كۆرۈش: 1313|ئىنكاس: 33
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

پۇتبول تارىخى: [9-باپ]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16601
تېما سانى : 7
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : -2833 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 75 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-2-24
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-8-20
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-2 22:37  

9-باپ: 5-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى
1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى شېۋىتسارىيەدە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىشتىكى ئاساسلىق سەۋەپ بولسا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش شىتابى مۇشۇ دۆلەتنىڭ سىيۇرىخ شەھىرىگە جايلاشقانلىقى ۋە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىغا توغرا كېلىپ قالغانلىقى ئىدى. جەمئىي 36 دۆلەت ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى ئويناپ، 16 دۆلەت بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنشىش شەرىپىگە ئېرىشىپ، مۇشۇ قاتاردا كورىيە، شوتلاندىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى چوڭ ئائىلىسىگە قەدەم تەشىرىپ قىلغان. بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا يېڭى بەلگىلىمە قوللانغان بولۇپ، 16 كوماندا 4 گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ، گۇرۇپپىدىن چىققاندىن كېيىن شاللاش مۇسابىقىسى ئويناش تۈزۈمى بېكىتىلگەن، بۇ مۇسابىقە تۈزۈمى ھازىرقى بىلەن بەكمۇ ئوخشىشىدۇ، ئەمما ئەڭ غەلىتە يېرى شۇكى، ھەر قايسى كوماندىلار گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە تەڭلىشىپ قالغاندا ئۇزارتىلغان مۇسابىقە ئارقىلىق چوقۇم يېڭىش-يېڭىلىش ئايرىۋېتىلىدۇ، شۇنداقلا ھەر بىر گۇرۇپپىدىن 2 كوماندا تاللىنىپ چىققاندىن كېيىن گۇرۇپپىدا ئۆز-ئارا مۇسابىقىلەشمەيدۇ.


چېمپىيۇن دۆلەت: غەربىي گېرمانىيە
ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن: كوكسىس (ۋېنگىرىيە، 11 توپ)



  

ئەڭ غالجىرلاشقان دۇنيا لوڭقىسى
پەقەت 26 مەيدان مۇسابىقىدە 140 توپ كىرىش، بۇ سان ئادەمنى چۆچىتىدۇ. 1954-يىلىدىكى شېۋىتسارىيە دۇنيا لوڭقىسى ھەر مەيداندا ئوتتۇرچە 5.38 توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى قالدۇرۇپ قويغان بولۇپ، ھازىرغىچە تارىختا ئەڭ يۇقىرى رېكورت بولۇپ تۇرماقتا. غەربىي گېرمانىيە 2:7 تۈركىيە، غەربىي گېرمانىيە 1:6 ئاۋىستىرىيە، ۋېنگىرىيە 3:8 غەربىي گېرمانىيە، ۋېنگىرىيە 0:9 كورىيە، ئۇرۇگىۋاي 0:7 شوتلاندىيە، بىر-بىرىدىن دەھشەت توپ ئۇرۇش جەڭلىرى تاماشىبىنلارنىڭ كۆزلىرىنى ئالا-چەكمەن قىلغان. ئەڭ دەھشەت بىر مەيدان مۇسابىقە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئاۋىستىرىيە 5:7 نەتىنجە بىلەن ساھىبىخان دۆلەت شېۋىتسارىيەنى مەغلۇپ قىلغان، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ جەمئىي 12 توپ ئۇرغان بولۇپ، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرىش رېكورتى بىلەن ھازىرغىچە تارىخ قامۇسىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە.

ئۇرۇگىۋاي 2:4 ئېنگىلاندنى مەغلۇپ قىلغان، ئۆزىنى پۇتبول ئاساسچىلىرى دەپ قالتىس چاغلايدىغان ئەنگىلىيلىكلەر دەسلەپتىكى بىر قانچە قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا قاباھەتلىك چۈش كۆرگەن.



قورقۇنۇشلۇق ۋېنگىرىيە قوشۇنى
1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇق قىززىق نۇقتىسى شەك-شۈبىھسىز ۋېنگىرىيە كوماندىسى بولۇپ، ھېچكىممۇ ئۇلارنىڭ چېمپىيۇن بولالماسلىقىدىن گۇمانلانمىغان. 50-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ۋېنگىرىيلىكلەر ئەنگىلىيلىكلەر بارلىققا كەلتۈرگەن ئەنئەنىۋى «WM» سەپ شەكلىنى ئىسلاھ قىلىپ، تۆت ھۇجۇمچى ئىشلىتىپ، تارىختا تۇنجى بولۇپ پۇتبول جەڭ تاكتىكىسى ئىنقىلابىنى ياراتقان. 1952-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ۋېنگىرىيە كوماندىسى پۇتبول سەھنىسىدىكى ھەممىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەن، «ئالۋاستى ۋېنگىرىيە» دېگەن نامىمۇ شۇنىڭدىن باشلاپ بارلىققا كەلگەن. ۋېنگىرىيە قوشۇنى 1950-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىدە جەمئىي 31 مەيدان يېڭىلمەسلىك (27 مەيدان ئۇتۇش، 4 مەيدان تەڭلىشىش) رېكورتىنى ساقلاپ كەلگەن، بولۇپمۇ 1953-يىلى ۋېمبىلى (Wembley) توپ مەيدانىدا 3:6 نەتىنجە بىلەن ئېنگىلاند قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىشى ھەممە كىشىنى ھەيران قالدۇرغان، پۇسكاش، كوكسىس، بوزىك قاتارلىق دۇنياۋى دەرىجىلىك چولپانلار جەمگاھى بولغان بۇ قوشۇن شۇ مەزگىللەردە ھەر قانداق رەقىبىنى چۆچۈتەتتى.
دۇنيا لوڭقىسى باشلانغاندىن كېيىن، ۋېنگىرىيە كوماندىسى ئۆزلىرىنىڭ قالتىس بولغان ئەمەلىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ، 0:9 نەتىنجە بىلەن كورىيەنى، 3:8 نەتىنجە بىلەن غەربىي گېرمانىيەنى مەغلۇپ قىلىپ، ناھايتى غەلبىلىك ھالدا گۇرۇپپىدىن ئۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى شاللاش باسقۇچلىرىدا ۋېنگىرىيە كوماندىسى ئوخشاشلا 2:4 نەتىنجە بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكىدىن كەلگەن بىر جۈپ يولۋاس قوشۇننى كەينى-كەينىدىن يىقىتقان. ئالدى بىلەن بېرندا بىرازىلىيە بىلەن بولغان جەڭدە ھەر ئىككى تەرەپ ناھايتى قوپال بولغان مۇسكۇل پۇتبولى ئويناپ، 2 نەپەر بىرازىلىيە توپچىسى ۋە 1 نەپەر ۋېنگىرىيە توپچىسى مەيداندىن جازالىنىپ چۈشۈرۋېتىلگەن، مۇسابىقىدىن كېيىن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە بىرازىلىيە توپچىسى پۇسكاشقا ئاتقان مېنىرال سۇ بوتۇلكىسى ئىككى تەرەپ توپچىلىرى، كوماندا دوختۇرى ۋە خىزمەتچى خادىملىرنىڭ چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇشۇش ماجىراسىغا سەۋەپ بولغان، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى توقۇنۇش دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا «بېرن ئۇرۇشى» دەپ نام ئالغان. كېيىن ۋېنگىرىيە كوماندىسى يەنە بىر مەيدان كىلاسسىك جەڭ ئارقىلىق دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا تېخىچە بىر مەيدانمۇ يېڭىلىپ باقمىغان ئۇرۇگىۋاي كوماندىسىغا مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىتىپ قويغان.

