|
4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 0:45دە 2016/2017- يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىدا بارسېلونا مېھمان مەيداندا يۇۋېنتۇس بىلەن مۇسابىقلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا دىبالا ئىككى توپ كىرگۈزدى، كېيىنكى يېرىم مەيداندا پىيانىچ پاس چىقىرىپ چىيېلىنى بىر توپ كىرگۈزۈپ يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا 3-0 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى.
ئالدىنقى يېرىم مەيدان باشلىنىپ ئۈچ مىنۇت بولغاندا ھىگۇايىن ئۈسىگەن توپنى بارسېلونا قاپقچىسى تىرىستېگىن توسۇۋالدى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ ئالتىنچى مىنۇتقا قەدەم قويغاندا كۇئاردادو پاس چىقىرىپ دىبالا بىر توپ كىرگۈزۈپ يۇۋېنتۇس 1-0 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.
مۇسابىقە داۋاملىشىپ 21-مىنۇتقا قەدەم قويغاندا مەندوزىچ پاس چىقىرىپ دىبالا مۇسابىقىدىكى ئىككىنچى توپنى كىرگۈزدى. مۇسابىقنىڭ 29-مىنۇتىدا مېسسى خېدرانىڭ پۇتىدىن توپنى تارتىۋالغان بولسىمۇ بىراق نېيمار ئوفسايىت ئورۇندا توپقا يېنىقلاشقان بولغاچقا مېسسى ئۇرغان بۇ توپ باش رېپىر تەرىپىدىن ئىناۋەتسز قىلىۋېتىلدى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ مۇسابىقنىڭ 55-مىنۇتىدا پىيانىچ پاس چىقىرىپ چىيېلىنى بۇلۇڭ توپ كىرگۈزدى، يۇۋېنتۇس 3-0 نەتىجە بىلەن غەلىبىنى مۇقىملىدى.
مۇسابىقنىڭ 67-مىنۇتىدا سۇئارىز تەپكەن توپ قاپقىنىڭ تۈۋرۈكىگە تېگىپ چىقىپ كەتتى، مۇسابىقنىڭ 73-مىنۇتىدا كۇئاردادو ئۇرغان توپ باش رېپىر تەرىپىدىن ئىناۋەتسز قىلىۋېتىلدى، كېيىن ھەر ئىككىلا تەرەپ كۈچىگەن بولسىمۇ توپ كىرمەي بارسېلونا مېھمان مەيداندا 3-0 نەتىجە بىلەن ئېچىنشلىق مەغلۇپ بولدى.
|
|