1988-يىلى كۆك قارا قوشۇن بەيرىن كوماندىسىدىن گىرمانىيەلىك قوش يۇلتۇز ماتىئۇس بىلەن بېرھىمىنى كوماندىغا قوشۇۋالدى. بىر يىلدىن كىيىن ئۇلارنىڭ گىرمانىيىلىك قېرىندىشى كېلىنسىمانمۇ ئۇ ئىككىسىگە ئەگىشىپ سىتۇتگارتتىن مېئاززا مەيدانىغا كەلدى. بۇ ئۈچەيلەن خەلقئارا مىلان كوماندىسىغا كېلىپ تېخىمۇ كۆپلىگەن چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئېلىش تەييارلىقىنى باشلىۋەتتى، كۆك قارا قوشۇننىڭ بۇ ھەركىتى بىر يىل بۇرۇنقى بىر شەھەردىكى رەقىبى گوللاندىيىلىك ئۈچ قىلىچۋاز ئۇسۇلىنى نۇسخىلاپ ئۇلارغا تاقابىل تۇرماقچىمىدۇ؟ بەلكىم......
AC مىلان كولۇبى ئاللىقاچان خەلقئارا پۇتبول سەھنىسىدە ئۆزىنى ئىسپاتلاپ بولغان، خەلقئارا مىلانمۇ ئەلۋەتتە مۇشۇنداق قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ مېئاززا مەيدانىغا كەلگىنى ماتىئۇس ئىدى. بىز پۇتبول تارىخدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئاتىلىدىغان توپچىلارنى تىلغا ئالغان ۋاقتىمىزدا ماتىئۇس دائىملا ھېچبىر چۈشىنىكسىز ھالدا نەزىرىمىزدىن ساقىت بوپ قالىدۇ. «كۆپ ئىقتىدارلىق توپچى» دېگەن ئۇقۇم يېقىنقى ۋاقىتلاردا ھەقىقەتەن ئۆز مەنىسىنى تاپالمايۋاتىدۇ، بىراق ماتىئۇسنى ھەقىقەتەن مۇكەممەل توپچىنىڭ نامايەندىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارى ھەقىقەتەن ياخشى، ئارقىغا سۈرۈلۈش تىپىدىكى ئوتتۇرا مەيدانچىنىڭ رولىنى ئۆتەيتتى، ھەتتا ئالدىغا بېسىپ چەكلەنگەن رايونغىچە كىرىپ نۇمۇر ئالاتتى. گەرچە ماتىئۇسنىڭ بويى ئانچە ئىگىز بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ باش توپ ئىقتىدارىمۇ ئاجىز ئەمەس ئىدى. پۇتبول مەيدانىدا ئۇنىڭ قىلالمايدىغان ئىشى يوق ئىدى.
ماتىئۇس ئىككى قىتىم گىرمانىيە پۇتبول ئەپەندىسى بولغان. ئۇ 1979-يىلى مېنشىنگىلادباخ كوماندىسىدا كەسپى ھاياتىنى باشلىغان، ھەمدە گېرمانىيە ۋە ياۋروپادا ئەڭ قالتىس ھەم ئەڭ ياش ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىنىڭ بىرى بولغان. ئۇنىڭ ئىقتىدارى ھەممەيلەنگە ئايان. ماتىئۇس يەنە تۇغما رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، بۇ تېرىنىرنىڭ ئۇنى تېخىمۇ ياقتۇرىشىغا سەۋەپ بولغان. كىيىن مېنشىنگىلادباخ كوماندىسىدا ئىپادىسى قالتىس بولغان ماتىئۇس گىرمانىيە زومىگىرى بەيرىن كوماندىسىغا قوشۇلغان ھەمدە بەيرىن كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىپ دۇنياۋى دەرىجىلىك چولپانغا ئايلانغان.