1954-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى بىرازىلىيە بىلەن ۋېنگىرىيە ئوتتۇرسىدا ئوينالغان چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە چوڭ كۆلەملىك توقۇنۇشقان بولۇپ، بىر قانچە توپچى جازالىنىپ چۈشۈرۋېتىلگەن بولسىمۇ، مەيداندىن چىقىپ كەتكىلى ئۇنماي، ئاخىرى ساقچىلارنىڭ مەيدانغا كىرىپ تىنجىتىشى بىلەن بېسىققان، بۇ مەيدان مۇسابىقە تارىختىكى سېسىق نامى پۇر كەتكەن «بېرن ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان.


بىرازىلىيە ئەزاسى سانتوس (سولدا) بىلەن ۋېنگىرىيلىك بوزىك ھەر ئىككىلىسى جازالىنىپ مەيداندىن چۈشۈرۋېتىلگەن، مەيداندىن چۈشۈرۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ ئىككى تەرەپ يەنە «پۇخادىن چىقىشمىغان».



«بېرن مۆجىزىسى»
يەنە بىر جەڭ سېپىدە بولسا گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ۋېنگىرىيەگە 3:8 نەتىنجە بىلەن يېڭىلىپ قالغان غەربىي گېرمانىيە كوماندىسىمۇ 0:2 نەتىنجىدە يۇگۇسلاۋىيەنى، 1:6 نەتىنجىدە ئاۋىستىرىيەنى مەغلۇپ قىلىپ گۇرۇپپىدىن ئۈزۈپ چىققان، ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان ھالدا كۈچلۈك ۋېنگىرىيە قوشۇنىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولغىنى يەنىلا شۇ غەربىي گېرمانىيە بولۇپ قالغان. 1954-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى شېۋىتسارىيەنىڭ بېرن شەھىرىدە بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مۇسابىقىدىن بۇرۇن ھەممە كىشىنىڭ كۆزى ۋېنگىرىيە كوماندىسىدا بولۇپ، مۇسابىقە باشلىنىپ پەقەت 8 مىنۇت ئىچىدىلا ۋېنگىرىيە كوماندىسى كەينى-كەينىدىن 2 توپ ئۇرۇپ، كىشىنى خۇددى بۇ ئىككى كوماندىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى نەتىنجىسى قايتىدىن مەيدانغا كېلىدىغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويغان، ئەمما مۆجىزە دەل شۇنىڭدىن كېيىن باشلانغان، مۇسابىقىنىڭ 10-مىنۇتىدىن باشلاپ غەربىي گېرمانىيلىكلەر ھالاكەتلىك قايتۇرما زەربىگە ئۆتۈپ، ئاۋۋال 2 توپ ئۇرۇپ نەتىنجىنى تەڭلەشتۈرگەن، مۇسابىقىنىڭ 84-مىنۇتىغا كەلگەندە بولسا ھەل قىلغۇچ توپتىن بىرنى ئۇرۇپ، 3:2 نەتىنجە بىلەن ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغماس دەرىجىدە ۋېنگىرىيەدىن ئىبارەت بۇ گىگانىت قوشۇندىن تەتۈر ئېشىپ، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ سىرلىق بىر مەيدان ھەل قىلغۇچ جەڭنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە سەپ شەكلى


ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى 2:0 كەينىدە قالغان ئەھۋال ئاستىدا كەينى-كەينىدىن 3 توپ ئۇرۇپ تەتۈر ئاشقان، غەربىي گېرمانىيە ھۇجۇمچىسى راھىن بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى توپنى ئۇرغان.


غەربىي گېرمانىيەنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان 11 نەپەر توپچىسى، سولدىن 1-كىشى كاپىتان ۋالتېر، سولدىن 4-كىشى بولسا كوماندىنىڭ تۆھپىكار مەرگىنى راھىن.


يۇقارقى رەسىم ۋېنگىرىيە كوماندىسى ئەزالىرى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پۇسكاش (سولدىن 1-كىشى)، كوكسىس (ئوڭدىن 2-كىشى) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەينى دەۋىردىكى نۇرلۇق چولپانلار.


يۇقارقى رەسىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە غەربىي گېرمانىيە قاپقىچىسى تۇرېك قارشى تەرەپ ھۇجۇمچىسى كوكسىسنىڭ ئالدىدا توپنى تۇتىۋالغان كۆرۈنۈش، داڭلىق چولپان كوكسىس بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مىخلىۋېتىلگەن بولۇپ، توپ ئۇرۇشقا ئامالسىز قالغان.



ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ئالدى كەينىدە ئىككى تەرەپ كاپىتانى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن بولۇپ، مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئۆز-ئارا ھۆرمەت بىلدۈرۈشۈپ كوماندا بايرىقىنى ئالماشتۇرغان بولسا، مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا ۋالتېر سول قولىدا رىمىت لوڭقىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، يەنە بىر قولىدا پۇسكاش بىلەن قول ئېلىشقان يارقىن كۆرۈنۈش.


غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى كاپىتانى ۋالتېر خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى رىمىت ئەپەندىنىڭ قولىدىن چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا.



بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى قەھىرمانلار:

