|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2017-9-17 16:02
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
پۇتبول مۇنبىرى قۇرۇلغىنىغا مانا 10 يىلدىن ئېشىپتۇ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېسىپ، نۇرغۇن تەرەققىياتلارنى باشتىن كەچۈرۈپ مۇشۇ كۈنگە كەلدى. لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى يېقىنقى مەزگىلدىكى تەرەققىيات تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالدى. گەرچە زىيارەتچى سانى، ئەزا سانى، تېما ۋە يازما سانى جەھەتتە باشقا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرقانداق پۇتبول ۋە تەنتەربىيە تور بەتلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرسىمۇ، لېكىن يەنىلا «مۇنبەر» خاراكتېرىنى ئاساس قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش، تور بەت تەرەققىياتقا ماسلىشىشى جەھەتتىن ئۆزىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولىنى تازا دېگەندەك جارى قىلدۇرالمايۋاتىدۇ. بۇ بەلكىم بېكەت مەسئۇللىرىنىڭ ۋاقتى، تېخنىكىلىق مەسىلىلەر ۋە باشقا تور بىخەتەرلىك ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. پات يېقىندا پۇتبول تورى بۇ ئىشلارنى ياخشى تۈزەپ كېتىشىگە ئىشىنىمىز.
بۈگۈن مەن پۇتبول مۇنبىرىگە ئاددىي ھەم ئەھمىيەتلىك بولغان بىر تەكلىپ ئېلىپ كەلدىم، يەنى «پۇتبول قامۇسى» تۇرغۇزۇش تەكلىپى. ئالدى بىلەن پۇتبول قامۇسىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي، پۇتبول قامۇسى شەكىل جەھەتتىن ئالغاندا بەيدۇ قامۇسى «百度百科» غا ئوخشاپ كېتىدۇ. بەيدۇ قامۇسى ئونىۋىرسال قامۇس بولۇپ، ھەرقانداق بىر خىلدىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن بىزنىڭ پۇتبول قامۇسى پەقەت پۇتبول بىلىملىرىنى ئاساسلىق قىلغان خاسلىققا ئىگە بولىدۇ. بەيدۇ قامۇسىدىن باشقا ئۇيغۇر تور بەتلەردىمۇ بىرنەچچە قامۇس تۈرلىرى تەسىس قىلىنغان، يەنى ئىزدە تور قامۇسى، ئوكيان قامۇسى.... دېگەندەك. بىز بەزى جەھەتلەردىن مۇشۇ تور بەتلەردىن ئۆرنەك ئالساق بولىدۇ. تۆۋەندە پۇتبول قامۇسى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:
1. «پۇتبول قامۇسى» دېگەن نېمە؟
پۇتبول قامۇسى پۇتبول تور بېتى ئىگىدارلىقىدىكى پۇتبول كۇلۇبلىرى، دۆلەت كوماندىلىرى، پۇتبول داڭلىق شەخسلىرى ۋە باشقا پۇتبولدىكى چوڭ ئىشلار خاتىرىلىرى ماقالە شەكىلدە مۇقىم قىلىپ ئۆلچەملىك يېزىش شەكلى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان بىلىم ئامبىرى.
2. «پۇتبول قامۇسى» نىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى:
1) پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك بىلىم ئىگىلىمەكچى بولغانلارنىڭ مۇساپىسىنى قىسقارتىپ قولايلىق ئۇچۇرلار بىلەن مول بىلىم مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ(ئەڭ مۇھىمى ماتېرىياللار رەتلىنىدۇ، ئىشلەتكۈچىلەر ئاسان پايدىلىنالايدۇ).
2) پۇتبول كەسپى(تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى، تور فىلىمى ئىشلىگۈچى، تور يازمىسى يازغۇچىلار ) بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ماتېرىيال مەنبەسى بولالايدۇ.
3) ئۇيغۇر يېزىقىدا مۇكەممەل <پۇتبول قامۇسى> بولماسلىقتەك بوشلۇقنى يوقىتىدۇ. پۇتبول مۇنبىرى تورىنىڭ پەقەت بىر مۇنبەر بولۇپلا قالماي بىر چوڭ پۇتبول تور بېتى بولۇشتەك نىشانىغا بىر قەدەم ئىلگىرلىتىدۇ.
3. «پۇتبول قامۇسى» ماتېرىيال مەنبەسى، يازما يوللىغۇچىلارنىڭ مۇكاپات تۈزۈلمىسى:
1) مۇنبىرىمىزگە ئىلگىرى يوللانغان تېمىلارنى قايتىدىن رەتلەش، تەھرىرلەش، بىرىكتۈرۈش، يېڭىلاش شەكلى.
2) مۇنبىرىمىزدىكى ئاكتىپ ئەزالارنى رىغبەتلەندۈرۈپ يازما يازدۇرۇش شەكلى.