بەيرىندىكى 4 يىل ۋاقىتتا ماتىئۇسنى زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى دىيىشكە بولىدۇ (كوماندىغا ئەگىشىپ گىرمانىيە بىرلەشمىسى ۋە گىرمانىيە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن). بىراق 1987-يىلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچتا پورتو كوماندىسىنى يېڭەلمەي ئىككىنجى بوپ قالغان. ئەلۋەتتە بۇ ماتىئۇس بىلەن بەيرىننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئاخىرلاشقىنى ئەمەس، بىراق تۇنجى قىتىم بەيرىندە توپ تەپكەن ۋاقىتلاردا ماتىئۇسنىڭ ئىپادىسى ياۋروپا پۇتبول ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەقىقى بىر يولباشچى، بىر جەڭچى ئىكەنلىكىنى كۆرۋالغىلى بولاتتى، ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇ بىر تېخنىكىسى ئىنتايىن قالتىس بولغان توپچى ئىدى.
بەيرىندە ماتىئۇس بىلەن بىللە جەڭ قىلغان يەنە بىر سول مۇداپىئەچى بېرھەم بولسا پۇتبول مەيدانىدا تۆھپىسى ئۇنتۇلغان يەنە بىر رىۋايەت. ھامبۇرگدا تۇغۇلغان بېرھىمىنىڭ كەسپى ھاياتى كەيسىسىلاتىندا باشلانغان. 1981-يىلىدىن 1986-يىلغىچە بېرھىم كەيسىسىلاتىن كوماندىسى ئۈچۈن جەمئىي 154 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان. ماتىئۇسنىڭ مېنشىنگلادباختىكى كەچمىشى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. بەيرىنگە قوشۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇ كەيسىسىلاتىن كوماندىسىدا كۆپلىگەن تەجرىبە ۋە ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇداپىئە ئىقتىدارى سېلىشتۇرغۇسىز ئىدى. ئۇنىڭ سول پۇت ئىقتىدارى قالتىس بولسىمۇ بىراق ئوڭ پۇتىمۇ سول پۇتى ئالدىدا چېنىپ قالمايتتى.
بېرھىم بولسا بىر ھەشەمەتلىك توپچى، ئۇنىڭدا ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك سۈرئەت يوق بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىنكاسى ناھايتى تېز بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەقلى تەپەككۇرىدىن پايدىلىنىپ ھەمىشە رەقىبىدىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيتتى. ئەينى چاغدا مېئاززا مەيدانىغا كەلگەن ۋاقىتتىلا ئۇ ئاللىقاچان گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تەجرىبىلىك بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ بولغان، ھەمدە ماتىئۇس بىلەن بىرلىكتە 1986-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرگەن.
خەلقئارا مىلان كوماندىسى دۇنيادىكى ئىككى نەپەر ئەڭ مۇنەۋۋەر بولغان توپچىلارنى قوشۇۋالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار AC مىلاننىڭ ئۈچ قىلىچۋازىدەك ئۇتۇققا ئېرىشەلمەي، ئۇلارنىڭ يۆتكىلىشى ئۇنچە بەك غۇلغۇلا كەلتۈرۈپ چىقىرالمىدى.
شۇ ۋاقىتتا ماتىئۇس بىلەن بېرھىم كوماندىغا كەلگەندە كۆك قارا قوشۇن ئاللىقاچان 8 يىل بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقىنى ئېلىپ باقمىغان بولۇپ، 7 يىل ھېچقانداق لوڭقا كۆتۈرەلمىگەن ئىدى. ئۇلار غەلبىگە شۇنچىلىك ئىنتىزار بولۇپ كەتكەن بولۇپ، بىرشەھەردىكى قان رەقىبى ھەممە تەرەپتە ئۇلاردىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. ھەتتا چولپان توپچىلىرى جەھەتتىمۇ رەقىبىگە يېتىشەلمىگەن ئىدى.