ئۇچقۇر پولكوۋنىك، ۋېنگىرىيەنىڭ بىر ئەۋلاد دەرىجىدىن تاشقىرى چولپىنى: پۇسكاش
«قاراڭلار ئاۋۇ پاكىنەك بودەككە، بىز ئۇلارنى قاتتىق قىرغىن قىلىدىغان بولدۇق»، 1953-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋېمبۇلى توپ مەيدانىدا ئوينىلىش ئالدىدا تۇرغان بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن ئېنگىلاند كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى قارشى تەرەپ كوماندىنىڭ بوي بەستى دوغلاق كەلگەن بىر ئەزاسىنى سەپداشلىرىغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ شۇنداق دېگەن. 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىنىڭ نەتىنجىسى ۋېنگىرىيە 3:6 ئېنگىلاند بولغان، دەل ئاشۇ پاكىنەك بودەك 2 توپ ئۇرغان.
بۇ «پاكىنەك بودەك» دېگىنى دەل پۇسكاش، ۋېنگىرىيە كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ئىدى. توغرا، ئۇنىڭ بويى ئېگىز ئەمەس، ئەمما بەدىنى بەستىلىك، ھەتتا ئېغىرلىقىمۇ ئېشىپ كەتكەن، ئەمما ئۇنىڭ تېخنىكىسى يەنىلا ئەنگىلىيلىكلەرنىڭ ئېغىزىنى ئېچىشىپ ھاڭ-تاڭ قېلىشىغا سەۋەپ بولغان. 3:6 نەتىنجە ئادەمگە سەل نومۇسلۇق تۇيۇلىدۇ، ۋېنگىرىيە ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى پۇتبولدا ئەزەلدىن كۈچلۈك ھېساپلايدىغان، دېپلوماتىيەدە غەيرى يول تۇتقان ئەنگىليەگە نومۇسلۇق تۇيغۇسىنى ئاتا قىلىپ قويغان. كېيىنكى قېتىملىق زىيارەت قىلىش مۇسابىقىسىدىمۇ ۋېنگىرىيە يەنە 1:7 نەتىنجە بىلەن ئېنگىلاندقا ياخشى ساۋاق بېرىپ قويغان، پۇسكاش بۇ مۇسابىقىدىمۇ يەنە 2 توپ ئۇرغان.
فىرېنىك پۇسكاش (Ferenc Puskas) 1927-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېسىت شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆزىنىڭ پۇتبولدىكى ئادەتتىن تاشقىرى بولغان تالانتىنى نامايەن قىلىپ، 16 يېشىدا دادىسى توپ ئويناۋاتقان بۇداپېسىتتىكى فىرانسىۋاروس كوماندىسىدا توپ تەپكەن، 18 يېشىدا ۋېنگىرىيە دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان. 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاۋىستىرىيە كوماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان ۋە 1 توپ كىرگۈزۈپ، كوماندىسىنىڭ 2:5 نەتىنجە بىلەن غەلبە قىلىشىغا ياردەم بەرگەن.
پۇسكاشنىڭ لەقىمى «ئۇچقۇر پولكوۋنىك»، سەۋەبى بولسا ئۇ 1948-يىلىدىن باشلاپ ئىزچىل ۋېنگىرىيە دۆلەت ئارمىيسىنىڭ قارمىقىدىكى ھونۋېد كوماندىسىدا توپ تەپكەن. 1952-يىلى پۇسكاش ۋېنگىرىيە كوماندىسىنى باشلاپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئەرلەر پۇتبول تۈرىدە ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەن، چوڭ مۇسابىقىلەردە 31 مەيدان يېڭىلمەسلىكتەك نەتىنجىسى بىلەن 1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ۋېنگىرىيە كوماندىسى چېمپىيۇنلۇقتىكى ئەڭ قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان، پۇسكاشنىڭ نىشانى بولسا چېمپىيۇنلىقتىنلا ئىبارەت ئىدى.

گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنقى 2 مەيدان مۇسابىقىسىدىلا ۋېنگىرىيە كوماندىسى شىددەتلىك ئوت كۈچىنى نامايەن قىلىپ 17 توپ ئۇرغان، ئەمما غەربىي گېرمانىيەنى 8:3 نەتىنجىدە قىرغىن قىلغان مۇسابىقىدە پۇسكاش قارشى تەرەپ ئوتتۇرا بېكى تەرىپىدىن قەستەن تېپىپ يارلاندۇرۇلغان بولۇپ، بىرازىلىيە بىلەن بولغان «بېرن قانلىق جېڭى» ۋە ئۇرۇگىۋاي بىلەن ئوينالغان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن مەھرۇم قالغان. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن بۇرۇن پۇسكاش ئۆزىنىڭ يارىسىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئېيىتقان بولۇپ، ئەمما سەپدىسىنىڭ ئاشكارلىشىچە ئۇنىڭ ئەينى چاغدا پۇت ئوشۇقى يەنىلا ئاغىرىۋاتقان بولۇپ، ھەرىكەتلىرىمۇ ئۇنچە چەبدەس بولمىغان. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى 8 مىنۇتى ئىچىدىلا ۋېنگىرىيە كوماندىسى 2 توپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن، پۇسكاش 2-توپنى ئۇرغان، ئەمما غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى ناھايتى تېزلا نەتىنجىنى تەڭلەشتۈرۋالغان، شۇنداقلا كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا راھىننىڭ توپ ئۇرۇشى بىلەن غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى تەتۈر ئېشىپ كەتكەن، مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا پۇسكاش بىر توپ ئۇرغان بولسىمۇ ئەمما ۋېلىشلىق رېپپر گېرىپىسنىڭ ئوفسايىت ھۆكۈم قىلىشى بىلەن بۇ توپ ئىناۋەتسىز بولۇپ، ۋېنگىرىيە كوماندىسى ئەڭ ئاخىردا 3:2 نەتىنجىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان. بەزىلەر پۇسكاش ۋە ۋېنگىرىيە كوماندىسىغا مۇنداق باھا بەرگەن: «ئۇلار يولبويى ھەممىنى بويسۇندۇردى، ئەمما پەقەتلا ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچتىلا ئۇتتۇردى». 1962-يىلى پۇسكاش 2-قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان، ئەمما بۇ قېتىم ئۆز دۆلىتىگە ئەمەس بەلكى ئىسپانىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان بولۇپ، تۇنجى باسقۇچتىلا شاللىنىپ كەتكەن.
1956-يىلى ۋېنگىرىيىدە تۇيۇقسىز سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، پۇسكاش قاتارلىق بىر قانچە داڭلىق دۆلەت توپچىلىرى ھونۋېد كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ئىسپانىيىدە زىيارەتتە بولىۋاتاتتى، پۇسكاش ۋە كوكسىس قاتارلىق داڭلىق توپچىلار دۆلىتىگە قايتىشنى رەت قىلىپ، ئىسپانىيەدە تۇرۇپ قالغان. 1958-يىلى 31 ياشلىق پۇسكاش خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىغا قوشۇلغان، ئەينى چاغدا ھەتتا بەزىلەر «16 مىڭ دوللار خەجلەپ بۇ ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن پومزەك بىلەن توختام ئىمزالىغاننىڭ نېمىگە پايدىسى بار» دەپ گۇمان قىلىشقان، ئەمما پۇسكاش ناھايتى تېزلا ئۆزىنىڭ نېمىگە پايدىسى بارلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئۇ خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىغا قوشۇلۇپ تۇنجى مۇسابىقە پەسلىدە 24 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 21 توپ، ئىككىنچى يىلى 24 مەيدان مۇسابىقىدە 25 توپ، ئۈچىنچى يىلى 28 مەيدان مۇسابىقىدە 27 توپ ئۇرغان... 1958-يىلىدىن 1966-يىلىغىچە «ئۇچار پولكوۋنىك» بىلەن ئارگېنتىنالىق دىسىتىفانو بىرلىكتە ئىسپانىيە ھەتتا پۈتكۈل ياۋروپا بويىچە ئەڭ قورقۇنۇشلۇق ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنى تەشكىل قىلغان، پۇسكاش 4 قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ مەرگەنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كوماندىسىنىڭ 5 قېتىم بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم قىلغان.
ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقە مەيدانلىرى بولسا پۇسكاشنىڭ تېخىمۇ ھۆكۈمىرانلىق سەھنىسىگە ئايلانغان، 1960-يىلىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى 3:7 نەتىنجە بىلەن فىرانكىفورت كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، پۇسكاش ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 4 توپ كىرگۈزگەن تارىختىكى بىردىنبىر توپچىغا ئايلانغان. خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى 1956-يىلىدىن 1960-يىلغىچە ئۇدا 5 قېتىم ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىككى قېتىملىقىدا پۇسكاش ئەڭ چوڭ تۆھپىكار.
خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى 1962-يىلى ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچتا بارسېلونا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۋەتكەندىن باشلاپ بۇ شانلىق بىر دەۋىرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەردى. 1963-يىلى يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما 35 ياشلىق پۇسكاشنىڭ 3 توپ ئۇرۇپ قالپاق كىيىشى يەنىلا كوماندىنى غەلبىگە باشلىيالمىدى، بېنفىكا كوماندىسى 5:3 نەتىنجە بىلەن خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇدا 2-قېتىم ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئېلىپ كەتتى. پۇسكاش جەمئىي 39 مەيدان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى ئۈچۈن 35 توپ ئۇرغان، 30 ياشتىن ھالقىغان بىر توپچىغا نىسبەتەن بۇ سانلىق مەلۇمات ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
پۇسكاش ئۆزىنىڭ رىۋايەت تۈسىنى ئالغان كەسپىي ھاياتىدا مەيدانغا چىققان قېتىم سانى بىلەن كىرگۈزگەن توپ سانى ئاساسەن تەڭ نىسبەتنى ئىگەللىگەن بولۇپ، ۋېنگىرىيە بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە 354 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، 357 توپ كىرگۈزگەن، خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىدا 179 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، 154 توپ كىرگۈزگەن، ۋېنگىرىيە دۆلەت كوماندىسىدا بولسا 84 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 83 توپ كىرگۈزگەن، بۇ تۈرلۈك رېكورت تېخى ھېچكىمدە يوق، ھەتتا پېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەقدىردىمۇ، تېخى ھېچكىم دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن بۇنچە كۆپ توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان... بەزىلەر: «پۇسكاشنىڭ سول پۇتى بولسا پۇتبول تارىخىدا توپ كىرگۈزۈشكە ئەڭ قابىل سول پۇت» دېيىشىدۇ، ئۇ بولسا ياۋروپا پۇتبول سەھنىسىدىكى ھەقىقىي بىر رىۋايەت.


