|
بىۋاسىتە تارقىتىش 9- ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى خەۋىرى ، خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ چولپىنى كىرىستىيانو رونالدونىڭ بەش مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلىنىش جازاسىنىڭ مۇددىتى توشقان بولۇپ ، كىرىستىيانو رونالدو ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 5- ئايلانما مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدۇ . شۇنىڭ بىلەن خانلىق مادرىد كوماندىسى يازما ئېلان قىلىپ كىرىستىيانو رونالدونىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خانلىق مادرىد كوماندىسى ئورگان تورىغا ئېلان قىلغان يازمىسىدا مۇنداق دېگەن : كەلگۈسىدىكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە ، زىدانى كىرىستىيانو رونالدونى مەيدانغا چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ . كىرىستىيانو رونالدونىڭ چەكلىنىش جازاسىنىڭ مۇددىتى توشتى . ئۇنىڭ كۇلۇبقا ۋاكالىتەن بىرلەشمىدە قولغا كەلتۈرگەن رىكورتلىرى ئادەمنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدۇ دېيىشكە بولىدۇ .
2009- يىلى رونالدو خانلىق مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن بۇيان ، نۆۋەتتە رونالدو 265 مەيدان مۇسابىقىدە 286 توپ كىرگۈزۈپ بولغان ئىدى . بۇ سانلىق مەلۇمات رونالدونى خانلىق مادرىد كوماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەنگە ، ھەمدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان توپچىغا ئايلاندۇرغان ئىدى .
ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئاخىرىدا ، كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان بولۇپ ، خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ 33- قېتىملىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشىگە زور تۆھپە قوشقان ئىدى . خانلىق مادرىد كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان 8 پەسىللىك مۇسابىقىدە ، كىرىستىيانو رونالدو ئۈچ قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنىگە ، ھەمدە ھەر قېتىم ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .
بۇ پەسىللىك مۇسابىقىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، كىرىستىيانو رونالدو ئۈچ قېتىم مۇسابىقە ئويناپ 3 توپ كىرگۈزگەن ، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرىلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە بىر توپ كىرگۈزگەن ، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئىككى توپ كىرگۈزگەن ئىدى .
|
|