نابلىستا مارادونا بارئىدى، AC مىلاندا گۇللىت بىلەن ۋان باستىن بار ئىدى، يۇۋىنتۇستا مېچىل لاۋدىروپ پىلاتىنىنىڭ ئورنىنى ئالغان، خەلقئارا مىلاندا بولسا ئوخشاش دەرىجىدىكى بىرمۇ توپچى يوق ئىدى، ماتىئۇس بولسا مەيدان ئىچى ۋە سىرتىدا دۇنياۋى دەرىجىلىك بىر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بولۇپ، كوماندىنى باشلاپ ئالغا ئىلگىرلەشنى ئويلايتتى. گەرچە ماتىئۇس بىلەن بېرھىم قالتىس ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنى قوشۇۋالغان خەلقئارا مىلانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا يەنىلا بىر قىسىم خەتەرلەر مەۋجۇت ئىدى. سەۋەبى بۇ ئىككى گېرمانىيىلىك توپچى كوماندىنىڭ ئىتالىيە نۇپۇسىدا بولمىغان توپچىنىڭ سانىنى ئىگەللەيتتى.
گەرچە ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە كوماندا بىرلەشمىدە 5-ئورۇندا بولغان بولسىمۇ، بىراق كۆك قارا قوشۇن يەنىلا كوماندىنىڭ رىۋايەتلىك تېرىنىرى تىراپپاتونىنى كوماندىدا ئېپ قالدى، كېيىن بۇ قىلغىنىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلاندى. بەزى ۋاقىتلاردا بىر كوماندا پەقەت بىر توپچىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ ئۇلار كوماندىنى باشلاپ مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. نابلىستىكى مارادونا ۋە بارسىلونادىكى كىرۇيېف بۇ نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلاردۇر. خەلقئارا مىلاندىكى ماتىئۇسمۇ دەل مۇشۇ نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. بېرھىمغا قوشۇلۇپ بارىسسې ۋە رىۋايەتلىك بېك بېرگومى قاتارلىقلار كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان مۇداپىئە سېپىنى ھاسىل قىلىپ، 34 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئارانلا 19 توپ كەتكۈزگەن.
ماتىئۇسنىڭ شۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغان. بېرھىمنىڭ ئارقا مەيداندىكى پولاتتەك مۇداپىئەسى بولغاچقىلا ماتىئۇس مەيداندا باشقا ھەرقانداق ئىشنى قىلالايتتى، بەيرىندە توپ تەپكەن ۋاقىتتا ماتىئۇس كوماندىدىكى كۆپ ئىقتىدارلىق ئوتتۇرا مەيدانچى ۋە قولىدىن ھەممە ئىش كېلىدىغان توپچى ئىدى. بىراق خەلقئارا مىلاندا ئۇ بىر كۆپ ئىقتىدارلىق قەھرىمانغا ئايلاندى. بۇ ئىككەيلەن يېنىدىكى سەبداشلىرىغا ئەڭ ياخشى ھالىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرەتتى، بولۇپمۇ ئاردو سېلىنا.
بېرھىم ۋە ماتىئۇس كوماندىغا كېلىشتىن ئىلگىرى سېلىنا 4 مۇسابىقە پەسلىدە ئارانلا 40 توپ ئۇرغان بولۇپ، ماتىئۇس ئۇنىڭ كەينىدە ھەركەت قىلغان ۋاقىتلاردا، سېلىنا تاق پەسىلدە 22 توپ ئۇرۇپ، ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. سېلىنا ئەمىلى ئىقتىدارى تۆۋەن توپچى ئەمەس، يىراقتىن ۋاراتارغا ئۇرۇش ئىقتىدارى ياخشى ئىدى، بىراق ئەينى چاغدا ئۇنىڭغا ماتىئۇستەك ئەمەلىي ئىقتىدارى ياخشى بىر ھەمكارلاشقۇچى بولغان بولسا ئۇ تېخىمۇ يۇقىرى شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن بولاتتى.