پۇسكاشنىڭ ئادىمىيلىكىگە قارىتا ۋېنگىرىيە دۆلەت كوماندا دوختۇرى فورىگ ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «پۇسكاشتا بولۇشقا تېگىشلىك ھەممە ئەخلاق ساپا ھازىرلانغان، ھەممە كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەۋەسلىنىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى بىر ياخشى پۇتبولچى، مەن تۇغما قابىلىيەتنىڭ ئېرسىيەت قالدىغىنىغا ئىشىنىمەن، پۇسكاش يۇرتىدىكى چاغدا مەيلى ئالىي تەبىقىدىكىلەر بولسۇن، ياكى زاۋۇت ئىشچىلىرى بولسۇن، ھەممە كىشىنىڭ يېقىن دوستى ئىدى».
كەسپى ھاياتىدىكى شان-شەرەپلىرى: 1 قېتىم ئولىمپىك چېمپىيۇنى (1952-يىلى)، 3 قېتىم ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى (1959-يىلى، 1960-يىلى، 1966-يىلى)، 1 قېتىم دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسى چېمپىيۇنى (1960-يىلى)، 6 قېتىم ۋېنگىرىيە بىرلەشمە چېمپىيۇنى (1949-يىلى، 1950-يىلى، 1952-يىلى، 1954-يىلى، 1955-يىلى، 1956-يىلى)، 5 قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمە چېمپىيۇنى (1961-يىلى، 1962-يىلى، 1963-يىلى، 1964-يىلى، 1965-يىلى)، 8 قېتىم بىرلەشمە مەرگىنى (1948-يىلى، 1949-يىلى، 1950-يىلى، 1953-يىلى، 1960-يىلى، 1961-يىلى، 1963-يىلى، 1964-يىلى).
دۆلەت كوماندىسى تارىخى: ۋېنگىرىيە (1945-يىلىدىن 1956-يىلىغىچە) 84 مەيدان 83 توپ، ئىسپانىيە (1961-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە) 4 مەيدان 0 توپ.





دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى تۇنجى پەلەك زومىگىرى، «ئالتۇن باش»: كوكسىس
«ئەگەر چەكلەنگەن رايوندا كوكسىس بار بولسا، يەنە يان يولدا بېھكىخام توپ تاشلىسا، ئۇ چاغدىكى كۆرۈنۈش ناھايتى قورقۇنۇشلۇق». WCH دۇنيا لوڭقىسى مۇنازىرە مۇنبىرىدە ۋېنگىرىيەنىڭ رىۋايەتلىك ھۇجۇمچىسى كوكسىس بىلەن 70-يىللاردىكى گېرمانىيلىك «بومباردىمانچى» مۇللىرنىڭ قايسىسى ئەڭ قالتىس دېگەن مۇنازىرە بولۇنغاندا، بىر توپ مەستانىسى مۇشۇنداق باھا يازغان، ئەڭ ئاخىرىدا كىشىلەر بۇ ئىككىسىنى ئايرىشنىڭ ھەقىقەتەن قىيىنلىقىنى ھېس قىلىشقان، «ئالتۇن باش» كوكسىسنىڭ تەسىر كۈچى ھازىرغىچە كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلگىنى يوق.
بۇ يەردە كوكسىس توغۇرلۇق تەپسىلىي توختىلىپ ئولتۇرمايمەن، مۇنبەردە ئىلگىرى بۇ شەخىس تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلۇپ يېزىلغان بىر تېما بار، ئۇلىنىش ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويدۇم، ئېرىنمەي شۇ تېما ئارقىلىق بۇ شەخىس بىلەن تونۇشۋېلىڭلار.

/forum.php?mod=viewthread&tid=41720

دۆلەت كوماندىسى ھاياتىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرى: 68 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، 52 مەيدان غەلبە قىلىپ، 11 مەيدان تەڭلىشىپ، 5 مەيدان يېڭىلگەن، جەمئىي 75 توپ كىرگۈزگەن. بۇنىڭ ئىچىدە دۇنيا لوڭقىسىدا 11 توپ ئۇرغان (1954-يىلى)، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا 6 توپ كىرگۈزگەن. 1948-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى رۇمىنىيە كوماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىقىپ 2 توپ ئۇرغان. 1956-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ۋېنگىرىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىققان بولۇپ، رەقىبى ئاۋىستىرىيە كوماندىسى، توپ ئۇرالمىغان.




پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى «ئالدى بەل»: ھىدىڭكۇت
50-يىللىرى «ئالۋاستى ۋېنگىرىيە» پۈتكۈل ياۋروپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان، ئۇلار يالغۇز كۆپلىگەن تالانتلىق چولپانلارغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە تاكتىكا جەھەتتىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ كىشلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرغان. ئۇلار ئەنگىلىيلىكلەر بارلىققا كەلتۈرگەن ئەنئەنىۋى «WM» سەپ شەكلىنى ئىسلاھ قىلىپ، تۆت ھۇجۇمچى ئىشلىتىپ، تارىختا تۇنجى بولۇپ پۇتبول جەڭ تاكتىكىسى ئىنقىلابىنى ياراتقان. ۋېنگىرىيىلىكلەر تۇنجى بولۇپ ئوخشىمىغان ئورۇندىكى توپچىلارنىڭ مەيداندىكى ئورنىنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا چىقارغۇچىلار، شۇ سەۋەپتىن كىشىلەر گوللاندىيلىك مەشقاۋۇل مىشىلىس بارلىققا كەلتۈرگەن «ھەممە تەڭ مۇداپىيە قىلىپ، ھەممە تەڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈش» تاكتىكىسىنىڭ ئاساسچىسى ۋېنگىرىيەلىكلەر دەپ قارىشىدۇ، ئۇلار گوللاندىيەدىن 20 يىل بۇرۇن بۇ تاكتىكا ئىنقىلابىنى ئېلىپ بارغان.
ۋېنگىرىيە كوماندىسىنىڭ سەپ شەكلى تاكتىكىسىدا بىر ئادەم ھەتتا پۇسكاش بىلەن كوكسىستىنمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇ بولسىمۇ ھۇجۇم سېپىدىكى ھىدىڭكۇت (Nandor Hidegkuti). ئەنئەنىۋى مەنىدىكى ھۇجۇمچىغا ئوخشىمايدىغىنى ھىدىڭكۇت بۇ ئورۇندا توپ ئويناشنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، ئۇ كۆپىنچە كەينىگە چېكىنىپ، قارشى تەرەپ مۇداپىيەچىلىرى بىلەن ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى ئوتتۇرسىدىكى رايوندا توپ ئېلىپ ھۇجۇم قوزغايدۇ، بىر تەرەپتىن ئۇ قارشى تەرەپ مۇداپىيەچىلىرىنى ئۆزىگە قارىتىپ مۇداپىيەسىنى قالايمىقانلاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن پۇسكاش بىلەن كوكسىسنىڭ ئۇ كەينىگە چېكىنىشتىن ھاسىل قىلغان بوشلۇقتىن پايدىلىنىشىغا پۇرسەت ھازىرلاپ بېرىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا ھىدىڭكۇتنى پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى «ئالدى بەل» دېيىشكە بولىدۇ.
1952-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ۋېنگىرىيە كوماندىسى پۇتبول سەھنىسىدىكى ھەممىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەن، «ئالۋاستى ۋېنگىرىيە» دېگەن نامىمۇ شۇنىڭدىن باشلاپ بارلىققا كەلگەن. ۋېنگىرىيە قوشۇنى 1950-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىدە جەمئىي 31 مەيدان يېڭىلمەسلىك (27 مەيدان ئۇتۇش، 4 مەيدان تەڭلىشىش) رېكورتىنى ساقلاپ كەلگەن، بولۇپمۇ 1953-يىلى ۋېمبىلى (Wembley) توپ مەيدانىدا 3:6 نەتىنجە بىلەن ئېنگىلاند قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىشى ئارقىلىق ئەنگىلىيلىكلەرنىڭ تىلى تۇتۇلغان، پۇسكاش، كوكسىس، ھىدىڭكۇت قاتارلىق دۇنياۋى دەرىجىلىك چولپانلار جەمگاھى بولغان بۇ قوشۇن شۇ مەزگىللەردە ھەر قانداق رەقىبىنى چۆچۈتەتتى.
1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ۋېنگىرىيە كوماندىسى چېمپىيۇنلۇقتىكى ئەڭ قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان بولۇپ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ۋېنگىرىيە كوماندىسى 3:8 نەتىنجە بىلەن غەربىي گېرمانىيە كوماندىسىنى قاتتىق قىرغىن قىلغان، ھىدىڭكۇت بۇ مۇسابىقىدە 2 توپ ئۇرغان، كېيىن يەنە بىرازىلىيە بىلەن ئۇرۇگىۋايدىن ئىبارەت ئىككى كۈچلۈك جەنۇبىي ئامېرىكا كوماندىلىرىنى بىچىت قىلىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئويلىمىغان يەردىن غەربىي گېرمانىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويغان. ئۇ كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يىراق ئارلىقتىن تەپكەن بىر توپى ۋاراتارنىڭ تۈۋرۈكىنى سوققان، ئاخىرىدا غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى 2:3 نەتىنجە بىلەن تەتۈر ئېشىپ، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى مۆجىزىلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
4 يىلدىن كېيىن ھىدىڭكۇت ۋېنگىرىيە كوماندىسىنى باشلاپ شېۋىتسىيە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان، ئەمما كوماندىنىڭ سەپ شەكلى ئۆزگىرىپ پۈتۈنلەي باشقا بىر تۈسكە كىرىپ قالغان، 1956-يىلى دۆلەت ئىچىدە سىياسىي قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، پۇسكاش، كوكسىس قاتارلىق ھالىقىلىق توپچىلار دۆلەت سىرتىدا سەرگەردانلىق تۇرمۇشىدا قالغان، ھىدىڭكۇت بولسا ئۆزى يالغۇز كوماندىنى غەلبىگە باشلاشقا ئاجىز كېلىپ قالغان ۋە تۈزۈكرەك نەتىنجىمۇ قولغا كەلتۈرەلمىگەن. 2002-يىلى ھىدىڭكۇت 80 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.





