|
4-ئاينىڭ 4-كۈنى تىيەنجىن تەيدا (تىيەنجىن يىلى كوماندىسى دەپ ئاتىلىدىكەن) كوماندىسى سۇ تامچىسى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئوچوق ئاشكارە مەشىق ئېلىپ باردى. يېڭى پەسىلدە كوماندىغا قوشۇلغان مىرەخمەتجان مۇزەپپەر زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئىپادە بىلدۈرۈپ ،ئۆزىنىڭ يەنە تولۇقلاشقا تېگىشلىك نۇرغۇن تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنى ،كوماندىدا مۇقىم تەرەققى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرلەشمىنىڭ دەسلەپكى 3ئايلانمىسىدا مىرەخمەتجان بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ يۇقىرلىقىدەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ،توختىماي يۈگىرەش ۋە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن بەدەن قارشىلىشىش ئارقىلىق ،ناھايتى تىزلا مەستانىلەرنى قايىل قىلدى.بۇ توغرىلىق توختىلىپ ئۇ مۇنداق دىدى.:«پۇتبول ئوينىغان ئىكەنمىز ،ئۇنداقتا چوقۇم بەدەن قارشىلىشىش ۋە تىركىشىش بولىدۇ.بۇ مېنىڭ ئالاھىدىلىكىم .مۇشۇ ئىپادەم ئارقىلىق مەستانىلەرگە قىزغىن ھاياجان ئېلىپ كېلىشنى ئۈمىت قىلىمەن.ھەمدە كۆپلىگەن مەستانىلەرنىڭ بىزگە مەدەت بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.»
ئۆزىنىڭ ھالىتى توغرىلىق سورالغان سۇئالغا قارىتا ،مىرەخمەتجان مۇنداق دىدى.«ئالدىنقى بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىدە ،رەقىپلىرىمىز يان يولدىن كۆپ ئاۋارىچىلىق تۇغدۇردى.مەن يان يولدا ئۆز ھالىتىمنى تېخى تولۇق جارى قىلدۇرالمىدىم.مېنىڭ خۇيجىياكاڭ بىلەن يان يولدىكى ماسلىشىشىم تەدرىجى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. مەشىقتىن كىيىنمۇ بىز يەنە يان يولدىكى ھۇجۇم مۇداپىئەنى قانداق ماسلاشتۇرۇش،قانداق ئېلىپ بېرىش توغرىلىق ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرىمىز.
ئالدىنقى مەيداندىكى ئۇتقان مۇسابىقىگە قارىتا ئۇ مۇنداق دەيدۇ.« قىسقىسى،ئۇ مەيداندىكى تۇنجى غەلبىدىن مەن ناھايتى خۇشال بولدۇم.كوماندىمىز ھازىر ناھايتىمۇ ئىتتىپاق ،كەيپىياتىمىزمۇ شۇنداق ياخشى،مەنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن كوماندا ،ھەممىمىز مۇقىم ئىلگىرلەش ئىچىدە تۇرىۋاتىمىز.»
تىيەنجىن يىلى كوماندىسى ھازىر 3 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە 1مەيدان ئۇتۇق،بىر مەيدان تەڭلىشىش،بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ،4 نۇمۇرغا ئېرىشىپ ،9-ئورۇندا تۇرماقتا.
ئاخىرىدا پەخىرلىك بۇ ئوغلانىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى كەسپى ھاياتىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇغلۇق بولىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.
تېخىمۇ تىرىشىڭ مىرەخمەتجان: بىز سىز بىلەن بىللە. بىز ھەرۋاقىت سىزنى قوللايمىز. گەرچە بىز نەق مەيدانغا بېرىپ سىزگە مەدەت بېرەلمىسەكمۇ ،لىكىن تىلىۋىزوردىن بولسىمۇ سىزگە مەدەت بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمايمىز.سىزنىڭ يەنىمۇ تىرىشىش ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭىزگە تىلەكداشمىز. سىزگە ئامەت يار بولسۇن |
|