بۇ دەل ماتىئۇس بىلەن بېرھىمنىڭ كوماندىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە رەھبەرلىك ئىقتىدارى ئالدىنقى پەسىل بىرلەشمىدە 5-ئورۇندا تۇرىدىغان كوماندىدىكى توپچىلارنىڭ تىز پۈكمەس پولاتتەك مۇستەھكەم مۇداپىئەسى ۋە ئەجەللىك ھۇجۇم ئىقتىدارىغا بىر قالتىس كوللىكتىپنى بارلىققا كەلتۈردى. تىراپپاتونىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ماتىئۇس ۋە بېرھىم كوماندىنى باشلاپ كوماندىنڭ يېقىنقى 10 يىلدا ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈردى. شۇنىڭغا ئەگىشىپلا ئۇ ئىككىسى مېئاززا مەيدانىدا ئۆزلىرىنىڭ يەنە بىر گېرمانىيىلىك يۇرتدىشى بولغان كېلىنسىماننى كۈتۈۋالدى.
بومباردىمانچى كېلىپ، ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ شاھى ئاتىلىش
دىياز بىلەن سېلىنا ئەجەللىك ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق باش تېرىنىر تىراپپاتونى ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى يەنە بىر گېرمانىيىلىك ھۇجۇمچىنى قوشۇۋېلىشنى مۇقىملاشتۇردى. 1988-يىلى ماتىئۇس بىلەن بېرھىم بىرلەشمە لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن ۋاقىتتا، كېلىنسىمان سىتۇتگارت كوماندىسىغا ياردەملىشىپ ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچىغا كىردى، ھەمدە شۇ يىللىق گىرمانىيە پۇتبول ئەپەندىسى شەرىپىگە نائىل بولغان ئىدى.
كېلىنسىمان دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ قاۋۇل ھۇجۇمچى تىپىغا كىرمەيدىغان بولۇپ، قارىماققا شامال چىقسىلا ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك ئىدى. بىراق كېلىنسىمان ئۆزىنىڭ توپ سەزگۈسى ۋە ئالدىن پەرەز قىلىش تالانتىغا تايىنىپ ئۆزىدىكى بۇ يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ كېتەلەيتتى. كېلىنسىماننىڭ خەلقئارا مىلانغا قوشۇلىشى ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق بولغان بىر تاللىشى بوپ قالغان ئىدى. نېمىلا دېگەنبىلەن ئۇ ئەمدىلا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچقا كىرگەن كوماندىدىن ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن ھەمدە چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىدا ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان كوماندىغا كەلگەن ئىدى.
كېلىنسىمان ئۆزىنىڭ خەلقئارا مىلاندىكى تۇنجى پەسلىدە قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى. ئىككىنجى مەيدان لېككى كوماندىسى بىلەن بولغان مېھمان مەيدان مۇسابىقىدە تۇنجى توپنى كىرگۈزدى. شۇ ۋاقىتتا كېلىنسىمان توپنى ھەيدەپ چەكلەنگەن رايونغا كىرىپ، يالغاندىن ۋاراتارغا ئۇرغان ھەركەتنى ئىشلەپ بېكنى ئالدىۋەتكەندىن كىيىن، توپنى ۋاراتارنىڭ تىك بۇلۇڭىغا تېپىپ كىرگۈزدى. بۇ ھەقىقەتەن قالتىس ئۇرۇلغان بىر توپ بولۇپ، گىرمانىيىلىكنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىقتىدارىنى يەنە بىر قىتىم نامايەن قىلدى.
يۇۋىنتۇس بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كېلىنسىمان يەنە قالتىس رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر توپ كىرگۈزۈپ 1:2 نەتىجە بىلەن كوماندىنىڭ تاغىل ئات قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىشىغا ياردەم بەردى. كىيىن ۋېرونا بىلەن بولغان مېھمان مەيدان مۇسابىقىدە بۇ گىرمانىيىلىك ئۆزىنىڭ خەلقئارا مىلاندىكى تۇنجى قالپاق ئويۇنىنى تاماملىدى. گەرچە بۇ كېلىنسىماننىڭ شۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى بىردىنبىر قالپاق كىيىشى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا شۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى كوماندىنىڭ يادرولوق نۇمۇر ئالغۇچىسى بولغان ئىدى. شۇ چاغدا ئۇ كوماندىدىكى سەبدىشى دىيازدىن بىرتوپنى ئارتۇق كىرگۈزگەن ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن گىرمانىيىلىك ئۈچ جەڭ ھارۋىسىغا ئىگە بولغان خەلقئارا مىلان بىرلەشمە چىمپىيونلوقىغا ئېرىشەلىدىمۇ؟ جاۋابى بولسا: ياق ........