«بېرن مۆجىزىسى» نىڭ ياراتقۇچىسى، گېرمانىينىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مەنىۋى داھىيسى: راھىن
1970-يىلى گېرمانىيەنىڭ كولۇن شەھىرىدىكى بىر نىمكەش ئاپتوموبىل بازىرىدا ئوتتۇرا ياشلىق سەل سېمىزرەك كەلگەن بىر ئادەم بىر ماشىنىنى سېتىپ بولۇپ ئۇ يەردىن ئايرىلىدۇ، شۇ ۋاقىتتا بىر ئادەم كېلىپ تېخى بايىلا ئۇنىڭ بىلەن ماشىنا سودىسى قىلغان ياش يىگىتكە ئۇنىڭ كەينىدىن كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «سەن ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟ ئۇ دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىككى توپ كىرگۈزۈپ گېرمانىيە ئۈچۈن دۇنيا چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ بەرگەن» دەيدۇ.
بۇ ئوتتۇرا ياشلىق نىمكەش ماشىنا سودىگىرىنىڭ ئىسمى ھېلمۇت راھىن (Helmut Rahn) بولۇپ، 1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى رىۋايەتلىك شەخىس، «بېرن مۆجىزىسى» نى ياراتقۇچى. ئاشۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا پۇسكاش، كوكسىس قاتارلىق داڭلىق چولپانلارغا ئىگە ۋېنگىرىيە كوماندىسى ئەڭ يارقىن نۇقتا ئىدى، ئۇلار 4 يىل جەريانىدا يېڭىلىپ باقمىغان، دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى باشلانغاندىن كېيىن ئۇلار گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 3:8 نەتىنجە بىلەن غەربىي گېرمانىيەنى قىرغىن قىلغان. غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە يەنە بىر قېتىم ۋېنگىرىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچىراشقان چاغدا، ھېچكىممۇ غەربىي گېرمانىيە كوماندىسىغا ئېتىبار قىلمىغان، ئالدىنقى يېرىم مەيدان باشلىنىپ 8 مىنۇت ئىچىدىلا ۋېنگىرىيە كوماندىسى 2 توپ ئۇرۇپ بولغان بولۇپ، قارىماققا يەنە بىر قېتىملىق قىرغىنچىلىق يۈز بېرىدىغاندەكلا بىلىنگەن. ئەمما گېرمانىيلىكلەر تەسلىم بولۇشنى رەت قىلىپ، مۇسابىقە 11-مىنۇتقا كەلگەندە مورلوك بىر توپ ئۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىت راھىنغا تەئەللۇق بولغان. ئۇ مۇسابىقىنىڭ 18-مىنۇتىدا بىر توپ ئۇرۇپ نەتىنجىنى تەڭلەشتۈرگەندىن كېيىن، مۇسابىقە تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە بوي بەرمەي، تاكى 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ئاياقلىشىدىغانغا يەنە 6 مىنۇت قالغىچە ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولمىغان. 84-مىنۇتقا كەلگەندە راھىن ئۇرغان ھەل قىلغۇچ بىر توپقا تاينىپ 2:3 نەتىنجە بىلەن ۋېنگىرىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان، راھىننىڭ ئىسمى بۇ مۆجىزىلىك بىر مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىلەن تەڭ تارىخ بەتلىرىگە پۈتۈلگەن.
ئەمىليەتتە 1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىن بۇرۇن راھىن غەربىي گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى تىزىملىكىگە كىرەلمىگەن بولۇپ، راھىن دەل شۇ پەيىتتە ئۆز كۇلۇپ كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇگىۋايغا زىيارەتكە بېرىپ، پېنالور كوماندىسى بىلەن بولغان دوسىتلۇق مۇسابىقىسىدە قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلىپ، غەربى گېرمانىيە كوماندىسى تېرنىرى ھېرىبىگنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان، ھېرىبىگ ئۇنى دەررۇ تېپىپ كېلىپ دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە شېۋىتسارىيەگە ئېلىپ بېرىپ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشتۇرغان. 1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا راھىن 4 توپ كىرگۈزگەن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 2 توپ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى مەڭگۈلۈك پەخىرلىنىدىغان نادىر ئەسىرىگە ئايلانغان.
دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن راھىن ھاراق ئىچىپ مەسىت ماشىنا ھەيدىگەنلىكتىن تۈرمىگە قامالغان، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن يەنە داۋاملىق توپ تەپكەن، شۇنداقلا 1958-يىلىغىچە ئىزچىل ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرغان. 1958-يىللىق شېۋىتسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇ 6 توپ كىرگۈزگەن، ئەمما غەربىي گېرمانىيە يېرىم ھەل قىلغۇچتا ساھىبىخان كوماندا تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگەن، راھىننىڭمۇ دۇنيا لوڭقىسى ھاياتى ئاخىرقى چەككە بېرىپ توختىغان.
ئۇ كەسپى ھاياتىدا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ گېرمانىيەنىڭ ئېسىن، كولۇن قاتارلىق كوماندىلىرىدا ئۆتكەن، كېيىن يەنە گوللاندىيەنىڭ تېۋىنتىر كوماندىسىدا توپ تەپكەن. چېكىنگەندىن كېيىن راھىن نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ بارا-بارا كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىدىن غايىپ بولغان. 2003-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى راھىن گېرمانىيەدە ئالەمدىن ئۆتكەن، بۇ ئۇنىڭ 74 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىگە پەقەت 2 كۈنلا قالغان ۋاقىتقا توغرا كېلەتتى. 2003-يىلى 11-ئايدا 1954-يىلدىكى غەربىي گېرمانىيەنىڭ دۇنيا چېمپىيۇنلۇقى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ سۈرەتكە ئېلىنغان «بېرن مۆجىزىسى» ناملىق كىنو پۈتۈن دۇنياغا قويۇلغان، گېرمانىيە سابىق زۇڭلىسى شېرودېر بۇ كىنونى كۆرگەندىن كېيىن ھەتتا كۆز يېشى قىلغان. بۇ كىنونىڭ سىنارىيەسىدىكى مۇھىم بىر پېرسوناژ بولسا دەل راھىن، فىلمدە ئۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى گېرمانىيەنىڭ مەلۇم تىپتىكى مەنىۋى داھىسىغا ۋەكىللىك قىلىنغان.
دۆلەت كوماندىسى ھاياتىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرى: 1951-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇنجى قېتىم غەربىي گېرمانىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقە ئويناپ، 0:2 نەتىنجە بىلەن تۈركىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان، 1951-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى لىيۇكسىمبېرىگ كوماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تۇنجى توپنى ئۇرغان، 1960-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقە ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئوينىغان ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىسى بولۇپ قالغان. ئۇ دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن جەمئىي 40 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 21 توپ ئۇرغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 10 توپنى دۇنيا لوڭقىسىدا كىرگۈزگەن.





پاراشوتچى ئەسكەرلىكتىن يېتىشىپ چىققان مەشھۇر كاپىتان: ۋالتېر
1974-يىلى بېكىنپاۋىل غەربىي گېرمانىيە كوماندىسىنى باشلاپ دۇنيا لوڭقىسىنى دەس كۆتۈرگەن، ئۇ ھەقىقەتەن تەرىپلەشكە تېگىشلىك مۇنەۋۋەر كاپىتان. ئەمما ئۇنىڭدىن ئىلگىرى گېرمانىيلىكلەردە يەنە بىر رىۋايەتلىك يول باشلىغۇچى بار بولغان، ئۇنىڭدىن ساپمۇ-ساق 20 يىل ئىلگىرىكى 1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا فىرىز ۋالتېر (Fritz Walter) غەربىي گېرمانىيە قوشۇنىنى باشلاپ تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن، ئۇ گېرمانىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ باشلامچىسى ھېساپلىنىدۇ.
ۋالتېر 1920-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۇ بىر ھۇجۇمچى ئىدى، كېيىن ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. پۈتكۈل كەسپىي ھاياتىنى بىرلا كەيسىرلاۋتىن كۇلۇبىدا ئۆتكۈزگەن، ئىككى قېتىم گېرمانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ۋالتېرنىڭ كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتى ئۈزۈلۈپ قالغان، گېرمانىيە ئارمىيسىدە ئۇ بىر مەزگىل پاراشوتچى ئەسكەر بولغان. 1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدە گەرچە ئۇ ئاللىقاچان 33 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما باش تېرنىر ھېربىگ ئۇنى يەنىلا كوماندىغا چاقىرتىپ كوماندىنىڭ كاپىتانلىق ۋەزىپىسىنى ئۇنىڭغا بەرگەن.
ۋالتېرنىڭ يول باشلىشى بىلەن غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى ھەل قىلغۇچقا بۆسۈپ كىرىپ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 3:8 نەتىنجە بىلەن ئۆزلىرىنى قىرغىن قىلغان كۈچلۈك ۋېنگىرىيە كوماندىسى بىلەن قايتا ئۇچىراشقان، ۋالتېر ۋە ئۇنىڭ قەيسەر قوشۇنى مۆجىزلىك ھالدا ۋېنگىرىيە قوشۇنى ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، ئەڭ ئاخىردا تۇنجى دۇنيا چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن. مۇسابىقە باشلىنىپ پەقەت 8 مىنۇت ئىچىدىلا 2 توپ كەتكۈزۈپ قويغان گېرمانىيە كوماندىسى قىلچىلىك ۋاز كەچمەستىن ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاياقلىشىپ بولغۇچە نەتىنجىنى تەڭلەشتۈرۈگەن، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئوينىلىپ 84-مىنۇتقا كەلگەندە ۋالتېرنىڭ ياردەمچى پاس بېرىشى بىلەن راھىن ئەڭ ھالقىلىق بىر توپ ئۇرۇپ، قەيسەر روھى ئارقىلىق تارىختىكى داڭلىق «بېرن مۆجىزىسى» نى ياراتقان.
بۇ مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ئالدى كەينىدە ئىككى تەرەپ كاپىتانى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن بولۇپ، مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئۆز-ئارا ھۆرمەت بىلدۈرۈشكەن بولسا، مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا ۋالتېر سول قولىدا رىمىت لوڭقىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، يەنە بىر قولىدا پۇسكاش بىلەن قول ئېلىشقان، بۇ كۆرۈنۈش فوتوگىرافلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان بولۇپ، دۇنيا لوڭقىسىدىكى كىلاسسىك كارتىنلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ۋالتېر جەمئىي 3 توپ ئۇرغان بولۇپ، ئۇ ئوۋتىمار ۋالتېر بىلەن بىرگە دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن تۇنجى ئاكا-ئۇكىلارغا ئايلانغان.1958-يىلى ۋالتېر يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ 4-لىككە ئېرىشكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ چېكىنىشنى تاللىغان، گەرچە باش تېرنىر ھېرىبىگ ئۇنى 1962-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشتۇرۇشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا ۋالتېرنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچىرىغان. 2002-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋالتېر 81 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
دۆلەت كوماندىسى ھاياتىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرى: دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن جەمئىي 61 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 33 توپ كىرگۈزگەن، دۇنيا لوڭقىسىدا جەمئىي 11 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 3 توپ كىرگۈزگەن. 1940-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى رۇمىنىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە (غەربىي گېرمانىيە 0:9 رۇمىنىيە) دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىقىپ 3 توپ ئۇرۇپ قالپاق ئويۇنى ئوينىغان. 1958-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى 3:1 نەتىنجە بىلەن شېۋىتسىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويغان مۇسابىقە ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.





