۇ ئەلۋەتتە ....
كوستانىڭ نادىر ئىپادىلىرى :
|