مارادونا بار نابلىس كوماندىسى 4 مۇسابىقە پەسلىدە 2 بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشتى، مىلان بولسا ئىككىنچى بوپقالغان ئىدى. ئەمما يۇۋىنتۇس بىلەن نۇمۇرى تەڭلىشىپ قېلىپ، رەت تەرتىپتە 3-ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.
گېرمانىيىلىك ئۈچ جەڭ ھارۋىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ شەخسى ئىقتىدارى ھەقىقەتەن قالتىس ئىدى. كېلىنسىمان 15 توپ بىلەن كوماندىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن توپلارنىڭ كېلىش مەنبەسى دەل سەبدىشى ماتىئۇسنىڭ ياردىمىدە قولغا كەلگەن ئىدى. بېرھىمنىڭ ئارقا سەپ مۇداپىئە گورۇپپىسىمۇ بىرلەشمە بويىچە 4-ئورۇندىكى مۇداپىئە گۇرۇپپىسى بوپقالغان ئىدى. ئىپادىسى گەرچە ئالدىنقى پەسىلدىكىگە يەتمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئوخشاش مۇقىم بولغان ئىدى.
بۇ گەرچە تىراپپاتونىنىڭ كوماندىسىنىڭ ئۇتۇق قازانغان بىر پەسلى بولمىسىمۇ، بىراق بۇ ئۈچ جەڭ ھارۋىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شۇ يىلدىكى ياز كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ياز پەسلى بولغان ئىدى. بۇ ئۈچەيلەن بىرلىكتە فېدىراتىپ گىرمانىيە كوماندىسىنى باشلاپ 1990-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا ئاتلاندى. ماتىئۇس مۇشۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا 4 توپ كىرگۈزدى. كېلىنسىمان بىلەن بېرھىم بولسا ئايرىم-ئايرىم 3 دىن توپ كىرگۈزدى. ئەڭ ئاخىردىكى بىر توپ بولسا ئارگېنتىنا بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى غەلبىگە ئاساس سالغان توپ ئىدى. گەرچە بۇلار خەلقئارا مىلاننىڭ كۆك قارا رەڭلىك جەڭ كىيىمىنى كىيگەن ھالەتتە بۇ چىمپىيونلوقنى ئالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ مەستانىلىرى فېدىراتىپ گىرمانىيىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشىشىگە ياردەم قىلغان ھالقىلىق شەخىسلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مەستانە كوماندىسىدىكى بۇ ئۈچ جەڭ ھارۋىسى ئىكەنلىكىدىن ئالەمچە پەخىرلىك ھېس قىلىشاتتى.
بۇنىڭدىن بۇ ئۈچ جەڭ ھارۋىسىنىڭ كۆك قارا قوشۇنغا مەستانە بولغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇلار ئىتالىيىدە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشتى. خەلقىئارا مىلاننىڭ مەستانىلىرى ئۇلاردىن ھەقىقەتەن خۇشال. شۇ چاغدا ئۇلار قايتىپ كەلگەندە 1990-1991 يىللىق بىرلەشمە مۇسابىقە باشلانغان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ، مەستانىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىنى ئارزۇ قىلىشقان ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ياۋروپا جەڭ مەيدانىدىكى مۇۋاپپىقىيىتى ئاخىرى يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ بولسىمۇ دەل ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقى ئىدى. ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشىتى، ھەمدە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە ئىككىنچى ئورۇنغا چىقتى. بۇنىڭدىن باشقا ئىتالىيە لوڭقىسىدا 4/1 ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرگەن بولسىمۇ، بىراق ياۋروپا جەڭ مەيدانى بولسا تىراپپاتونىنىڭ ئىنىلىرىنىڭ چاقنايدىغان يېرى بولۇپ قالغان ئىدى.