مۇھىم خاتىرە سۈرەتلەر:
قاتناشقان دۆلەتلەر


مۇسابىقە مەيدانلىرىنىڭ جايلىشىشى


بېرن مەيدانى


مۇسابىقە خاتىرە بۇيۇملىرى


غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى


ۋېنگىرىيە كوماندىسى


ئۇرۇگىۋاي كوماندىسى


شېۋىتسارىيە كوماندىسى


ئىتالىيە كوماندىسى


ئېنگىلاند كوماندىسى



چېخسىلوۋاكىيە كوماندىسى


بېلگىيە كوماندىسى



مېكسىكا كوماندىسى


بىرازىلىيە كوماندىسى


شوتلاندىيە كوماندىسى


كورىيە كوماندىسى





ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە


تۈركىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرسىدىكى جەڭ


بېرن قانلىق جېڭى







سىز بىلەمسىز؟
دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە تۈركىيە كوماندىسى بىلەن ئىسپانىيە كوماندىسى بىر ساننى تالىشىپ قالىدۇ، ھەر ئىككى تەرەپ بىر مەيداندىن غەلبە قىلىپ، ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقىدىمۇ يەنىلا تەڭلىشىپ قالىدۇ، 1954-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى رىمدا ئەڭ ئاخىرى 14 ياشلىق بىر ئىتالىيلىك ئوغۇل بالىنىڭ چەك تارتىشى ئارقىلىق ئىككى كوماندىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش قارار قىلىنىدۇ، نەتىنجىدە تۈركىيە كوماندىسى تاللىنىپ، ئىسپانىيە كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىن مەھرۇم بولىدۇ...

6-ئاينىڭ 14-كۈنى بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ باشلىنىش يوپۇقى ئېچىلىپ، تۇنجى مەيدان مۇسابىقە يۇگۇسلاۋىيە 0:1 فىرانسىيە نەتىنجىدە ئاخىرلىشىدۇ، مىلوش مىلودىنوۋىچ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى بىردىنبىر توپنى ئۇرغان، شۇنداقلا 1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى توپنى ئۇرغان توپچى بولۇپ قالىدۇ، ئۇ دەل جۇڭگو كوماندىسىنى 2002-يىلى تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشتۈرگەن داڭلىق تېرنىر بورا مىلودىنوۋىچنىڭ ئاكىسى ئىدى.

بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ھەر قايسى دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ جەڭ فورمىلىرىغا نومۇر بېسىلغان بولۇپ، بۇ تارىختا تۇنجى قېتىملىقى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرى تۇنجى قېتىم تېلۋىزىيە ئارقىلىق تارقىتىلغان، بۇ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى زورايتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مۇسابىقە ئۆتكۈزگەن ساھىبىخان دۆلەت بىلەن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە يېڭى كىرىم مەنبەسى ئېلىپ كەلگەن.

2003-يىلى 11-ئايدا غەربىي گېرمانىيەنىڭ غەلبىسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ سۈرەتكە ئېلىنغان كىنو «بېرن مۆجىزىسى» پۈتۈن دۇنيادا قويۇلۇپ، نۇرغۇنلىغان توپ مەستانىلىرىگە تەسىر قىلدى. 2004-يىلى گېرمانىيە تېلۋىزىيسى 1-قانىلى غەربىي گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ 1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدە روھلاندۇرغۇچى دورا-ئوكۇل ئىشلىتىپ چېمپىيۇن بولغانلىقىدەك بىر خەۋەرنى ئاشكارلىغان. شۇ سەۋەپلىك بىردەمدىلا راھىن، ۋالتېر قاتارلىق چېمپىيۇنلۇق تۆھپىكارلىرىنىڭ ھەقىقىي قەھىرىمان ياكى ئالدامچى ئىكەنلىكى توغۇرلۇق بەس مۇنازىرلەر پۈتۈن دۆلەتنى قاپلىغان.
بۇ توغۇرلۇق تەپسىلىي خەۋەرگە قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشقا كىرىپ كۆرۈڭ:
http://sports.sina.com.cn/g/2004-04-01/1018830078.shtml





_____________________________________________
ئالدىنقى تېمىلار:

پۇتبول تارىخى: [1-باپ]
پۇتبول تارىخى: [2-باپ]
پۇتبول تارىخى: [3-باپ]
پۇتبول تارىخى: [4-باپ]
پۇتبول تارىخى: [5-باپ]
پۇتبول تارىخى: [6-باپ]
پۇتبول تارىخى: [7-باپ]
پۇتبول تارىخى: [8-باپ]


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
مەشھەر + 50 ئىسىل !