يۇقىرىقى ئىككى خىل شەكىل بىلەن ماتېرىيال تەمىنلىنىدۇ، ھەربىر مۇكەممەل يازما مۇنبەرنىڭ تەۋسىيە كۆزنىكىگە چىقىرىلىپ تەۋسىيە تامغىسى بېسىلغان مۇنبەر تېمىسىدەك دەرىجىدە بولىدۇ، يازما يوللىغۇچىغا مۇنبەر ياۋروسى، تەڭگە، شەرەپ مېدالى ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلىنىپ تارتۇقلىنىدۇ. (مۇكاپاتنىڭ چوڭ كىچىكلىكى داۋاملىق مۇنازىرە قىلىنىدۇ ۋە ئۆزگەرتىلىدۇ)
4. «پۇتبول قامۇسى» قۇرۇلمىسى:
پۇتبول قامۇسى: (1)پۇتبول كوماندىلىرى؛ (2) پۇتبول شەخسلىرى؛ (3) تارىخى ۋەقەلەر ۋە پۇتبول ئېنىقلىمىلىرى دىن ئىبارەت ئۈچ سەھىپىگە بۆلۈنىدۇ.
پۇتبول كوماندىلىرى دۆلەت كوماندىسى ۋە ھەر قايسى رايون ۋە دۆلەتتىكى كۇلۇبلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
پۇتبول شەخسلىرى: پۇتبول چولپانلىرى، تىرېنېرلار، رېپىرلار، پۇتبول ھوقۇقدارلار قاتارلىق پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك ئىش قىلىدىغان تارىختىكى ۋە ھازىرقى ھەممە شەخسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تارىخى ۋەقەلەر ۋە پۇتبول ئېنىقلىمىلىرى: بۇ سەھىپىدە پۇتبول تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن چوڭ ئىشلار خاتىرىسى (مىسال: تېلېفون ۋەقەسى، مىيۇنخېن ۋەقەسى)، پۇتبول ئېنىقلىمىلىرى(ھۇجۇمچى،پۇتبول مەيدانى، رېپىرلىق تېخنىكىسى) ۋە باشقا مەزمۇنلار.
5. يازما قېلىپى:
ھەر بىر سەھىپىدىكى يازما قۇرۇلمىسىغا قويۇلغان تەلەپ ئوخشاش بولمايدىغان بولۇپ ھەربىر يازما ئۇچۇرى ئېنىق بولۇشى كېرەك.ئەسەر قېلىپىدا كۇلۇبلار ۋە شەخسلەرگە تەلەپ قاتتىق قويۇلىدۇ.
يازما ئۇچۇرى:
1.ئاپتورى؛ 2. يوللانغان ۋاقتى؛ 3. مەزمۇن يېڭىلىغۇچى؛ 4. مەزمۇن يېڭىلىغان ۋاقتى؛
ماقالە تۆت بۆلەك بولۇپ، 1. بۆلەك قىسقىچە مەزمۇنى، 2. بۆلەك تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلۇشى، 3. قوشۇمچە مەزمۇن. قىسقىچە مەزمۇندا شۇ مەزمۇن قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىدۇ، مىسال: رېئال مادرىد كوماندىسى تونۇشتۇرۇلسا كۇلۇبنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە نامى قۇرۇلغان ۋاقتى، تەۋەلىكى قاتارلىق مەزمۇنلار قىسقىچە تونۇشتۇرلىدۇ.
تەپسىلىي بۆلەك:
بۇ مەزمۇن يازما يازغۇچىنىڭ يېزىش شەكلىگە باغلىق بولۇپ، ھەرقانداق شەكلىدە يازسا تامامەن بولىدۇ، تور بېتىمىزدە نۇرغۇن نادىر تېمىلار بار، بۇ مەزمۇنغا تەھرىرلەپ ئىشلەتسەك بولىدۇ، ئەسەر ئوتتۇرىسىدا پايدىلانغان تېما ئاپتورى قىسقىچە يېزىلسا، ئەسلى ئاپتورىنىڭ ھوقۇقى قوغدالسا تامامەن بولىدۇ.
قوشۇمچە مەزمۇن:
بۇ مەزمۇنغا خالاپ يازساقمۇ، يازمىساقمۇ بولىدۇ ۋە ياكى رەسىم، سىن ھۆججىتى قاتساقمۇ بولىدۇ، مۇنبەردىكى ئەڭ يېڭى شۇ مەزمۇنغا ئائىت تېمىلارنىڭ ئۇلىنىدىغان قىلىپ قويساق بولىدۇ.
6. كۆرۈش ھوقۇقى:
بۇنداق ياخشى مۇكەممەل مەزمۇننى ھەرقانداق ئادەم كۆرىدىغان، كۆچۈرىدىغان قىلىپ تەڭشەلسە بولماس، شۇڭا مۇنبەردىكى مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىدىن يۇقىرى ۋە تېما يوللىغان تەھرىرلىگەن ئەزالار خالىغانچە كۆچۈرسە بولىدۇ، مۇنبەر ئەزالىرى كۆرەلەيدىغان قىلىپ تەڭشەلسە بولىدۇ.
خۇلاسە كالام: بۇ بىر تۈرنىڭ دەسلەپكى قېلىپى مېنىڭچە بۇنىڭغا ئۇنچىلىك تېخنىكىلىق ھالقا كەتمەيدۇ، ئاددىي ھەم ئاسان. مۇكەممەل قىلىمىز دەپ كەتسەكمۇ بولمايدۇ بىر قەدەم بىر قەدەملەپ ئىلگىرلىسەك كېيىنچە ياخشى بولۇپ كېتىشى ئېنىق.قېنى مۇنبەرداشلار تەكلىپ پىكىر مۇنازىرەڭلارنى ئايىماڭلار........
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|