1-ئايلانمىدا 2:1 نەتىجىدە ئاۋىستىرىيەنىڭ ۋېيېنا كوماندىسىغا ئۇتتۇرغاندىن كېيىن، خەلقئارا مىلان كوماندىسى كىيىنكى مۇسابىقىلەردە بارا-بارا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. كېلىنسىمان ئۇزارتىلغان مۇسابىقىدە غەلبىنى مۇقىمدايدىغان توپنى كىرگۈزۈپ، كۆك قارا قوشۇن ئوڭۇشلۇق ھالدا رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى. كېيىنكى ئايلانمىدا ئوخشاش ئىش يەنە يۈز بېرىپ، نېرسىن بىلەن پىلاتىنى توپ كىرگۈزۈپ ئاستۇن ۋېللا كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، كېيىن كېلىنسىمان مىلان كوماندىسىغا ياردەملىشىپ، قاتمال ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىپ، كېيىنكى ئايلانمىغا قەدەم قويدى.
توختىماي توپ كىرگۈزىدىغان كېلىنسىمانغا ھەممە كىشىنىڭ نەزىرى ئاغدۇرۇلدى. ئەمما ماتىئۇس بىلەن بېرھىمىمۇ غەلبە قىلىشتا ئىنتايىن ھالقىلىق رول ئوينىغان ئىدى. بولۇپمۇ ئاستۇن ۋىللا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە. كېيىن ماتىئۇس ياۋروپا مۇسابىقە مەيدانىدا ئاخىرى توپ كىرگۈزۈش ھېساپ دەپتىرىنى ئاچتى. بېرگىلاد كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىككىنجى ئۇچرىشىشتىكى مۇسابىقىنىڭ 88-مىنۇتىدا بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، ھەمدە كوماندىنىڭ غەلبىلىك ھالدا كېيىنكى باسقۇچقا كىرىشىنى مۇقىملاشتۇردى.
شۇ چاغلاردىكى خەلقئارا مىلان ئۆزىنىڭ يولىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىمىز دەپ قارايتتى، بېرھىم، ماتىئۇس ۋە كېلىنسىمان قاتارلىقلار دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ روھى كەيپىياتى ناھايتى ياخشى بولۇپ، ھېچكىم بىزنىڭ يولىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ دەپ قارايتتى. كۆك قارا قوشۇننىڭ كېيىنكى رەقىبى بولسا مۇشۇ دۆلەتتىكى ئاتلانتا كوماندىسى ئىدى. بىرىنچى ئۇچرىشىشتا خەلقئارا مىلان مېھمان مەيداندا 0:0 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قېلىپ، كېيىنكى ئۇچرىشىشتا سېلىنا بىلەن ماتىئۇسنىڭ كىرگۈزگەن توپىغا تايىنىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا تۆت كۈچلۈككە كىرگەن. يېرىم ھەل قىلغۇچتا رەقىبى بولسا پورتۇگالىيەدىن كەلگەن لىسابون رىقابەت كوماندىسى ئىدى.
بىرىنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا پورتۇگالىيىدە 0:0 تەڭلەشكەندىن كېيىن مېئاززا مەيدانىدا ماتىئۇس ۋە كېلىنسىماننىڭ كىرگۈزگەن توپى بىلەن خەلقئارا مىلان ھەل قىلغۇچقا كىرىپ ۋولىر باشچىلىقىدىكى رىم كوماندىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينىدى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ بىرىنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا ماتىئۇس بىر نۇقتا توپنى كىرگۈزۈپ، كۆك قارا قوشۇن ۋاقىتلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. كېيىن نىكىلا بېردى بىر توپ كىرگۈزدى. ئىككىنجى ئۇچرىشىشتا رىم كوماندىسى ئولىمپىك مەيدانىدا گەرچە 0:1 غەلبە قىلغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا گېرمانىيىنىڭ ئۈچ جەڭ ھارۋىسىنىڭ ھەيۋىسى بىلەن خەلقئارا مىلان كوماندىسى 1965-يىلدىن كېيىنكى ياۋروپا مۇسابىقە مەيدانىدىكى بىرىنجى قېتىملىق چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈردى. بۇ ھەم گىرمانىيە ئۈچ جەڭ ھارۋىسىنىڭ ئىتالىيىدىكى ئەڭ ئاخىرقى گۈزەل مىنۇتلىرى بولۇپ قالدى. ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەن شۇ پەسىلدە خەلقئارا مىلان كوماندىسى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە 8-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بۇ دەرىجىنى سەركىلىك ئورنىغا سېلىشتۇرغاندا ئەمىلىيەتتە دەرىجە چۈشۈپ كېتىش رايونىغا بەكرەك يېقىنلىشاتتى. كېيىنكى پەسىللىك ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىدا ئۇلار بىرىنچى ئايلانمىدىلا پورتۇگالىيەنىڭ بوئاۋىستا كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتتى.
ئۈچ جەڭ ھارۋىسىنىڭ تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاش
ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەندىن كىيىن، تېراپپاتونى مېئاززا مەيدانىدىن ئايرىلدى. ئىتالىيەلىك پىشقەدەم تېرىنىرنىڭ سەپنى كۈچەيتىشىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىشلار بارا-بارا ئوخشىماي قالدى. بېرھىم، ماتىئۇس ۋە كېلىنسىمانغا نىسبەتەن مۇشۇنداق بولدى. كېيىنكى ئىككىيلەن 1990-1991 يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە قول تۇتۇشۇپ، 38 توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، بىراق بېرھىم بىلەن ماتىئۇسنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشى ھەمدە بەيرىننىڭ ئۇلارنى ئازدۇرىشى قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىدىغان ۋاقتى كەلگەن ئىدى.
ئۈچ جەڭ ھارۋىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىتالىيىدە توپ تەپكەن مەزگىللىرى بىرمەزگىللىك مۇۋەپپىقىيەت قازانغان مۇساپىسى دېيىشكە بولىدۇ. ماتىئۇس دۇنيادىكى ئەڭ قېيىن بىرلەشمىدىكى ئەڭ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان قالتىس ئوتتۇرا مەيدانچىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، بېرھىم ئۆزىنىڭ بىر قالتىس مۇداپىئەچىلا ئەمەس بەلكى ئادەتتىكى توپچى ئەمەسلىكىنى ھەمدە مۇقىم بولغان مۇداپىئە سېپىدىكى بىر باشلامچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. كېلىنسىمان بولسا خەلقئارا مىلاندا توپ تەپكەن ۋاقىتلاردا ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنياۋى دەرىجىلىك بىر ھۇجۇمچىغا ئايلاندى، ھەمدە كوماندىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلوقىغا ئېرىشىشىدە ئۆزىنىڭ قالتىس بولغان رولىنى جارى قىلدۇردى.
ئۇلار گەرچە گوللاندىيىنىڭ ئۈچ قىلىچۋازىدەك كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئەستە قالمىغان بولسىمۇ، بىراق كۆك قارا قوشۇن مەستانىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا گىرمانىيىنىڭ ئۈچ جەڭ ھارۋىسى گوللاندىيىنىڭ ئۈچ قىلىچۋازىغا ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم. بىرقىسىم كىشىلەر ھەتتا ئۇلارنى گوللاندىيىنىڭ ئۈچ قىلىچۋازىدىنمۇ قالتىس دەپ قارايدۇ. بۇ ئۈچ نەپەر رىۋايەتلىك چولپان دۇنيادىكى ئەڭ قېيىن بىرلەشمىدە ئەڭ قالتىس بولغان توپچىلار بىلەن رىقابەتلىشىپ ئۆزلىرىنى ئىسپاتلاپ بولغان. بۇ بەلكىم مىلاننىڭ ھېكايىسىگە ئوخشاش ئۇنداق رومانتىك بولمىسىمۇ، بىراق بۇ تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان كۈنلەر دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار كەلگۈسىدىكى توپچىلار ئۈچۈن توسالغۇنى بۇزۇپ تاشلىغان ئىدى.