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16601
تېما سانى : 7
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : -2833 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 75 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-2-24
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-8-20
مەنبەسى 18#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-5-2 17:14:02 | ئايرىم كۆرۈش
مۇنبەردە مۇنداق بىر ئومۇمىيۈزلۈك مەسىلىنى ھېس قىلدىم، تورداشلار كۆپىنچە قىسقا ھەجىمدىكى خەۋەر تېمىلىرىغا ۋە مۇلاھىزە قوزغاشقا سەۋەپلىك تېمىلارغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن، بۇنداق تېمىلارنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى، چۈشكەن ئىنكاس سانىمۇ كۆپ بولىدىكەن. ئەمما مەزمۇن قۇرۇلمىسى كۆپ، بىلىم دائىرىسى كەڭ بولغان تېمىلارغا ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدىكەن، ھەم ئىنكاسمۇ كۆپ چۈشمەيدىكەن.
كۆپچىلىككە مەلۇم، مەن يېزىپ كېلىۋاتقان بۇ يۈرۈشلۈك پۇتبول تارىخى قولنىڭ ئۇچىدىلا يېزىپ قويغانغا پۈتمەيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن سەرىپ ئەتكەن ۋاقىتمۇ ئاز ئەمەس، بەزىدە بىر باپ ئۈچۈن بىرەر ھەپتە ماتىريال توپلاپ ئىزدىنىشىمگە، قوپماي بىر كۈن ئولتۇرۇپ رەتلەپ يېزىشىمغا توغرا كېلىدۇ. بۇنچىلىك ئەجىر قىلىشىمدىكى مەقسەت نېمە؟ ئەلۋەتتە مۇنبەردە كەمچىل بولغان مەزمۇن بوشلۇقىنى تولدۇرۇش، ئەڭ ئاساسلىقى كەڭ پۇتبولخۇمار تورداشلارغا پۇتبول تارىخىدىن كەڭ دائىرىدە چۈشەنچە ۋە بىلىم ھاسىل قىلىش.
شۇڭا كەڭ تورداشلاردىن ئۈمىد قىلىدىغىنىم: ئەجىرگە چۇشلۇق جاۋاپ بولسا، كونىلاردا بۇغداي ئېشىڭ بولمىسىمۇ، بۇغداي سۆزۈڭ بولسۇن دەيدىغان گەپ بار، مۇنبەر پۇلى، تىللا دېگەندەكلەر بىلەن تارتۇقلىشىڭلارنى كۈتمەيمەن، ئەمما ھەر بىر تېمىنى ئوقۇغاندىكىن ھېس قىلغانىرىڭلارنى، تەسىر قىلغان ۋەقەلىكلەرنى، ياكى بولمىغاندا چۈشىنىكسىز، مۈجمەل بولۇپ قالغان مەسىللەرنى ئىنكاس سۈپىتىدە ئوتتۇرغا قويۇشىڭلارنى سورايمەن. يەنە ئۇنىڭدىن باشقا ئالدىنقى تېمىلارنى مەخسۇس ھەر بىر تېمامدا ئۇلىنىش قىلىپ تەڭشەپ قويدۇم، ئىلگىرى كۆرمىگەنلەر ئوقۇپ چىقسا دېگەن ئۈمىدتىمەن. شۇنچە ئەجىر قىلىپ يازغان بۇنىڭدەك تېمىلارغا قارىسا كۆرۈلۈش قېتىم سانى ئاران 400، ئىنكاس 10-20 پارچە، چوققىدا يا بىر-ئىككى كۈنلا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن پەسكە چۆكۈپ كېتىدۇ، نۇرغۇنلار بۇنداق تېمىلارنىڭ يېزىلغىنىدىنمۇ بىخەۋەر قالىدۇ. بۇنداق بولىۋەرسە تېما يازغان ئادەمنىڭمۇ ھاردۇقى چىقامدۇ؟ قوللاش بولسۇن قېرىنداشلار، قوللاشقا چۇشلۇق ئاندىن ئەجىر سىڭىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

دېۋان
ۋاقتى: 2017-5-2 03:51:54 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت  يەنە  ئون تۆت نۆۋەتلىكى  باركەندە    نادىر  تىما   پۇسكاش ئۇچۇن  ئىچىندىم
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
مەڭگۇلۇك مۇھاببەت رىئال مادرىت .مانچىستىر بىرلەشمىسى .ئاس مىلان   .ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13394
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32922 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1670 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-11-22
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-28
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2017-5-2 04:16:49 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
تۈنۈگۈن سەككىزىنچىسى ئۇقۇپتىم،بۈگۈن يەنە بىرىنى ئۇقۇدۇم،تۇلىمۇ ئەتىراپلىق،مۇككەممەل تېما بوپتۇ،نادىرنىڭ نادىرى،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول مەستانىسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16535
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2270 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 391 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-1-30
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-26
يەر
ۋاقتى: 2017-5-2 04:40:25 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشىيىزپسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16567
تېما سانى : 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 782 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1972 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-2-13
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
5#
ۋاقتى: 2017-5-2 09:00:04 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئالامەت چىقىپتۇ،قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن،نادىر تىما،ئاۋۇ ۋۇلتىر دىگىنى،ھىلىقى كىنۇدىكى  ئەمەستۇ ھە،،ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئارسىنال

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15345
تېما سانى : 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14855 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 997 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-2-25
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-7-5
6#
ۋاقتى: 2017-5-2 09:04:51 | ئايرىم كۆرۈش
نادىرلاشقا بىر بىلەت كەتتى، تولىمۇ ئەتراپلىق ، چۈشىنىشلىك قىلىپ يىزىپسىز.
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول لۈكچىكى

تەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەيازما يوللاش ئۇستىسىتۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15944
تېما سانى : 901
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 109691 ياۋرۇ
تىللاسى : 20 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2498 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-7-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-28
7#
ۋاقتى: 2017-5-2 09:25:24 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
تىمىنىڭ قاتىلىنى بۇ بۇرادىرىمىز يازىدىكەن ئەمەسمۇ ھى ھى . ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ . يىزىشقىمۇ بىر كۈن كەتكەندۇ ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كەسپىي پۇتبولچى

مانچېستېر بىرلەشمىسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16848
تېما سانى : 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7702 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1706 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-4-21
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-29
8#
ۋاقتى: 2017-5-2 09:34:57 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ماتىريالكەن. مەتبۇئات ئۆلچىمىگە توشقۇدەكلا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17163
تېما سانى : 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4575 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1224 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-6-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-29
9#
ۋاقتى: 2017-5-2 09:52:00 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىپسىز ، ھارمىغايسىز، ساڭا ھۆرمەت پۇسكاش...
ئالغا مادرىد... ئالغا مادرىد... ئالغا مادرىد.....
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

يازما يوللاش ئۇستىسىتۆھپىكار ئەزامادرىد لۈكچىكى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17518
تېما سانى : 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17051 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1368 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-10-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-28
10#
ۋاقتى: 2017-5-2 09:52:21 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز…ئۇقۇغانسىرى قىزىقىپ قالدىم
خېتىڭ سەت بولسىمۇ،ھەقىقەتنى ياز
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول مەستانىسى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17697
تېما سانى : 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4450 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 611 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-12-22
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-28
11#
ۋاقتى: 2017-5-2 10:05:22 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن يەخشى چۇشنۇشلۇك بەلەن چىقىپتۇ قۇلىڭىزغا دەت بەمىسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17596
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4361 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 452 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-11-29
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-8-3
12#
ۋاقتى: 2017-5-2 10:41:38 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
قالتىس....................   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2017-9-29 07:28

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش